hantagri illikdunya.biz sohpat
archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 684
شۆھرىتى: 7195 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8285 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 737 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================


                                            ئېتىۋارسىز قارىلىۋاتقان جىگدە                                            
                                                               گۈلنار ئابلىمىت (ئارچا)

جىگدە _ باشقا مىۋىلەرگە ئوخشاش چېچەكلەش، مىۋە   بېرىش، پىشىش باسقۇچلىرىنى باشتىن كۆچۈرىدىغان، ئېگىز ئۆسىدىغان، مىۋىسى ۋە يوپۇرمىقى ئۇششاق،  ئۇسسۇزلۇققا چىدامچان، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشى كۈچلۈك، تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل مىۋە بولۇپ، باشقا مىۋىگە قارىغاندا كېيىن چېچەكلەپ، كېيىن پىشىدۇ (5- ئايدا چېچەكلەپ، 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا پىشىدۇ). يازنىڭ كۈن نۇرىدا ئۇزاق تۇرغانلىقتىن بەدەندىكى نەملىكنى تارتىش،  قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختۇتۇش، ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دورا بولالايدۇ.
شېخىدا پىشقان جىگدىنىڭ رەڭگى توق ئالتۇن سېرىق رەڭدە بولۇپ، تەمى تاتلىق، ئىچى يۇمشاق، شۇ پېتى يىيىشكىمۇ، قوقاسقا كۆمۈپ يىيىشكىمۇ، كۇن نۇرىدا قۇرۇتۇپ قۇرۇق ھەلەتتىمۇ يىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار قۇرۇتۇلغان جىگدىنى ھېيتلىق داستىخانلىرى، توي - تۆكۈن، ھەر خىل مېھماندارچىلىق داستىخانلىرىغا گېزەك ئورنىدا ئەتىۋارلاپ تىزىدۇ.
جىگدە _ نان جىگدە، قاپاق جىگدە، قاغا جىگدىسى دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. نان جىگدىدىن باشقىسى يىغىۋېلىنمايدۇ. قۇرغاق رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تېرىلغۇ يەرلىرىنى ۋە باغ - ۋارانلىرىنى قۇم - بوراندىن قوغداش شۇنداقلا تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاشنى مەقسەد قىلىپ، ئەتراپنى چۆرىدەپ جىگدە دەرىخى قويىدۇ.
جىگدە دەرىخىنىڭ غولى داۋاملىق يېرىلىپ، سىرتقى پوستى ئۆزلۈكسىز سويۇلۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، غول پوستىنى قاينىتىپ باش يۇيۇپ بەرسە باش ئاغرىش، چاچ چۈشۈش، چاچ كېپەكلىشىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ، ھەمدە قول - پۇتلارنى يۇيۇپ بەرسە ھەر خىل بوغۇم ئاغرىقلىرىغا شىپاھ بولىدۇ.
غولىدىن ئاققان يىلىمى چاچنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقى بولۇپ، يىلىمنى كولاپ ئېلىپ قۇرۇتۇپ قويۇپ چاچ دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ ( يىلىمنى يۇمشاق سوقۇپ سوغۇق سۇ قۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ، يېرىم كۈن ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ، نەم چاچقا سۈركەپ، ياز پەسلىدە بىر كۈن، قىش پەسلىدە ئۈچ كۈن تۇرغۇزۇپ يۇيىۋەتسە چاچ يىلتىزىنى قۈۋەتلەپ، چاچنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇرىدۇ، ھەم يەنە چاچ شالاڭشىپ كېتىش، بالدۇر ئاق كىرىش، چاچ كېپەكلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ تىز ئۆسۈشىگىمۇ ياردەم بېرىدۇ.
جىگدە يوپۇرمىقى كۈمۈشرەڭ پارقىراق بولۇپ چارۋا - ماللارغا يىگۈزسە ئاسان سەمىرىتىدۇ. چاتىۋەتكەن شاخلىرىنى قالاپ نان ياقسا جىگدە ئوتۇنىنىڭ چوغىدا پىشقان ناننىڭ تەمى ئالاھىدە تاتلىق، ئۆزگىچە تەملىك بولىدۇ. جىگدىنى چىلاپ شىرنىسىنى چىقىرىپ يېڭى قومۇرغان ناننىڭ يۈزىگە سۈركىسە ناننىڭ رەڭگى كۆركەم پارقىراق بولىدۇ.  ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ناننىڭ خېمىرىغا جىگدە شىرنىسى ئارلاشتۇرۇپ نان يېقىپ «شىرمان نان»نى ئىجاد قىلىپ نان مەدىنىيىتىمىزگە شۇنداقلا دۇنيا تائام مەدىنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

2008. 4. 6
تېما تەستىقلىغۇچى : ناۋات
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2010-11-23, 15:11

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( archa )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-11-23 17:47 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2052
شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2180 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تىمىڭىزغا كوپ رەھمەت مەنغۇ بەكلا ئامراق جىگدىگە!
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-23 23:14 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سەۋسەبىن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1059
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 376
شۆھرىتى: 3905 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4830 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 388 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تېمىڭىزغا رەھمەت !   مەن شرمان نانغا ئامراق .  ھەر يېلى يازلىق تەتىلدە ، يېزىغا  بارغاندا ،   پەيزاۋاتنىڭ يەكشەمبە  بازىرىغا ئۈلگۈرۈپ  باراتتىم  ،  -  دە  ،   ناھىيە بازىرىغار چۇشۇپلا  ،  كىچىك  ئاپامنىڭ قىزى بىلەن بىللە  ،    شىرمان نان ئېلىپ يەيتۇق  ،  تېخى كەچتە  ، ئۆيدىكىلەرگىمۇ جىققىدە ئېلىۋىلىپ كېتەتتۇق .  ھەي شۇ چاغلار ......    بىراق  ،  مېنىڭ  جىگدىدىن  4  - 5  تال يە - يىمەيلا  ،  ئۇسساپ كېتىدىغان ئادىتىم بار .    ئاغزىمدا  نەم  قالمايدۇ  ،  شۇنىڭ بىلەن ،  ئەتىراپىمدىن  سۇ ئىزدەشكە  باشلايمەن  .  
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-24 07:17 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەۋسەبىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
مەمەتچان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1130
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 148
شۆھرىتى: 1550 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1570 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 175 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەنمۇ كىچىكىمدىن جگدىگە ئامراق ئىدىم
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-24 13:38 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتچان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سۈبىھى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1080
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 150
شۆھرىتى: 1545 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1780 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 165 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تىمىڭىزغا رەھمەت ،پايدىلىق تەرەپلىرىنى بەكمۇ تەپسىلى يوللاپسىز................
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-24 16:34 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سۈبىھى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 2373
شۆھرىتى: 24515 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 35880 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2512 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 856(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كىچىكىمىزدە  يۇرۇتلاردا  بۇلدىغان  
نەچچە يىل بۇلۇپ كىتىپتۇ يەپ باقمىغىلى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-24 16:57 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مېھرىم

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1676
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 629
شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6370 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 643 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

جىگدىنىڭ يەنە كۆزگىمۇ پايدىسى باركەن.ئاپام دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە جىگدىنى ئېزىپ ئۇندەك قىلىپ ئوماچ ئېتىپ ئىچكەن.كۆزى راستىنلا ياخشىلاندى.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-24 21:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 2373
شۆھرىتى: 24515 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 35880 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2512 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 856(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كۆزگىمۇ پايدىسى بارمىكەن  ئۇنداق بۇلسا ئاپام  جىق يەپ بەرسە بۇلغىدەك
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-24 21:45 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

yultuz
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 7 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

جىگدىنىڭ يەنە ئىچ سۈرگىنى توختىتىش رۇلىمۇ بار.مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ئىچى سۈرۈپ قالغانلارغا مەنپەت قىلىدۇ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-25 15:46 | 新疆喀什地区

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( yultuz ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 684
شۆھرىتى: 7195 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8285 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 737 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

جىگدىنى شۇڭا نەملىكنى تارتىدۇ دەيمىز ئەمەسمۇ؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-12-21 11:22 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تورداشلار ئىجادىي ئەسەرلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا