باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز مەن ئىتەلمىگەن تائاملار دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2010-10-30)
كېرەكلىك ماتىرىياللار:ئۇن بىر كىلوگىرام،يېڭى قوناق 4باش،پىياز بىرباش،قىزىل- كۆكمۇچ ھەرقايسىسىدىن بىرتال،سودا يېرىم بال قوشۇق. خۇرۇچلار:تۇز،ئاق-قارامۇچ،زىرە ھەرقايسىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئۇنغا يېرىم بال قوشۇق سودا ۋە ئاز مىقداردا تۇز قۇيۇپ خىېمىر يۇغۇرىۋالىمىز.خېمىر تىنغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا قوناقنى پىچاقتا قىرىپ بىر قاچىغا ئېلىپ قويۇپ ،ئارقىدىن يۇيۇپ-تازىلانغان پىياز،قىزىل-كۆك مۇچلارنى ئۇششاق توغراپ ،قىرىپ تەييارلانغان قوناقنىڭ ئۈستىگەسېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردا تۇز،ئاق-قارا مۇچ،زىرە قاتارلىقلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز. تىندۇرۇلغان خېمىرنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا ئۈزۈپ زۇۋۇلا قىلىپ،يايغۇدا گۆش ناننىڭ خېمىرىنى ئاچقاندەك نېپىز ئېچىپ تەييارلايمىز،تەييارلانغان قىيمىنى ئېچىلغان خېمىر ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ،خېمىرنىڭ ئەتراپىنى قىيمىنىڭ سۈيىدە ئازراق نەمدەپ ئۈستىگە يەنە بىر زۇۋۇلىنى ئېچىپ ياپىمىز،ھەم ئەتراپىنى چىمداپ ھىملەيمىز.تاۋىغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىغاندا تەييارلانغان خېمىرنى ئاۋايلاپ سېلىپ بوش ئوتتا ھەرئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ پىشۇرۇپ تەخسىگە ئېلىپ پارچىلاپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
|