
توخۇ دۈملىمىسى
[خۇرۇچى]
سېمىز،ياش توخۇ بىر دانە،كاۋاۋىچىن ئارىلاش تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،سۇڭپىياز ئۇچ تال،زەنجىۋىل ئازراق،قوۋزاقدارچىن ئازراق،شورپا ئازراق،ئاق شېكەر ئازراق،شاكال بەدىيان بەش تال، كۈنجۈت يىغى ئازراق،سۇ يېغى500گرام.
[پىشۇرۇش ئۇسۇلى]
1.توخۇنى بوغۇزلاپ،تۈكلىرىنى يۇڭداپ،ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋىتىپ،پاكىز يۇيغاندىن كىيىن،ئىچى ۋە تېشىغا تۇز،سېرىق ھاراق سۈركىلىدۇ.زەنجىۋىلنى سوقۇپ،ئۇنىڭغاشېكەر،كاۋاۋىچىننى،ئارىلاشتۇرۇپ،زەنجىۋىل،شېكەر،كاۋاۋىچىن ئۇنى تەييارلىنىدۇ.
2.توخۇنى چوڭقۇر قاچىغا سېلىپ،زەنجىۋىل،سۇڭپىياز،سوققان قوۋزاقدارچىن،شاكال بەدىيارلانى سېلىپ،قاسقانغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
3.قازانغا ياغ قۇيۇپ7-دەرىجەقىزىتىپ،دۈملەنگەن توخۇ گۆشىنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ،ئۈستىگە كۈنجۈت يېغى سۈركەپ تەخسىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ قۇيۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
تەييارلانغان كاۋاۋىچىن،زەنجىۋىل ئۇنىڭغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ سۇڭپىيازلارنى باشقا-باشقا كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ توخۇ گۆشى بىلەن بىللە قويۇلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]
ئىشلىنىشى نازۇك،توخۇنىڭ تېرىسى چۈرۈك،گۆشى يۇمشاق،رەڭگى قىزىل،پارقىراق،شەكلى كۆركەم،تەمى پۇراقلىق.