
«ھاياتى ئاخىرلاشسىمۇ، تېنىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش» بۇ ئاڭلىماققا، ئەقىلغا سىغمايدىغان ئىش، بۈگۈنگە كەلگەندە، دۆلىتىمىزدىكى دالىيەندە بۇ ئىش ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. Von Hagens شىركىتى مەخسۇس جانلىقلارنى پلاستىكلاش خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان شىركەت بولۇپ، ئۇلار جەسەتلەرنى پارچىلاش، سۇسىزلاندۇرۇش، شەكىلگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئادەم ئەۋرىشكىسىنى ياساپ، مەڭگۈلۈك ساقلاپ قالىدىكەن. بۇ بىر قاتار مەشغۇلاتلارنىڭ جەريانى ئادەمنى قورقىتىدۇ.

جەسەت ساقلايدىغان مېتال ساندۇق
ئىككى نەپەر سولياۋ خىزمەت كىيىمى كېيىۋالغان ئەر كىرىپ مېتال ساندۇقنى ئاچتى. مېتال ساندۇق ئىچىگە قارامتۇل كۈل رەڭ سۇيۇقلۇق توشقۇزۇلغان. ئىچىدە ئىككى دانا ئاق رەخىتكە ئورالغان نەرسە لەيلەپ تۇرىدۇ. «بۇ دەل جەسەت». بىر خىزمەتچىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككى نەرسە ئادەم ئەۋرىشكىسى ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاۋال قويۇقلىقى %20 بولغان فورمالىنغا چىلاپ 4 ئاي تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن جەسەتنى يېرىپ يۆتكەشكە بولىدىكەن. فورمالىننىڭ رولى بولسا، مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مېكروپلارنى ئۆلتۈرۈش ئىكەن. « گېرمانىيەدىكى پىدايىلار ئىئانە قىلغان بۇ جەسەتلەرنى، دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە لياۋنىڭ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىنڭ كارانتىن قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كېيىن دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ».

جەسەت يېرىلىپ بولغاندىن كېيىن سۇسىزلاندۇرىلىدۇ.

سۇسىزلاندۇرىلغان جەسەتلەر ياپىلاقلىنىدىكەن، ياپىلاقلانغان ئەزالار ئەسلىدىكى ئەزالاردىن پەرىقلىنىدۇ.
توڭلۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان جەسەتلەر سەنئەت بويۇملىرى سېخىدا جەسەتلەر ھەر خىل ئولتۇرغان، توپ تېپىۋاتقان...قاتارلىق شەكىللەرگە كەلتۈرىلىدۇ.
سۇسىزلاندۇرىلغان جەسەتلەر ياغاچ، پولات مىخ، تۆمۈر جازا قاتارلىق ئەسۋاپلار بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، سۇسىزلاندۇرىلغان جەسەتنىڭ مۇسكىللىرىدا ھېچقانداق ئېلاستىكىلىق يوق بولۇپ تالالىرى كۆرۈنىپ تۇرىدۇ.

Von Hagens ، گىرمانىيەدىكى «پىلاستىرلاش ئاتىسى» دەپ ئاتالغان.

ئاپتورى: ئېنىقسىز مەنبەسى: تېڭشۈن تورى