hantagri illikdunya.biz sohpat
نۇقۇت
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 819
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 138
شۆھرىتى: 1385 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1480 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 146 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دىلنار ئابدۇللا غا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىشقا نېمىشقا جىق ئادەمنىڭ بۇنچە سەزگۈر ئىنكاس قايتۇرغىنىنىڭ سەۋەبىگە مۇشۇ ماقالە ئىلمىي نۇقتىدىن جاۋاب بېرەلەيدۇ دەپ قارىدىم ۋە مۇھىم يەرلىرىنى بۇ يەرگە چاپلاپ قويدۇم. دىلنار ئابدۇللانىڭ بۇ ماقالىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ تورداشلارنىڭ نېمىشقا بۇنداق كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى جەمئيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئىلمي يوسۇندا چۈشنۋېلىشىنى ۋە قىزىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.    
      ئۆزباش ئامېرىكىدا ئىلىم تەھسىل قىلۋاتقان  بىر جەمئىيتشۇناس،ئۇنىڭ يازغانلىرى بۇ تېمىدا  دىلنار ئابدۇللانىڭ قىزىنىڭ ئىشىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ، بۇ ئانىنىڭ بىر مەسلىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشغا ياردەم بېرىدۇ دەپ قارايمەن. بولسا بىر ئوقۇسۇن، بۇ ھەدىمىز. بىزنىڭ گېپىمىزنى ھېسابقا ئەتمىسە ،ئىلىم ئىگىلرىنىڭ گېپىغۇ كار قىلار. ئۆزباش مۇنداق يازىدۇ:
كوللېكتىپ ۋىجدانغا ئاسيىلىق قىلىش دېگەن نېمە؟ بىز قانداق چاكىنلىشىمىز؟
      ئادەم توختاۋسىز چاكىنىلىشىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ چاكىنىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئومۇملاشقانلا ئىش بولسا توغرا بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى تۇيۇمايدۇ. مۇئەييەن بىر ھەرىكەت ئەندىزىسىدىكى چاكىنىلىق جەمئىيەتلەشكەندە بولسا، شۇ ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرىنى بىلىپ- بىلمەي كۆنۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، سوئال قويۇش- بىزگە ئۆزىمىز كۆنۈپ كەتكەن ئىش ۋە ھادىسىلەرگە قايتىدىن قاراپ چىقىدىغان بىر كۆز ئاتا قىلىدۇ. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنى چۈشىنىش بىزدە ئۆزىمىز كۆنۈپ كەتكەن ھەرىكەت ئەندىزىسىدىن، ئادەت چەمبىرىكىدىن تاشقىرىغا يېڭىچە نەزەردە قاراشتا لازىم بولىدىغان ئاشۇنداق بىر كۆزنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆيىدە، ئۆزىگە مۈلۈك سۈپىتىدە تەۋە بولغان خاس ماكاندا ۋە ياكى يالغۇز قالغاندا ئۆز خاھىشى بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئەمما، ئىجتىمائىي مىزان تۇتۇپ تۇرغان ئاممىۋى سورۇنلاردا؛ ئۆرپ- ئادەت، قائىدە- يوسۇن كۈچىنى كۆرسىتىدىغان مۇراسىملاردا، بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ قىممەت قارىشىغا، ئېتىقادىغا، كوللېكتىپ ۋىجدانىغا چېتىلىدىغان ئەھۋاللاردا ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، ئۆرپ- ئادەت، قائىدە- يوسۇن، ئېتىقاد ۋە كوللېكتىپ ۋىجدان ئومۇمىيلىققا ئىگە بولۇپ، بىر كىمنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس. ئۇنى بىر ياكى بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۆز خاھىشى، ئۆز نەپىسى ۋە قىزىقىشى بويىچە بۇزۇش، دەپسەندە قىلىش ھوقۇقى يوق. شۇ ۋەجىدىن، ھەربىر مىللەتنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا كوللېكتىپ ئەقىدە پرىنسىپلىرىغا خاس ھالدا پەرھىزلەر، مۇقەددەس سىمۋوللار ئېنىق ئايرىلغان؛ ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قىلىشقا، چېقىلىشقا بولمايدىغان، يامان كۆرىدىغان ئىشلارنىڭ دائىرىسى، چېكى بېكىتىلگەن؛ ئىجتىمائىي ئالاقىدە، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ نۇسخىلىرى ئۆرپ- ئادەت شەكىلدە ئومۇملاشقان بولىدۇ. بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەنىۋى مەۋجۇدلۇقىنى بىر ئىمارەتكە ئوخشاتساق، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقاد، جامائەتچىلىك ئېڭى، ئۆرپ- ئادەت، مۇقەددەسلىككە ئىگە خاس سىمۋول، كوللېكتىپ ۋىجدان ۋە پەرھىزدىن ئىبارەت ئالتە تۈۋرۈكى بولىدۇ. بۇ ئالتە تۈۋرۈك كۆرۈنمەس زەنجىرلەر بىلەن بىر- بىرىگە باغلانغان بولىدۇ ۋە بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ قىممەت قارىشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركايىم (1858-1917)نىڭ «جەمئىيەت بىر خىل روھىي تەرتىپتۇر» دېيىشى ئاساسسىز ئەمەس. بىر جەمئىيەتنىڭ روھىي تەرتىپىگە دەخلى قىلىدىغان ئىشلار ئومۇملاشسا ۋە شۇ ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرى ئۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئىنكاس قايتۇرۇپ توسۇشقا تىرىشمىسا، ئىجتىمائىي بىنورماللىق جەمئىيەتلىشىدۇ. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق- ئەنە شۇنداق بىر ئىجتىمائى بىنورماللىقنىڭ تۇغۇندىسى.
يۇقىرىقى تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى جەمئىيەتلىشىۋاتقان چاكىنىلىق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلاردا ئۇيغۇر مەنىۋى مەۋجۇدلۇقىنىڭ، قىممەت قارىشىنىڭ ئالتە تۈۋرۈكى بولغان دىنىي ئېتىقادىغا، جامائەتچىلىك ئېڭىغا، ئۆرپ- ئادىتىگە، خاس سىمۋوللىرىغا، كوللېكتىپ ۋىجدانىغا ۋە پەرھىزلەرگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان، سەل قارالغان، ئېغىرراق تىل بىلەن ئېيتقاندا، ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا ئاسىيلىق قىلىنغان.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە جەمئىيەتلىشىۋاتقان چاكىنىلىقلار ئۆزىدە يوق كىملىكنى بېزەپ كۆرسىتىش، ماددىيلىق ۋەسۋەسىسىگە باش ئېگىش، كوللېكتىپ ۋىجدانغا ئاسىيلىق قىلىش، مۇقەددەس سىمۋوللىرىمىزغا بىھۆرمەتلىك قىلىش، جاھانسازلىق كويىغا كىرىش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. چاكىنىلىق جەمئىيەتلەشكەندە، شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم پۈچەكلىك قورشاۋىدا قالىدۇ؛ ئادىمىيلىكى سوئالغا دۇچ كېلىدۇ؛ ئومۇمنىڭ قىممەت قارىشى دەپسەندە قىلىنىدۇ. كىملىك كرىزىسى، ئەقىدە كرىزىسى ۋە زىددىيەتلىك كىملىك ئسكەنجىسىگە پاتقان بىر توپ پەيدا بولىدۇ. بۇ ھال بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە مىللىي روھ ئۈچۈن پايدىسىز .
جەمئىيەتلىشىۋاتقان چاكىنىلىققا دىئاگنوز قويۇشتىكى ئۆلچەم نېمە؟ بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز؟ بۇ ھادىسىگە دىئاگنوز قويۇشتىكى ئۆلچەم «بىز كىم؟ كىمنىڭ پۇشتى؟ قىممەت قارىشىمىز نېمە؟» دەپ سوئال قويۇشتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەتلىشىۋاتقان چاكىنىلىق ھەققىدىكى ئويلىنىش كىملىكىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىز ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىشتۇر. كىملىكىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىز ھەققىدىكى ئويلىنىش بولسا ئۆزىمىزدىن ۋە ياشاش ئۇسۇلىمىزدىن گۇمانلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى يامغۇر- يېشىندا، بوران- چاپقۇندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىمارەتكە ئوخشاتساق، قىممەت قارىشى ئاشۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلىدۇر؛ كىملىك ئاشۇ ئىمارەتنىڭ قاشاسىدۇر. قاشاسىنى ياخشى قوغدىيالمىغان ئىجتىمائىي توپ ئاشۇ ئىمارەت ئۇلىنىڭ لىڭشىپ قېلىشىغا سەۋەبكار بولغان توپتۇر. بىز ھازىر ئۆزىنى ياخشى دەۋاتقانلار ئۆزلىرىدىن گۇمانلانمىسا، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلمىسا بولمايدىغان، ئەتراپىمىزدىكى نورمال بىلىنىپ كەتكەن نەرسىلەرگە ۋە ياشاش شەكىللىرىگە سوئال قويمىساق بولمايدىغان بىر دەۋرگە كىرىۋاتىمىز. چۈنكى، بىز چاكىنىلىقنى ئىجتىمائىيلىشىش ئارقىلىق يۇقتۇرىمىز ۋە دوراش، سۈكۈت قىلىش يولى بىلەن بارا- بارا جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقلارغا كۆنۈپ كېتىمىز؛ ئەسلى ئۆزلۈكىمىزدىن يىراقلىشىپ ئىجتىمائىي بىمارلارغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كېلىمىز؛ ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆلىدۇ. چاكىنىلىق جەمئىيەتلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى ئادەم ئۆزىگە ئىجتىمائىي بىمار دەپ مۇئامىلە قىلغاندا، ئاندىن ئۆزىدىكى چاكىنىلىشىش يۇقۇندىلىرىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۆزىگە سوئال قويۇشنى ئۆگەنگەندە، ئاندىن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىگە نورمال بىلىنىپ كەتكەن ياشاش ئۇسۇللىرىنىڭ گۇمانلىنىش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. چاكىنىلىق قورشاۋىدا تۇرغان بىر ئادەم ئۆزىگە «مەن كىم؟» دەپ سوئال قويۇشتىن باشقا يەنە ھەققە يېقىنلىشىش ئارقىلىق، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، توختاۋسىز پىكىر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزلۈك ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنالايدۇ. بۇ ئىنسان ھاياتىغا مەنە ئاتا قىلالايدىغان ئەھمىيەتلىك روھ سەپىرىدۇر.  
    
مەنبە: نۇرۇز مۇنبىرى
http://www.nuruz.com/bbs/read.php?tid=2159
تېما تەستىقلىغۇچى : ناۋات
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-01-03, 09:19

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( نۇقۇت )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-03 14:23 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نۇقۇت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
بايزات
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 2025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرىتى: 40 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 4 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەنمۇدىلنار خانىم قىزىنىڭ ئۇسۇلى ۋە رەسىمنى   بىر تورداشنىڭ بىلوگدىن كورۇپ ئىنتايىن كوڭلۇم يېرىم بولدى .ئۇ بىر دۇنيا سەھنىسدە ئۇيغۇردوپپىسنى كىيىپ مىللى خاسلىقنى نامايەندە قىلغان ئانىتىغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-03 18:43 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( بايزات ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1293
شۆھرىتى: 13095 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 22198 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1325 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 262(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نىمە \دىگۈلۈك.
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-04 19:59 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
شاھ تائام
ماڭا بىرنى ئويلىساڭ، اللا ساڭا ئوننى بەرسۇن.
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 882
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 551
شۆھرىتى: 5705 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5259 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەنمۇ بىر خەنزۇچە پىروگگىراممىدا دىلنار ئابدۇللانىڭ مىللىچە ئۇسۇل ئويناپ تاماششىبىنلارنى ھايران قالدۇرغىننى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولغان ، بىراق ئارقىدىن قىزى سەھنىدە بىرغىرىچ يوپكىنى كىيىپ ياۋرۇپاچە ئۇسۇل ئويناپ ،كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى،
قىزى شۇنداق كىيىم بىلەن  ئۇسۇل ئويناۋاتسا ،ئانىسى چاۋاك چېلىپ ياندا ئولتۇرسا....................
ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-07 00:09 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھ تائام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

野百合
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 1 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەي! نىمۇمۇ دەي! دىلنار ئابدۇللا پەقەت ياخشى ئىش قىلماپتۇ، بىز ئۇ خانىمنى شۇنداق  چوڭ بىلەتتۇق.
لېكىن پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىيىلەپ قويدى؟ نازىر ئېرىمۇ گەپ قىلمىغانمىدۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-07 13:17 | 新疆阿克苏地区

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 野百合 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سەۋسەبىن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1059
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 365
شۆھرىتى: 3795 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4720 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 377 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كۆپ رەھمەت تېمىڭىز ئۇچۈن  !  زۇلپىقار بارات  (  ئۆز باش  )    ئەپەندىمنىڭ  ئوقۇشىغا ،  چېن دىلىمدىن  
زور ئۇتۇق تىلەيمەن !  مۇشۇنداق سەر خىل تېمىلار مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن  .  
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-11 02:03 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەۋسەبىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرگۈلى
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 2793
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرىتى: 60 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 6 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۆزىدىن سوئال سوراشنى بىلگەن كىشى ئادىشىپ قالمايدۇ.
نىمە ئۈچۈن............؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 11:36 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرگۈلى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 868
شۆھرىتى: 8750 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8860 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 911 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دىلنار خانىم خوتەننىڭ ئوبراز ۋەكىلى ئىدى. خوتەننىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ سېلىش ئشلىرىغا كوپ ياردەم قىلغان.

ئەپسۇس قىزى. . . . . .
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 12:25 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئــــۇيــــغــــۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا