illikdunya.biz abduheni
تەنھاگۈل
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1964
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 310
شۆھرىتى: 3170 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3230 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 345 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================



ئەكبەر ۋەلى
   ھازىر دۇنيادا بىرنەچچە مىڭ خىل تىل بار. بۇ تىللارنىڭھەممىسى ئۆزىنى ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن ئانا تىل ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدىنقارىغاندا، بىر تىلنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلۇشقا ئىگە مۇكەممەل تىل بولۇپ، شەكىللىنىشى ئۈچۈن 2000 – 3000 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن. شۇڭا، بۇ تىللارنىڭ چوڭ – كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. بىر مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، مەدەنىيەت – سەنئىتى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، سەرگۈزەشتلىرىئۇنىڭ تىلىغا سىڭگەنبولىدۇ. تىل يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلىنىدۇ. تىللار ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىك تىل سىستېمىسى ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ،شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، جانلىق تۈرلەرنىڭ كۆپ خىل بولۇشى تەبىئەت ئېكولوگىيەسىگە پايدىلىق بولغىنىغا ئوخشاش تىل تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىمۇ ئىنسانىيەت تىل – مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا، ھازىر تىل تەتقىقاتچىلىرىتىل ئېكولوگىيەسىنى خۇددى تەبىئەت ئېكولوگىيەسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش زور كۈچ بىلەنقوغداش لازىم، دەپ قارايدۇ.
   1999 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنىنى ‹‹دۇنيا ئانا تىل كۈنى›› قىلىپ بەلگىلىگەن.
   20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىنسانلار بىلىم ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق بىر ئانا تىل شەخسنىڭ ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىككىنچى بىر تىلنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئېلىمىز ۋە خەلقئارادا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەر خىل قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن: يېقىندا ياپونىيەلىك تىلشۇناس يانگېن جۇلاڭ: ‹‹مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىشىشقائىدىسى›› دېگەن ماقالىسىدە ئانا تىلنىڭمۇھىملىقى توغرىسىدائالاھىدە توختالغان. ئېلىمىزدىكى تىلشۇناسلار ‹‹ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ تەپەككۇر خاتىرىسى ۋە مەدەنىيەت ئىزناسى، مىللەت روھىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل. ئانا تىلنىڭ راۋاجلىنىشىمەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.شۇڭا، ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلىنى قىزغىن سۆيىدۇ، تىلنىڭ ساپلىقى، ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ ھەم تىلنىڭ دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىشىغا يول قويمايدۇ›› دەپ قارايدۇ.
   ھازىر دۇنيادا ئىنسانلار قوللىنىۋاتقان تىللار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن قوللىنىش دائىرىسىگە قاراپخەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، ئىسپان تىلى قاتارلىق 13خىل تىل دۇنيا بويىچە ئاساسلىق تىل، دەپ قارىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلىقاتارلىق ئالتە خىل تىل ب د ت نىڭ خىزمەتتىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئاساسلىق تىللار دۆلەتلەر ئارا ئىقتىساد، پەن– تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.
   تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ئانا تىل ۋە بىرەر چوڭتىلنى ئۆگىنىش ئىجتىمائىي ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش بىلەن بىللە، ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇشقا، شەخسلەرنىڭ، جۈملىدىن مىللەتنىڭ پىسخىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىكەن.
   ئانا تىلنى ئۆگىنىش بىلەن ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىش بىر – بىرىگەقارىمۇ قارشى ئەمەس.بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا سالغىلى بولمىغىنىدەك بىر نەچچە تىلنى بىراقلا ئۆگەنگىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن، ئانا تىلنى پىششىق ئۆگىنىش ھەم شۇ ئاساستا ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ھازىر تەتقىقاتچىلار ‹‹تىل پىكىر قىلىش قورالى بولغانلىقتىن، ئانا تىل ئاساسى پۇختا بولغاندىلا ئېنىق ۋە كۈچلۈك پىكىر قىلغىلى، ئىككىنچى تىلنى ئاسانراق ئۆگەنگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئىككىنچى تىلنى ئوبدان ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىش لازىم›› دەپ قارىماقتا.
   بالىلىق مەزگىل تىل ئۆگىنىشنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ، بۇ چاغدا بالىلار ئانا تىلنىتېز ئۆگىنىدۇ. چۈنكىئۇلار تىلنىڭ كېلىش – كەلمەسلىكى، توغرا ئىشلىتىلگەن – ئىشلىتىلمىگەنلىكى، سۆزنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى، ئىبارىلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن كارى بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىنمۇ ئەنسىرىمەيدۇ. خەنزۇ تىلى ئېلىمىزدىكى ئورتاق تىل بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىدىيە، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش، ئۆز ئاراچۈشىنىش ھاسىل قىلىش، مىللىي ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتەمۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىش لازىم.
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىش ھەر بىر شەخسنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش،ئالاقىلىشىشىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تىل ئۆگىنىش ھەر بىر شەخسنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەنبە؛ ئىزباسار تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-12-22 17:43 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تەنھاگۈل ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2028
شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2180 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توغرا دەيسىز!سىزگە  كوپ رەھمەت.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-23 00:54 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئەڭ يېڭى خەۋەر-ئۇچۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا