illikdunya.biz sohpat
nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2102
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاچچىق - چۈچۈك پاراڭلار

ئابابەكرى ئابدۇقادىر

ئۆلۈمگە مەھكۇم دادىلار


جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشىغا، تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە، قانۇن - تۈزۈم كۆز قارىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پۇقرالار نېمىنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلىشكە، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىلىشكە، قانۇن بىلەن ئوينىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قاباھەتلىك قىسمەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولۇپ ئاتا - ئانىسىنى، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى ھەسرەت دېڭىزىغا ئىتتىرىپ قاراڭغۇ تۈرمىگە يول ئالغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن ئىبرەت ئېلىشقا، قانۇنغا بولغان ھۆرمىتى كۈچىيىشكە ۋە قانۇن ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. '
لېكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ۋىجدانىنى قۇرت يەپ كەتكەن ھايۋان تەبىئەتلىك، پەسكەش ئادەملەر ئۆزىنىڭ سىڭلىسىدەك، قىزىدەك نارەسىدىلەرگە قارا قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارنى خالىغانچە ئاياغ - ئاستى قىلىپ ئۇلارنىڭ سۈتتەك پاك، بىغۇبار قەلبىدە قورقۇنچلۇق قارا داغلارنى پەيدا قىلماقتا. ئۇلارنى ئادەمدەك ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ مۇدھىش قارا ھاڭلارغا ئىتتىرمەكتە.  
كىچىك چېغىمدىن تارتىپ ( شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ) نى ئوقۇشنى قەتئىي تاشلاپ قويمايتتىم. ئۇنىڭ ھەر بىر سانىدىكى قىزىقارلىق خەۋەرلەر، تىپىك دىلو مىساللىرى ۋە ئېچىنىشلىق قاتىللىق ۋەقەلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيتتىم.  
ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى باشقۇرالماي كىچىككىنە ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ گۇناھسىز ئادەملەرنىڭ ھايات دەرىخىگە پالتا ئۇرۇۋاتقان، كوچىدا خىيالى كىتىپ بارغان گۇناھسىز ئاجىزەلەرنىڭ ئىپپەت - نۇمۇسىغا چېقىلىۋاتقان، قانۇن چەكلىگەن ھەر قانداق ئىشلارنى قىلىشتىن تەپتارتماي ئاخىرىدا جىنايەت يولىغا كىرىپ قېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىل جاپا تارتىپ قۇرۇپ چىققان ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، كۆيۈمچان ئاتا - ئانىسىنىڭ، مىھرىبان قېرىنداشلىرىنىڭ، ۋاپادار ئايالى ۋە سەبىي پەرزەنتلىرىنىڭ كۆزىدىن قان - ياش ئاققۇزۇپ ئىككى ئوتتۇرىغا جۇدالىق ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقان بىر قىسىم نائەھلىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرۈش جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەۋەرلەر يۈرەك باغرىمنى ئىزەتتى.  
ئۇلارنىڭ جىنايەتلىك ھاياتىغا لەنەت ئوقۇش بىلەن بىرگە ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ۋە يامغۇر كەبىي تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىنى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلىپ بىر قىسما بولۇپ قالاتتىم - دە، بىر نەچچە كۈنگىچە ئېغىر خىياللارغا ئەسىر بولاتتىم.
مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دەۋر تەرەققىياتى ئۇچقاندەك يۈكسىلىپ، كىشىلەرنىڭ قانۇن - تۈزۈم كۆز - قارىشى يېڭىلىنىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بۇرۇنقىدىن بىر قەدەر ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سادىر بولۇۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ خاراكتېرى كىشىنى تەگسىز خىياللار قاينىمىغا غەرق قىلماي قالمايدۇ.
بۇرۇنلاردا ( پالانى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپتۇ. ) دېسە چوقۇمكى، خىيالىمىزغا ئۇ كىشى يات بىر ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان دېگەن قاراش كىلەتتى. بۇ خەۋەر بىر نەچچە كۈن كىشىلەرنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلىناتتى - دە، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ پاراڭلار ئۆزلىكىدىن بېسىقىپ قالاتتى.  
ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ باسقۇنچىلىق جىنايىتىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كەتتى. كىشىلەر ھازىر ھېچ تەپتارتماستىنلا ئۆگەي قىزىغا ھەتتا ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىغا - تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى تېمىپ تۇرغان پەرىشتىدەك پاك، ئوماق، سەبىي قىزلىرىغا ۋەھشىيلەرچە باسقۇنچىلىق قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.
ئۆزىنىڭ تاغدەك ئىشىنىدىغان كۆيۈمچان دادىسىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان بىچارە قىزلار ئۆزى ئۇچرىغان بۇ پەسكەشلىكلەرنى باشقىلارغا دەي دېسە ئۆزىنىڭ مېھرىبان ئانىسىنى، سەبىي ئىنى - سىڭىللىرىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنى ئويلاپ ھېچكىمگە دېيەلمىگەن، دېمەي دىسە، دادىسىنىڭ ھېلىقى ھايۋانلارچە قىلىقى تېخى توختىمىغان.  
ئىنسان ئۆزىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئارتۇقچىلىقى بىلەن ھايۋاندىن ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى بىلەن كارى بولمايدىغان بولسا ئېنىقكى، ئۇ تەبىئىي ھالدا ھايۋاندىن پەرقسىزدۇر. ھايۋانمۇ چېغىدا ئۆزىنىڭ بالىسىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ. ئەمما ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ھايۋاندىنمۇ ناچار قىلىقلىرى بىلەن تالايلىغان يۈرەكلەرگە يىرگىنىش، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، جەمئىيەتنى قالايمىقان، كىشىلىك ئەخلاق قورغىنىنى ۋەيران قىلىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئادىمىي ھايۋانلارنىڭ قىلىقلىرىغا نېمە دېگۈلۈك؟  
ئاخىرىدا ئەقلى ئويغان ئادەملەرگە دەيدىغىنىم:

بىردەملىك نەپسىڭلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئاشۇ بىچارىلەر مېنىڭ، ئۇنىڭ، سىلەرنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ كەلگۈسىمىزدۇر. ھېچ بولمىغاندا ئۆيىمىزدە سىڭلىمىز، ھەدىمىز، ئايالىمىز ۋە سەبىي قىزلىرىمىز بارلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلى. چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم، كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن مۇزاينىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟!

ئىپپەت زار - زار يىغلايدۇ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىشى، ئەخلاق ئىكولوگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي قىممەت قارىشى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلدى ۋە ئاستا - ئاستا يىمىرىلىشكە باشلىدى.  
نەتىجىدە ئارىمىزدا كىچىكىدىن تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلغان مېھرىبان ئاتا - ئانىسىدىن، ئۇرۇق - تۇققان، قان - قېرىنداشلىرىدىن، سۆيۈملۈك يۇرتىدىن، ۋاقتى كەلگەندە نەچچە يىل ئۆي تۇتقان ھالال جۈپتىدىن، تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى تېمىپ تۇرغان سەبىي بالىلىرىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان، شەيتاننىڭ مۇخلىسىلىرى بولمىش مەسئۇلىيەتسىز، ۋاپاسىز، ھاياسىز، ھايۋان تەبىئەتلىك بىر قىسىم ئەر - ئاياللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.  
نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ باتۇر - قورقۇمسىزلىقى، ئىشچان - چىداملىقلىقى، مەسئۇلىيەتچان - ۋاپادارلىقلىقى ۋە گۈزەل - پاكىزلىقلىقى، نومۇسچان - ھايالىقلىقى ۋە لىۋەن - لاتاپەتلىكى بىلەن جاھان ئەھلىنى ھەيرەتتە قويغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرى مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاقىنى، شەرمىي - ھاياسىنى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ كىچىككىنە ھۇزۇر، غەربچە تۇرمۇش ۋە ئەركىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۈچۈن ئەرلىك سالاپىتىنى، ئاياللىق نازاكىتىنى، جەمئىيەت، ئائىلە، پەرزەنت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ، ئەرلەر ئۆزىنىڭ قىزىدەك ھەتتا نەۋرىسىدەك قىزلارنى بىر ئاماللار بىلەن ئالداپ، ئاتالمىش ياشلىق پەيزىنى سۈرىدىغان، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ھەۋەس، شەھۋەت كوچىسىدا يۈرۈپ، ئاخىرى ئۆمۈرلۈك داغدا قالىدىغان، ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى توزغاقتەك توزۇتۇپ بىر ئۆمۈر لەنەت ئاستىدا ياشايدىغان؛ ئاياللار بىر نەچچە ۋاراق پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشتىن باش تارتمايدىغان، تاشقىي گۈزەللىكىدىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان، ئالتۇندىن قىممەتلىك بولغان، جان تىكىپ قوغدىلىدىغان ئىپپەت - نۇمۇسىنى ياش، مىللەت ئايرىمايلا پۇلى بارلىكى ھەر قانداق ئىشرەتخۇمار ئەرلەرگە ھېچ ئىككىلەنمەيلا بىر خالتا سامان ئورنىدا سېتىۋىتەلەيدىغان ئاجايىپ تالانتلىق، ( ئىقتىدار ) ئىگىلىرىگە ئايلاندى.  
تېلېۋىزور دەسلەپ پەيدا بولغان يىللاردا ئاتا - بالا، ئاكا - سىڭىل بىر يەردە ئولتۇرۇپ كۆرۈشتىن خىجىل بولۇشاتتى. تېخى ئۇ چاغدا بىرىلىدىغان فىلىملەر ھازىرقىدەك چاكىنا ئەمەس ئىدى.  
تەرەققىيات ئىنسانلارغا شۇنداق بىر توغرا چۈشىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلدىكى، ھازىر ئاتا - بالا، ئاكا - سىڭىل يانمۇ - يان ئولتۇرۇشۇپ چەتئەلنىڭ چۈشكۈن ئىشقىي - مۇھەببەت تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن پەس، بەدەۋىي فىلىملىرىنى بىللە كۆرىدىغان ۋە شۇ فىلىملەردىكى ئوبرازلار ئۈستىدە قىزغىن بەھس - مۇنازىرە يۈرگۈزىدىغان، ئەر - ئاياللار كىنولاردىكى ھېلىقى ئىشلارنى دوراپ چەكلەنگەن مېۋىلەرنى قانغۇچە يىيەلەيدىغان، بىر ئەر يالغۇز جېنىغا بىر نەچچە ئايالنى يۇشۇرۇن نىكاھىغا ئېلىپ ئايرىم - ئايرىم ئۆي تۇتۇپ بىرىدىغان، بىر ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە بىر نەچچە ئادەم كوللىكتىپ ھالدا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ( مەدەنىي ) ئىشلار مانا ھازىر ئەتراپىمىزدا ھەر ۋاقىت يۈز بىرىپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالدى.
نەتىجە شۇنداق خۇلاسىلەندىكى، بۇنداق چېكىدىن ئاشقان نومۇسسىز قىلمىشلار ئاخىرى ئىنسانلارغا سىفلىس، سۆزنەك، ئەيدىزدىن ئىبارەت خەتەرلىك كېسەللەرنى سوۋغا قىلدى.
  
تالاي ئىناق ئەر - خوتۇنلار ئاجراشتى. تالاي گۈلدەك ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. نۇرغۇنلىغان سەبىي بالىلار ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆڭۈل خوشىنىڭ بىھۇدە قۇربانىغا ئايلىنىپ يىتىملىك كوچىسىغا شەپقەتسىزلەرچە ھەيدەپ چىقىرىلدى.  
شۇ سەۋەبلىك تالاي كۆزلەردە قان - ياش، يۈرەكلەردە ئەلەم - خۇن، زەرداب، قەلبلەردە پىغان - ھەسرەت، دىللاردا ئاچچىق غەزەب - نەپرەت، تىللاردا لەنەت - قارغىش خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى سەل كەبىي يامرىماقتا. تالاي ئادەملەر مەزگىلسىز ھالدا قارا يەر ئاستىغا مەھكۇم بولماقتا. تالاي بىگۇناھ يۈرەكلەر مەڭگۈلۈك دەردنىڭ چاڭگىلىدا ئېچىنىشلىق ھالدا پۇچۇلانماقتا.  
گەرچە بۇ خىلدىكى ئىشلارنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ غەرب مەدەنىيىتىگە چوقۇنغۇچى ئازغۇنلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئىنتايىن تېز بولماقتا.  
ئەي ئىنسانلار، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنايلى، ھەممىمىز ئاشۇ گۇناھسىز بىچارىلەرنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرىغا، ئىزىلگەن باغرىدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان نالە - زارلىرىغا، ئاھۇ - پىغانلىرىغا ۋە ئاشۇ قاباھەتلىك قىسمەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئازغۇنلارنىڭ دەھشەتلىك تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان رەزىل ھايات سەپىرىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرايلى. بەلكىم بۇنى كۆرۈپ ئىرادىمىز بوشىشىپ، ئېتىقادىمىزنى يوقىتىپ، شەيتاننىڭ ئادەمنى مەستخۇش قىلغۇچى دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ۋە ئويناشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىرىمىز ئاز - تولا بولسىمۇ چۆچۈپ ئۆزىمىزنىڭ توغرا يولىنى تېپىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.  
ئىپپەت يىغلىمىسۇن. توغرىسى، باشقىلارنى ۋە ئۆزىمىزنى خارلىمايلى ھەم ئالتە كۈنلۈك بۇ ئالەمدە خارلانمايلى!
  

ۋاقىتقا رىئايە قىلىڭ

دەۋر قەدىمىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشى ئىجتىمائىيىتىمىزنى نۇرغۇنلىغان قولايلىق شارائىت ۋە بۇيۇملارغا تولدۇرۇۋەتتى. تېخى ئون نەچچە يىل بۇرۇن بىر كۈندە مېڭىپ بولىدىغان يولنى ھازىر يېرىم سائەتكە قالماي بېسىپ بولىدىغان، بېرىش خۇشياقمىسا بىجىرىشكە تىگىشلىك ئىشنى بىرلا تېلېفون ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدۇق. نۇرغۇن ئىشلىرىمىز ئاسانلاشتى - يۇ، ئەمما ۋاقتىمىز يەنىلا يىتىشمەي قالدى. بەزىلىرىمىز نېمىگىدۇر ئالدىرىساق يەنە بەزىلىرىمىز بىكارچىلىقتىن ئالدىرايدىغان بولدۇق. ئەمما ۋاقىت كۆز - قارىشىمىز بىر سەۋەبلەر بىلەن ياخشىلىنىشقا باشلىدى.  
ئەتراپىمىزدا بىر قىسىم ئادەملەر باركى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي چەمبىرىكى ئىچىدىكى يېقىنلىرىنى ساقلىتىش، ئۇلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى بىلەن ھىسابلاشماسلىق بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئاللىقانداقتۇر ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرۈشمەكتە.  
يېقىندا بىرسى ( مېنى بىردەم ساقلاپ تۇر. يېرىم سائەتكە قالمايلا كىلىمەن. ) دەپ قويۇپ نەگىدۇر كىتىپ قالدى. يېرىم سائەت ئۆتتى، يوق. بىر سائەت ئۆتتى، يوق. ئىككى سائەت ئۆتتى، يەنە يوق. تېلېفون قىلدىم. ئۇلاندى - يۇ، ئۈزۈۋېتىلدى. مېنىڭمۇ ئالدىراش ئىشىم بار ئىدى. ئەمما ئۇنى ساقلىمىسام تېخى بولمايتتى. ئاخىرى كەچمۇ بولدى. يوق. شۇنداق قىممەتلىك ۋاقتىمنىڭ بىھۇدە ئىسراپ بولغىنىغا ئەمەس، ئۆزۈم ئىشەنگەن ئاشۇ ئادەمنىڭ مېنى ئەخمەق قىلغىنىغا ئاجايىپ غەزىپىم كەلدى. بۇ دېگەن ئۇچۇر دەۋرى تۇرسا، كىلەلمىسە تېلېفون قىلىپ قويۇشى كېرەكتە. مېنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ مېنى زاڭلىق قىلغاندەك قىلغان قىلىقى ئاخىرى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. چىشلىرىمنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ ئۇنى دوستلۇق دەپتىرىمدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم - يۇ، ئۇنىڭغا يەنىلا شۇنداق خىتاب قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم: ( سىز ھېچبولمىغاندا ئۆمرىڭىزدە بىر قېتىم كونىلارنىڭ: ( ۋاقىت - ئالتۇندىن قىممەت ) دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى ئاڭلىغان بولغىيتتىڭىز؟
شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزدا بۇنداق قىلىقنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى باشقىلارنىڭمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاشلا ئالدىراش ئىشى بار!

چولتا يەكۈنلەر

1 . كىتاب ئوقۇماسلىق قانۇن تەرىپىدىن جازالانمايدىغان جىنايەتتۇر.
2 . شېئىر - روھنىڭ پىچىرلىشىدۇر.
3 . كىتابنى كۆپ ساقلاش بىلىمدانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.
4 . خۇشامەت - ئىقتىدارسىز تەماگەرلەرنىڭ جان بېقىش ۋاستىسى!
5 . ساداقەت بولمىسا مۇھەببەت ئادەتتىكى بىر تال سۆزدۇر، خالاس!
6 . ھىجران بولمىسا مۇھەببەتنىڭ قىممىتى بولمايدۇ.  
7 . ئالتۇن ساپلىقى بىلەن قىممەتلىك، قىزلار پاكلىقى بىلەن.  
8 . يوقاتقان نەرسەڭنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى يوقاتقاندىن كېيىن بىلىسەن. ;
9 . بۇ دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەت قالمىدى دېگۈچىلەر - ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگۈچىلەر!


ھايات ھەقىقەتلىرى


1 . چوڭلار ھەمىشە كىچىكلەرنى ( ئۇنى قىلما يامان بولىدۇ، بۇنى قىلما گۇناھ بولىدۇ. ) دەپ ھەممە ئىشتىن توسۇپ تۇرغاچقا، ھازىرقى بەزى بالىلار مۇستەقىل بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان بولۇپ قالدى!
2 . بىز كۆپىنچە ھاللاردا كىچىككىنە ئىشلارغا سەل قارىغاچقا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پاجىئەلەرگە دۇچ كىلىمىز! .,  
3 . بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئوتتىن قۇتقۇزىمىز دەپ ئوتقا تاشلايدۇ!
4 . ( تۆشۈك مۇنچاق يەردە قالمايدۇ. ) - مانا بۇ ئالتۇندىن قىممەتلىك بولغان ئىپپەت - نۇمۇسىنى ئاددىي بىر تال خەسچىلىك كۆرمەيدىغان بەزىبىر قىزلارنىڭ ھايات پەلسەپىسى!
5 . ئىككى ئەر بىر يەرگە كەلسە پۇل، خىزمەت، كەسىپ توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. ئۇ گەپتىن زېرىككەندە ئاياللار توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ؛  
ئىككى ئايال بىر يەرگە كەلسە مودا بولۇۋاتقان كىيىم - كىچەك، زىبۇ - زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. ئۇ گەپتىن زېرىككەندە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا باشلايدۇ!  
6 . بىر قىسىم ئەرلەر ئايالىنىڭ ۋاپادار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ ۋاپادار ياكى ۋاپادار ئەمەسلىكىنى ئويلاپمۇ قۇيۇشمايدۇ!  
7 . ئەر - ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ( ئىلمىيلىك ) ى نۇرغۇنلىغان ئىلمىي بولمىغان ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ!  
8 . ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا كىچىك ۋاقتىدا قىلغان تەربىيىسى بالىلىرى چوڭ بولغاندا ئۇلارنى بىر بولسا ئالقىشقا ئىرىشتۈرىدۇ. بىر بولسا قارغىشقا ئىرىشتۈرىدۇ!
  

نەسىھەتلەر  

1 . يامان ئىشتىن ئاۋۋال ئۆزۈڭ قول ئۈزۈپ ئاندىن كىيىن باشقىلارنى توسقىن!
2 . بالاڭنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيىلىسەڭ، كېيىن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىش ھاجەتسىز!
3 . ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىدۇ. ئەگەر سەن ھەقىقىي ئادەم بولاي دېسەڭ، ساڭا يامانلىق قىلغۇچىلارغىمۇ قولۇڭدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىل. ئۇلار ھامان بىر كۈنى سېنىڭ قانداق ئادەملىكىڭنى چۈشىنىپ يىتىدۇ!  
4 . بەختلىك بولاي دېسەڭ، ئۆزۈڭ سۆيگەن بىلەن ئەمەس، ئۆزۈڭنى سۆيگەن بىلەن توي قىل!


ھەسرەتلىك تىنىقلار


1 . ئۆزى ھەق نىكاھلاپ ئالغان ئايالىنىڭ ھەقىقىي پاكلىقىغا ئىرىشەلمىگەن ئەرلەر ئەڭ بەختسىز ئەرلەردۇر!
2 . قىز - ئاياللىرىمىز يېرىم - يالىڭاچ كىيىنمىگەن بولسا ئەركەكلەرنىڭ غۇرۇرى يوقالمىغان بولاتتى!  
3 . تۈنۈگۈن بىر يىغىلىشتا ھاراقنىڭ زىيىنى توغرىلىق نۇتۇق سۆزلىگەن بىر يازغۇچى بۈگۈن ماڭا غەرق مەست پېتى ئۇچراپ قالدى!


تاتلىق خىياللار


1 . ھەر قېتىم كەتمەننى قولۇمغا ئالغان چېغىمدا سۈيۈملۈك شائىر روزى سايىت ئاكىنىڭ: ( دېھقان بولماق تەس ) دېگەن شېئىرى قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭرايدۇ!  
2 . ئەگەر پەلەكتەك زور كۈچۈم بلغان بولسا ئىدى - ( ئايالى بار تۇرۇپ باشقا ئاياللار بىلەن، ئىرى بار تۇرۇپ باشقا ئەرلەر بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ يۈرگەن ئەر - ئاياللارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان بولاتتىم )!


ئاچچىق سوئاللار
  

1 . ئەرلەر ھاراق ئىچسە بوپتۇ دېدۇق، ئەمما ئايالىنى ۋە بويىغا يەتكەن قىزىنى ھاراق ئىچىشكە زورلىغان بەزىبىر ئەرلەرنى نېمە دەيمىز؟  
2 . باشقىلارنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلارنى ( ھايۋان ) دەپ تىللىدۇق. لېكىن ئۆزىنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلارنى نېمە دەپ تىللايمىز؟!
3 . بۇرۇن يازغۇچى - شائىرلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چاچلىرىنى: ( مەجنۇنتالدەك سۇمبۇل چاچلىرىڭ )، ( قۇندۇز كەبىي قارا چاچلىرىڭ ) دەپ تەسۋىرلەيتتى.  
ئەمدىلىكتە ( قىزىل، سېرىق، قۇڭۇر چاچلىرىڭ )، ( چىڭگىلىكتەك غىجماش چاچلىرىڭ ) دەپ تەسۋىرلەرمۇ؟  
4 . بۇرۇنلاردا ئىككى ئادەم ئۇرۇشماقچى بولسا ئادەم يوق خالىي يەرگە بېرىپ، يېنىدىكى پىچاقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن كېيىن ئۇرۇشاتتى.
ھازىر بولسا ئادەم كۆپ يەردە ئۇرۇشىدىغان، ئىككى - ئۈچ مۇشت ئېتىشا - ئېتىشمايلا بىر - بىرىگە پىچاق تىقىشىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھازىرقى ئەرلەردىكى نامەردلىكمۇ ياكى تەرەققىياتمۇ؟  
5 . بەزى يىگىتلەر قىزلارغا تەلەپ قويۇپ، تەلىپى رەت قىلىنسا ( ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەس ) دەيدىكەن، ئەجىبا ئۇلار ياخشى كۆرۈشنىڭ گۇناھ ئەمەسلىكىنى بىلگەن يەردە، ياخشى كۆرمەسلىكنىڭمۇ گۇناھ ئەمەسلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟  
6 . بۇرۇن ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قالسا شۇ يۇرتنىڭ مويىسىپىت - چوڭلىرى ئۇلارنى بىر يەرگە ئەكىلىپ، بىر پىيالە چاينى ئىككەيلەنگە تەڭ ئىچكۈزۈپ، ئىككى - ئۈچ ئېغىز ياخشى گەپ بىلەن ياراشتۇرۇپ قوياتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى خۇددى بىر تۇققاندەك يىقىن ئۆتۈۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتۇق.  
ھازىر بولسا كىشىلەر كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ بىر - بىرىنى سەت تىللار بىلەن تىللايدىغان، ئۇرۇشىدىغان ھەتتا زىيان تارتقىنى قارشى تەرەپنى سوت مەيدانىغىچە سۆرەپ ئاپىرىدىغان بولۇپ قالدى.
بۇ ھازىرقى ئادەملەردىكى ئەنئەنە ئېڭىنىڭ يوقالغانلىقىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىمۇ؟  
7 . مەن كونىلارنىڭ: ( شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس ) دېگەن يەكۈنىدىن ئازراق گۇمانلىنىمەن.
چۈنكى، بەزىبىر نامەرد، چىدىماس، ھەسەتخور ئادەملەر جىم تۇرغان دەرەخنىمۇ قەستەن مىدىرلىتىپ ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بىرىدىكەن ئەمەسمۇ؟!
  

بۇ ماقالىلەر قۇمۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىللىق 5 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.





مەنبە مىسرانىم،
تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-01-04, 14:49

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( nuzugum )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-04 21:47 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2800
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 816(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ  يوللانمىڭىزمۇ  پاساھەت  بىلەن  تولۇپ  تۇرۇپتۇ ،    راس ،  بىزدە  نۇرغۇنلىغان  نوقسانلار  بار  ،  بەلكىم  ئارتۇقچىلىقىمىزدىن  كەمچىلىكىمىز  كۆپ  شوڭا   ، ئېتىۋارسىز  قېلىۋاتىمىز  ..................    
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-04 22:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2102
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ كۆڭلىمىز گە ئىنساپ بەرسۇن
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-05 02:21 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2028
شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2180 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كۇرۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىك تىمىكەن،كوپ رەھمەت يوللانمىڭىزغا...
udum
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-05 21:49 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

خانتەڭرى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1157
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 192
شۆھرىتى: 1990 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1990 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 210 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئالدىرماي ئوقۇپ ،چوڭقۇر چۈشۈنۈپ قۇيۇشقا ۋە شۇنداقلا قاتتىق ئويلۇنۇپ قۇيۇشقا ئەرزىگۈدەك تېمىكەن ، رەھمەت سىزگە!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-06 21:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خانتەڭرى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2102
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

        
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-06 22:44 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

پولوجان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1943
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 209
شۆھرىتى: 2210 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2250 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 231 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

راسلا ياخشى تىمىكەن
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-09 21:13 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( پولوجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2102
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەھمەت
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-10 03:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا