hantagri illikdunya.biz sohpat
ئۇدۇم
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1925
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 92
شۆھرىتى: 990 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1430 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 163 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 100(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئاشپەزلەر ئارخىۋى دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-02-04)
                                                                ئىگىلىك تىكلەشتىكى بەش خاتا چۈشەنچە  

    نۇرغۇن كىشى خوجايىن ئەڭ كۆپ پۇل تاپىدىغان كىشى، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، خوجايىن شىركەتتە ئەڭ كۆپ ئىش قىلىدىغان، خىزمەت ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدىغان، چارچاپ ئۆلۈپ كەتسىمۇ باشقىلار ‹‹خوپ بولۇپتۇ›› دەيدىغان كىشىدۇر. بەش يىلنى بىر دەۋر قىلساق، خوجايىنلارنىڭ% 95ى شىركىتىنى تاقايدۇ، پۇل تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە زىيان تارتىدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلمىگەنلەر قانداق كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ. تىنىم تاپمايدىغان، پۇل تېپىشنىلا خىيال قىلىدىغان، جاپادىن قورقمايدىغان، چارچاپ ئۆلۈپ كېتىشتىن، ۋەيران بولۇشتىن باش تارتمايدىغانلار ئىگىلىك تىكلەشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان كىشىلەردۇر.
    ئىگىلىك تىكلەشنى بازارغا كىرىش، دەيدىغان خاتا قاراش. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئىگىلىك تىكلەشنى ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش (جەمئىيەت تەجرىبىسى، ئىجتىمائىي ئالاقە، پائالىيەتلەردە چېنىقىش، كوللېكتىپ ھەمكارلىق) دەپ چۈشەنمەي، بىۋاسىتە ئىگىلىك تىكلەش، ئىگىلىك تىكلەش بازارغا كىرىش دېمەكتۇر، دەپ قارايدۇ. بۇ خۇددى تۈزۈك كۈچى يوق بىرەيلەننىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرى توغرىسىدا قۇرۇق گەپ ساتقىنىغا ئوخشاش ئىش.
    ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئوقۇش كېرەك، مەخسۇس ئىگىلىك تىكلەش ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئېلىش كېرەك، دەيدىغان خاتا قاراش. ئىگىلىك تىكلەش ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ۋە ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە دەرس ئاڭلاشنىڭ ئاساسەن زۆرۈرىيىتى يوق. بۇ ھەممىلا جايدا ئوخشاش، دۇنيادىكى بەزى بىر دۆلەتلەردە ئىگىلىك تىكلەش ئىنستىتۇتلىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىنستىتۇتلارنى ئىگىلىك تىكلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
    ئىگىلىك تىكلەش ئەقلىي مەشغۇلات دەيدىغان خاتا قاراش. ئىگىلىك تىكلەش ماھىيەتتە جىسمانىي، پىسخىك، سەۋرچانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئورنىتىش جەھەتتە بەسلىشىشتۇر. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولۇشى، ئادەتتىكى كىشىلەردىن كۆپ چېنىقىشى؛ پىسىخىك جەھەتتە باشقىلاردىن كۈچلۈك، چىدامچان بولۇشى؛ ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ئۇنى ھەل قىلالايدىغان سەۋر – تاقەت بولۇشى، ئوخشاش بىر خاتالىقنى قايتا سادىر قىلغاندا، ئۇنى تەجرىبە يەكۈنلەش، دەپ بىلىشى كېرەك. يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدىلا ئەقىل – پاراسەت ئاندىن سىزگە ئەسقاتىدۇ.
    بەزىلەر ئىگىلىك تىكلەش مۇتەخەسسىسى، دەيدىغان خاتا قاراش. كۆپ ساندىكى كىشى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، نۇرغۇن كىشى باشقىلارنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ، ئىگىلىك تىكلەشتە ئېپى بار كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان – تىكلىيەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسىنىڭ باشقىلارغا ماس كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، قانداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلارنىڭ دېگىنى بىلەن ئەمەلىيەت ئارىسىدا پەرق بولىدۇ. شۇڭا ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنى ئۆزى باشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك، ئۆزى سىناپ كۆرمەي، ھە دېسىلا باشقىلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتقاننىڭ پايدىسى يوق.

تېما تەستىقلىغۇچى : ئەزىز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2010-12-30, 11:50

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئۇدۇم )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-12-29 20:12 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇدۇم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 658
شۆھرىتى: 6935 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7995 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 710 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 115(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

   ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرىمۇ؟ مەنبەسى بولمىغاچقا شۇنداق پەرەز قىلدىم. ياخشى يېزىلىپتۇ، تەجرىبىدىن ئۆتكەن يەكۈندەك قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئازراق قوشۇمچە قىلسام ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز:
  
   ئىگىلىك تىكلەشتە كونا ئەندىزدە چىڭ تۇرۇش خاتا. چۈنكى ھازىرقى تەرەققىيات نۇر تىزلىكىدە مېڭىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشكە توغرا كېلىدۇ، «زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق» دېگەن گەپ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان.
   ئىگىلىك تىكلەشتە سەۋىيەنى كېتىپ بېرىپ ئۆستۈرىۋالغىلى بولىدۇ دېيىشمۇ قىسمەن توغرا، پۈتۈنلەي توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئازراق بولسىمۇ ئاساس سېلىشنىڭ پايدىسى زور بولىدۇ.
   تەييارلىقىم پۈتتى دەپ چېكىنىشكە ئىمكانىيەت قالدۇرماسلىق خاتا.  ئىش باشلاشتىن بۇرۇن خەتىرى بار - يوقلۇقىنى پەرەز قىلىش، پىلاننى ياخشى تۈزەش، «ياپسام پىشامۇ كۆمسەم پىشامۇ» دەپ دېلىغۇل بولماسلىق،  ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش، نىشاننى ئېنىق بەلگۈلەپ بولۇپ ئاندىن مەبلەغ سېلىش، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا كۆزى يەتسە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش لازىم.
   كۆرگەنلا ئادەمگە پىلانىنى ئېيتىپ مەسلەھەت سېلىش خاتا. ئەمما ئاتا - ئانىس ۋە ئۇستازلىرىنىڭ رازىلىقىسىز ئىش قىلماسلىق. پۇرسەت كەلگەن بولسا چوقۇم چىڭ تۇتۇش، ۋاقىتنى ئارقىغا سوزماسلىق، جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپراق ئىش قىلىش كېرەك.
xukran
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-02 22:06 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » يىمەكلىك كەسپىنى باشقۇرۇشتىكى تەجىربە-ساۋاقلار..
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا