hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاپەت
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 86 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەمەتئېلى تەۋپىق  ئەپەندىم ]1901-1937[ ئۇيغۇر مائارپچىلقىنڭ بايراقدارى، ھازىرقى مائارپچلقىمزنڭى ئاساس سالغۇچشى ،ئاتۇش بۇيامەتتە تۇغۇلغان ،  ئۇيغۇر غەلقىنڭ  ئوتلۇ ق شائىرى، ياش ۋەتەنپەرۋەر زات، بىزنىڭ قە لبمزدە مەڭكۇ ھايات،
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-11-06 11:21 | 新疆喀什地区 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاپەت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 2373
شۆھرىتى: 24515 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 35880 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2512 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 856(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەمەتئېلى تەۋپىقنىڭ  شېېرلىرىنى بەك ياخشىكۈرىمەن
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-06 13:05 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

شەمشەر
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 30
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 108
شۆھرىتى: 1405 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1738 دوللار
تۆھپە: 103 ھەسسە
ياخشى باھا: 146 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇشۇنداقمۇ تېما يوللىسا بولامدا ؟؟
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-06 13:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەمشەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
شەمشەر
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 30
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 108
شۆھرىتى: 1405 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1738 دوللار
تۆھپە: 103 ھەسسە
ياخشى باھا: 146 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================



ئۇيغۇر ئوت يۈرەك ئۇستاز مەمتىلى تەۋپىق مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يىتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بولۇپ، ئائىلىسى مەرىپەتنى، ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان، ئىستىئېدات چەككە چىققان، خەلق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋر بولغاچقا، توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى . مەمتىلى ئەپەندى مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.ئۇيەرلەردە كۈزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچىرشىدۇ؛ تېخىمۇ تىرىشىپ .ئۆگىنىپ ،كەڭ دائىرىدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئىرادىسىنى تىكلەيدۇ، ئۇچۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن .ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيىلەيدۇ. .1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ -ئەلەمدە  دېگەن شېئىرىنى يازىدۇ: ئوقىدى-ئاشتى باشقىلاربىزدىن،ئەي قەدىردانلار، كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار. ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر، قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئۈممەتلەر.
بۇشېئىر كىشلەرتەرپىدىن كۆچۈرلۈپ تام – تاملارغا چاپلىنىپ كېتىدۇ،خەلق مەمتىلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تونۇيدۇ . مەمتىلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كېچە – كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىب ئىچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلىقى بىلەن 1926- يىلى بىر كېچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كېتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1928- يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبولغا بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ تاكى ئىستانبولغا يىتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا-مۇشەئىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار بىلەن ئۇچىرشىدۇ . خىلمۇ خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچىرشىدۇ، دېمەك ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يېتىلگەن بىر ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.ئۇ تۈركىئىيگە تىتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى يېڭىلىنىپ ،مەدىنيەت-مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ ،ئىقتىسادى كۈچىيىپ ، تەرەققىيات سۈرئىتى تىزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى . مەمتىلى ئەپەندى 1929- يىلدىن 1932- يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتىلى ئەپەندى ھەقىقىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ . ئۇ تۈركىيە گىزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ،شىنجاڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ: ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان، پارتلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان. پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن – زەنجىرىنى، ئالغا،ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان.

مەمتىلى ئەپەندى يۇررتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىرقايتىپ كېلىدۇ. ئۇ بىر يىتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئېلىم -ئېرپان ئىدىيىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. يېڭى مائارىپ ھەرىكەتلىرى ۋە3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولىدى. ئۇ تەشكىل قىلغان <> زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بولۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە،فېئودانلىق تەرتىپ ۋە زۇراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە ئېلېنغان بولسىمۇ ئۈچۈپ قالمىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق يائىدۇ: بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز. تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق، ئېلىم -ئىرپان يۇلىغا شۇنچەزار بولدۇق.

مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى .ئۇ قىلىۋاتقان .ئىشنىڭ ھەق ئىكەنىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ،ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ،ئاقارتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى. مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى <<>> تەشكىللەپ ئۆزى باش بولۇپ . مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئېتىراپىنى ئايلىنىپ .يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوماندان ۋە مەرىپەت پەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىئىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرشىدۇ. تالانتلىق ،ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن شېئىرلاربىلەن بىرگە <<>> سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ. مائارىپ خىزمىتى مۇقەددەس خىزمەت دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي – تالماي كۆيۈپ -پىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى تاللىۋالغان توغرا يول ئۈچۈن ياش ھاياتىندىن ئايرىلىدۇ–مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى دەرىخانا مۇنبىرىدىن تۇتۇپ كېتىپ . 1937-يىلى30-ماي كۈنى ئۇ شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قەتلە قىلىنىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن ، تىزپۈكمەس ئىرادىسى ۋە قەيسەرانە روھىنى نامايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازدۇ. ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدائىسيان ئېتەر، كۆندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر. مەمتىلى ئەپەندى ئۆزنىڭ تارىختا ئۆچمەس مائارىپ پائالىيەتلىرى ۋە ئەدبىي ئىجائىيىيى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.بىزئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بۇ مەشھۇر ۋەكىلىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلىكىدە ئەسلەيمىز،ئۇ خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.

قەتلى قىلىنىپ بولۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن مائارىپچى



1937-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەندە،مەمتىلى ئەپەندى ئادىتى بويىچە سومكىسىنى ئېلىپ ئۇيۇشمىغا بارىدۇ.بۇ چاغدا،قەشقەر شەھىرىدىن كېچىلەپ يولغا چىقىپ،تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئاتۇشقا يىتىپ كەلگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇبۇلقاسىم ئادەملىرى بىلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى.مەمتىلى ئەپەندى ئۇيۇشمىغا كىرىشى بىلەنلا،ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنى قولغا ئالىدۇ.بۇ مۇدھىش خەۋەرنى ئاڭلىغان مىڭلىغان ئامما ۋە ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار يۈگۈرۈشۈپ يولغا چىقىدۇ.ئۇلار ساقچىلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان مەمتىلى ئەپەندىنى بىر سوك-سوك يالىڭاچ ئاتقا مىندۈرگىنىچە ئارىغا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.بۇنى كۆرگەن ئەر ئاياللار ئۈنسىز ئۇھ تارتىشىدۇ.ئوقۇغۇچىلار«ئەپەندىم!»دەپ ۋاقىراپ،ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىدۇ.يالىڭاچ ئات ئۈستىدە مەھبۇس سۈپىتىدە ئولتۇرغان مەمتىلى ئەپەندى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ خوشلىشىدۇ.ساقچىلار مەمتىلى ئەپەندىنى ئوتتۇرغا ئالغان پېتى توختىماي مېڭىپ،قۇمالتاغ تەرەپكە كېتىپ قالىدۇ…
مەمتىلى ئەپەندى ئۇدۇل قەشقەر ساقچى ئىدارىسىگە يالاپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن،ساقچى باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىلگەن.قادىر ھاجى مەمتىلى ئەپەندىنى كۆرۈپ،كۆرەڭلىك بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن…
مەمتىلى ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە قىسقا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن،ياۋاغ تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ 14-كامېرغا تەنھا سولاپ قويۇلغان…مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى يالغۇز سولانغان كامېرنىڭ جەنۇبى تېمىغا ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئاستىغا:«مەن1937-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سەيشەنبە بۇ يەرگە كىردىم،مېنى ناھەق قولغا ئېلىشتى»دەپ يېزىپ قويغان.
1937-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە،قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىگە قاماقلىق 300دىن ئارتۇق سىياسى مەھبۇس تۈرمە ھويلىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقىلىپ،تۇتاش ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن،بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن.قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ باشقۇرىشىدىكى بۇ تۈرمىنى شۇ چاغدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قەشقەرگە كىرگۈزگەن قىرغىز ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ تۈئەنجاڭى مەۋلانوپ ئۈچيۈزدەك ئەسكىرى بىلەن ساقلايتتى.
1937-يىلى 12- ئايدا،شېڭ شىسەي ئومۇمەن ئىلگىرى تۆمۈر،ئوسمان،سابىت داموللام،ماخوسەن ۋە مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگىشىپ پاراكەندىچىلىك سالغانلار بىردەك قولغا ئېلىنىپ تازلىنىدۇ،دەپ جاكارلىغان.قەشقەردە 5000كىشى قولغا ئېلىنغان.ئۇلار بىردەك«خائىن»دەپ جاكارلانغان ھەمدە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.12-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەر رايۇنىدا«خائىنلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاش ھەيئىتى»قۇرۇلغان.شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە سىتالىندىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن،مۇشۇ باھانىدا،شىنجاڭ مىقياسىدا نۇرغۇن چوڭ بايلارنى قولغا ئېلىپ،ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان.يەنە بىر جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئەمەلدارلارنى ۋە زىيالىلارنى قىرىپ تۈگەتكەن.
ئەينى يىللىرى يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە يەكەننىڭ ھاكىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە،(ياۋاغ تۈرمىسىنى ساقلىغۇچى)مەۋلانۇپ،تېرىسىگە سىغماي ھۆكۈرەپ يۈرگەن زامانلىرىدا،ئىنتايىن قەبىھ ئىشلارنى سادىر قىلغان ئىكەن.ئۇ بىر قېتىم،قۇربان ھېيتىدا قاتتىق مەس بولۇپ قېلىپ،دادقىباي دىگەن ئاغىينىسى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتە بەسلىشىپ باقماقچى بولۇپ،باشقىلارغا بۇيرۇپ تۈرمىدىن 40 نەپەر مەھبۇسنى ئېلىپ چىقىپ،ئۇلارنى ئوڭ-سول قىلىپ قاتار ياتقۇزۇپ،يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ،باشقىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«مەن پىچاقنى بىر قېتىمدىن سۈرۈش بىلەن،بۇ ئوڭ تەرەپتىكىلەرنىڭ جېنىنى تېزلىك بىلەن ئالالايمەن،سول تەرەپتە ياتقۇزۇلغانلارنى دادقىباي بوغۇزلىسۇن»دەپ،جاللاتلىق ماھارىتىنى كۆرسەتكەنىكەن…شۇ زامانلاردىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ھازىر بار بولغان شاھىدلىرى مەۋلانوپنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن ھېكايە قىلىشىدۇ.بۇنداق ھىكايىلەرنى تارىخچى ئابلىمىت رۇزى ماڭا كۆپ قېتىم قايناپ تۇرۇپ بايان قىلىپ بەردى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئولۇغ مائارىپچىسى،تالانتلىق تەشكىلاتچىسى،ئوت يۈرەك كومپوزىتورى ۋە شائىرى،نامى مەڭگۈ ئۆلمەس ئوغلى مەمتىلى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا قان-قەرزگە پاتقان،خەلقنى زار-زار قاقشاتقان ئاشۇ مەۋلانوپ دېگەن جاللاتنىڭ قولىدا،1937-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تاڭ سەھەردە ئېتىپ تاشلىنىپ،ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.
مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن،14-كامېرنىڭ تاملىرىغا بىر نەچچە پارچە شېئىر يېزىپ قويغان:

نەچچە يىل كەزگەن ئىدىم بۇ دىيارى غۇربەتنى،
كۆرمىگەنىدىم مۇنداق ئازابۇ-ئوقۇبەتنى.
ئاقىۋەت ۋەتەنگە كېلىپ،قىلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت،
مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم بۇ ئازارى كۈلپەتنى.

تاقىتىم تاق بولدى مۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن،
قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن.
گۇناھى نە ئىكەن بۇندا قامالغان نەۋقىرانلارنىڭ؟
ھەققە ئويغۇنى يوقتۇر تېڭىلغان شۇ گۇمانلارنىڭ.

روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا،تۇتقۇندا،
سائەتلىرىم ئۆتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە.
يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش،تاشتىن بەتتەر قاتتى باش،
ئادا بولار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ –ھەسرەتتە.

مەمتىلى ئەپەندى قايناپ تۇرغان غەزەپلىك ھېسسىياتى بىلەن،كامېر تاملىرىغا شېئىرلارنى يېزىپ توشقۇزىۋەتكەن:

بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى،يۇرتنى بۇلغىدى قاغا،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا.

بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت،
ئادالەتكە ئىنتىلسەم قولغا ئالدى سىياسەت.

خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم-پەن،تەرەققىيات ئىزدىدىم،
نىيىتىم ساپ،دىلىم ئاق،ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت!

قادىر ھاجى كىرىپ كەلدى،يېنىدا گۇندىپاي ئالتە،
ھەقىقەت نە؟ئادالەت نە؟بىلمەيدۇ ئەقلى بەك كالتە.

كىشەن قىستى سېنى تەۋپىق قىلما زەررىچە پەرياد،
پىدا قىل قاننى سەن ئەمدى،بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات.

ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسىيان ئېتەر،
كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر.

خۇدايىم بىلۇر بالىلىرىم قالدى دادۇ-پەريادتا،
دېرىكىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەر ياقتا.

ئەل خائىنى ،مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق،
ھۆكۈمەتكە ئۈستۈمدىن خەۋەر بېرىپسەن ساختا.

« ئەل خائىنى ،مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق»دىگەن مىسرادىكى مەمتىمىن 1930—1940-يىللىرى قەشقەر تەۋەسىدە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھاكىميىتى ئۈچۈن ئىشپىيۇنلۇق قىلىپ،ئىككى قولىنى نۇرغۇن خەلقپەرۋەر ئوغلانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويىۋالغان مۇناپىق مەمتىمىن ئاق كىرپىك دىگەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

1937 – يىل 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى سەھەردە ياۋاغ تۈرمىسىدىكى ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ مۇدھىش خەۋەر قەشقەر شەھرىگە ناھايىتى تېزلىك بىلەن تارالغان .شۇ چاغدا ،مەمتىلى(تەۋپىق) ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى رىشات قەشقەر شەھىرىدە ئىكەن .مەمتىلى ئەپەندى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ،نىزامىدىن ئەپەندى رىشاتنى ..،مەمتىلى ئەپەندىگە تاماق ۋە كىيىم – كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇغان .شۇڭا ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ھېيىتكاھغا كېلىپ ،كېچىچە بولغان جەڭگە ئائىت خەۋەرلەرنى بىلمەكچىبولغان .لېكىن ئۇنىڭ بىلگىنى «ساقچىلار ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويىۋىتىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن شۇم خەۋەر بولغان .رىشات ھىچنىمىگە قارىماي موللا ئاكىسى (مەمتىلى ئەپەندىنى شۇنداق ئاتايدىكەن) نىڭ خەۋرىنى ئېلىش ئۈچۈن ياۋاغ تۈرمىسىگە كەلگەن .قارىسا بۇ يەر قىزىل قىيامەتنىڭ ئۆزىگە ئايلانغان بولۇپ ،كۆيۈپ چۈچۈلە بولۇپ كەتكەن جەسەتلەر ھويلىدا ،تامنىڭ تۈۋىلىرىدە ،كامېرلارنىڭ بوسۇغىسىدا دۆۋىلىشىپ كەتكەن .رىشات يۈگۈرگەن پېتى مەمتىلى ئەپەندى ياتقان كامېرغا بارغان .شۇ چاغدا ،بىرسى ئۇنىڭ مۆرىسىنى تۇتقان ،قارىسا دادىسى نىزامىدىن ئەپەندى ئىكەن ،يېنىدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شاگىرتى ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئاغىنىسى ئابباس چوڭمۇ بىللە ئىكەن .ئەسلى ئۇلار ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ قەشقەرگە ھۇجۇمباشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ كېچىلەپ يول يۈرۈپ قاقسەھەردە قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنىكەن .ئۇلار قەشقەرگە كېلىپلا تۈرمىگە ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ،شۇنىڭ بىلەن ھېچ نېمىگە قارىماستىن بۇ يەرگە كەلگەن .ئۇلار بىرلىكتە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن .جەسەتلەر تونۇغۇسىز دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن بولغاچقا ،ئۇلار بەك ئىزدەپ كەتكەن .كېيىن رىشات مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پۇتىدىكى كۆيمەي قالغان كاراشناۋاي ئايىغىنى تونوۋالغان .ئۇ دادىسىغا: «مەن بۇ ئاياغنى تېخى بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئەكىلىپ بەرگەنىدىم» دېگەن .شۇنىڭ بىلەن نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن ئابباس چوڭ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھەم كىچىكلەپ ،ھەم يېنىكلەپ كەتكەن جەسىتىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ كۆينەك ،چاپانلىرىغا ئوراپ ئاتقا ئارتىپ ،بەشكېرەمگە يېتىپ كېلىپ بىر يېقىن تۇنۇشىنىڭكىگە چۈشكەن .ئۇلار قاراڭغۇ چۈشكەندە ماڭماقچى بولۇشقان .رىشاتنى بولسا ئات بىلەن ئاۋۋال بېرىپ مەخپىي ھالدا يەرلىك تەييارلىتىپ تۇرۇشقا بۇيرىغان .ئۆزلىرى جەسەتنى تاغارغا سېلىپ ،ئاتقا ئارتىپ بەشكېرەمنىڭ ئىت يولى ئارقىلىق كېچىلەپ ئاتۇشقا قاراپ يول ئالغان .نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابباس چوڭ ،ئابدۇغۇپۇر ئۈچەيلەن ئۈستىگە جەسەت ئارتىلغان ئاتنىڭ يېنىدا بۇقۇلداپ يىغلاپ ياش تۆكۈپ ماڭغان .
1934 – يىلدىن 1937 – يىلغىچە بولغان تۆت يىل جەريانىدا جەڭگىۋار ئىزچىلىرىنى باشلاپ ،نەي – بارانلارنى ياڭرىتىپ ،ناخشا – مارش سادالىرى بىلەن تاغۇ – تاشلارنىمۇ لەرزىگە سېلىپ ،قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى بۇ تار يولدا نەچچە ئون قېتىم ھەيۋەتلىك سەپەر قىلغان ،ھەم شۇ خاسىيەتلىك سەپەرلىرىدە مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قەلب كۆزىنى يورۇتۇپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن پارلاق سەھىپىلەرنى ئاچقان بۇ مائارىپ سەركەردىسى ،بۈگۈنكى كۈندە كۆيۈپ چۈچۈلا بولغان ھالەتتە تاغارغا قاچىلىنىپ ،ئاتنىڭ ئۈستىدە قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى بۇ يولدا ئەڭ ئاخىرقى سەپىرىنى بېسىپ كېتىۋاتاتتى . . . . .

جاھانغا پاتمىغان سەركە
قازانغا قانداق پاتقاندۇ !
قازانغا پاتسا پاتقاندۇ ،
تۇۋاقنى قانداق ياپقاندۇ ؟

مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتى ئەل ئايىقى بېسىققاندا بويامەتكە ئېلىپ كېلىنگەن .ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئىنتايىن مەخپىي پۈتتۈرگەن ،نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا نىزامىدىننىڭ ئايالى زورىخانغىمۇ ئوقتۇرمىغان .
ئاخىرەتلىك پۈتكەندىن كېيىن ،سەككىز كىشى نىزامىدىن ،ئابدۇراخمان شائىر ،ئابباس بەگ (1936 يىلىدىن كېيىن ئاتۇشقا بەگ بولغان ،يەنە بىر ئىسمى ئابباس چوڭ) ،قۇۋان شەيخ ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى (تېجەنلىك مەرىپەتپەرۋەر باي قۇۋان ھاجىمنىڭ ئوغلى) ،رىشات ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يەرلىكىنى تەييارلىغان ئىككى نىمكار – تاشمەمەت ،ئىگەمبەردىلەر ئالدىراپ مەرھۇمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئۇنى دەپنە قېلىشقان .ئېتىھات يۈزىسىدىن ھەتتا قەبرە ئۈستىگە ئېگىزرەك توپا دۆۋىلەشكىمۇ جۇرئەت قىلالمىغان .
مەرھۇمنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن .سەككىزەيلەن نىزامىدىننىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ،بۇ سىرنى ئەبەدىي ساقلاشقا ،تۇققۇزىنچى بىر كىشىگە بىلدۈرۈپ قويماسلىققا قەسەمياد قىلىشقان .
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تاملىرىغا يېزىپ قويغان شېئىر – قوشاقلىرى قانداق ساقلىنىپ قالغان ؟ سەمەر باينىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان سەمەر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوڭئېرىقتىكى «ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى،.. «ساقچىلار ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويىۋىتىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇراخمان سەمەر ئۇستازىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ،ئەمەت مەخسۇم قاتارلىق بىرنەچچە ساۋاقدىشىنى باشلاپ دەرھال قەشقەرگە يېتىپ بارغان .ئۇلار يېتىپ كەلگەندە ،تۈرمىنىڭ ئىچى بىر قىزىل قىيامەتكە ئايلانغان بولۇپ ،ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ جەسىتىنى ئىزدەۋاتقان ۋە تاپقانلارنىڭ يىغا – زارى پەلەكنى قاپلىغانىكەن .ئابدۇراخمان سەمەر باشلىق بىرنەچچەيلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن .ئۇلار ئىزدەپ بىر كامېرغا كىرىپ ،تامدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ چالما بىلەن يازغان شېئىرلىرى تۇرغانلىقىنى كۆرگەن .ئۇلار پۇچۇركىسىغا قاراپلا ،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن ،ھەممىنى كۆچۈرۈۋالغان .ئۇلار كۆچۈرۈۋالغان شېئىرلار قىرىق كۇپلىت ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ شېئىرلارنى كېيىن ئابدۇراخمان سەمەر يادلىۋالغان.
1937 – يىل 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ مىسلىسىز پاجىئەنىڭ مۇدھىش خەۋىرى بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە پۈتۈن قەشقەر تەۋەسىگە پۇر كەتكەن . بۇ خەۋەر ئاتۇشتا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن ،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بالىچىلاپ بېقىۋالغان مۇنەۋۋەر شاگىرتى مىرئەھمەت سېيىت دەرھال دادىسىدىن روخسەت ئېلىپ، تېجەنلىك سۇلايمان دىگەن بالا بىلەن ئىككى ئېشەككە مىنىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئالغان. ئۇلار قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئېشەكلىرىنى تۆشۈك دەرۋازىسىنىڭ تېشىدىكى بىر سارايغا قويۇپ ،ئازراق تاماق يەپ ياۋاغ تۈرمىسىگە يېتىپ بارغان .ئۇلار تۈرمىگە يېتىپ بارغاندا ،بۇ يەر ئاساسەن جىمىققان بولۇپ بوران ئۇچۇپ تۇرغانىكەن .بۇ ئىككىسى بارلىق كامېرلارغا كىرىپ ئاخىرى مەمتىلى ئەپەندى ياتقان تۈرمىنى تاپقان .ئۇلار تۆت تامغا ئالا قويماي يېزىلغان شېئىرلارنى خاتىرىلىرىگە بىر – بىرلەپ كۆچۈرۈۋالغان .ئۇلار بۇ كامېردىن چىقىپ ،يەنە باشقا كامېرلارنى ئايلانغان .قارىسا يەنە بىر كامېردىمۇ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىرنەچچە كۇپلېت شېئىرى يېزىقلىق تۇرغان .ئۇلار ئۇنىمۇ كۆچۈرۈۋالغان .
مىرئەھمەت سىيىت بىلەن سۇلايمان تۈرمىنىڭ ئىشىكىنى ساقلايدىغان گۇندىپاينىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنىڭ مەمتىلى ئەپەندىگە ئائىت ئىشلارنى بىلىدىغان – بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغان .بۇ ئايال بۇ ئىككەيلەنگە:«مەمتىلى ئەپەندىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئەكەلگەن ،ئاۋۋال يالغۇز كامېرغا سولىغان ،كېيىن ھىسامىدىن ئەپەندى بىلەن بىر كامېرغا سولىدى .بۇلار مەمتىلى ئەپەندىنى بەك تولا سوراق قىلدى ،بەك قىينىدى . ھېلىقى مەۋلانبېك (مەۋلانوپنى دېمەكچى) دېگەن قىرغىز بەك تولا سوراق قىلاتتى .ھېلىقى كۈنىمۇ مەمتىلى ئەپەندىنى ئاشۇ ئۆز قولى بىلەن ئاتتى .بىز بىرنەچچە ئايال ئېتىشۋازلىقتا ئوق تېگىپ كېتىشتىن قورقۇپ ،بالىلىرىمىزنى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرىۋالغانىدۇق .شۇ ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ،تاڭ يۇرۇقىدا بولغان ئاشۇ قىزىل قىيامەتنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ،دوزاقنىڭ ئۆزى بولدى ،خۇدا بەندىسىگە ئۇنداق كۈننى كۆرسەتمىسۇن .شۇ كۈندىن باشلاپ ئېغىزلىرىمغا قوقاق چىقىپ كەتتى . . .» دەپ سۆزلەپ بەرگەن .مىرئەھمەت سىيىت بىلەن سۇلايمان ئېشەكلىرىگە مىنىپ ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن .مىرئەھمەت سىيىت شېئىر يېزىۋالغان دەپتەرنى بىرەرسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ ،شېئىرلارنى يادقا ئېلىۋالغان .مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇققان ئاتۇش خەلقى قوشاق قېتىپ يىغلىغان :

ئىشىك ئالدىدا تۆت ئورۇس ،
تۆتىلىسىدە پاپىرۇس .
ئەپەندىمنى ئۆلتۈرگەن ،
قادىر ھاجى جا ئورۇس .

مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ،پۈتكۈل ئاتۇشنى قاپلىغان مائارىپ ھەرىكىتىنى سۇسلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ،نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابدۇراخمان شائىر ،ئەمەت مەخسۇم ،تاشاخۇنۇمنىڭ ئوغلى لىۋاھىدىن قارى ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئىزچىلار سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن يار مۇھەممەت ،سۇلتان مامۇت قاتارلىق ئوننەچچەيلەن يىغىن ئېچىپ«مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىدىن چىققۇچە،ئاتۇش مائارىپىنى ئاقسىتىپ قويمايلى» دەپ ،ئابدۇراخمان شائىرنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئورنىغا ئاتۇش مائارىپىغا مەسئۇل قىلىپ بېكىتكەن .بۇ ئاي – بۇ كۈنلەردە ،ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغاچقا ،خائىن – مۇناپىقلارنىڭ ،ئىشپىيۇن – چېقىمچىلارنىڭ كۈنى تۇغۇلغان . ئۇلارنىڭ خورىكى ئۆسۇپكۆرەڭلەپ كەتكەن .مەمتىلى ئەپەندى قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن .ئەينى يىللىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يېنىدا مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان كىشىلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغان …
ۋەزىيەت كەسكېنلەشكەنسىرى گۇناھسىز كىشىلەر ئۇشتۇمتۇت كېچىسى ئۆيىدىن چاقىرىپ ئېلىپ چىقىلىپ ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن .ئۇزۇن ئۆتمەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابباس چوڭ مۇئەللىملەردىن ئابدۇراخمان شائىر ،لىۋاھىدىن قارى ،ئەمەت مەخسۇم ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئىزچىلاردىن يار مۇھەممەت قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن .ئۇلارنىڭ شۇ پېتى ئىز – دېرىكى بولمىغان.
مەمتىلى ئەپەندى كۆتۈرگەن مەرىپەت بايرىقىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلار خەلقپەرۋەر شەخىسلەر بىر – بىرلەپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ،ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولغان .دېمەك ئۇلار شېڭ شىسەينىڭ ئادەت قىلغان ئۇسۇلى بىلەن يوشۇرۇن ئۆتۈرۈلگەن .
1937 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ،ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭراقلىرى مەكتەپلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلغان .دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىنى ئېلىپ قېلىپ ،ئۇلارنى ئۆز مۇددىئاسى بويىچە ئوقۇتقان .ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىمۇ باشقىدىن تۈزۈلگەن .مەمتىلى ئەپەندى ئۆگەتكەن ناخشا – مارشلارنى ئوقۇش چەكلەنگەن . ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى كۈنسېرى چېكىنگەن ۋە چاكىنىلاشقان .
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر فوتو سۆرىتى قانداق ساقلىنىپ قالغان؟
مەمتىلى ئەپەندى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قەشقەر قوغانلىق باجىسى ئوبۇل ھەسەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئايالى مەلىكىزاتنى يېشىغا توشمىغان قىزى ئەدىبە بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ كەتكەن.شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقىغان چاغدىكى ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مىراس قالغان نەرسىلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،ھازىرقى سۆرەت شۇ كېنىشكىغا چاپلانغان ئىكەن.مەلىكىزات خېنىم بۇ قىممەتلىك مىراسنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان.ئەپسۇسكى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن كېلىپ چىققان جۇدالىق ھەسرىتىنىڭ دەردىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن مەلىكىزات خېنىم ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.قارا يىتىم بولۇپ قالغان يالغۇز قىزى ئەدىبەنى قەشقەر شەھىرىدىكى ھاممىسى خەلىچە خېنىم بېقىپ چوڭ قىلغان.ئەدىبە بويىغا يەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشلۇق بولۇپ، تۆت پەرزەنتكە ئانا بولغان.1960—1970-يىللىرى «خائىننىڭ پۇشتى»دەپ چەتكە قېقىلىپ،ئەدىبە خېنىمنىڭ كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان.شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن.ئۇ ھازىر غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرق مەھەللىسىدە ئولتۇرىدۇ.مەلىكىزات خېنىمدىن مىراس قالغان سۈرەتنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ باجىسى ئوبۇل ھەسەن ساقلاپ،1960-يىللىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.ئۇلار بۇ سۈرەتنى قايتا فوتوغا ئالغۇزۇپ،كۆپەيتىپ يۇيغۇزۇپ،ئۇرۇق تۇققانلىرىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدۇ.شۇ سۈرەتتىن بىر پارچىسى 1982-يىلى قۇربان باراتنىڭ شەخسى ئادېرسىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.قۇربان بارات بۇ سۈرەتنى «بۇلاق»جورنىلىنىڭ 11-سانىدا ئېلان قىلىپ،جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.شۇندىن بۇيان بۇ سۈرەت كۆپلىگەن كىتاپ-جورناللاردا ئېلان قىلىندى.
مەمتىلى ئەپەندى ناملىق بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرلىرىدىن بىرى بولغان مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى 1923-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.1935-يىلى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «ئىزچى ئەتىرىتى»گە قوبۇل قىلىنغان ھەم بارابانچى بولغان.1939-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ،ئۈچ يىل ئوقىغان.ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋە ئاتۇشتا سەنئەتچى،ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمى مۇدىر بولغان.1949-يىلدىن كىيىن،ئاتۇشتا مەدەنى-مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن.1959-يىلدىن1987-يىلغىچە،ئاتۇش ناھىيىلىك(شەھەرلىك)مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلىگەن.مىرئەھمەت سىيىت ئەپەندى 1981-يىلى تۇنجى قېتىم «بۇلاق»مەجمۇئەسىنىڭ 3-سانىدا«شائىر تەۋپىق»ناملىق ماقالىسىنى ۋە «تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر»نى ئېلان قىلىپ مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇمات بەرگەن.1985-يىلى«ئاتۇش ئەدەبىياتى»دا«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 30-يىللاردىكى كومپوزىتورى مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.ئۇ يەنە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ناخشا- مارشلىرىدىن 40 نەچچىنى رەتلەپ كىتاپچە ھالىتىدە نەشىرگە تەييارلىغان ۋە ئادەتتىكى ئۈنئالغۇ تەمبۇر بىلەن ئوقۇپ،ئىككى پىلاستىنكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرغان.مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى يەنە1987-يىلى«ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى — مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسىنى تاماملاپ نەشىرگە تاپشۇرغان. 1991-يىل10-ئاينىڭ 18-كۈنى 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى — مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسى 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسىدىكى كومپىئوزىتور مىھمانجان روزىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ تۇرغان.كېيىن 1997-يىلى 8-ئايدا«مىرئەھمەت سېيىت،يالقۇن روزى،ئابلىكىم زۇردۇن»لارنىڭ نامىدا رەسمى نەشىردىن چىققان.

- پايدىلىنىلغان مەنبە: «مەمتىلى ئەپەندى »ناملىق كىتاب

ئاپتۇر: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+100(parhat) ئەجرىڭىزگە ب ..
  • مۇنبەرپۇلى:+80(axtuzi) ياخشى ماقالە ..
  • چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-06 13:52 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەمشەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    گۈلقەنىت
    كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 737
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 2373
    شۆھرىتى: 24515 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 35880 دوللار
    تۆھپە: 123 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2512 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 856(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    نەقىل
    بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىشەمشەرنىڭ2010-11-06 13:46دە يوللىغان يازمىسى  :
    مۇشۇنداقمۇ تېما يوللىسا بولامدا ؟؟


    شەمشەر سىزغۇ بەك تەپسىلى قىلىپ يولىۋېتىپسىز ئاخىرىنى
    لىكىن ئاپەتنىڭمۇ  تېمىنى قىسقا يىزىشتىكى ئاساسى يۇق دىگىلى بۇلمايدۇ
    ئاپەتنىڭ قىسقا يىزىشىدا مەمتىلىتەۋپىقنى ئىتىك ئىسىمىزدا تۇتىۋېلىشىمىزغا پايدىلىىق
    مەزمۇنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ بۇپ كەتسە ئاخىرنى ئۇقۇمايلام كىتىپ قالدىغان ئىش جىق ، تېمىمۇ ئىسىدە قالمايدۇ  ئادەمنىڭ،
    ئاپەتنىڭ بۇقېسقا تېمىسنى كۆرگەنلەر چۇقۇم مەمەتئېلى تەۋپىق نىڭ كىملىكىنى نەچىنجى يىلى  نەدە تۇغۇلۇپ
    نىمىش قىلدىغان قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسىدە قالدىغۇ دەيمەن
    تېخىمۇ قىزىقىدىغانلار سىز كەينىدە ئەۋەتكەن تەپسىلى ئارخىۋى
    ئىش - ئىزلىرى  ۋە شىرىلىرىنى كۆرسە بۇلىدۇ
    بۇئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن ئىسمى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى تاپقىلى بۇلىدۇ
        
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-06 14:16 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    شەمشەر
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 30
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 108
    شۆھرىتى: 1405 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1738 دوللار
    تۆھپە: 103 ھەسسە
    ياخشى باھا: 146 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بىر قىسىم ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنىڭ بىر جۈملىلىك تونۇشتۇرۇلۇشى


    باۋدۇن مۇساباي: كارخانىچى.(مۇسابايوفلاردىن)
    ئەخمەت ئىمىن: نەسىرچى، نەشرىياتچى، ئەدەبىي تەرجىمان.
    ئەخمەتجان قاسىمى: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى.
    ھۈسەن مۇساباي: كارخانىچى (مۇسابايوفلاردىن)
    مىرزاھىد كەرىمى: يازغۇچى، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك رومانلىرى بار.
    مۇراد ئەخمىدى: كومپوزىتور، ناخشىچى (قازاقىستان)
    نىغمەت خوجا: ئىقتىسادشۇناس، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    توختى باقى ئارتىشى: تەرجىمىشۇناس، لۇشۈنشۇناس.
    خالمۇرات نەسىردىن: كەشپىياتچى.
    يالقۇنجان شەمىيېف: رېزھىسسور.(قازاقىستان)
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ: 11-ئەسردە ئۆتكەن پەيلاسوپ شائىر.
    زوردۇن سابىر: يازغۇچى.«ئانا يۇرت»، «ئىزدىنىش»، «ئاۋرال شاماللىرى»، «ئاتا» قاتارلىق نۇرغۇن كاتتا بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ ئىجادچىسى.
    زىيا سەمەدى يازغۇچى (قازاقىستان):«مايىمخان»، «دەرتمەننىڭ زارى»، «قانلىق داغ»،«غېنى باتۇر»، «ئەسىردىن-ئەسىرگە»، «ئۆرۈك گۈللىگەن چاغدا»، «ئىلى دەرياسى بويىدا» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلەرنى يازغان.
    ئابباس بۇرھان: بىئولوگىيە ئالىمى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن.
    ئابدۇكېرىم نەسىردىن: سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، رەسسام.
    ئابدۇكېرىم راخمان: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.
    ئابدۇكېرىم خوجا: ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان.
    ئابدۇقادىر داموللا: 20-ئەسرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن دىنىي ئالىم.
    ئابدۇللا تىمەن: زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر سىياسىئونلىرىنىڭ بىرى(تەيۋەن).
    ئابدۇقادىر تاش: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر زھۇرنالىست.
    ئابدۇراخمان ئابلىكىم: بوكس تۈرى بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولغان.
    ئابدۇراخمان قاھار: يازغۇچى، «ئىلى دولقۇنلىرى» قاتارلىق بىرقاتار رومان-پوۋېستلارنى يازغان.
    ئابدۇرېھىم ئەخمىدى: ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى (قازاقىستاندىن، مۇراد ئەخمىدىنىڭ ئاتىسى)
    ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي: تىلشۇناس، پروفېسسور، دوكتور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا)
    ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى.
    ئابدۇرېشىت توختى: شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مول ھوسۇللۇق كومپوزىتورى.
    ئابدۇرېشىت زۇنۇن: كىيىم لايىھىلەش بويىچە ئالىي ئىنزھېنېر. ئاپتونوم رايونلۇق يەنىك سانائەت ئىدارىسىدىن.
    ئابدۇروسۇل ئابدۇللا: مېتېئورولوگىيە بويىچە ئالىي ئىنزھېنېر، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدە.
    ئابدۇشۈكۈر كېرىم: شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسسامى.
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىجتىمائىي پەن ئالىمى.
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي شائىرى.
    ئابلىكىم ئابدۇرېشىت: بوكس ماھىرلىرىنىڭ تەربىيىچىسى، دۆلەت دەرىجىلىك بوكس ترېنېرى، ئار تەنتەربىيە ئىدارىسىدە
    ئابلەق ئاۋامىسلىم: مول ھوسۇللۇق كومپوزىتور، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلىگەن، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتىدۇ.
    ئابلەت ئابدۇرېھىم: ئوتلاقچىلىق مۇتەخەسسىسى (شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى)
    ئابلىمىت ئابدۇقادىر: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن، بىئولوگىيە پېنى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، بىئولوگىيە ئالىمى.
    ئابلىز ھېزىموف: يازغۇچى (قازاقىستان)، قازاقىستاندا نۇرغۇن ئىئاجدىيىتى بارلىقى مەلۇم، ۋەتەندە «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمى نەشر قىلىنغان
    ئابلىز ھىمىت: شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتەتى خىمىيە پەن-تەخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفەسسورى، دوكتور.
    ئابلىز مەخسۇم: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق دەموكرات شائىرى، مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئوغلى.
    ئابلىز شاكىر: مۇقامشۇناس (شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن)
    ئادالەت ئەخمەتجان: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزى)
    ئادىل ھوشۇر: داڭلىق دارۋاز (شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىدىن)
    ئادىلجان جۇڭگودىكى ۋاسكېتبول چولپىنى، ۋاسكېتبولچىلارنىڭ دۆلەتلىك ترېنېرى.
    ئالىجان ئىبراھىموف: قازاقىستاندىن، كاتتا كارخانىچى.
    ئالىمجان باۋدىنوف: يازغۇچى، قازاقىستاندا.
    ئالىمجان ئىنايەت: مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئامىنە غاپپار: تىلشۇناس. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن.
    ئارسلان ئابدۇللا: تىلشۇناس، پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    ئايشەم ئەخمەت: يازغۇچى.«ئۆچمەس ئىزلار»، «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ» قاتارلىق رومانلارنى يازغان.
    ئايشەم ھوشۇر: مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى.
    ئازاد سۇلتان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.
    بىلال ئىلياس: ماتېماتىك، ياپونىيىدە.
    بوغدا ئابدۇللا: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شائىر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
    چىمەن يۇنۇس: باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    دىلبەر يۇنۇس: دۇنياغا تونۇلغان دولقۇنسىمان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى.
    دىلمۇراد كۇزىيېف: كاتتا كارخانىچى، قازاقىستاندا.
    دىلنار ئابدۇللا: ئۇسسۇل سەنئەتكارى.ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن.
    دىلناز ئەخمىدى: ناخشا چولپىنى (مۇراد ئەخمىدىنىڭ قىزى، قازاقىستاندا) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    دىلشات ئابلا: نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى..
    دىلشات ھېۋىزۇللا: كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيال ئىنزھېنېرى (ئەنگلىيىدە)
    دىلشات سۇلتان: ئەدەبىي تەرجىمان، ئالىي مۇھەررىر، پروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭ ئاكىسى.
    دولقۇن رەھمىتۇللا: تېببىي مۇتەخەسسىس (ئامېرىكىدا)
    ئەكبەر غۇلام: ئەدەبىي تەرجىمان، يازغۇچى.
    ئەكرەم ئەلى: ئاگرونومىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئەل فارابى: 10-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن، پەيلاسوپ، تېببىي ئالىم، مۇزىكىشۇناس.
    ئەلى ئەسمىتۇللا: قاتناش-ترانسىپورت تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئەلىشىر ناۋائىي: 15-ئەسردە ياشاپ ئىجاد قىلغان، مۇتپەككۇر شائىر.
    ئەنۋەر ھەسەن: ھايۋانات ئوزۇقشۇناسلىقى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئەنۋەر مۇھەممەت: شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى، ئاتاقلىق سېھرىگەر.
    ئەركىن سىدىق: ئوپتىكا پەنلىرى ئىنزھېنېرى (ئامېرىكىدا)
    ئەسەت سۇلايمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
    ئەخەت تۇردى: يازغۇچى، زھۇرنالىست.
    ئەخمەت تۆمۈر؛ ئاسار-ئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى، «جۇڭگودىكى يىغىپ ساقلاش چولپىنى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
    ئەختەم ئۆمەر: يازغۇچى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوپەرا ئومىكىدىن.
    ئەزىزوف قاسىم: گېنېرال.
    غازباي: مىلادىيىدىن ئىلگىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تېببىي ئالىم، قەدىمىي ھىندىستان مەنبەلىرىدە نامى تىلغان ئېلىنغان.
    غازى ئەمەت:رەسساملىق كەسپى پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن.
    غەنى باتۇر: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
    غەنى غوپۇر: ماتېماتىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    غەنىزات غەيۇرانى: لۇغەتشۇناس، شائىر، ئار تىل-يېزىق كومىتېتىدىن.
    غەيرەتجان ئوسمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    ھاجىئەكبەر ئەيسا: بايلىق خىمىيىسى مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن.
    ھىسامىدىن قۇربان: زامانىمىزدىكى “نەسىردىن ئەپەندى”.
    ھوشۇر ئەلى: رەسسام، خەتتات، بىرىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
    ھوشۇر ئىسلام: پروفېسسور، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
    ھۈسەنجان جامى: ئاتاقلىق تەمبۇرچى، مۇزىكا ئىجادچىسى.
    ھۈسەنجان تۇنىياز: ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئىبراھىم مۇتىئى: زامانىمىز ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى، تەتقىقاتچى.
    ئىدرىس ئابدۇروسۇل: ئارخېئولوگ، تەتقىقاتچى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالىغۇچى.
    ئىليار شەيخىدىن: ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئىمىن تۇرسۇن: ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتچىسى، شائىر، تىلشۇناس.
    ئىمىننىياز ئىسمائىل: كومپوزىتور، تۇرپان ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن.
    ئىسراپىل يۈسۈپ: ئارخېئولوگ، قەدىمقى ئەسەرلەر ۋە تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى.
    ئىززەت ئىلياس: ناخشىچى، شىنجاڭ ئوپەرا ئۆمىكىدىن.
    جالالىدىن بەھرام: يازغۇچى، رەسسام. «لېيىغان بۇلاق»، كۆمۈرچى بالا»، «ئامەت ۋە ئاپەت» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى. مۇشۇ كىشىلەر قاتارىدىكى مۇسا سايرامىنىڭ رەسىمىنى جالالىدىن ئەپەندى سىزغان. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
    ئابدۇۋەلى جارۇللايېف: ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى.
    جيەن بوزەن: تارىخشۇناس، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.
    جيەن يىڭخەي: جۇڭگودىكى مەشھۇر كارخانىچىلارنىڭ بىرى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.
    كۈرەش ئىبراھىم: فىزىكا ئالىمى، قېتىشىش ھالەت فىزىكىسى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىدىن.
    لىتىپ توختى: تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ: ئىنقىلابىي شائىر.
    مۇھەممەت باغراش: يازغۇچى، ئار يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن.
    مۇھەممەتجان سادىق: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شائىر (ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن)
    ماھىنۇر ھاجىياقۇپ: كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمانى.
    ماھىنۇر نىياز: دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا.
    مەھمۇد قەشقەرىي: 11-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن تىلشۇناس.«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتورى.
    مەھمۇد خالىق: بىئولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    مۇھەممەت شاۋدۇن: زھۇرنالىست، شائىر.
    مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق): مائارىپچى، شائىر.
    مەمتىلى زۇنۇن: شائىر، دراماتۇرگ. «ھېيتگاھ تۇمانلىرى»، «مەسلىھەت چاي»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق دراما-ئوپېرالارنى ۋە نۇرغۇن نادىر ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان.
    مەمتىمىن بارات:گېن ۋە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    مەمتىمىن غېنى: ماشىنىسازلىق مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    مەمتىمىن ھوشۇر: يازغۇچى.«قۇم باسقان شەھەر»، «قىرلىق ئىستاكان»، «سالام، ھېسام ئاكا»، «بۇرۇت ماجراسى»، «چوشقىلارغا بايرام»، «ئالتۇن چىشلىق ئىت» قاتارلىق نۇرغۇن نادىر پروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورى.
    مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف: گېنېرال.
    مەترېھىم سايىت: تۈركولوگىيە مۇتەخەسسىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
    مەخسۇت مۇھىتى: 20-ئەسرنىڭ 30-يىللىرىدا ياشاپ ئۆتكەن مائارىپچى.
    مىجىت خۇدابەردى: جۇغراپىيىشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    مىرسۇلتان ئوسمانوف: تىلشۇناس، تەتقىقاتچى.
    مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر: 15-ئەسردە ئۆتكەن تارىخچى، «تارىخىي رەشىدى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.
    مۇھەممەتجان راشىدىن: مائارىپچى، شائىر.
    مۇھەببەت قاسىم: تىلشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    مۇھەممەت ھېيت: رەسساملىق كەسپى پروفېسسورى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    مۇھەممەت سالىھ داموللا: دىنىي ئالىم، «قۇرئان كەرىم»، «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» (ھەدىس)، «مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلەرنى ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەرجىمە قىلغان كىشى.
    مۇراد ناسىروف: ناخشا چولپىنى (قازاقىستان)
    مۇسا ھاجى: 19-ئەسردە ئۆتكەن كاتتا كارخانىچى.
    مۇسا سايرامى: 19-ئەسردە ئۆتكەن تارىخچى.«تارىخىي ھەمىدى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.
    مۇساجان روزى: مۇزىكا مائارىپچىسى، كومپوزىتور، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن.
    نىمشېھىت (ئارمىيە داموللا): شائىر.«مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شېرىن» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.
    نىياز كېرىم شەرقى: خەتتات، رەسسام.
    نىياز كېرىمى: كارتوگرافىيە مۇتەخەسسىسى، يەر-جاي ناملىرى تەتقىقاتچىسى.
    نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر: كارخانىچى.  
    نۇسرەت ۋاجىدىن: كومپوزىتور، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى.
    ئۆمەرجان ئابدۇرېھىم: باغۋەنچىلىك ئالىمى.
    ئۆمەرجان ئابلا: ماشىنىسازلىق مۇتەخەسسىسى، ئالىي ئىنزھېنېر.(ئامېرىكا)
    ئۆمەرجان ئېلى: نەپىس خىمىيە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن.
    ئۆمەرجان ھىمىت: ئالاھىدە ئىقتىدار ئىگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىز كۆرگەن ماھارەتلىرى: تاشنى ئىڭىكىگە، قولتۇقىغا قىسىپمۇ سۇندۇرۇۋېتەلەيدۇ، قولىڭىزدىكى تۈگۈنچەكنى يىراقتا تۇرۇپ يېشىۋېتەلەيدۇ، يىڭنەمىقلارنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق كۈچىمەيلا ئۈزىۋېتەلەيدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    ئوسمانجان ساۋۇت: شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، «تارىم» زھۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى.
    پەرھاد جىلان: يازغۇچى، تەرجىمان، شۇئار ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، «ئالتۇن قاندا توي»، «مەھمۇد قەشقەرىي»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» قاتارلىق رومانلارنى يازغان.
    قەمبەرخان ئەمەت: ئۇسسۇل سەنئىتى پىشىۋاسى.
    قەيسەر ئابدۇقادىر: قانتومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى.
    قەييۇم تۇردى: يازغۇچى. «قىزىلتاغ ئېتىكىدە»، «كۈرەشچەن يىللار» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى.
    قۇددۇس غوجامياروف: كۆپلىگەن مۇزىكىلىق داستان (سىمفونىيە) لەرنىڭ ئىجادچىسى، مول ھوسۇللۇق كومپوزىتور (قازاقىستان).
    قۇربان بارات: شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان، نەشرىياتچى.
    رادىل ئابلا: كارخانىچى، «ئارمان» كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش درېكتورى.
    رائىلە داۋۇت: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    رەھىم قاسىم: شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، زھۇرنالىست.
    رەنا قاسىم: تېببىي مۇتەخەسسىس، پروفېسسور، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى. ئىز تورى www.iz.la
    رىشات ئابدۇروسۇل: ماتېماتىك (كانادا)
    رىشات ئابباس: دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى (ئامېرىكىدا، ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ ئوغلى)
    روزى سايىت: شائىر.«دېھقان بولماق تەس»، «دېھقان يىغلايدۇ»، «دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەممىگە تونۇشلۇق.
    روزىھاجى مۇھەممىدى: داڭلىق دوختۇر، يۈرەك-قانتومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    سادىر پالۋان: مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيىسى ئىستىبداتىغا قارشى قەھرىمان. www.iz.la
    ساۋۇت موللادايېف: ئەدەبىياتشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى (قازاقىستان)
    سەلەي چاققان: 19-ئەسردە ئۆتكەن “نەسىردىن ئەپەندى”، خەلق قىزىقچىسى.
    شەۋكەت دۆلەتى: مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسى، ئار مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن.
    شېرىپ نىياز خۇشتار: مىللىي مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى.
    شۆھرەت مۇتەللىپوف: بىئولوگىيە ئالىمى، 1961-يىلى قازاقىستاندا تۇغۇلغان، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە ياراتقان. (ئامېرىكا)
    سۇلايمان ئىمىن: مۇزىكا نەزەرىيىچىسى، كومپوزىتور، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    تاشپولات روزى: ماتېماتىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېرىنى پۈتتۈرگەندىن كېئەيىن ئامېرىكىغا بېرىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا.
    تاشپولات تىيىپ: سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش جۇغراپىيە ئۇچۇرلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مۇئاۋىن مۇدىرى.
    تىيىپجان ئېلىيوف: ئاتالىق شائىر، جامائەت ئەربابى.
    تۆمۈر خەلپە: دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باشچىسى.
    تۇغلۇقجان تالىپوف: تىلشۇناس، پروفېسسور (قازاقىستان) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    تۇردى ئاخۇن: ئۇيغۇر 12 مۇقامى زامانىمىزغا يەتكۈزۈپ كەلگەن كىشى، مۇقامشۇناس.
    تۇردى ئىمىن: رەسسام، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىدىن.
    تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان ئۇسسۇل سەنئەتكارى، خەلقئارا ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئار ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن..
    تۈرگۈن ئىبراھىم: كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى (ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىنىڭ ئوغلى)
    تۇرسۇنجان لىتىپ: دىراماتۇرگ، «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «يول ئۈستىدە»، «مېھمان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئەلگە تونۇلغان.

    خالمۇرات غوپۇر: تېببىي مۇتەخەسسىس، پروفېسسور، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ مۇدىرى.
    خەمىت ھىمىت: جۇغراپىيەشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مۇئاۋىن مۇدىرى.
    خەمىت تۆمۈر: تىلشۇناس، پېداگوك، ئەدەبىي تەرجىمان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    خېۋىر تۆمۈر: تارىخچى، يازغۇچى.«موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە» قاتارلىق چوڭ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.
    خۇرشىدە تۇردى: كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئەتكارى، ھازىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا.


    يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق: مائارىپچى، «قۇتادغۇ بىلىك»شۇناس، پەرزەنت تەربىيىسى ۋە قۇتادغۇ بىلىك تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئەمگەكلىرى بىلەن ئەلگە تونۇلغان.
    ياسىن ئاشۇرى: تارىخشۇناس، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن. ئىنسانىيەتكە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ دۇنخۇئاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇر ھەرپلىرى ئىكەنلىكىنى بدت پەن-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى تارىخىي پاكىت ئاساسى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن ئاساسلىق ئالىم.
    ياسىنجان سادىق: يازغۇچى.«جاللات خېنىم» قاتارلىق ئېسىل بەددىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    زەپەر ئابلىز: دورىگەرلىك خىمىيەسى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
    زۇنۇن قادىر: يازغۇچى، دىراماتۇرگ، “غۇنچەم”، “ماغدۇر كەتكەندە”، “چېنىقىش” قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.
    ئابدۇكېرىم ئابباسوف: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى.
    بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    مەنبە ؛ئەقىل ئىداراك تورى...
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرىتى:+50(axtuzi) ياخشى ماقالە ..
  • چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-06 15:28 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەمشەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    گۈلقەنىت
    كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 737
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 2373
    شۆھرىتى: 24515 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 35880 دوللار
    تۆھپە: 123 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2512 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 856(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

          
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-06 16:07 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    شەمشەر
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 30
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 108
    شۆھرىتى: 1405 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1738 دوللار
    تۆھپە: 103 ھەسسە
    ياخشى باھا: 146 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    نەقىل
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىگۈلقەنىتنىڭ2010-11-06 16:07دە يوللىغان يازمىسى  :
          

    قىسقا بولسا ئېسىمىزدە تۇتۇشقا پايدىلىق ھەم ئاسان بولدۇ دېگەنتىڭىز شۇڭا قىسقا چۇشۇندۇرۇشنى يوللاپ قويدۇم !
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-06 16:29 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەمشەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    گۈلقەنىت
    كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 737
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 2373
    شۆھرىتى: 24515 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 35880 دوللار
    تۆھپە: 123 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2512 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 856(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    لىكىن ماڭا تارىخى رومان دەك كۈرىنىپ مىڭەمگە كىرمىدى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-06 16:50 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 36
    يازما سانى : 2772
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 810(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    شەمشەر  ناھايىتى  تەپسىلى  ، قايىل  قىلارلىق  يوللاپسىز  ،  سىزگە   كۆپ رەھمەت !
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-06 19:32 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • »
    • Pages: 1/2     Go
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » مەشھۇرلىرىمىز
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا