ئۇيغۇر ھەققىدە كالتە خىياللار
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
C:\Program Files\Adobe\Reader 9.0\Esl
ئىلى دەرياسى C:\Program Files\Adobe\Reader 9.0\Esl
بىر زامانلار ئاتا بوۋام، شوق ئارغىماقلىرىنى مىنىپ، قىلىچلىرىنى ئوينىتىپ ھەقىقەت ئۈچۈن جەڭ قىلغىنىدا، تالاي پالۋانلارنىڭ قېنى سېنىڭ يۈرىكىڭگە قوشۇلۇپ، ھەيۋەتلىك شاۋقۇن چىقىرىپ ئۆركەشلەپ ئاققان ئىدى.
مانا ئەمدى، ئەۋرەز يولىدىن چىققان بەتبۇي يۈندىلەر ساڭا قوشۇلۇپ، سېنڭ غورۇر ھەيۋەڭنى دەپسەندە قىلماقتا...
سەن سۈكۈت قىلۋاتىسەن... تىنىچ ئېقىنلىرىڭ ئۆتمۈشنى سېغىنىپ ياش تۆكمەكتە...
ئۆركەشلە...ئىلى دەرياسى... باش ئەگمەس مەغرۇر دولقۇنلىرىڭ بىلەن ئار نۇمۇسىڭنى يۇيغىن! ئۆركەشلە...! بەتبۇي يۈندىلەر سېنىڭ شاۋقۇنلۇق دولقۇنلىرىڭدا تامام يوقالسۇن...!
قۇياش
C:\Program Files\Adobe\Reader 9.0\Esl
دىھقان ئاتام، سېنىڭ تونۇردەك قىززىق ئاپتاپلىرىڭدا كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ پارقىراپ كەتكەن چېكىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتىۋەتكىن كىيىن، قىسىلغان كۆزلىرىنى، توغراقنىڭ غولىدەك كەڭ ئالقانلىرى ئاستىغا يوشۇرۇپ ساڭا تىكىلگىنىچە، سېنىڭ زىمىن ۋە ئېتىزلارغا ئاتا قىلغان ئىللىق ھارارىتىڭگە رەھمەت ئېيتىۋاتىدۇ...
بىراق... مەن سەندىن نەپىرەتلىنىمەن قۇياش... چۈنكى سەن ئەشۇ ئىللىق ھارارىتىڭ بىلەن زىمىننى ئىسسىتىپ، قانچىلىغان ھايالىق قىزلارنى كىيىملىرىنى سېلىۋىتىشكە مەجبۇر قىلمىدىڭمۇ....؟
ھاراق C:\Program Files\Adobe\Reader 9.0\Esl
بىر زامانلاردا جەڭ مەيدانىدىكى ئەشۇ پالۋانلار، سېنى غەلبىنىڭ، مەردلىكنىڭ، باتۇرلۇقنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئىچىشكەن ئىدى.
مانا ھازىر يىگىتلىرىمىز سېنى، غاپىللىقنىڭ، زەئىپلىكنىڭ، مەغلۇبىيەتنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە قانماي ئىچىشمەكتە...
ئۇلارنىڭ ئىچىنى راسا قىززىتقىن. مەستلىكتە بولسىمۇ، قەلبىدىكى شۇ ئارزۇلىرىنى ناخشىسىغا قوشۇپ، قاراڭغۇ تار كوچىلاردا ۋارقىراپ ئېيتىپ، ئەل يۇتنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ تاشلىسۇن...!
خەنجەر C:\Program Files\Adobe\Reader 9.0\Esl
بىر زامانلاردا، ئۆزىنى ئەر سانىغان ھەر بىر ئەركەكلىرىمىز سېنى يېنىغا مەھكەم قىستۇرۇپ، سەن بىلەن تالاي دۈشمەنلىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ئىدى. سەن ئەركەكلەرنىڭ ئايرىلماس ھەمراھى ئىدىڭ.
ئەمدىلىكتە...بولدى بەس... بېرىپ قىزلىرىمىزغا ھەمراھ بولغىن. ئۇلار سەن بىلەن، ئۆز ئىپپەت نۇمۇسىنى بۇزماقچى بولغان مەلئۇننىڭ قېنىنى تۆكسۇن...
يامغۇر
C:\Program Files\Adobe\Reader 9.0\Esl
پاھ...يامغۇر، قاپقارا بۇلۇتلىرىڭنى ئەگەشتۈرۈپ، ھەيۋەت بىلەن چاقماق چېقىپ يېغىشقا تەمشىلۋاتىسەن.
ياغە يامغۇر... دىلى ئازار يىگەن نازلىننىڭ يېشىدەك مىشىلداپ سىم-سىم ياغماي، تارىخ، مىللەت، ئۆتمۈش ئۈچۈن يىغلاۋاتقان ئەركەكنىڭ يىغىسىدەك ھۆركىرەپ، شارقىراپ ياغقىن.
يىغىسىنى كۈلكىسىگە يوشۇرۇپ يۈرگەن ئەركەكلىرىڭ ساڭا جۆر بولسۇن...!
تاغلار C:\Program Files\Adobe\Reader 9.0\Esl
ئىھ...تاغلار. بىر زامانلار قەيسەر ئاتام، چاپچىپ تۇرغان ئارغىمىقىنى مىنىپ، سېنىڭ مەغرۇر چوقىللىرىڭدىن ھالقىپ، سوغۇق ۋە مۇشەققەتلىرىڭگە باش ئەگمەي داۋان ئاشقىنىدا، پالۋان ئاتالغان ئىدى.
مانا ئەمدى... قارغىنە...! ئاق باش چوقۇللىرىڭغىچە تۇتاشقان يىلان باغرى تاش يوللارغا، ئەنە شۇ يوللار يېڭى تەرەققىياتنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە، سېنىڭ باش ئەگمەس جەسسۇر قامىتىڭنى سۇندۇرۇپ، كۆككە تاقاشقان مەغرۇر چوقىللىرىڭنى بوي سۇندۇردى.
سېنىڭ تېخى ھېچ كىم ئاياق بېسىپ باقمىغان ئىپپەتلىك باغرىڭنى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلاندۇردى.
ئىھ...تاغلار، بېشىڭنى كۆتۈرگىن... مەغرۇرلىقىڭ يوقاپ كەتمىسۇن...!
C:\Program Files\Adobe\Reader 9.0\Esl
2010-يىلى 16- ئۆكتەبىر شەنبە
مۇڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى
مەنبە:شەبنەم تورى
http://bbs.xabnam.in/read.php?tid=286