قوتاز سۆڭىكىدە كالتىسىي ناھايتى مول بولۇپ،بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن،قاينىتىپ شورپىسىنى ئىچىمىز،لىكىن بۇ ئادەتتە قوي گۆشى شورپىسىدىن پەرىقلىنىدىغان بولغاچقا تورداشلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.
ماتىريال:قوتازنىڭ پاچاق سۆڭىكى(باڭزا)ياكى قوۋۇرغا سۆڭىكى يېرىم كىلوگىرام،يۆل زەنجىۋىل 50 گىرام،پىياز بىر باش،پىچەكگۈل)山药(بەش گرام،سامساقگۈل (百合(بەش گرام ،داڭگۈي(当归(بەش گرام،ئالقات(枸杞子(بەش گرام،كۆپتۈرۈلگەن نۇقۇت مۇۋاپىق مىقتاردا.
قازانغا سۆڭەك چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ سۆڭەكنى سېلىپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىمىز،قازان قاينىغان ھامان ئوتنى پەسلىتىپ ،كۆپۈكنى ئېلىۋالىمىز ،كۆپۈك تۈگىگەندە دوراـ دەرمانلارنى،تۇزنى سېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىمىز،سۇيى ئازلاپ قالسا قايناقسۇنى قۇيۇپ تۇرۇپ 2-3 سائەتلەر قاينىتىمىز،شۇنىڭ بىلەن قوتاز شورپىسى تەييار بولىدۇ،ئۇزاق قايناتقاندا تەركىبىدىكى كالتىسىيدىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ.شارائىت بولسا قۇم قازاندا قايناتساق جوڭيى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.(بۇ دورىلار بەيساۋتاڭ دىگەندەك چوڭ دورىخانلاردىن سېتىۋالساق بولىدۇ.رولى:بۆرەك ھارارىتىنى ئاشۇرىدۇ)