گازىر چاققاندا ۋىتامىن E نى تۇلۇقلىغىلى بۇلىدۇ
[attachment=2965]
نۇرغۇن كىشى تاماقتىن كېيىن ئازراق گازىر چېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەمما سىز گازىرنىڭ تېرىنى ئاسراش ئۈنۈمى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ يېقىندا ئامېرىكا MSN تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە : گازىر تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن E تېرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ، دەپ كۆرستىلدى .
ۋىتامىن E ئوكسىدلىنىشقا قارشى رىئاكتىپ بولۇپ ، تېرە ئاسىراش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى. شۇڭا ۋىتامىن E تېرە ئاسىراش مايلىرىنىڭ خۇرۇچى قىلىنىدۇ. كۈندە بىر چاڭگال گازىر چېقىپ بەرگەندە، بەدەننىڭ ۋىتامىن E غا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ٪90 ىنى قامدىغىلى بولىدۇ.
ئامېرىكا مارىلاند ئىشتاتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئەگەر يېمەك – ئىچمەكتە ۋىتامىن E مول بولسا، ھەرخىل كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. گازىر چاققاندا، ئەڭ ياخشىسى تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان مېۋە بىلەن كۆكتاتلارنىمۇ قوشۇپ يېيىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا تېرىنى ئاسراش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە تەڭ يەتكىلى بولىدۇ.مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
تەستىقلغۇچىدىن تولۇقلىما : تاماقتىن كىيىن مەلۇم مىقداردا گازىر چاقسا ، تاماقنىڭ تېز ھەزىم بولۇشىغىمۇ پايدىسى بار . سەۋەبى : گازىر چاققاندا گازىرىنى چىشلىگەندە چىققان شۆلگەي كىسلاتتاسى ئاشقازانغا كىرىپ يىمەكلىكلەرنى كىسلاتتالاپ ئېرىتىپ . يىمەكلىكلەر تېز ھەزىم بولىدۇ .[ بۇ يازمادەرتمەنتەرپىدىن2011-02-10 23:16دە قايتا تە ]