oznur.cn vip
زۇلپىقار
دەرىجىسى : يېڭى ئوگەنگۇچى


UID نۇمۇرى : 1436
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرىتى: 60 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 140 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 7 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  دوسلار  ياخشىمۇسىلەر  بۇ مۇنبەرگە بۈگۈن يىڭى  ئەزا  بولۇپ كىردىم  تۇنجى تىما يىزىشىم
شىپالىق رولى:
سسىق قايتۇرۇش، قان بىسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاندىكى ۋە بەدەندىكى ماينى سېرىش، قەۋزىيەت، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان بەدەندىكى ئاغرىقلارنى تۈگىتىپ ھاردۇق چىقىرىش، ئىشتىھا ئېچىش رولىغا ئىگە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ماتېرىيال تەييارلاش:
ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللار:1. قوناق ئۇنى (قوناق ئۇنى ئادەتتە ئاق قوناق ئۇنى ۋە سېرىق قوناق ئۇنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ، يومدانغا ئامال بار ئاق قوناق ئۇنى ئىشلەتسە ياخشى بولىدۇ)؛ 2. چامغۇر، باش چامغۇر ۋە چامغۇر كۆكى؛ 3. گۆش، ئۇستىخانلىق قوي گۆشى ئالاھىدە تەم ھاسىل قىلىدۇ. 4. پەمىدۇر. 5. يۇمغاقسۈت (ئاش كۆك) ياكى پېننە. 6. تېخىمۇ تەم ھاسىل قىلىش ئۇچۇن ئەتىياز ۋە يازدا غورا، كۈز ۋە قىشتا كاۋا ياكى ئۇرۇك قېقى (گۇلە) سىلىۋەتسەك بولىدۇ.
2. ئېتىش باسقۇچى
1. سۈيىنى تەييارلاش. جان سانىغا ئاساسەن قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ، سۇغا ئىسسىق ئۆتمەستىلا بادام چوڭلۇقىدا تۇغرالغان گۆشنى، سەيگە
توغرالغان ياڭيۇ چوڭلۇقىدا تۇغرالغان چامغۇرنى ۋە تېخىمۇ تەم ھاسىل قىلىش ئۇچۇن ئەتىياز ۋە يازدا غورا، كۈز ۋە قىشتا كاۋا (كاۋىنى چوڭراق بولغان توخۇ تۇخۇمىدەك توغرايسىز، ئۇرۇقىنى ئىلىۋېتىسىز) ياكى ئۇرۇك قېقى (گۇلە) دىن ئادەم بىشغا 3-4 تالدىن توغرا كەلگۇدەك قىلىپ سالىسىز، ئوتتا سۈيى قاينىغاندىن كىيىن ھاسىل بولغان كۆپۇكىنى سۇزۇۋىتىپ، ئۇششاق چوقۇلغان پەمىدۇرنى سالىسىز، سۈيى ئامال بار پەس ئوتتا ئۇزاق قاينىسۇن.
2. خېمىر تەييارلاش. قوناق ئۇنىدىن جان سانىغا ئاساسەن مۆلچەرلەپ ئىلىپ خېمىر يۇغۇرلىدۇ. (دىققەت: قوناق ئۇنىنىڭ يېپىشقاقلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن ۋە ھەزىم بولۇشى قىيىن، ئاشقازاننى ئېچىشتۇرىدىغانلىقى ئۇچۇن بۇغداي ئۇنىدىن ئۇچتە بىر نېسبەت بويىچە ئارلاشتۇرلىدۇ) خېمىر يۇغۇرۇلغاندا چوقۇم ئىشلىتىلگەن سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى 40-50سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولۇشى لازىم، ئەلۋەتتە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قۇيلىدۇ، خېمىر چىڭ يۇغۇرلىدۇ. (خېمىر سىزگە نىسبەتەن قولاشمىغاندەك تۇيلىدۇ، بۇ نورمال، خىمىرنى ئۇزاق تېندۇرۇشقا بولمايدۇ، يۇغۇرۇپ بولۇپلا كېسىپ، تەييارلىغان قايناۋاتقان ئاش سۇيىگە سالىسىز) خېمىرنى كەسكەندە ئاۋۋال تۇگرە ئېچشتا ئىشلىتىلىدىغان پوزا ئارقىلىق تاختا ئۈستىگە 0.5 0.3-سانتىمىتر قىلىنققا كەلتۈرۈپ يايىسىز، تەكشى يېيىلغاندىن كىيىن، كەڭلىكى 0.3-0.5 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى5 سانتىمېتىر ھالەتتە كىسىز.
3. پىشۇرۇش.
تەييار بولغان ئاش سۇيىگە كېسىلگەن خېمىرنى سېلىپ 13مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە قاينىتىمىز. (دىققەت: خمىرنى تۇزسىز يۇغۇرغان ياكى سوغۇق سۇدا يۇغۇرغان، بوش يۇغۇرغان بولسىڭىز ئېزىلىپ كېتىدۇ) قوناق ئۇنى ئۇزۇندىراق پىشىدۇ،پىشقاندا تۇزىنى تەڭشەپ يۇمغاقسۈت (ئاش كۆك) ياكى پېننە، چوقۇلغان سامساقلارنى سېلىپ، بىر قاينىتىپ ئوتنى توختىتىسز.......
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+80(axtuzi) قايىل قىلارل ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-10-27 23:09 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زۇلپىقار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 45
    يازما سانى : 2845
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 834(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مۇنبەردىكى  بىر  بوشلۇقنى  تولدۇرۇپ ،  قۇۋۋەتلىك    ھەم  شىپالىق   تائامىمىزنى  يوللاپسىز   ،  سىزگە  كۆپ  رەھمەت  ،  داۋاملىق  تاتلىق  يازمىلىرىڭىزنى  كۆرۈشكە  تەشنا  بىز .
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-10-28 21:00 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئائىلىدە قوناق ئۇن تائاملىرىنى تەييارلاش
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


    '; ShowAd(); /**/