مەھمۇد قەشقىرى (1008-1105)
بۈيۈك ئالىم تىلشۇناس، شاھانە ئەسەر ( تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ مۇئەللىپى ، ئۇ خان جەمەت ئائىلىسىدە دۇنياغا كىلىپ ،بىر ئۈمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت ، قەشقەردە مەدرىسە ئىچىپ مۇدەررىسلىك قىلغان ، ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلوم بولسىمۇ لىكىن زامانىمىزغىچە يىتىپ كىلەلمىگەن ، ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئىنىق مەلومەت يوق ،ئەمما 97 يىل ئۈمۈر كۆرۈپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلوم.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ( 1018-1085)
قارا خانىيلار سۇلاسى دەۋرىدە (مىلادىيە880-1212-يىللار)مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ( قۇتادغۇبىلىك) (بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم) ناملىق زور ھەجىملىك داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيەتىغا بۈيۈك ئابىدە تىكلىگەن شائىر . ئۇنىڭ بۇدېداكتىك داستانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور بىلىم مەنبەسى ئارقىلىق كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ،دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن تىگىشلىك ئورۇن ئالغان .
فارابى (870-950)
(شەرق ئارستوتىلى) نامى بىلەن تۇنۇلغان، ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى پۈتكۈل ھاياتىنى ،بارلىق زىھىن قۇۋۋىتىنى ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان . ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر ، مول ۋە ئېچىش خاراكتىرلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر جاھان ئىلىم -پەن مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن . ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئوتتۇرا ئەسىردە شەرق دۇنياسىنىڭ ئىلىم -پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن ،بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم -پەن تەرەققىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن .
ئەلىشىر نەۋائى(1441-1501)
شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ،ئىجادى بىلەن جاھانغا تۇنۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىيەت تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر شائىر ئەلىشىر نەۋائى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە يەتتە يىشىدىن باشلاپلا شىئېر يىزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائى نىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ( خەزائىنۇل مەئانى ) ناملىق دىۋانى بىلەن (خەمسە) ناملىق داستانلار توپلىمى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
سۇلتان سەئىدخان(1490-1533)
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ،شائىر سۇلتان سەئىدخان ئىستېداتلىق ،مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغانلىقتىن ،يەكەن خانلىقىنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن . سۇ؛تان سەئىد خانمۇ ئۇيغۇر ۋە پارس تىللىرىدا نۇرغۇن شىئېرلارنى يازغان ، ئەمما دەۋرىمىزگە كۆپ يىتىپ كىلەلمىگەن . سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قىلىنغان بىر قىتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە 43 يىشىدا ۋاپات بولغان .
ئۆمەر ھەييام (1040-1123)
نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئىلىپ بارغان مۇتەپەككۈر ،شارئىر ۋە ئاسترۇنۇم ئىدى . ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مالىك شاھ ھوزورىدا ،ۋەزىر نىزامىمۇلىك ھامىيلىقىدا( مالىك شاھ ئاسترۇنۇمىيىلىك جەدۋىلى ) نى ئىشلەپ سالجۇقىيلار كالىندارىنى تۈزگەن . ئۇ (ھىساب مەسلىلىرىنىڭ يىشىلىشى ۋە ئىسپاتى )، (ئارىفمېتىكىدىكى قىيىن مەسلىلەر )... قاتارلىق ئەسەرلەرنى ۋە كۆپلىگەن ئۆتكۈر پىكىرلىك رۇبائىيلارنى يىزىپ ، خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان .
تەجەللى (1850-1930)
ئەدەبىيەت تارىخىمىزدىكى ئىككى دەۋرنى ، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى ھەزرەت قاغىلىق ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە شۇ يەردە 80 يىشىدا ۋاپات بولغان . تەجەللى يىتىلگەن شائىر ۋە تىۋىپ بۇلۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر ھۈرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان. ئۇ كۆپ تىللىق شائىر بۇلۇپ ، ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس ، پارس ئەرەب ، ھىندى تىللىرىدىمۇ شىئېر يىزىپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇنۇلغان.
ئابدۇرىھىم ئۈتكۈر (1923-1995)
( ئىز) ، (ئۇيغانغان زىمىن )قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھور ئالىم ، يازغۇچى ،تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرىھىم ئۈتكۈر ئەپەندى خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر.ئۇ ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار بولغان بولسىمۇ ، ئىگىلمەس- سۇنماس روھى بىلەن ئۇڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىب كىلىپ ، ناھايىتى ئىسىل مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى .
ئابدۇقادىر دامۇللام(1862-1924)
مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ، تەرەققىيپەرۋەر زات ، تۇنۇلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ،شائىر ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى ( تەخەللۇسى غازى) ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ يىڭى ئىلىم - پەن ئارقىلىق خەلقنى نادانلىق ، جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش يۇلىدا ئۈمۈر بۇيى كۈرەش قىلغان . شۇ دەۋرنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ناھايىتى كۆپ دەرسلىكلەرنى تۈزگەن . نەتىجىدە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىكى ، ساتقىنلارنىڭ قول سىلىشى بىلەن ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئىچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1933-1995)
(غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى)،(قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا)... قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئۇ ئۆز ئۆمرەدە ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بۇلۇپ ، ھىلىھەم ئېلان قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسەرلىرى ئاز ئەمەس.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن خالقئاراغا تۇنۇشلۇق ئالىم بۇلۇپ ،بىلىمخۇمار ئەۋلادلىرى قەلبىدە مەڭگۆ يادلىنىدۇ.
مەمتىلى ئەپەندى(1901-1937)
ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى ،ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تۇنۇلغان ۋەكىلى ،ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى توختىھاجى (تەخەللۇسى تەۋپىق) ئاتۇشنىڭ بۇيامەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئۇ قىسقىغىنا 36 يىللىق ھاياتىدا ئۆز خەلقنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ، ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان . ناھايىتى كۆپ بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ بىشىغا چىققان قانخور جاللات شىڭ شىسەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۋەتكەن .
لۇتپۇللا مۇتەللىپ(1922-1945)
ئوتيۈرەك شائىر ،ئىنقىلابىي جەڭچى (يىللارغا جاۋاپ ) ، (خىيالچان تىلەك ) قاتارلىق ئكلمەس شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ (تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى)ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۇققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ ، ۋەتىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىيەتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ .
موللا زەيدىن (1815-1881)
مەشھور خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىن لۈكچۈندە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ چاقچاقلىرىنىڭ تىغ ئۇچى ۋاڭ ، غۇجىلارغا قارىتىلغان بولغاچقا ، ئوردىدىن سەككىز قىتىم قوغلانغان ، ئەپسوسكى ئۇ ھەجۋىي قۇشاق ، چاقچاقلىرى ئارقىلىق قازىكالانلاردىن ۋاڭ -غۇجىلارغىچە ، ئالدامچى سۇپىلاردىن - چالا مۇللىلارغىچە پاش قىلىپ ئەمگەكچى خەلقنىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن . موللا زەيدىن چاقچاقلىرى ھىلىھەم خەلقىمىز ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە .
زوردۇن سابىر(1937-1998)
(ئانا يۇرت)،( ئىزدىنىش)،( ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە)،(ئاۋرال شاماللىرى)،(ئاتا)،(خىرە دىرىزە)،(دۇلان ياشلىرى)....قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، مول -ھوسوللۇق يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي پىسخىكىسىنى قېزىشقا ، قۇيۇق مىللىي تۇرمۇش پۇرىقىنى چىقىرىشقا ماھىر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پىروزچىلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىۋاتىدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمى (1914-1949)
(ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى )نىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى. زۇلۇمغا ،ئېزىلىشكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان ئەزىمەت ئوغلان ئەخمەتجان قاسىمى شىنجاڭنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن قورقماس جەڭچىلەرنىڭ سەركىسىدۇر. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ، مائارىپى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن بۇلۇپ كىيىنكى ئەۋلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۆ يادلىنىدۇ.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر(1901-1933)
ئۇيغۇر دىمۇكراتىك ئەدبىياتىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ،ئىنقابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر ،ئازادلىق ،تەڭلىك،دىمۇكراتىيە ۋە ئىلىم - مەرىپەتنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى ،نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىې يىزىش بىلەنلا قالماي، ئىنقىلابقا قاتناشقان ئاكتىپ جەڭچىدۇر. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 32 يىشىدا جاللات شىڭ شىسەينىڭ قۇلى بىلەن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن . ئەمما ، ئۇنىڭ جەڭگىۋار شېئىرلىرى ،ھازىرغىچە خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە.
|