hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئەزىز

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 11
نادىر تېما : 43
يازما سانى : 2003
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25505(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى axtuzi نادىرلىدى .(2010-12-12)
. تىك تۇرغان قوينىڭ دۈمبىسىدىن ئىككى قولىمىزنى ئۆتكۈزۈپ، بىزدىىن يىراق تەرەپتىكى ئىككى پاچىقىنى تارتىپ، سېلىق ياتقۇزىمىز.

1. ئوڭ كەينى پۇتىنى قالدۇرۇپ، قالغان ئۈچ پاچاقنى بېغىشتىن يېشىلىپ كەتمىگۈدەك قىلىپ چىگىمىز.بۇغۇزلاشتىن ئاۋال تىلىنى تارتىپ چىقىرىپ قويىمىزكەن.

2. قوينىڭ كېكىرتىگىنى توغرا تاپىمىز، بۇنىڭ كەينى دەل ئاخىرقى ئۇمۇرتقىنىڭ ئۈستىگە توغرا كېلىشى كېرەك، بويۇننىڭ ئاستىغا سۈرۈلۈپ كەتسە بولمايدۇ، بۇغدىيەكتەك ھۈررەكنى توغرا تاپساقلا بولىدۇ، بەكلا ئاسان ئىش. قوينىڭ كانىيىنى قىبلىگە قارىتىپ، تەگبىر ئوقۇپ، "بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ ئىتتىك پىچاق بىلەن بوغۇزلايمىز.

3. بۇغۇزلىغاندا، پەقەت ئۆپكە كانىيى، ئوڭ- سول چوڭ قان تومۇرنى تەڭ كېسىپ، قوينىڭ تېپىرلىشى ئارقىلىق يۈرەك، ئۆپكە، گۆشلەردىكى قانلارنىڭ ئېقىپ بولۇشىنى ساقلايمىز، ھەرگىز بىراقلا بويۇن ئومۇرتقىسىنى قوشۇپ كېسىپ تاشلىمايمىز، بۇ دىگەن، تېرىسىنى شىلىپ بولاي دىگەندە بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىش. قان قانچە كۆپ ئاقسا گۆش شۇنچە تاتلىق بولىدۇ دەيدىكەن. بەدىنىنى تۇتۇپ مېدىرلىتىپ بېرىمىز، قاننىڭ پاكىز ئېقىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن. ئەگەر، ھويلىدا كىچىك قىز- ئۇغۇل بالىلار بولسا، چوقۇم چاقىرىپ ئەكىلىپ، قوينىڭ بۇغۇزىدىن ئېقىۋاتقان ئىسسىق قاننى بارماق بىلەن بالىنىڭ پىشانىسىگە بېسىپ قويىمىز، بۇنىڭدىن قاچقان ئوغۇل چوڭ بولغاندا قوي بوغۇزلىيالماي خەققە يېلىنىپ ئۆتىدۇ.

4. قوينىڭ تېپىرلىشى، توختاپ قېلىپ، يەنە تېپىرلىشى پۈتۈنلەي توختىغاندا، جېنى پۈتۈنلەي چىقىپ بولغان بولىدۇ. بۇ چاغدا، پاكىز چوكا بىلەن، بايامقى چىگىلمىگەن كەينى پاچاقنىڭ تىزى ( بۇلارنىڭ تىزى بىزدەك ئالدىغا ئەمەس، كەينىگە ئىگىلىدۇ دىسە، ھە دەپ تۇرىلى..) نىڭ سەل ئاستىدىن تېرىنى تارتىپ تۇرۇپ (بولسا مەندەك ئىسسىق سۇدا يۇيۇۋېتىپ) بىر پىچاقتا كىچىك كېسىپ، پۈۋلەشكە تۆشۈك ئاچىمىز، پۈۋلەيمىز، پات- پات پۇتلىرىنى قۇرسىقىغا بېسىپ، يىراقتىكى تېرە ئىچىگە بېسىم بىلەن يەل ماڭدۇرىمىز.

5. خۇددىي كۆپتۈرۈلگەن شاردەك تۆت پۇتىنى تۆت ياققا ئۇزۇن سۇنۇپ، تېرىسى راسا كۆپكەندە، ئاندىن پۈۋلەشنى توختىتىپ، پۈۋلىگەن تۈشۈكتىن باشلاپ، پۇتنىڭ ئىچىنى بويلاپ، چاتراقنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە كېسىمىز، ئارقىدىن، قۇرساقنىڭ ئوتتۇرا سىزىقىنى بويلاپ بوينىغىچە، يەنە پۇتلىرىنى تىزىغىچە تېرىسىنى كېسىمىز، پەقەت، تېرىسىنىلا كېسىمىز، پىچاقنى تېرىدىن ئۆتكۈزۈپ قوسىقىغا، گۆشلىرىگە تىقىۋەتمەيمىز.

6. ئۇچى ئىتتىك بىلەنگەن پىچاق بىلەن، ئاۋايلاپ تۇرۇپ تېرە شېلىشقا باشلايمىز، ئەستايىدىل بولۇڭ، بولمىسا، ئاخۇنۇمنىڭ پايدىسى ئازلاپ كېتىدۇ. يەنە، تېرىدە قىزىل گۆشلەر قالمايدۇ، دەل گۆش بىلەن تېرىنى ئايرىيمىز، چۈنكى، بىز پۈدىگەندە، بىر قىسىم يەل تېرە بىلەن گۆش ئارىسىغا ئەمەس، گۆش پەردىسىنىڭ ئىچىگە بارىدۇ.

باشنى مۇۋاپىق چاغدا پۈتۈنلەي ئۈزۈپ ئېلىۋېتىمىز. تېرىسىنى شېلىشتا، تۆت پۇتلىرىغىچە شىلىپ بولغاندا، ئالدى ئىككى پۇتنىڭ تىزىنىڭ ئىچىدىن، ئاستى تەرەپتىن بىرىلىك جايدىن بىر پىچاق ئۇرساق، نەق بۇغۇم ئۈستىدىن پەيلەر كېسلىدۇ، بىر چۆگىلىتىپ پىچاق ئۇرۇپ بولۇپ، بىر قايرىپ بۇغۇمنى سۇندۇرىمىز، ئۈزۈلمىگەن پەيلەرنى كېسىمىز پىچاقتا! كەينى پۇتنىڭ تىزىنى كەسكەندە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى، سېكىلەك ئۆتكۈزۈشكە ئارقا پۇتتىن چىقىرىدىغان پەي ۋە سۆڭەك، بۇغۇم ئارىسىدىكى تۈشۈك ھالقا مۇشۇ جايدىن چىقىدۇ، ئەگەر، يېڭى بولسىڭىز، كۆرۈپ باقمىغان بولسىڭىز، پۇتنى ئىگىپ- تۈزلەپ پەرەز قىلىپ، ئامال بار پەستىن كېسىسىز، بۇمۇ بەك ئاسان، ئىشقىلىپ، ئەسلى مۇشۇنداقكەندە دەپ قالىسىز، ئارقا پۇتنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، بۇغۇمنى ئۈزۈپ بولغاندا، پەي بىلەن پۇت ئارىلىقىدىكى كەڭ جايدىن سېكىلەك ئۆتكۈزگۈدەك تۆشۈك كېسىسىز، خۇدايىم قوي قاتارلىقلارنىڭ ئارقا پۇتىدىكى مۇشۇ پەي ئارىلىقى بىلەن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نان يايىدىغان سېكىلىكىنى بەك ماس يارىتىۋەتكەن، ئۆتكۈزىمىز، ئارغامچىغا سېكىلەكنى جايلاپ ئاسىمىز.

7. ئاللىقاچان ئېسىلىپ تەييار قىلىنغان ئارغامچىغا قوينىڭ ئارقا پۇتىنى ئېگىز قىلىپ سېكىلەكنى ئېلىپ توختىتىمىز، ئەگەر، كۆتىرىشىپ بېرىدىغان ئادىمىڭىز بولمىسا، 20 يۈەنلىك چىغرىقتىن بىرنى تەييارلاپ قويغان بولسىڭىز، چىغرىقنى يوقىرىغا ئېسىپ، ئارغامچىنى سېكىلەككە ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، ئارغامچىنى تارتىپ ئىلىپ، تارتىپ- ئېلىپ يۈرۈپ، قوينىڭ بوينى يەردىن ئىككى غېرىچ كەلگىچە كۆتىرىمىز.

8. قوي ئېسىلىدىغان بۇ چاغنىڭ ئالدىدا يەنە ئىككى كىچىككىنە مەسىلە بار، مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكۈزگىنىم: تېرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى شىلىپ بولۇپ، دۈمبە قىسىمىغا كەلگەندە قولايسىز بىلىنپ، ئېسىپ بولۇپ، قۇيرۇقتىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ چۈشۈرۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى، تېرىنى بەدەندىن پۈتۈنلەي شېلىپ بولۇپ، ئاندىن ئاسسىڭىزمۇ بولىدۇ، بولسا تېرىنى تولۇق شىلىپ ئېسىڭ، مۇشۇ ھېيىتتا مۇشۇنداق قىلدىم، چۈنكى، تېرە ئېسىلىپ تۇرسا قۇيرۇقتىن تېرە شېلىش ئاسانغا چۈشمەيدىكەن؛ ئېسىشتىن بۇرۇنقى يەنە بىر مەسىلە، سىز، قوينىڭ بوينىنى تولۇق كەسكەن چاغدىلا مۇنداق بىر ئىشنى بىجىرىۋېتىڭ: بۇيۇندا، ئۆپكە كانىيىنىڭ كەينىدىلا قىزىلئۆڭگەچ بار، يېنىدىكى قىزىل مۇسكۇل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈرمەڭ، تۇتۇپ، قاراپ بىلگىلى بولىدۇ، تۈشۈك نەرسە ئۇ، سامان ۋە سۇ ئۆتىدىغان، قىزىل ئۆڭگەچنىڭ ئىككىلىك يېرىدىن، پىچاق بىلەن قىزىل رەڭلىك قىسىمىنى توك سېمىنى ئاقلىغاندەك ئاقلاپ توختايمىز، قىزىل مۇسكۇل ئاسان كېسىلىدۇ، ئىچى چىڭ، ئىچى قالىدۇ، كېسىپ ئۈزۈۋەتمەيمىز، بەلكى ئاقلاپ چىقىرىپ بولغان جاينى چېگىپ، قوينى ئاسقان چاغدا، ئاشقازاننىڭ داستىخان يېيىپ سېلىشىدىن ساقلىنىمىز.

بۇ ھېيىتتا، قوينىڭ قۇيرۇق تېرىسىنى شىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇ قويلارنى بۇغۇزلاشتىن بۇرۇن بىر مونچىغا چۈشۈرۈۋەتسە نىمىدىگەن ياخشى! دەپ ئويلاپ قالدىم.

9. ئۇف!

10. قوي ئاخىرى ئېسىلىپ بولدى!

11. قوينىڭ چاتىرىقىدىكى ئەزالىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشتىن باشلايمىز، مەن بۇ ھېيىتلىق قوينىڭ مۇشۇ گۆشى بىلەن، ئەتىراپىمىزدا پەرۋانە بوپ كەتكەن، ھېلىقى پىسخىك داۋالاپ ساقايىتقان مۈشۈككە نەق مەيداندا ئاڭلىتىش بېرىپ، ھېيىت قىلىپ بېرىۋەتتىم، بىرەرى بۇ ئىشنى يا سۈرۈشتۈرمىدى، يا ئۆگەتمىدى.

12. بۇ جايدىن باشلاپ، قۇرساقنىڭ گۆشىنى ئوتتۇرىدىن كېسىمىز، بىرەر قېتىم كۆرگەنسىز، دەسلەپ ئېچىۋالغان تۈشۈككە سول قولنى تىقىپ، قوينىڭ ئاشقازىنى بىلەن، قۇرساق ئالدى گۆشىنى ئايرىپ تۇرۇپ كېسىمىز. ھېچكىم بۇ چاغدا ئاشقازاننىڭ تەڭ كېسىلىپ، ھەزىم بوپ بولمىغان زاپاس ئۇغوتلارنى پۇرتىپ، گۆشكە ئېقىتىۋېتىشنى خالىمايدۇ.

13. ئارقا پۇتنىڭ تۈۋىدىن باشلاپ، قۇرساق گۆشىنى بەل ئۇمۇرتقىغىچە كېسىپ، چاپاننىڭ ياقىسىنى ئىككى چەتكە قايرىغاندەك قايرىيمىز، دىئافراگما پەردىسىنى كېسىشكە تېخى بالدۇر. ئاشقازاننى تارتىپ ساڭگىلىتىپ قويىمىز.

14. ئالدىمىزدا، مانا مەن، دەپ تۈز ئۈچەي كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، قوينىڭ دۈمبىسى تەرەپكە ئۆتۈپ، قوينىڭ تۈز ئۈچىيى بىلەن كاسسىسىنى كېسىپ ئايرىۋېتىمىز، بەزىدە بىرەر غېرىچ ئۈزۈلۈپ ئايرىم چىقىرىۋېلىندىغان چاغلارمۇ بولىدۇ، بۇ پەقەت تەجرىبىسىزلىكتىن، شۇ بىر غېرىچنىڭ ئىچىدىمۇ ئاقىدىغان ياكى دومىلايدىغان ئۇغوت بار. شۇنداق قىلىپ، سول قول بىلەن قىسىۋېلىپ، ئوڭ قول بىلەن غۇلاچلاپ تارتىپ، ئۈچەينى سېرىپ تارتىمىز، بۇمۇ ئاسان. لېكىن، تېز بولۇش كېرەك، بولمىسا، ماي قېتىپ قېلىپ، ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان ئىشلار بولىدۇ. سىز نورمال تارتىۋاتقان بولسىڭىز، شۇنداق غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ ئاچچىق ئۈچەي تويۇقسىزلا ئاخىرى ئۈزۈلۈپ، يا نەدىن ئۈزۈلگىنىنى تۇيمايلا قالىسىز، يا بىر جايدىن ئۇغوت ئاققاننى كۆرمەيسىز، ئاجايىپ ئىش بولدى- دە بۇ..

15. قالغان ئۈچەيلىرىنىمۇ تارتىپ بولۇپ. ئاخىرى ئاشقازاننى ئۇمۇرتقىغا ئېسىلىپ تۇرغان پەيلەردىن شارت-تىدە كېسىپ، قوينىڭ سويۇۋېلىنغان تېرىسىدەك داستىخانچە سېلىقلىق تېرە ئۈستىگە تاشلايسىز، ياكى چوڭ تەلەڭگىگە سالسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز.

16. بىرەرى ئەتىراپىڭىزدا «بۆرەك! بۆرەك!» دىممەيۋاتامدا؟!

17. بۆرەكنى، جىگەرنى كېسىپ، ئاپىڭىز ياكى ئايالىڭىزغا ئاچىقتۇرغان لېگەن، تەلەڭگىلەرگە تاشلاشقا باشلايسىز، قوينى پارچىلاش ئەمدى راھەت ھالەتكە ئۆتىدۇ!

18. دىئافراگما پەردىسىنى چەتتىن باشلاپ، قورقماي كېسىڭ، ئىچىدىكى ئۆپكىگە دىققەت قىلىڭ، پىچاق تىگىپلا كەتسىمۇ بولمايدۇ! دىئافراگمىنى كېسىپ بولدىڭىز، ئۆپكىنى چىقىرىشتا بىرەر ساقلانغان مەسىلە بارمۇ قانداق؟ ساقلانغان مەسىلە بار بولسا سىياسىي ئۆگىنىش قىلىمىزمۇ، ياكى بويۇنغا ئېڭىشىپ، ئۆپكە كانىيى، قىزىلئۆڭگەچنى بۇيۇن ئىچىدىن كېسىپ ئازات قىلىۋتىمىزمۇ؟ ھە راست!!! مەن مۇشۇ قېتىم قىزىل ئۆڭگەچنى بۇيۇن ئىچىدىن بالدۇرئازات قىلىۋەتمىگەچكە، ئاشقازاننى چۈشۈرۈۋاتقاندا، ئۈزۈلۈپ كەتكەن قىزىل ئۆڭگەچ «خوش ئەمسە دوستۇم باپپىنا!..» دەپ بويۇن بىلەن بىللە قالدى.

شۇنداق قىلىپ، يەنە شۇ ئۇمۇرتقىغا چاپلىشىپ تۇرغان جايىدىن، پەيلەرنى كېسىپ بولساق، ئۆپكە بىلەن يۈرەكنى كۆكرەك قەپىزىدىن ساق چىقىرىۋالىمىز، بۇ ئىككىسىنى جايىغا تاشلاپ، يۈرەكنى ماي ئىچىدىن سۇغۇرۇپ، ئۇچلۇق تەرىپىنى ئىككى قېرىنچە قىسىمىغا تەڭ كېلىدىغان قىلىپ، يۈرەكنىمۇ ئايرىم «بۇغۇزلايمىز»، دەل مۇشۇ چاغدا تۈزلا كېسەمدۇ، قوشۇش بەلگىسىدە كېسەمدۇ، ئۇنتۇپ قالدىم، گۆشىنىمۇ يەپ بولدۇق يۈرەكنىڭ.. سەۋەبى، يۈرەكنىڭ قېرىنچە، دالانچىسى ئارىسىدا قان قالماسلىقى ئۈچۈن.

19. ئارقىڭىزغا بۇرۇلۇپ، قوينىڭ رامكىسىنى جايلاشقا ئاتلىنىڭ، تەلەڭگە، لېگەنلەر يېتەرلىك ۋە چوڭ بولسۇن.

20. ئىشنى خەنجەر سۆڭەكنىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىشتىن باشلاپ، كۆكرەك قەپىزىنى خۇددى چاپاننىڭ ئالدى سېيرىتمىسىنى ئىچىۋەتكەندەك ئېچىۋېتىسىز.

21. قۇۋۇرغا سۆڭىكىنى، ئۇمۇرتقا سۆڭىكىدىن ئايرىۋالىسىز، قانچە تۈۋىدىن بولسا شۇنچە ياخشى، مۇۋاپىق. بۇ چاغدا، پىچاققىلا تاينىۋالماي، قىڭغىراق بىلەن چاناپ تۇرۇپ، قۇۋۇرغىلارنى چەتكە تارتىپ تۇرۇپ پارچىلاڭ. قىڭغىراقنىڭ ھەيۋىسىنى شۇ چاغدا بىلىپ قالىسىز.

22. قوينىڭ تۆت پۇتى قالدى. پەستىكى ئىككى ئالدى پۇتىنى، خۇددى دۈمبىمىزدىكىدەك، گۈرجەك بولىدۇ، شۇ گۈرجەكنى قولتۇقتىن، مۇۋاپىق جايىغا پىچاق سېلىپ، ئۇيۇندەكلا ئايرىۋالىمىز.

23. قوينىڭ بوينىنى بىر پارچە، بېلىنى بىر پارچە قىلىپ، ئۇمۇرتقىسىنى ئۈزىمىز، سەل تۇرۇپ خانىملار ياكى ئەپەندىلەر ئاشتاختا ئۈستىدە پارچىلاشقا ئاسانراق بولسۇن.

24. قوينىڭ كەينى ئىككى پۇتى قالدى، بەكلا يىنىكلەپ كەتتى ھازىر. سىكىلەكتىن كۆتىرىپ، بىر پۇتنى چىقىرىۋېلىپ، بىر پۇتتىلا ئېسىپ قويىمىز، داس سۆڭەكنىڭ ئالدىغا بىر، كەينىگە بىر قىڭغىراق قويسىڭىز، بىر پۇت قولىڭىزغا چىقىپ قالىدۇ. ئەسلى بۇ جايلىرىمىز بەك بوشكەندە بىزنىڭ.. ئىككىلا ئارقا پۇتنى تەلەڭگىگە تاشلاپ تاماملايسىز.

خاتىمە: مايلار ئارىسىدا، دادۇردەك- دادۇردەك بۈدۈرچاق گۆشلەر بولىدۇ، بۇلار بەز، دەپ ئاتىلىدۇ، ئايرىم كېسىپ تاشلىنىدۇ، مۈشۈككە ئىنئام قىلىنسا بەك ياخشى! ئىسسىق سۇ تەييارلىنىپ تۇرۇلىدۇ، ھەر ۋاقىت قول يۇيىدىغان ئەھۋال بولۇپ تۇرىدۇ. باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن ئوغۇل بولسا، قوينىڭ كاللا- پاچاقلىرىنى ئۈكلىتىڭ، شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى بولسىمۇ بولىدۇ. ئۆپكە- ھېسىپ بىلەن بىر كۈندە يىسە... ھەي... مەن تويمىدىم!
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+20(تۇز) مۇنبەرئۈچۈن ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-12-11 22:54 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەزىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    مېھرىم

    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1676
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 629
    شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 6370 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 643 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بۇ ھېيىتتا، قوينىڭ قۇيرۇق تېرىسىنى شىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇ قويلارنى بۇغۇزلاشتىن بۇرۇن بىر مونچىغا چۈشۈرۈۋەتسە نىمىدىگەن ياخشى! دەپ ئويلاپ قالدىم.


    بۇ گەپلىرىڭىز نىمانداق قىززىق؟
    udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-12 00:03 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 36
    يازما سانى : 2774
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 810(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ناھايىتىمۇ  ياخشى  ، بارلىق  ئەركەكلىرىمىز  بىلىۋېلىشى  زۆرۈر  بولغان  تېمىكەن ،  سىزگە  كۆپ  رەھمەت  !    
    مەن  توخۇنىمۇ  بوغۇزلىيالمايمەن  .  
    بىرەر  تىرىك  توخۇنى  ئېلىپ  قالسام  قۇشخانىغا  ئاپىرىپ  مەخسۇس  قاسساپلارغا  بوغۇزلىتىمەن .
    http://bilimzar.com
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-12 00:11 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    mastana
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 908
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    شۆھرىتى: 265 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 349 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 35 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئىسىمدە قىلىشچە بۇۋام قۇي ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن بىر مۇنچە ئايەتلەرنى ئۇقۇپ ئاندىن ئۆلتۈرگەندەك قىلغان .
    قايسى ئايەتلەرنى ئۇقۇيمىز تەپسىلى توختالغان بولسىڭىز ، بۇ قۇللانما تېخىمۇ مۇكەممەل چىققان بولاركەنتۇق!  
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-12 00:11 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( mastana ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    Ali_Telak

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 494
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1314
    شۆھرىتى: 13325 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 22428 دوللار
    تۆھپە: 16 ھەسسە
    ياخشى باھا: 1348 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 267(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مەن ھازىر دەرىستە ھىلى بىكار بولغاندا ئوقۇلىدىغان  دۇانى دەپ بىرەي ئاللاھ خالىسا.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-12 11:00 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    Ali_Telak

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 494
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1314
    شۆھرىتى: 13325 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 22428 دوللار
    تۆھپە: 16 ھەسسە
    ياخشى باھا: 1348 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 267(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    «مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زىمىنى ياراتقۇچىغا قاراتتىم مەن ئاللاھغا شىرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەسمەن نامىزىم، ئىبادىتىم، ھاياتىم، ۋە ماماتىم ، ئالەملەرنىڭ تەڭدىشى ۋەئوخشىشى مەۋجۇت بولمىغان رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. مەن تۇنجى تەسلىم بولغۇچىلاردىنمەن. يا رەببى! بۇ قۇربانلىق سىنىڭدۇر، سىنىڭ ئۈچۈندۇر، ئەي رەببىم! مۇھەممەد ۋە ئۈممىتىڭدىن بۇنى قوبۇل قىلغىن»

    مۇشۇ دۇانى ئوقۇسا بۇلىدۇ،
    توخۇ سويۇشنى مەن ئايرىم  تىما قىلىپ يولاپ قۇياي ئاللاھ ىالىسا.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-12 11:52 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    تۇز
    مۇنبەر نازارەتچىسى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 641
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 344(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    رەھمەت تىمىڭىز غا ،بەك ياخشى يوللاپسىز باشقىلار ھازىرغا قەدەر بىلمەيدۇ ،قائىدىلىرىنى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-12 18:57 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    يۈسۈپجان
    ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1174
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1403
    شۆھرىتى: 59510 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 59948 دوللار
    تۆھپە: 138 ھەسسە
    ياخشى باھا: 822 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 336(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-28
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ناھايتى ئەتىراپلىق تەپسلى يوللۇنۇپتۇ .مەنمۇ سويالمايتىىم
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-12 20:35 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    nuzugum

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 2134
    شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
    تۆھپە: 123 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2485 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    پايدىلىق تىما ئىكەن رەھمەت سىزگە.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-13 03:29 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    سەۋسەبىن
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 1059
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 380
    شۆھرىتى: 3945 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 4930 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 392 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بەك تەپسىلىي يېزىلىپتۇ .   رەھمەت  !   قوينىڭ  گىلىغا پىچاقنى ئەكېلىپ ،  ' ئاللاھۇ ئەكبەر  '   دەپ
    تېخى قوينى بوغۇزلاشنى باشلىماستىنلا  ،  كۆڭلى ئىلىشىدىغانغانلار   ، ئوبدانراق ئوقۇپ  قايتا - قايتا ئاللاھ نېسىپ قىلسا ، كېلەر يىللىق قۇربان ھېيىتتا  ،  قوينى  قاسساپقا سويدۇرماي  ، ئۆزەڭلار  
    ئۆيۈڭلەردە  ،  ئوغۇل ئەۋلادىڭلارنى  قوينىڭ بېشىدا تۇرغۈزۈپ  ، سويۇڭلار !
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-13 22:59 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەۋسەبىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • »
    • Pages: 1/2     Go
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئــــۇيــــغــــۇرلار
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا