جىددى ئوقتۇرۇش
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم
ئاشپەز تور بېكىتىمىزدىكى بارلىق مۇنبەر باشلىقلىرى ۋە تور بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئەزالار سەمىگە:
تور بېكىتىمىز بۈگۈن ulinix.cn ulinix.com قاتارلىق بىر قاتار تور بېكەتلەرگە ئېلان قويدى،ئېلان قويوشتىكى مەقسەت تور بېكىتىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققايىتى ۋە ئۇيغۇر مىللى تائاملىرنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە بىر كىشلىك تۆھپىمىزنى قوشوش بىلەن بىرگە ئاشپەز تور بېكىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق تور بېكەتنى بىلىپ يەتمىگەن بارلىق تورداشلارنىڭ كەسىپداشلارنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلدۇق،شۇ سەۋەب بارلىق تورداش ۋە تور بېكىتىمىز باشقۇرغۇچىلىرى بىرلىكتە بۇ ھەقتە تور بېكىتىمىزنى بىز بىلەن بىرلىكتە تەشۋىق قىلىش ئىشىرىغا ياردەمدە بولۇشىغا چاقىرىمىز.ئۇيغۇر مىللى تائاملىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ قارايمىز،
2)تور بېكىتىمىز باشقۇرغۇچىلىرى سەمىگە:
تورداشلارنىڭ تور بېكىتىمزنى يىقىندىن قوللىشى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرەققى قىلىپ تور بېكىتىمىزنىڭ زىيارەت سانى كۈندىن كۈنگە يۇقىرلاپ بارماقتا ،شۇ سەۋەپ بىلەن بارلىق باشقۇرغۇچى ۋە تور بېكتىمىزدىكى ئالاھىدە ئەزالارنىڭ باشقىلارنىڭ يوللىغان تىمىلىرىغا،ئىنكاسلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ تور بېكەتنىڭ نۇرمال ئىجىرا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.گەر قالايمىغان ئىنكاس تىما قاتارلىق نەرسىلەر تور بېكىتىمىزدە كۆرۈلۈپ قالسا ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تاشلاپ مۇنبەر ئىچكى قىسمىدا بارلىق باشقۇرغۇچىلارغا خەۋەر قىلىشى كىرەك.(تور بېكىتىمىزگە كۈچ چىقارغان باشقۇرغۇچى خادىملارغا تور بېكىتىمىز ئالاھىدە مىداللىرىدىن سوغا قىلىمىز،ھەمدە بىزنى چۈشۈنۈپ تور بېكىتىمزنى بىز بىلەن بىرلىكتە باشقۇرشۇپ بىرىشىنى سورايمىز)
تىما يوللىغۇچىلارنىڭ تىمىلىرى ماس سەھىپىگە يوللانماي قالغان بولسا ۋاقتىدا باشقۇرغۇچىلار ماس سەھىپىگە يۆتكىشى بىلەن بىرگە تىمىنىڭ مەزمۇنىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى ۋاقتىدا تۈزەپ قويىشى كىرەك.تىما يوللىغۇچىنىڭ تىمامەزمۇنىغا ئاساسەن تىمىلارنى ماس سەھىپىگە يوللىشىنى ئۆزى تەھىرلىشى كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىش كىرەك(سەۋەب:ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ئۆزىمىز چالا دىسەك بىزنىڭ گاچىدىن نىمە پەرقىمىز)
3)تور بېكىتىمزىنىڭ كۈندىن كۈنگە زىيارەت سانى ئىشىشى بىلەن تور بېكىتىمىزنىڭ چىقىمى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ كىتىپ بارىدۇ،بۇنى دىمىسەممۇ تور بېكىتىمىزدىكى ئەزالار چۈشىنىپ يىتىسىلەر،شۇ سەۋەپ بىزنى قوللاش يۈززىسىدىن يىمەكلىك كەسپىدىكى ئورونلارنىڭ بىزگە ئىلان بىرىشىنى،توردا مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىشىنى سورايمىز.(بىز پەقەت يىمەكلىك كەسپىدىكى ئورونلارنىڭ ساغلام بولغان ئېلانلىرىنىلا قوبول قىلىمىز،تور بېكىتىمىز بۇندىن كىيىنمۇ ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا،تور بېكىتىمزغا قالايىغان باشقىلارنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلارنى قەتئى قوبول قىلمايدۇ) تور بېكىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تورداشلارنىڭ تور بىكىتىمىزدىكى بارلىق ئېلانلارنى كۈندە بىر قىتىمدىن چىكىپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.بۇ بىزنى قوللىغانلىقىڭىز ھەمدە ئاشپەز تورىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشقانلىقىڭىز بولوپ قالىدۇ.
تور بېكىتىمىزنى ئالاھدەقوللىغان ئورونلار:
ئۆزگۈل راڭپىزىسى
باي ناھىيە ئىللىق دۇنيا كەسپى تەربىيەلەش مەكتىۋى
باي ناھىيە خانتەڭرى رستۇرانى
نەرگىز خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
يۇقۇردىكى بىزنى قوللىغان ئورونلار ئالاھىدە تەشەككۇرىمىزنى بىلدۈرۈمىز.

ھۆرمەت بىلەن ئاشپەز تور بېكىتى مۇدىريەت ئىشخانىسى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى(سەيشەنبە)
ئالاھىدە ئوختۇرۇش قىلىندى