hantagri illikdunya.biz sohpat
دىرىكتور(ئە)
يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ قىلغان سۈزى قەسەم
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 1990
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 163
شۆھرىتى: 1650 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1650 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 165 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئالىيە ھۈسەيىن

ئالىيە ھۈسەيىن (32ياش) ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كىيىن كورىيەگە بېرىپ ئىنگىلىز تىل – ئەدەبىياتى ئوقۇغان. بۇ ئىككى كۆزى ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان جۇشقۇن ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگىلىز ۋە كورىيە تىللىرىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ سىئول پارلامىتىنى زىيارەت قىلغۇچى مىھمانلارنى
كۈتىۋېلىشقا مەسئۇل قىلىنىپ، سىئول ساغېن دىمۇكىراتىيە مەيدانىنى نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇپ – تەشۋىق قىلغۇچى كۆزىگە ئايلاندى. ئۇ ئۆز يۇرتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كورىيەلىكلەر ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ، يەرلىكنىڭ توختاملىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قېلىنىشتا پۈتۈنلەي يەر شارىلىق رىقابەت كۈچى گە تاياندى.
ئۇ جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدا
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا كورىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشقان، 2000-يىلى كورىيەگە كەلگەن. كورىيەگە كەلگەندىن كىيىن، ئاۋال شۇمىڭ قىزلار ئونۋېرسىتېتىدا كورىيە تىلى ئىنىستىتوتىدا كورىيە تىلى ئۈگەنگەن، كىيىن يەنە شۇ مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن، بۇيىل خەلقئارا مۇناسىۋەتلىشىش ئىلمىنىڭ ئاسپىرانتلىغىنى تاماملىغان. ئۇ
مۇنداق دەيدۇ: "كورىيە ۋە ئىنگىلىز تىل – يېزىقىنى ئۈگۈنۈش جەريانىدا تەبىئىلا < يەر شارىلىق رىقابەت كۈچى > منى يىتىلتۇردۇم. كورىيە تىلىدا ھۆرمەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىش مۇرەككەپرەك، لىكىن ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاشلا ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولغاچقا، سۆز تەرتىبى ئوخشاش، ئۈگۈنۈش ئانچە تەس ئەمەس. مەن كورىيە تىلى ئىنىستىتوتىدا ئۆزەمنىڭ پۇلىغا ئوقىغان، كىيىن تولۇق كورس بىلەن ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇغاندا ئىنىستىتوتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشتىم.
ھۈسەيىن قىزى ئالىيە ئۆزىنىڭ كورىيەدە خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي كورىيەلىك دوستلىرىنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىدىن دەپ قاراپ مۇنداق دەيدۇ: مەن كىچىگىمدىنلا دوستلىرىم بىلەن چىقىشىپ ئويناشنى ياخشى كۆرەتتىم. مەن ھازىرمۇ ئازراق ۋاقتىم بولسىلا شۇمىڭ قىزلار ئونۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان دوستلىرىم ۋە ئۇستازلىرىم بىلەن توردا پاراڭلىشىپ تۇرىمەن. بۇ يىل بۇرۇنقى دوستلىرىم بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىشنى ئويلاۋاتىمەن. ئۇ ئارىلىقتا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى(APEC) مىنىستىرلار يېغىنى(2005-يىل 6-ئاي)، دۆلەتلەر ئولىمپىك كوممىتىتى جەمئىيىتى (ANOC) چوڭ يىغىنى(2006-يىل 3-ئاي) قاتارلىق خەلقئارالىق يېغىنلاردا ئۆزىنىڭ تەرجىمانلىق ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى. ئۇ: مەن تۈنجى قېتىم كۆرۈشكەن كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە ۋە پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ سىھرى كۈچنى چوڭقۇر ھىس قىلىشىغا ياردەم قىلىمەن.- دىدى. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا سىئول شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە پارلامىنتنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى نى كۆرگەندىن كىيىن، دەرھال بېرىپ تىزىملىتىشىممۇ مىنىڭ دائىم
باشقىلار بىلەن خۇشال – خۇرام ھالدا سۆزلىشەلەيدىغانلىغىمدىن بولدى،-دىدى. ئۇ ئەمدى ھەر يىلى 15مىڭ ئادەمگە سىئول شەھەرلىك پارلامىنتنى تۇنۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت سىتراتىگىيىسى بولسا: مەنىلىك سۆزلەش، ئەزمىسىنى ئەزمەسلىك! ئۇ دەيدۇكى: ئالدى بىلەن مىھمانلارنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى، قايسى ياش-قۇرامدا ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئوبدان ئىگىلىۋېلىپ، ئاندىن ئەستائىدىل تەييارلىق قىلىش كىرەك. ئەگەر مىھمانلارغا: سىئول پارلامىنتى ئەسلىدە بىزنىڭ تۇرمىشىمىز بىلەن مانا مۇشۇنداق زىچ مۇناسىۋىتى بار جايكەن دىگەننى ھىس قىلدۇرالىساق، ئۇلارنىڭ زىيارىتى نىمىشقا مەنىلىك بولمايدىكەن؟ ئەلۋەتتە، بەزىلەر
يەنە بىر قانچە ئېغىز ئۇيغۇر تىلى ئۈگۈتۈپ قويۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.
مەنبە : كەڭساي تورى
[ بۇ يازمائۈمۈد گۇلىتەرپىدىن2011-01-16 15:08دە قايتا ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-16 14:48 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( دىرىكتور(ئە) ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2134
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

        
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-16 23:02 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » مەشھۇرلىرىمىز
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا