ئۆتكەندە خۇپى لازى چاۋ چىېيىزى نى قانداق قۇرۇش توغرېسىدا غۇلغۇلا بولغانىدى .لېكىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ چىقمىغانىدى .مەن تۈنۈگۈن خوڭفۇ مېھمانسارىيىدا بۇ سەينىڭ قۇرۇلۇش تەرتىپىنى ئىگەللەپ چىقتىم شۇڭا دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى :
ئاساسى ماتىرىياللار:ئۇزۇنچاق چىېيىزى ،كۆك لازا ،
دورا دەرمانلار : ئۈسۈملۈك مېيى ،سامساق ،لاۋگەنما،لازا يېغى ،تۇز ،تېتىتقۇ ،تۇخۇ تەم جەۋھىرى،بىلىق مېيى ،دوڭگۇ جىياڭيۇ،لاۋچوۋ،ئاچچىقسۇ ،شىكەر ،ھۆل كىراخمال .
ھۈنەر مەشغۇلات تەرتىپى: لازىنى ،ھەم چىېيزىنى ماس ھالدا شام توملىقىدا توغرايمىز ،سامساقنى ئۇششاق چانايمىز ،
قازانغا ماي قۇيۇپ بەشىنچى دەرىقىگىچە قىزدۇرۇپ چىېيزىنى سالىمىز ،قىزارغاندا لازىنى سېلىپ لازا تېرىسىدە كۈپۈكچە چىققاندا سۈزۈۋالىمىز ،ئاز ماي قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۇشاق چانالغان سامساق ،لاۋگەنما سېلىپ ئوتتۇراھال ئوتتا قورۇيمىز ،ئۇنىڭغا لازا يېغى قۇيىمىز ،سۇ قۇيۇپ ئۇنىڭغا تۇز ،تېتىتقۇ ،تۇخۇ تەم جەۋھىرى ،كىچىككىنە لاۋچوۋ،خەيشىيەن جىاڭيۇ ،بىلىق مېيى قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەيمىز ،تەييارلىۋالغان چىېيزى بىلەن لازىنى سېلىپ شىكەر ،ئاچچىقسۇ قۇيۇپھۆل كىراخمال تېمىتىپ قۇيۇقلاشقاندا ئالساق بۇلىدۇ .
