hantagri illikdunya.biz sohpat
سەردار
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 93
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 181
شۆھرىتى: 2080 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1589 دوللار
تۆھپە: 133 ھەسسە
ياخشى باھا: 356 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى شاھيار خىزمەت ۋە خىزمەتچى ئۇچۇرلىرى دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2009-04-01)
ئەسساللاممۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر قېرىنداشلار
يىقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بىرى ئاقسۇ ۋە غۇلجا تەۋەلىگىدىكى ئۇيغۇرلار گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ گۇيگۇاڭ شەھرىگە تىجارەت قىلىمىز(بۇلۇپمۇ ئاقسۇ شەھردىن كوپرەك چىقىۋاتىدۇ ) دەپ چىقماقتا.مەنمۇ شۇ قاتاردا مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپتىمەن.
سىلەر ھەرگىز ئالدىنىپ بۇ يەرگە كەلمەڭلار بۇ يەردە ھەرگىز سىلەر ئاڭلىغان ۋە ئويلىغانلىرىڭلاردەك ئاسان تاپقىلى بولىدىغان پۇل يوق.
بۇ سېپى ئۆزىدىن قۆيمىچىلىق بۇلۇپ بەك ھۇشىيار ،سەزگۇر كاللا بولمىسا ئاسانلا قۇيۇلۇپ ،مۇشۇ يەردىن كېتەلمەي ئۆزىنىڭ پۇلىنى تىرىلدۇرۇش ئۇچۇن تالاي يالغان گەپلەرنى قىلىپ ئوزىنىڭ دوسلىرىنى ئاندىن ئادەم تاپالمىغاندا ئۇرۇق تۇققانلىرىنى چاقىرتىپ كىلىپ مۇشۇ پاتقاققا تىقىدۇ.ئومرىدە يالغان گەپ قىلىپ باقمىغان ئادەممۇ مۇشۇ يەرگە كىلىپ يۇرتىدىكى شەيتاننىمۇ قايىل قىلىپ ئەكەلگۇدەك دەرجىدە يالغانچى بۇلۇپ كېتىدۇ.
ئەمدى نەق گەپنىڭ ئوزىنى قىلاي:
مىنىڭ بىر ئاكام بۇلۇپ ئۇ ئاقسۇدا بەزى ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغىللىناتتى .ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ئىلگىرى تۇزۇك ئارلىشىپ باقمىغان بىر تۇققىنى (ئايالى تەرەپتىن) ئىچكىرىدىن تىلفۇن قىلىپ ئوزىنىڭ ئىچكىرىدىكى تىجارىتىنىڭ بەك ياخشى ئىكەنلىگىنى ،تىجارەتكە يىتىشەلمەي، تاپقان پۇلنى يىغىشتۇرۇپ بۇلالماي قالغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن ئاكام بىر ئاي ئىلگىرى شۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.كىيىن ئاكام ئۆزى قايتىپ چىقماستىن تېخى مېنى تالاي يالغان گەپلەر(گەپنىڭ يالغان ئكەنلىگىنى مۇشۇ يەرگە چققاندا ئاندىن بىلدىم )بىلەن ئالداپ يېنىغا ئەچىقتتى.چىقىپ قارىسام بىر پۇڭلۇقمۇ سودا قىلمايدىكەن.پۇتۇن كۇنى ئادەم ئالداش ،يۇرتىدىن ئادەم ئەچىقىش ئۇچۇن توختىماي تېلفۇن قىلىش بىلەنلا ئۇتىدىكەن.
بۇ ئىشنىڭ خارەكتىرى مۇنداق بۇلۇپ :بۇلار قىلىۋاتقان ئىشىغا دۇكانسىز زەنجىرسىمان مال سېتىش دەپ چىرايلىق ئىسىم قۇيىۋالغان بۇلۇپ ئەمىلىيەتتە ساتىدىغان بىر يۇرۇش كىيىم كېچەكتىن باشقا ھىچنىمە يوق ئىكەن . شۇ بىر يۇرۇش كىيمنى (قىممىتى300سومغىمۇ يارىمايدۇ)دەسلەپ كەلگەن ئادەمگە 3800(ئۇچ مىڭ سەككىز يۇز )يىۋەن گە سېتىپ بىر نۇمۇر بىرىدىكەن.ئاندىن ئۇ شەخس يەنە ئوزىگە ئوخشاش ئۇچ ئادەمىنى چاقىرىپ كىلىپ ئەنە شۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بۇنىڭغا ئەزا قىلىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بىرىنچى شەخىسكە 1000(مىڭ)يىۋەن ئەتراپىدا پۇل بىلەن ئۇچ نۇمۇر بىرىدىكەن شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى شەخىسنىڭ نۇمىرى توت بولىدىكەن.كىيىنكى ئۇچ شەخىس شۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھەر بىرى ئۇچتىن توققۇز ئادەمنى چاقىرىپ كىلىپ شۇنىڭغا ئەزا قىلىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى شەخىسكە ئۇچ مىڭ يىۋەن ئەتراپىدا پۇل بىلەن يەنە توققۇز نۇمۇر قۇشۇپ بىرىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى شەخىسنىڭ نۇمۇرى ئون ئۇچ بولىدىكەن.ئاندىن ئىككىنچى قېتىم كەلگەنلەرنىڭ ھەر بىرى مىڭ يىۋەندىن ئىش ھەققى بىلەن توتتىن نۇمۇرغا ئرىشىدىكەن .ئاندىن ئۇچۇنچى قېتىم كەلگەن توققۇز ئادەم ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن 27 بۇلىدىكەن ،ئىشلار مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن تەرەققى قىلىپ بىرىنچى شەخىسنىڭ نۇمۇرى 600 نۇمۇرغا يەتكەندە بىر يېرىم مىليۇن ئەتراپىدا پۇلغا ئېرىشىپ ئۇ شەخىسنى بۇ ئىشتىن قولىنى ئۇزدۇرۇپ يولغا سالىدىكەن.ئاندىن ئىككىنچى قېتىم ئەزا بولغان ئۇچ شەخىسكە نوۋەت كىلىدىكەن .دىمەك مۇشۇ تىجارەتنى قىلىپ مىليۇنېر بۇلىمەن دەپ چۇش كۇرىۋاتقانلار ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 600 ئادەمنىڭ پۇلىسى بەدىلىگە مىليۇنېر بۇلۇپ چىقىدىكەن.ئوتتۇرلۇقتا نۇرغۇن ئۇششاق ھالقىلار بار ئىدى يېزىپ بۇلالماي قالدىم.بۇ قويمىچىلىق بەك زامانىۋىلاشقان بەك يۇقىرى ئقتىدار بىلەن لاھىيەلىنىپ چىققان بۇلۇپ،بۇ يەرگە يېڭى كەلگەنلەر ئوزىنىڭ قۇيىلىپ كېتىۋاتقانلىغىنى ئالدىراپ سېزەلمەيدۇ.يەنە يەرلىك ھۆكىمەت بىلەنمۇ ئانچە مۇنچە باغلىنىشلىق يېرىمۇ باركەن.
ئەمدى بۇ شەھەر توغۇرلۇق توختۇلۇپ ئوتەي .گۇيگۇاڭ شەھېرى نۇپۇسى ئاز ،ئاھالىسى شالاڭ،پۇقرالىرى بەكلا نامىرات، شەھەر كولىمى چوڭ بۇلۇپ،ھاۋاسى نەم ئىكەن.يەرلىك ھۆكىمەت سىرتتىن كەلگەنلەرنى جەلىپ قىلىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىكەن.
بۇ شەھەردە بار ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز ھىساپلىغاندىمۇ 700 دىن كوپرەك بۇلۇپ ھەممىسى مۇشۇ ئىشنى قىلىپ بىر ئككى يىلدىن كىيىن مىليۇنېر بۇلىمىز دەپ تۇرغانلار بۇلۇپ ھىچقايسىسى سىرتتىن بىر پۇڭلۇق كىرىم قىلمايدۇ.ھەتتا بۇ شەھەردە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئاشخانىسى ياكى ناۋايخانىسىمۇ يوق.ئۇنداق بولسا ھەرقايسى ئۇقۇرمەنلەر ئوزەڭلار ھىساپلاپ بېقىڭلار بىر ئۇيغۇر مۇشۇ ئىشنى قىلىمەن دەپيۇرتىدىن مۇشۇ يەرگە 800 سوم كىرا تۆلەپ كىلىپ بۇ ئىش ئۇچۇن ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 3800 (يۇقىرسى69800سومغىچە تاپشۇرىدۇ)سوم پۇلنى مۇشۇ ئىش ئۇچۇن تىقىۋەتسە،ئاندىن ئاز دىگەندىمۇ كۇندە 20 سومدىن پۇلنى مۇشۇ يەردە خەجلىسە بىر يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك پۇلى مۇشۇ شەھەردە خەجلىنىپ تۇگەر؟يەنە مۇشۇ خىل ئالدامچىلىق بىلەن قانچىلىك ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىىنى تاشلىۋېتىپ كېلەر؟ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدىكى ھالال قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى ھىچقانداق ئۇرۇنسىزلا بۇ قويمىچىلارغا سېلىپ بىرىۋاتسا، يەنە خەجلەپ بىرىۋاتسا ئۇيغۇرلاردا بىكار كەلگەن پۇل شۇنچىلىك كوپمىدۇ؟
شۇڭا ئارىمىزدا بۇ ئىشلارنىڭ گېپىنى ئانچە مۇنچە ئاڭلاپ قالغانلار ،ئىچكىرىدە تىجارەت بەك ياخشى دەپ تېلفۇن ئۇرىۋاتقان تۇققانلىرى بارلار بولسا ھەرگىز ئالدىنپ قالماڭلار.بۇلۇپمۇ بۇ ئىش ئاقسۇ شەھېرىدە بەكرەك يامىراۋاتىدۇ .شۇڭا ئاقسۇدىكى دوسلار قەتئى ئالدىنىپ قالماڭلار.
ئەگەر تەپسىلى ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولساڭلار مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم 469583633 ئارقىلىق بۇ يەرگە بەك قىزىقىپ كەتكەن بولساڭلار يۇقۇرقى  چ چ نۇمۇرى ئارقىلىق مەندىن ئەھۋال ئۇقۇپ باقساڭلار بۇلىدۇ.
ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ بىرەيكى مەن ھەرگىزمۇ سىلە تاپماقچى بولغان پۇلدىن قىزغىنىۋاتمايمەن.خاتىرجەم سوراۋېرىڭلار.ھە راس ئۇقۇرمەنلەر خالىساڭلار بۇ تېمىنى خالىغان مۇنازىرە بەتلىرىگە كۇچۇرۇپ كوپرەك تەشۋىق قىلىشىم ئۇچۇن ياردەم بەرسەڭلار.
مەنبە : « بوستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۇلۇبى »
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-20 14:36 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەردار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 869
شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 912 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توۋۋا
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-16 02:10 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئىپپارخان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2733
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 294
شۆھرىتى: 2960 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3191 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 309 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇرۇق تۇققىنمۇ ئالدىغان ئادەم يات ئادەمنى نىمە قىلماقچى توۋا
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-16 22:49 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىپپارخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
مەمەتۋاقى
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2256
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 710
شۆھرىتى: 7200 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7440 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 785 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 93(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توۋا مۇشۇنداق ئىشلارمۇبارمىكەن تىخى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-08-06 18:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مەمەتۋاقى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئــــۇيــــغــــۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا