مەدەنيەتنى تاشىلىمايلى
ئېسىۋالساق تېلفۇننى كۆنۈپ كەتتۇق <ۋەي!>لىشىپ،
ئەسسالامنى ئۇنۇتۇپ، تىل ئۇزارتتۇق <ھەي!>لىشىپ.
كۆكتات دىگەن كىم قالدى، تۇرسا كۈرمىڭ <سەي>لىشىپ
ئېغىر كەلسە خۇرۇممۇ، كىيۋالغاندەك <خەي>لىشىپ
تېرىپ تۇرۇپ چىمەننى، كەتتۇق ئەجەپ چەيلىشىپ
ئەتلەس قالدى پۇرلىشىپ، چۆرۈلگەچكە باداممۇ
بەك يارىشار كاستىيۇم...دەيدۇ دائىم داداممۇ،
نەۋرە ئۇندىن بىھاجەت، نىيۇزەيكۇ دەپ بالاممۇ
يىغلاپ كەتتى بەدەنلەر..ئالالماستىن ئاراممۇ..
كېكىرتەككە يۆتكەلدى..چىقالماستىن سالاممۇ.
لەغمەن ئېتىش تەس كەلسە، تەييار چۆپنى ئىزدىدۇق.
ئايرىماستىن شۈبھىنى ..يەۋېرەيلى تېز!- دىدۇق،
تېخى ئۇرۇپ مەيدىگە <مۇسۇلمانغۇ بىز!> دىدۇق،
نەپ چىقمىسا سەنلىشىپ، پايدا كۆرسەك <سىز...>دىدۇق،
خوتۇن تۇرسا بېقىندا...<بارمۇ يەنە قىز؟> دىدۇق
خوراپات دەپ ..يالاڭباش قالدى ئوچۇق بېشىمىز،
باشتىن ئېشىپ كېسىلدى..تېخى كىرپىك، قېشىمىز
رەڭ بېرىلدى ئون رەڭدە..قۇندۇز كەبى چېچىمىز
ياۋرۇپاغا يۈزلەندى .. ئۆيدە ئەتكەن ئېشمىز..
تاماكىنى تۈگەتسەك كەلدى يۈگرەپ نېشىمىز
مۇقام ،مەشرەپ ئۇنتۇلدى...<دى جى> لارنىڭ ئالدىدا،
ساغرا تولغاپ ئەۋرىشىم...لاپ-لۇپ چىراق دالدىدا،
پىگورىسى <ياخشى !>دەپ..مېھمان قىلدۇق خانىدا،
تۆكىۋەتتۇق ھايانى.. ئەخلەت قىلىپ خالتىدا...
دىيانەتنى ئىككىگە پارچىلۋەتتۇق پالتىدا.
كۆرۈشمەيمىز خۇش كەبى كىيىنمىسە لايىقى،
يۈگۈرەيمىز دىڭىلداپ..بولسا كىمنىڭ ۋارىقى،
مەنسەپ دىسەك گۆھەرغۇ،بىزگە ژۇندا يالىقى،
ئېسىلدىغۇ تۆرىگە ھەتتا چىۋىن پالىقى،
توپا بېسىپ قالدىغۇ، ئەجداتلارنىڭ تارىخى..
يىغلاپ قالدى ئەنئەنە..تاپساق ياخشى بولاتتى،
ئەجدات تۇتقان كەتمەننى چاپساق ياخشى بولاتتى،
توۋا قىلىپ گۇناھنى...ياپساق ياخشى بولاتتى،
<جىياڭ يوۋ>دىن يەنىلا سامساق ياخشى بولاتتى،
قىزىللىقنى ئېڭەككە تاڭساق ياخشى بولاتتى....
مەنبە :كۆكتۇرۇك بىلوگى