
خۇرۇچلىرى:قوي،كالىنىڭ پىشۇرۇلغان قېرىنىدىن 500گىرام،شورپىدىن ئىككى كىلوگىرام،ئاقمۇچتىن 5گىرام،ئاچچىقسۇدىن 30گىرام،پالەكتىن بىر تۇپ،پىيازدىن بەش گىرام،سامساقتىن ئىككى چىش،تۇز،تېتىتقۇدىن مۇۋاپىق مىقتاردا.
ئېتىش ئۇسۇلى:قېرىننى بەش سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا،ئىنچىكە سەرەڭگە تىلىدەك توغرايمىز،قازانغا شورپىنى قۇيۇپ قاينىتىپ،توغرالغان قېرىننى سالىمىز،ئاندىن تۇز،ئاقمۇچ،توغرالغان پىياز،سامساق،پالەك،تېتېىتقۇ ،ئاچچىقسۇلارنى قۇيۇپ ،تەمىنى تەڭشەپ،قاچىغا ئالساق بولىدۇ.
تەسىرى:ئوزۇقلۇقى يوقۇرى،ئاشقازاننىڭ فۇنكىسيىسىنى ياخشىلايدۇ،قاندا ماي ماددىسى يۇقىرى،قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرى كىشلەرگە خىل كەلمەيدۇ.
تەبىئىتى:سوغۇققا مايىل.