hantagri illikdunya.biz sohpat
ئۇدۇم
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1925
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 111
شۆھرىتى: 1180 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1620 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 187 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئاشپەزلەر ئارخىۋى دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-02-04)
ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كىرەك؟  مانا بۇ ھەمىمىزنىڭ بېشنى قاتۇردىغان مەسلە ،مىنىڭ سىزگە دەيدىغنىم تۈۋەندىكچە؛
ھېچقىسى يوق ،سىز يېقىن دوسلىرىڭىزدىن ئارىيەت ئالسىڭىز بولىدۇ. ياكى بانكىدىن ئارىيەت ئالسىڭىزمۇ،ۋە ياكى خوجايىندىن ئارىيەت ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تېخنىكا يوق ، قابىلىيەتلىك ئادەم يوق،تەجرىبىمۇ يوق بولسا قانداق قىلىش كىرەك؟ ھېچقىسى يوق .سىز پەن تەتقىقات ئورنىغابارسىڭىز بولىدۇياكى بولمىسا ئالىي مەكتەپلەردىن ئارىيەت ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى سىز باشقىلارنىڭ كاللىسىنى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنى ئارىيەت ئېلىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرسىڭىز ،ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلاشسىڭىز،ۋە ھەمكارلاشسىڭىز بولىدۇ.
ئىش باشلىغاندا ،ئىقتىسادىي جەھەتتە نام چىقىرالمىسىڭىز ياكى نامىڭىز بولمىساقانداق قىلىش كىرەك؟
ھېچقىسى يوق. سىز داڭلىق ماركىلارنى ئارىيەت ئېلىپ ،داڭلىق كىشىلەرنى ئارىيەتكە ئېلىپ تۇرۇپ،چىرايلىق نامىڭىزنى چىقىرىڭ.
سىز يەنە ئەمگەك كۈچى ،ئۈسكىنە،زىمىن،نام ئاتاق قاتارلىقلارنى ئارىيەتكە ئالسىڭىز بولىدۇ.ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا <<ئارىيەتكە ئېلىش>>سۆزى كەڭ دائىرلىك بولۇپ چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
1. ئىگىلىك تىكلەشتە دەسمايە بولمىسا قانداق پۇل ئارىيەت ئېلىش كىرەك؟
قەرىز ئېلىشتىن سۆز ئاچقاندا ،بەزى كىشىلەر قورقىدۇ. نىمىدىن قورقىدۇ؟ ئۆسۇم تۆلەشتىن قورقىدۇ.ئۆسۇمىنى تۆلىيەلمەسلىكىدىن ،قەرىزنى قايتۇرالماسلىقتىن قۇرقىدۇ. بەزى كىشىلەر<<مەن باشقىلاردىن قەرىز ئالسام،گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدۇ،ئۇيقۇممۇ كەلمەيدۇ. پۇتۇن بىر كۇن كۆڭلۇم غەش بولۇپ بېسىم ئىچىدە ياشايمەن>>دەيدۇ. بىر ئادەم ئىگىلىك تىكلەيمەن، تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن قەرىز ئېلىشقا جۇرئەت قىلالىشى كىرەك.سودا ساھەسىدە مۇنداق بىر گەپ بار:پۇل خەجلەشنى بىلگەن ئادەم ،باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ.پۇل خەجلەشنى بىلمىگەن ئادەم، ئۆزىنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ.>>
داڭلىق كارخانىچى ماشېڭلى ئىلگىرى مۇنداق دىگەن:<پەقەتلا قەرىز ئېلىپ ئاندىن پۇل تاپىمەن دەيدىكەنسەن، مەن ھەرقانچە ياۋۇز ،زالىم بولساممۇ قەرىز ئېلىشقا جۇرئەت قىل .
بەزى دوسلار:<<مەنمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۇن دەسمايە بولمىسا قەرىز ئېلىشنى بىلىمەن،بىراق مەن قەرىز ئالمايمەن ،ھەم كىمدىن قەزىر ئېلىشنىمۇ بىلمەيمەن. قەرىزنى قانداق ئېلىش كىرەك،؟>>دەيدۇ.بۇ خىل كۆز قاراش ئارقىلىق ئەلۋەتتە بىر ئىشنى باشقائېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.
(1)پىكىر كۆز قارىشى بولۇش
ھەممىلا ئىشنىڭقانۇنىيتى بولىدۇ.كونىلاردا<<بىر جۈملە سۆز باشقىلارنى كۇلدۇۋېتىشى،يەنە بىرجۇملە سۆز باشقىلارنى سەكرىتىۋېتىشى مۇمكىن>>دەيدىغان گەپ بار.سۆزىڭىزباشقىلارنى قايىل قىلالمىسا ئۇلاردىن قەرىز ئېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.
مەسلەن ئالايلۇق؛ سىز قوشنىڭىزغا <<مېنىڭ ئۇيۇمدە بىر تەشتەك گۇل بار،سىز ماڭا ياردەم قىلىپ كېسىشىپ بېرەمسىز؟>>دىسىڭىز، قارشى تەرەپ خاتاچۇشىنىپ <<ھىم،كىم سەن ئۈچۈن ئىش قىلغۇدەك، ئىشىڭنى قىل، >>دىيشىمۇمكىن .بىراق سىز ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ،<<مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى گۇللەرنىڭ ناھايىتى ياخشى كېسىلگەنلىكىنى كۆردۇم. سىز شۇنداق ئىشلارغا بەك ئۇستا ئىكەنسىز،ھەي ، مېنىڭ ئۆيۇمدە بىر تەشتەك گۇل بار ئىدى،سىز ماڭا كېسىشنى ئۆگىتىپ قويالارسىزمۇ؟قانداق كەسسە چىرايلىق بولىدۇ؟>>دىسىڭىز قارشى تەرەپ چوقۇم خوشاللىق بىلەن سىزگە ياردەم قىلىپ گۇلىڭىزنى كېسىپ بېرىشى مۇمكىن.
باشقىلارنىڭ <<راھىپنىڭ تارغاق سېتىۋېلىش >>ھېكايىسىنى ئاڭلىدىمۇ يوق بىلمەيمەن؟كۆپچىلىك ھېكايىنى ئاڭلىشى بىلەنلا ،چوقۇم ئىنتايىن كۈلكىلىكتەك ھېسقىلىدۇ.چۇنكى راھىپلاردا چاچ يوق. ئۇ تارغاق ئېلىپ نىمە ئىش قىلىدۇ؟ مەن كۆپچىلىككە بىر قانۇنىيەتنى دەپ بېرەي.ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قانۇنىيتى بولىدۇ.پەقەت ئاشۇقانۇنىيەتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالىغاندا ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق بىجىرگىلى بولىدۇ.
ھېكايىدە تارغاق ساتىدىغان ئۈچ ئادەم بار ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن .ئۇلازنىڭ ھەممىسى تارغاقنى راھىپقا تونۇشتۇرغان، بىراق سۆزلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.سېتىپ چىقارغان تارغاقنىڭ سانىمۇ ئوخشاش ئەمەس.
بىرىنچى تارغاق سات قۇچى ئادەم،راھىپقا<<ھەزىرتىم، سىز تارغاق سېتىۋالامسىز؟>>دەپتۇ. راھىپ بۇگەپنى ئاڭلاپ<<مېنىڭ چېچىم بولمىسا تارغاق ئېلىپ نىمە ئىش قىلىمەن؟>>دەپتۇ. تارغاق ساتقۇچى<<گەرچە سىزنىڭ چېچىڭىز بولمىسىمۇ.بىراق يەنەبېشىڭىزدىكى ئۆلگەن تېرىلىرىڭىزنى ياكى كېپەكنى چۇشۇرگىلى، قىچىشقاندا تاتىلغىلى بولىدۇ.ھەم راھەت ھەم بېشىڭىزغا پايدىلىق. داۋاملىق تاراپ تۇرۇشمۇ ساغلاملىققاپايدىلىق بولۇپ ،مېڭىنى سەگەكلەشتۇرىدۇ.يادلىغانلىرىڭىزنى ئاسان ئېسىڭىزدەتۇتالايسىز >>دەپتۇ. راھىپ بۇنى ئاڭلاپ،ئىچىدە<<بىر تارغاق سېتىۋالغاننىڭ شۇنچە كۆپ پايدىسى بارمىدۇ؟بەرىبىر قىممەت بولمىغاندىن كېيىن بىرنى ئېلىپ قويايچۇ >> دەپ ئويلاپتۇ.
ئىككىنچى تارغاق ساتقۇچى،ئادەم بولساراھىپنى كۆرگەندە <<ھەزىرتىم ،تارغاقتىن بىرنى ئېلىپ قويۇڭ>>دەپتۇ،راھىپ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن <<مەن تارغاق ئېلىپ نىمە ئىش قىلىمەن؟>>دەپتۇ ،تارغاق ساتقۇچى بولسا ،تارغاق بەدىنىڭىزنىچېنىقتۇرۇپلا قالماي،مېڭىنى سەگەكلەشتۇرىدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇتخانىدا تاۋاپ قىلغان ۋاقىتتا ، باشنى تاراش قەددى قامىتىنى تۇزەشتۇرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، خۇداغابولغان ھۆرمىتىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.ئەگەر شاگىرتلىرىڭىز ھەر كۇنى تاۋاپ قىلغاندابېشىنى تارىسا ،بۇ ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان ئىخلاسمەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.يەنە تېخى ئۇستازىغا بولغان چوڭقۇر مېھرى مۇھەببىتىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.>>دەپتۇ. راھىپ ئويلىنىپ، <<توغرا . مەن ئوننى سېتىۋېلىپ شاگىتلىرىمغا ھەر بىرىگەبىردىن سوۋغا قىلاي .>> دەپتۇ.
تارغاق ساتقۇچى ئۇچىنچى ئادەم، راھىپنى كۆرگەندىن كېيىن <<ھەزىرتىم ،تارغاق سېتىۋالامسز ؟>>دەپتۇ. بۇگەپنى ئاڭلىغان راھىپ <<مېنىڭ چېچىم بولمىسا تارغاق سېتىۋېلىپ نىمە ئىش قىلىمەن؟>>دەپتۇ. بۇ چاغدا تارغاق ساتقۇچى <<گەرچە سىزنىڭ چېچىڭىزبولمىسىمۇ.بىراق سىزنىڭ بۇتخانىدا ئىسرىق سېلىپ تاۋاپ قىلىدىغان ئېتىقادچىلىرىڭىزنۇرغۇن، ناۋادا سىز بىرنى سېتىۋېلىپ ئۇلارغا سوۋغا قىلسىڭىز، ئۇلانىڭ مېڭسىنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۇرەلەيسىز، بۇزۇلۇپ كەتكەن دۇنياغا پايدا يەتكۇزۇپ ياخشى تەرەپكەقاراپ يۇزلەندۇرەلەيسىز. شاپائەت يەتكۇزۇپ، بۇتقا چوقۇنغۇچىلارنى ئۆزىڭىزگە تېخىمۇيېقىنلاشتۇرالايسىز، بۇنداق قىلسىڭىز ،قىلغان ئىبادەتلىرىڭىز ۋە ئالىي مېھرىشەپقەتلىك كۆڭلىڭىز خۇدانىڭ ئالدىدا قوبۇل بولۇپ ،خەلىقنىڭ ئارزۇسىمۇ ئەمەلگەئاشىدۇ.ئۇ چاغدا ئېرىشكەنلىرىڭىز چەكسىز بولمامدۇ؟ بۇنداق بولغاندا ،ئىبادەتخانىغابېرىپ تاۋاپ قىلغۇچىلار كۇندىن –كۇنگە كۆپىيىپدۇ.>>،دەپتۇ. راھىپ ئاڭلاپلاداۋلىسى بارلىقىنى ھېس قىلىپتۇھەمدە دەرھال <<مەن 1000تال سېتىۋالاي >>دەپتۇ.
بۇ ھېكايە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى >دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، پەقەت سىز ئويلاپ باقمىغان خالاس. گەپ ئادەمگە باغلىق، چارە تەدبىرقىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ.كىچىك ئامالدىن كىچىك مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى ، چوڭراقئامالدىن چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
نام ئابرويى بولۇشى كىرەك.
كونىلاردا :<ئالماقنىڭ بەرمىكى بار >دەيدىغان گەپ بار.ئەگەر سىز قەرىزئېلىپ قايتۇرالمىسىڭىز،قەرىزگە باغلىنىپ قېلىپ،قەرىزدىن زىيان تارتىسىز.سىز << يىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىمىگەندەك >>ئىش قىلىپ يۇرسىڭىز ،كىممۇسىزگە قەرىز بېرىشكە جۇرئەت قىلالىسۇن سىزگە قەرىز بەرگەن ئادەمنىڭ ئۆزىنى نەسباسقان بولىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ نام ئابرويى ياخشى بولمىسا،چوقۇم نۇرغۇن بەدەلتۆلەيدۇ. مەسلەن؛بەزى ئىشلار ئەگەر ئىشەنچىلىك(ئابرويلۇق) بولسا ،ئۇنداقتا قىلىشئىنتايىن ئاسان بولغان بىر ئىش. ئۇنداق ھەمكارلىشىش توختامنامىسى بۇنداقھەمكارلىشىش توختامنامىسى تۇزەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.ئەگەر سىزگە ئىشەنمىسە .ئىش تېخىمۇمۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.بىردەم ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۇپ بىردەم يەنە بىر نىمىدىنمۇداپىئە كۆرىمەن دەپ نۇرغۇن توسالغۇلارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. تەننەرخىمۇ ناھايىتىيوقىرى بولىدۇ.
(3) ئىككىلا تەرەپكە پايدىسى بولۇش
ئەلۋەتتە، يېقىن دوستىڭىز چوقۇم سىزگە پايدا يەتكۇزەلىشى ناتايىن. بىراق بىزدە بىر خىل مىننەتدارلىق ھېسىياتى بولۇشى، ياخشىلىققا جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىشىمىز ،چەكلىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىمىز كىرەك. قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقىتتا ،باشقىلار سىزگە ياردەم قىلسا،چوقۇم باشقىلارغا رەھمەت ئېيتىڭ.باشقىلارغا چوقۇم جاۋاپ قايتۇرۇڭ. مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ئادەتتە ياخشىلىققا جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىدۇ.
سودا قىلغانداتېخىمۇ شۇنداق قىلىش كىرەك،كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پايدا مەنپەئەتكە ئىنتىلىدۇ.سىز پۇل تېپىشنى ئويلىسىڭىز .باشقىلارمۇ ئوخشاشلا پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ.بىراق باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا توپا چېچىپ، پايدا ئېلىشىغا تەسىر يەتكۇزسىڭىز، ھېچكىم سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايدۇ.دوستىڭىز بولسىمۇ ھەم شۇنداق. بىرىنچى قېتىم زىيان تارتسابولىدۇ،ئىككىنچى قېتىمدىمۇ بولىدۇ. بىراق ئۇچىنچى قېتىمغا كەلگەندە باشقىلار سىزنى ھەرگىزقايتا توغرا چۇشەنمەيدۇ.
ھازىرقى بانكىلارنىڭ ھەممىسى سودا خارەكتىرلىك بانكىلار،ھەممىسى پۇل توپلاش ئۇچۇن.پەقەتلا بانكىلار پۇل ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ. پەقەت پايدا يەتكۇزەلەيدىغان پىلان ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولسىلا ،ئۇلار سىزگەنىمىشقا قەرىز بەرمەيدۇ؟ئۇلار قەرىز بەرمىسە،نىمىگە تايىنىپ تاماق يەيدۇ؟سىز ئالغان قەرىز كۆپ بولسا ئۇلار ئالىدىغان پايدىمۇ كۆپ بولىدۇ.بۇ چاغدا ئۇلار خوشال بولىدۇ،سىزنىڭ نام ئابرويىڭىز بولىدۇ.ئۇلار پايدا كۆرەلىسىلا،يەنە كېلىپ سىزنى ئىزلەپ پۇل قەرىز بېرىدۇ .
تۆۋەندە بىز سودىدا پىشقان ماھىرلارنىڭ قانداق پۇل قەرىزئالىدىغانلىقىنى كۆرۇپ باقايلى.
جۇڭگونىڭ سۇ تىرانسىپورتى تارىخىدا، ئىككى نەپەر <<كىمە باشلىقى>>نىڭ ھەممىسى قەرىز ئېلىپ كىمە سېتىۋېلىپ پۇلتېپىپ باي بولغان.بىرى بولسا شاڭگاڭ قاشتېشى پادىشاھى كېمىسى،ئۇ تىجارەت باشلىغانچاغدا، دوستىدىن پۇل ئارىيەتكە ئالغان. ئۇ پۇل قەرىز ئېلىپ ئاۋال بىر كېمەسېتىۋالغان،.ئاندىن بۇ كېمە ئارقىلىق بانكىغا بېرىپ تۆۋەن ئۆسۇملۇك قەرىز ئالغان،قەرىزىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن،يەنە بىر كېمە سېتىۋالغان ،يەنە ئىككىنچى كېمىنىئىشلىتىپ قەرىز ئېلىپ ،ئۇچىنىچى كېمىسىنىمۇ سېتىۋالغان.ئۇ مۇشۇ خىل<< تۆۋەن ئۆسۇملۇك قەرىز ئېلىش >>ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ ،ئايلاندۇرۇپ تەرەققى قىلغان.
بىر قېتىم ،ئۇنىڭ قولى قۇرۇق ئەھۋال ئاستىدا.داڭلىق خۇيفىڭ بانكىسى ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر كېمە سېتىۋالدى. ئۇ قانداق قىلىپ ئۇلارغا كېمە سېتىپ ئالغۇزالىدى؟ بىز ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئۇسۇلىنى ئاڭلاپ باقايلى. ئۇ بانكىغا بېرىپ ،ئامانەت قەرىز بۆلۇمىنىڭ باشلىقىغا <<باشلىق، مەن ياپونىيەدىن كىمە زاكاز قىلغانىدىم، باھاسى 100مىليون، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن يەنە ياپونىيەدىكى بىر مال يۆتكەش ئىدارىسى بىلەن كىمە ئىجارىگە ئېلىش ھەمكارلىشىش توختامنامىسى ئىمزالىدىم .ھەر يىللىق ئىجارەھەققى 75مىليون، مەن سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارنى ئۇمۈت قىلىمەن. سىلەر ماڭا قەرىز بېرىپ تۇرالامسىلەر ؟>>دەپتۇ.
ئامانەت قەرىز بۆلۇمىنىڭ باشلىقى <<بۇناھايتى ياخشى بىر ئىش ئىكەن .بىراق سىز كېپىللىك قىلىشىڭىز كىرەك>>دەپتۇ، ئۇ <<بولىدۇ، مەن ئامانەت قەرىزنامىسىنى كېپىلىككە قويۇپ قوياي>>دەپتۇ،<<ئامانەت قەزىرنامەدىگەن نىمە؟>>ئۇ دىگىنىمىز <<يۇك توشۇش شىركىتى>>ئاشۇ يەردىكى بانكىدىن چىقىرىپ بەرگەن ئامانەت قەرىز كىنىشكىسىدىن ئىبارەت. ناھايىتى تېزلا ئۇ ياپونىيەگە بېرىپ ئامانەت قەرىزنامىسىنى ئېلىپ كەپتۇ،.بانكىمۇ ئۇنىڭ قەرىز ئېلىشىغا قوشۇلۇپتۇ. سىز ئويلاپ بېقىىڭ ،كېمىنىمۇ ياسىماي تۇرۇپ ،بانكا ئۇنىڭغا پۇل بەردى. سىز چوقۇم <<بانكانىمىشقا ئۇنىڭغا پۇل قەرىز بېرىدۇ ؟>> دەپ سورايسىز . ئۇنداقتا بىز بىرلىكتەتەھلىل قىلىپ باقايلى.
ئەگەر بانكا ئۇنىڭ كېمە ياسىشىغا 100مىليون پۇل بەرسە،ھەر يىللىق كىمە ئىجارىگە بېرىش ھەققى 75مىليون، ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا،ئۇ 100مىليون قەرىزنىڭ ھەممىسىنى تۆلەپ بولالايدۇ.)
بانكا چوقۇم ئۇنىڭ پۇلنى قايتۇرماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.ياكى باشقىچە ئەھۋال يۇز بېرىپ قەرىزنى قايتۇرالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.شۇڭلاشقا بانكا بۇ يەردە يۇك توشۇش شىركىتىنىڭ <<ئامانەت قەرىزنامىسى >>نى كېپىلىككە ئېلىۋالىدۇ. بۇ شىركەت ئىنتايىن ئىشەنچىلىك .ئەگەر ئۇ قەرىزنى قايتۇرمىسا ،بۇ چاغدا بانكا ئاشۇ شىركەتنى ئىزدىسەبولىدۇ.بانكا شۇ شىركەتنى ئىزلەپ بىخەتەرلىك مەسىلىسدىن ئەنسىرمىسىمۇبولىدۇ.شۇڭلاشقا بانكا ئۇنىڭغا قەرىز بېرىشكە جۇرئەت قىلالىغان.مانا بۇ ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئۇسۇلى. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىناۋېتى بار.
ئەگەر سىز قەرىز ئالسىڭىز ۋەيەنە قايتۇرۇپ بەرسىڭىز ،كىيىنكى كۈنلەردىمۇ ئاندىن باشقىلار سىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. يەنە .ھېلىقى كىمە باشلىقى خېلى جىق پۇل يىغسىمۇ،باشقا پۇل تاپقان بايلاردەك ،يىغىپ قويمايدۇ. بۇنداق قىلسا تەرەققىيات ناھايىتى ئاستا بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە داۋاملىق كەڭ دائىرلىك تەرەققى قىلالمايدۇ. دائىرە بولغاندا ئاندىن پايدابولىدۇ.كەڭ دائىرلىك تەرەققى قىلغاندا ئاندىن ئەڭ چوڭ ئەڭ كۈچلۇك بولغىلى بولىدۇ.ئۇمانا مۇشۇنداق <<ئايلانما شەكىل>>دىكى <<تۆۋەن ئۆسۇملۇك قەرىز>>ئېلىپ سودا قىلىپ ،چوڭ ئوكياندا ئايلانغانسېرى چوڭىيىپ تەرەققى قىلىپ،دۇنيانىڭ سۇ تىرانسىپوت ئىشلىرىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغان.
(_مەنبە ئىگىلىك تورى )
(يەكەن ئۇدۇم سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى) (يەكەن ئۇدۇم كەسپى تىخنىكا تەربىيلەش مەكتىپى )
(ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش تىلىفونى: 13565394444  )
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەنگەر
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-01-12, 16:40

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئۇدۇم )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-12 23:44 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇدۇم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 845
شۆھرىتى: 8505 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8600 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 860 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سودىگەر قېرىنداشلار پايدىلانسا بولغۇدەك...........
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-13 11:51 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئۈمۈد گۇلى
قۇرۇق شۇئار بىلەن خوشۇم  يوق .كەمىنە ئۈمۈدخاندىن

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 573
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 434
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 155(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياخشى پايدىلىنىشكەن مەن ئىنكاسىمدا ساقلىۋېلىپ تۇلۇقراق كۆرىۋالاي......رەھمەت ھە...
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-13 12:59 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۈمۈد گۇلى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2134
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەھمەت سىزگە
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-13 22:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1315
شۆھرىتى: 50310 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 58748 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 798 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 299(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇمۇ  مۇھىم تىيما  ئىكەن  ،  پايدىلىنىش  قىممىتى  يۇقۇرىكەن
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-13 23:37 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » يىمەكلىك كەسپىنى باشقۇرۇشتىكى تەجىربە-ساۋاقلار..
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا