ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئامراق توردىكى كونا ،يىڭى قىرنداشلار!
«ئامراق» دوسلىشىش ئالاقە تورى 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 1- كۇنى قۇرلغان بولۇپ قىسقىغنە 3-ئاي ئىچدە ئەزا سانى 4500 دىن ئىشىپ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن يىڭچە بۆسۇش ھاسىل قىلغان ئىدى،شىنجاڭنىڭ تورى توختىتلىپ تىزگىنلەپ باشقۇرۇش مەزگىلدە ئامراق تورى ئامراق قىرنداشلىردىن ئايرىلىپ قالدى .
ئىنتىرنتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تور دۇنياسىدا ھەرخىل تېپتىكى توربىكەتلەر ئارقىمۇ ئارقىدىن قۇرۇلۇپ تور ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىش بىلەن بىللە تور بەت ئاچقۇچىلارغا غايەت زور ئىقتىسادى ئۈنۈم كەلتۈرمەكتە.
قارايدىغان بولساق ياشلىرىمىز ئارىسىدا fenbei ۋە QQنى مودا قىلىۋېلىپ قالايمىقان ئۇچۇر تارقىتىپ ۋە توردىكى ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن يەتكۈدەك پايدىلىنىۋاتىدۇ ..
ئۇندىن باشقا دۆلەت سىرتىدىكى facebook, Hi5, Myspace لەر دۆلەت ئىچىدىكى (xiaonei(renren.com غا ئوخشاش دوستلىشىش ، شەخسى خاتىرە ، ئالبۇم لار بىر گەۋدە قىلىنغان بىكەتلەرمۇ تور ئاھالىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىلىم تارقىتىش ،ئورتاق پايدىلىنىش ،كۆڭۈل ئىچىش مەقسىتىگە يىتىپ ئۆزىنىڭ تور دۇنياسىدىكى خۇشاللىقىنى تاپتى .لېكىن بۇ تور بېكەتلەر بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا بولمىغانلىقتىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمىدى . مۇشۇ قېيىقچىلىق كۆزدە تۇتۇلۇپ رايونىمىزدىكى ھەۋەسكارلارنىڭ تىرىشىشى ئاستىدا يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەشكەن ئۇيغۇرچە پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ، دوستلىشىش ، بلوگ، ئالبۇم ، توپ ، مۇنبەر ، بىۋاستە ئۇيغۇرچە قوللايدىغان تور im ئىقتىدارى بولغان ، ھەرخىل كۆڭۈل ئىچىش ۋە ئۆگىنىش قوللانمىلىرى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان SNS تىپىدىكى توربىكەت بولغان [«ئامراق» دوستلىشىش ئالاقە تورى] نى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتۇق. تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلارنىڭ مەزكۇر تور بىكەت ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك ئالاقە ۋە بىلىم ئۆگىنىش سورۇنىغا ئىگە بولىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئامراق تورى قايتىدىن كەڭ تورداشلارغا رەسمى ئىچىۋىتىلدى!
«ئامراق» دوسلىشىش ئالاقە تورى بۇرۇنقى ئەزالاردىن ئالاھىدە كەچرۇم سورايدۇ،رايۇنمىزنىڭ تورى توختىتلغان مەزگىلدە تور بىكەت قويلۇغان مۇلازىمتىېر بىلەن ئالاقىلشالمىدۇق، تور ئەسلىگە كەلگەندە سۇرۇشتە قىلساق مۇلازىمتىردىكى ھۆججەت يوقاپ كىتىپتۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇرۇنىقى ئەزالارنىڭ بىر قىسىم ماتىرياللىرىنى تاپالمىدۇ، پەقەت بىز ساقلىۋالغان تور بىكەت ساندانىلا قالدى، سانداندا ئەزالارنىڭ ئەزالىق ماتىريالى ۋە مۇنبەردىكى تىما، ئىنكاسلىرى بار،بىز ئاشۇ ساندانغا ئاساسەن ئامراق تورنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتۇق، بەلكىم بۇرۇنقى بىرقىسىم ئەزالار ئەزالىق ماتىريالى ۋە مەخپى نومرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولشى مۆمكىن ،ئۇنتۇپ قالغان ئەزالار بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار مەخپى نومرۇڭلارنى قايتۇرپ بىرىمىز.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەردىن چىن كۆڭلىمىزدىن كەچرۇم سورايمىز، ئامرىقىڭلار سىلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئامراق تورىغا قايتىپ كىلشڭلارنى ھەمدە «ئامراق» دوسلىشىش ئالاقە تورىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ تىخمۇ تەرەققى قىلشغا بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۆمۇد قىلمىز.
تور ئادىرىسى:
http://www.amraq.comھۆرمەت بىلەن : «ئامراق» دوسلىشىش ئالاقە تورى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى