hantagri daris sohpat
مۇتەللېپ
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 774
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 141
شۆھرىتى: 1595 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1910 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 265 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-12-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

چىراغ ئۆچۈرۈش
 
  كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ مەكتەپ دەرۋازىسىغا كەلگەن ئوقۇتقۇچى سىنىپنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمىگەنلىكى ئىسىگە كېلىپتۇ -دە ، بۇ ئىشنى چەت يېزىدىن يېڭىلا كەلگەن دەرۋازىۋەنگە تاپىلاپ ئالدىراپ ئۆيىگە قايتىپتۇ . ئەتىسى ئىشقا كېلىپ سىنىپنىڭ چىرىغىنىڭ يەنىلا يورۇق تۇرغانلىقىنى بايقاپ دەرۋازىۋەندىن سوراپتۇ :
 ‏- ئاخشام سىنىپنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمىگەنمىدىڭ ؟
 ‏- ئۆچۈرگەن ، چىراغ يېنىپ قالمىسۇن دەپ تېخى ئىككى قېتىم ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدىم .

نامراتچىلىق
 گۈزەل سەنئەت مۇزىيىدا رەسىم كۆرگەزمىسى كۆرۈۋاتقان بىر ئايال جۇلدۇر - كېپەن بىر سەرگەرداننىڭ ئوبرازى سىزىلغان ماي بۇياق رەسىمنىڭ ئالدىدا تازا سەپسېلىپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئەتراپىدىكىلەرگە دەپتۇ :
 ‏- نامراتچىلىقتا ئۇچىسىغا تۈزۈكرەك بىرەر قۇر كىيىم ئېلىشقىمۇ قۇربى يەتمىگەن ئادەمنىڭ باشقىلارغا رەسىمىنى سىزدۇرۇشقا نېمە قويۇپتۇ ئەمدى  

   چۈش كۆرۈش
 
  ئا : ئايالىم تۈنۈگۈن كەچتە كاتتا بىر باي بىلەن توي قىلىپ چۈشەپ قېلىپتۇ .
 ب : ئۇنداقتا ھەر ھالدا تەلىيىڭىز بار ئىكەن ، مېنىڭ ئايالىم كۈندۈزدىمۇ مۇشۇنداق چۈشلەرنى كۆرىدۇ .
 
  كەسىپ ئەھلى
 
  گۈزەل سەنئەت موزىيىدا رەسىم كۆرگەزمىسى كۆرۈۋاتقان ئىككەيلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ .
 ئا : قاراڭە ، بۇ شاپاقنىڭ كۆرۈنۈشى ئىكەن .
 بۇ ئەتىگەنلىك شەپەقمىدۇ ياكى كەچكى شەپەقمىدۇ ؟
 ب : بۇ چوقۇم كەچكى شەپەق .
 ئا : بۇنى قانداق جەزىملەشتۈردىڭىز ؟
 ب : مەن بۇ رەسسامنى تونۇيمەن ،ئۇ ھەرگىزمۇ ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن بۇرۇن تۇرمايدۇ .

  يۇقىرى ئورۇن 
   يوھان دوستىغا ماختىنىپتۇ :
  ‏- مېنىڭ ئاستىمدا نەچچە مىڭ خىزمەتچى ئىشلەيدۇ .
 ‏- ئۇنداقتا ئەمىلىڭىز كاتتا ئوخشىمامدۇ ؟
 ‏- ئەمىلىمغۇ تايىنلىق ، بىراق ئىشخانەم 29- قەۋەتتە .

    پاكىز ئورۇن
  تېخى يېڭىدىن يولغا چىققان كوچا ئاپتۇبۇسىدا يولۇچى بىلەن شوپۇر پاراڭلىشىپ قاپتۇ :
 يولۇچى : ئۇستام بۇ ئورۇندۇقلار نېمىدىگەن مەينەت ؟
 شوپۇر : كەچۈرۈڭ ، بۇ بۈگۈن تۇنجى قېتىم يولغا چىققان ئاپتۇبۇس ، ئاخىرقى بېكەتكە بېرىپ بولغىچە ئورۇندۇقلار پاك - پاكىز بولۇپ كېتىدۇ .

  ئانا بىلەن قىز
  ئانا قىزىدىن قەۋەتلا رەنجىپ دوستىغا كايىپ كېتىپتۇ :
 ‏- قارىمامسىز بۇ كەمنىڭ قىزلىرىنى ، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرىپ يىگىت تېپىۋاپتۇ ، تېخىمۇ ئەلەم قىلغىنى ، مەندەك بېقىپ چوڭ قىلغان ئاپىسىنىڭ 32 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالغىنىنى دېمەمسىز ئۇ جۇۋاينىمەكنىڭ  

   ئۇنىۋېرسال دورا
   پىراكتىكانت يېتەكچى دورىگەردىن سوراپتۇ :
  ‏- ئۈستەل يېنىدىكى كىچىك قاپتىن ئالغىنىڭىز قانداق دورا ؟
 دورىگەر : دوختۇرلار يازغان رېتىسىپتىكى دورىنىڭ نامىنى ئوقۇيالمىغان ۋاقىتتا بىمارلارغا مۇشۇ قاپتىكى دورىنى بىرېۋىرىمەن ، بۇ ئۇنىۋېرسال دورا ، پايدىمۇ قىلمايدۇ ، زىيانمۇ قىلمايدۇ .

  تونۇش پۇراق 

  كۈن بويى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بەكلا چارچاپ كەتكەن ئايال ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر رومكا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ، كىچىك قىزىنى پەپىلەپ كارىۋاتقا چىقىپتۇ ، قىز ئاپىسىنى پۇراپلا ھەيران بولۇپ دەپتۇ :
 ‏- ئاپا ، بۈگۈن ئەجەپ دادامنىڭ ئەتىرىنى ئىشلىتىۋاپسىز  
   ئەسەر
   ئايالى : توي قىلغىنىمىزغا يېرىم يىل بولۇپ قالدى ، ئەجەپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغىنىڭىزنى كۆرمەيمەنغۇ ؟
  ئېرى : مەندە نەدىمۇ ئۇنداق تالانت بولسۇن .
  ئايالى : توي قىلىشتىن ئىلگىرى " لايىق ئىزدەش ئېلانى " غا ، ئۆلكە دەرىجىلىك گېزىتتە ئەسەر ئېلان قىلغان دەپتىكەنسىزغۇ  
  ئېرى : ھە ، ئاشۇ " لايىق ئىزدەش ئېلانى " نى ئۆلكە دەرىجىلىك كەچلىك گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ئەمەسمۇ .

   قىز ئوقۇغۇچى
   ئايالى : ئاڭلىسام سىز كەچلىك كۇرستا دەرس ئۆتكەندە دائىم قىز ئوقۇغۇچىلاردىنلا سوئال سورايدىكەنسىز ، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ئەمدى ؟
   ئېرى : ئۇ سىنىپىكى 50 ئوقۇغۇچىنىڭ  ئىچىدە پەقەت ئۈچلا ئوغۇل تۇرسا ، مېنى يەنە نېمە قىل دەيسىز ؟
 
    كېلىشىم
   ئايال : بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش - تالاش قىلىشماي ، بىر - بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ ياخشى ئۆتەيلى ، مەنمۇ ئادەم تىللايدىغان يامان ئادىتىمنى ئۆزگەرتەي ، سىزمۇ مۇشتۇمزورلۇق قىلماڭ بولامدۇ ؟
 ئەر : بولىدۇ ، ئەگەر يەنە ئادەم تىللايدىغان بولساڭ مېڭەڭنىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋېتىمەن .
  ئايال : ھۇ مۇتتەھەم لۈكچەك   شۇنداق قىلىپ باقە قېنى ...

     تېلېۋىزور كېسىلى
   بىر جۈپ ياش ئەر - ئايال بولۇپ ، ئەر ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا ئائىلە ئىشلىرى بىلەن كارى بولماي تېلېۋىزوردىن بوكىس مۇسابىقىسى كۆرىدىكەن ، بۇنىڭغا چىدىمىغان ئايالى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىپتۇ ، ئايال چوڭ ئۆيگە كىرىپلا تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان دادىسىدىن سوراپتۇ :
 ‏- ئاپام كۆرۈنمەيدىغۇ نەگە كەتتى ؟
‏-   ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى ، ‏- دەپتۇ ، دادىسى تېلېۋىزوردىكى بوكىس مۇسابىقىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەستىن .
 
  توي كۆڭلىكى
  مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن ئىككى تال قوناق توي قىلىپتۇ ، بىراق توي كۈنى يىگىت كېلىنچەكنى تاپالماي ، يېنىدا ئەگىشىپ يۈرگەن قوناق ئېتىلدۇرمىسىدىن سوراپتۇ :
‏- كېلىنچەكنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى كۆردىڭىزمۇ ؟
 ‏- قاراڭە سىزنى ، توي كۆڭلىكى كىيىۋالسام تونۇيالمايلا قالدىڭىزمۇ مېنى ‏- دەپتۇ قوناق ئېتىلدۇرمىسى ناز قىلىپ .
 
   پاكار ئۈستەل
  ئايال : ئىشتىن ئەجەپ كەچ چۈشتىڭىزغۇ ؟
 ئەر : سىرتتا ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى .
 ئايال : ئىشەنمەيمەن ، چوقۇم يەنە قارتا ئوينىغىلى باردىڭىز .
 ئەر : ئەزبىرايى ، قارتا ئوينىمىدىم ، سىزنى ئالدىمايمەن .
 ئايال : ئۇنداقتا پېشانىڭىزدىكى نېمە ھۇررەك ئۇ ؟
 ئەر : تۆتىمىز ئولتۇرغان ئۈستەل بەك پاكار ئىكەن ،ئاستىدىن ئۆمىلەپ ئۆتكىچە ..

.مەنبە :  ئىزدىنش
mukapat
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-11-11 13:35 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇتەللېپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
مۇقام
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 552
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 454
شۆھرىتى: 4595 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4790 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 478 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-12-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

خېلى بولىدىغان يۇمۇرلار ئىكەن، رەخمەت.
maktap
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-19 20:07 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇقام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئاشپەز ئەدەبىيات كۆزنىكى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا