ئاساسى ماتىريالى :كۆك كەپتەر 10دانە،پۇرچاق ئۈگۈرسى بىرباغلام ،توخۇ تۇخۇمى 2دانە،
بۈدۈنە تۇخۇمى 12دانە، كىراخمال ،ياغ
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز ،ئاقمۇچ ،زەنجىۋىل ،زىرە (بىرىكمە تېتىتقۇ)
تەييارلاش ئۇسۇلى:كۆك كەپتەرنى پاكىز ئادالاپ يۇيۇپ قازانغا سىېلىپ 1سائەت ئەتىراپىدا قاينىتىمىز
يۇقىرى بېسىملىق قازاندا 12 مىنۇت ئەتىراپىدا قايناتساق بۇلىدۇ (كەپتەرنى سالغاندا تۇز ئاقمۇچ
زەنجىۋىلدىن ئازراق سېلۋېتىڭ)
كەپتەر %80 پىشقاندا سوزىۋېلىپ كىراخمالدىن بىر سىقىم ،تۇزدىن بىر بال قوشۇق ،ئاقمۇچتىن
يېرىم بال قوشۇق سېلىپ ئىككى دانە تۇخۇمنى چېقىپ ئارلاشتۇرۇپ مەلھەمنى كەپتەرنىڭ سىرىتقى
يۇزىگە تەكشى سۇركەيمىز .قازانغا 3كىلوگىرام ئەتىراپىدا ياغ قويۇپ ياغ قىزىغاندا قورۇق پۇرچاق
ئوگرىسىنى مايغا سېلىپ ئاستىغا چويلا سېلىپ تۇرۇپ ئۇستىگە چۇمۇچنىڭ دۇم تەرىپى بىلەن بېسىپ
بىر كەپتەرنىڭ ئۇۋىسى شەكلىگە كەلتۇرۋالىمىز
ئاندىن كىيىن قىزىق مايغا كەپتەرنى بىر بىرلەپ سېلىپ چۇرۇك ھالەتتە پىشقىچە سارغايتىپ
سوزىۋالىمىز .ئۇستىگە ئازراق بىرىكمە تېتىتقۇ سىپىپ ئاندىن ئۇۋىنى تەخسىنىڭ ئوتتۇرسىغا
قۇيۇپ چورىسىگە كەپتەرنى رەسىمدە كورسىتىلگەندەك شەكىلدەرەتلىپ تىزىپ مېھمانلارنىڭ
ئالدىغا ئېلىپ چىقسڭىز بۇلىدۇ .
بۇ قورىما رىستۇرانىمىزنىڭ ئالاھىدە قورىمىلىرىنىڭ بىر تۇرى بۇلۇپ خانتەڭرى رىستۇرانىىدا تەييارلاندى
ھەم كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن يولاندى رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشقا نەشىرياتتا
ئېلان قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ ،ئەمگىكىلىمىزنى ھورمەت قىلىڭ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!