illikdunya.biz sohpat
سەردار
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 93
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 181
شۆھرىتى: 2080 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1589 دوللار
تۆھپە: 133 ھەسسە
ياخشى باھا: 356 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

1. دائىم يېرىم كېچىدە تاماق يېگەندە، ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ئاشقازان ئارام ئالمايدۇ.
2. بىر ھەپتىدە تۆتتىن ئارتۇق تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا سالامەتلىككە زىيانلىق.
3. توخۇنىڭ قۇيرىقىدا راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى بۇ قىسمىنى يېمەسلىك لازىم.
4. مېۋىنى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش لازىم.
5. ئاياللار ھەيز كۆرگەندە يېشىل چاي ئىچمەسلىكى، ئومۇمەن چاي تۈرىدىكىلەرنى ئىچمەي، قان تولۇقلايدىغان نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
6. پۇرچاق سۈتىنى ئىچىشتە تۇخۇم ۋە شېكەرنى قوشماسلىق، شۇنداقلا ئاز ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
7. پەمىدۇرنى ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن يېيىش كېرەك.
8. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
9. ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن بىر نەرسە يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
10. سۈتلۈك چاينى ئاز ئىچىش كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، ئۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ.
11. دۇخوپكىدىن يېڭىلا چىقىرىلغان بولكىنى دەرھال يېيىش مۇۋاپىق ئەمەس.
12. ئادەم بەدىنى زەرەتلەش قوندىقىدىن 30 سانتېمىتىردىن يىراق ئورۇندا تۇرۇشى، ئۇنى كارىۋاتقا قويۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
13. ھەر كۈنى سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك.
14. ھەر كۈنى 10 ئىستاكان سۇ ئىچكەندە، ئادەم دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولمايدۇ.
15. سۇنى كۈندۈزى كۆپ، كەچتە ئاز ئىچىش كېرەك.
16. بىر كۈندە ئىككى ئستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچمەسلىك كېرەك. بولمىسا ئۇيقۇسىزلىق، ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
17. مايلىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك، چۈنكى، ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ مايلىق نەرسىلەرنى ھەزىم قىلىشىغا بەش سائەتتىن يەتتە سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ ھەمدە مېڭىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان قان سۇيۇقلىقى ئۈچەي، ئاشقازانغا مەركەزلىشىپ، ئادەمنى ئاسان مۈگىدىتىپ قويىدۇ.
18. چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن باشلاپ، ئاساسلىق تاماقلارنى ئازراق يېيىش كېرەك، چۈنكى سائەت بەشتىن كېيىن ئادەم بەدىنى ئۇنداق جىق ئېنىرگىيىگە مۇھتاج بولمايدۇ.
19. ئىستېمال قىلغاندا ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان 10 خىل يېمەكلىك: چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى، بانان، ئۈزۈم، ئاپېلسىن، بۇغداي بولكىسى، پالەك، سامساق، كاۋا، قايماقسىز سۈت، توخۇ گۆشى، گىلاس.
20. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئادەم ئېغىرلىشىپ قالىدۇ. بىر كۈندە سەككىز سائەت ئۇخلاش كېرەك، چۈشتە ئۇخلاشنى ئادەتلەندۈرسە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
21. ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە.
22. كۈندىلىك ئىچكەن ھاراق بىر ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم، چۈنكى ئىسپىرت ئانتتېلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى B ھۈجەيرىنى تورمۇزلاپ، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
23. دورا كاپسۇلىنى سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىش كېرەك. كەچتە ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىچىش ھەمدە ئىچىپ بولۇپ دەرھال يېتىۋالماسلىق كېرەك.
24. قارىئۆرۈك قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ياشلىقنى ساقلايدۇ، چۇس مىجەز كىشىلەر كۆپرەك ئىستېمال قىلسا پايدىلىق.
25. چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى: تۈنەش، بېسىم، ھاراق _ تاماكا، مەززىلىك توخۇ قوۋۇرغىسى، ئاچچىق _ چۈچۈك قازان شورپىسى، مايلىق يېمەكلىك، تېتىتقۇ كۆپ سېلىنغان تائاملار.
26. چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كاللەكبەسەي، تۇخۇم، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ( بولۇپمۇ كەمپۈتنى ) ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
27. كۈندە بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ياكى ئاپېلسىن سۈيى ئىچكەندە تېرىنى ئاقارتىپلا قالماستىن، يەنە قارا داغلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
28. ئالمىنى كۈندە بىر تالدىن يەپ بەرگەندە ئۆپكىنى تازىلاپ تۇرغىلى بولىدۇ.
29. تاماكا چىكىپ تۇرۇپ ۋىتامىن (B كاروتىن، يەنى ۋىتامىن A نىڭ بىر تۈرى) نى يىگەندە راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بالدۇر تاماكا تاشلاش سالامەتلىككە پايدىلىق.
30. ئاياللارنىڭ چاي ئىچىشكە بولمايدىغان بەش مەزگىلى: ھەيز كۆرگەندە، ھامىلدار بولغاندا، تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا، تۇغۇشتىن كېيىن، ياش ئالمىشىش مەزگىلىدە.
31. تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ئۆپكە راكى، كالپۇك راكى، تىل راكى، كېكىرتەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، شۇنداقلا دوۋساق راكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
32. ھاراق ئىچىش جىگەر قېتىششنى پەيدا قىلىپ، جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
33. سىپارا يېگەندە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تالالىشى ۋە ئېغىز بوشلۇقى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
34. تالاسى چىقىرۋېتىلىپ، نەپىس ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ماي مىقدارى كۆپ بولىدۇ، بولۇپمۇ ماي ھالىتىدە ساقلىنىدىغان خولېسترىن ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
35. يېمەكلىك ھەددىدىن ئارتۇق يىرىك بولسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، قىزىلئۆڭگەچ راكىنى، ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
36. يېمەكلىكتىكى ئافلوتوكسېن ، نىترات كىسلاتا تۈرىدىكى ماددىلار راك پەيدا قىلىدۇ.
37. تاماكا چەكمەسلىك ھەم باشقىلار چېكىپ قويغان تاماكىنى تېخىمۇ چەكمەسلىك كېرەك.
38. ھاراقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش، ئۇزاق مەزگىلگىچە ئىچمەسلىك، مەست بولغۇچە ئىچمەسلىك كېرەك.
39. تۇزلىغان، ئىسلىغان، كاۋاپ قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.
40. كۈندە يېڭى سەي _ كۆكتات ۋە مېۋىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش كېرەك.
41. كۈندە يۇقىرى تالالىق دانلىق زىرائەتلەر ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش كېرەك.
42. كۈندە يېمەك _ ئىچمەكلەرنى تەڭشەپ ئوزۇقلىنىش، مىقدارىنى ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك.
43. نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، ھەددىدىن ئارتۇق سەمىرىپ كەتمەسلىك لازىم.
44. تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى ساقلاش زۆرۈر.
45. ئازادە، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش.
46. توغرا تاماق يېيىش ئادىتى: ئەتىگەندە قۇۋۋەتلىك يېيىش، چۈشتە تويغۇدەك يېيىش، كەچتە ئاز يېيىش.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-25 01:36 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەردار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
پارلاق
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 446 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

46-سىگە دىھقەت قىلايلى،تىمىڭىزگە رەخمەت
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 02:18 | 新疆哈密地区

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( پارلاق ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 69
يازما سانى : 1770
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1208(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن تېخى ناشتا قىلماي تورغا چىكىپتىمەن ئەمەسمۇ      
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-25 11:21 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئۆزھال0908
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 232 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇستام سالامەتلىكىڭىزغا دىققەت قىلىڭ .مەن ئەمدى ئۈگۈنىۋاتىمەن .
udum
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-30 14:37 | 新疆

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۆزھال0908 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلاملىق بىلىملىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا