نەمۇنىلىك ئەرلەرنىڭ ئۆلچىمىكەن. ئەرلەر ئاڭلىق ھالدا مۇشۇ بويىچە بولالىسا ئاياللار تېخىمۇ مۇلايىم، تېخىمۇ ئىتائەتمەن بولىدۇ.
مەنمۇ ئاياللارغا ئازراق يېزىپ باقاي:
1. قانداقلا بولمىسۇن يولدىشىڭىزدىن رازى بولۇڭ. ئۇنىڭدىن زارلانماڭ، چۈنكى سىز رازى بولۇپ ئۇنىڭغا نىكاھلانغان.
2. يولدىشىڭىز ئىشىكتىن كىرگەندە مۇمكى قەدەر كۈلۈپ قارشى ئېلىڭ. ھەر قانچە چارچىغان بولسىڭىزمۇ چاندۇرماڭ.
3. يولدىشىڭىز سوۋغات بەرسە خۇشالىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ، ھەرگىزمۇ ياراتمىغاندەك پوزىتسىيەدە بولماڭ.
4. يولدىشىڭىز ۋە باللىرىڭىزغا ئىللىقلىق، خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تېرىشىڭ.
5. يولدىشىڭىز كەچ قالسا تولا تېلىفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتە قىلىۋەرمەڭ، ئەنسىرىگەن بولسىڭىز بىر قېتىم قىسقا ئۇچۇرلىشىپ بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
6. ئامال بار پىكرىنى ھۆرمەت قىلىڭ، كەسپىنى قوللاڭ، قىزىقىشىغا قارشى گەپ - سۆزلەرنى قىلماڭ.
7. مېھماندارچىلىق ۋە چايدىكى گەپلەرنى ئۆيگە كېلىپ دەپ يۈرمەڭ، ئوبرازىڭىزنى ياخشى ساقلاڭ.
8. ئۆيدە دەم ئالغان كۈنلىرىڭىزدىمۇ پاكىز كىيىملەرنى كىيىپ چىرايلىق رەتلىك يۈرۈڭ. بولۇپمۇ كەچلىك كىيىملىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ.
9. چايغا بارسىڭىز بالدۇرراق قايتىپ كېلىڭ، تۇققانلارنىڭكىدە كەچ قالغۇدەك بولسىڭىز تېلىفۇن ئۇرۇپ دەپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.
10. كىيىمەن، تاقايمەن دەپ جىدەل قىلماڭ، ئۆزى بىلىپ ئەپ بېرىدۇ. يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇڭ.
11. ئىقتىزاتتا بىرلىك بولسۇن، پۇل توغرۇلۇق دە - تالاش قىلماڭ. خەجلىسىڭىز بار مەسلەھەت ئېلىپ خەجلەڭ.
12. يولدىشىڭىزنىڭ ئاتا - ئانىسى، ھەدە - سىڭىزللىرى، ئاكا - ئىنىلىرى ۋە بارلىق تۇققانلىرىنى ھۆرمەتلەڭ، ئىززەتلەڭ. ئۇلار بار جايدا يولدىشىڭىزنى تېخىمۇ چوڭ كۆرۈڭ. تېخىمۇ ئىتائەت قىلىڭ.
13. زىتىغا تىەىدىغان گەپنى ئاغزىڭىزدىن چىقارماڭ، دوستلىرى بار سورۇندا ئېيىپلىمەڭ، بۇيرۇق تەلەپپۇزۇدە گەپ قىلماڭ.
14. بالىلارنى تەربىيلەشتە يولدىشىڭىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا تەربىيلەڭ، باللارنىڭ ئالدىدا يولدىشىڭىز بىلەن گەپ تاكاللاشماڭ، ھەر قانچە ئاچچىقىڭىز كەلسىمۇ چىڭ ئاۋازدا ۋاقىرىماڭ.
15. سەۋىيىڭىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ تۇرۇڭ، بىلىم سىزنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، بىلىملىك كىشى ھەر ئىشتا تىڭىرقاپ يۈرمەيدۇ.
16. ئايدا بىرەر قېتىم ۋاقىت چىقىرىپ يولدىشىڭىز بىلەن ئۆتكەن گۈزەل ئەسلىمىلىرىڭلارنى ئەسلىگەچ كەلگۈسۈڭلار ئۈچۈن پىلان تۈزۈڭلا. شۇنداق چاغدا كۆڭلىڭىزدىكىنى بىمالال دىۋېلىڭ.
17. كىيىمىنى كىر قىلماڭ، پاكىز كىيىندۈرۈپ، قورسىقىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭ. تېتىغۇدەك تاماق ئېتىپ بېرىڭ. ھە دىسىلا بازاردىن يىيىشكە زورلىماڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئۆي تامىقىدا بەركەت ۋە ئىللىقلىق، مېھرى - مۇھەببەت بار.
18. ئۆي ۋە ھويلا - ئاراملارنى پاكىز تۇتۇڭ، گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىڭ، يولدىشىڭىز تالادىن كىرىپلا ئارام - بەخش ھېس قىلالىسۇن.
19. يولدىشىڭىز ئارام ئالسا سىز باشقا ئىشلار بىلەن بەنت بولماڭ، بەزى تەلەپلىرىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلماڭ، ئەگەر سىزگە قولايسىز بولسا چىرايلىقچە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ.
20. يولدىشىڭىزنىڭ كەيپىياتى بىنۇرمال بولسا ئەھۋالىنى سوراپ تەسەللى بېرىڭ، دېگۇسى كەلمىسە كۆزىگە كىرىۋالماڭ، نىمىنى خالىسا، نىمىگە ئامراق بولسا كۆڭلىدىكىنى تېپىپ خۇشاللىق بېغىشلاڭ، ئەرلەر مەڭگۈ بىر بالىغا ئوخشايدۇ، ئۇ ھەر ۋاقىت مېھرىبانلىققا، تەسەللىگە مەدەت - ئىلھامغا مۇھتاج بولىدۇ، شۇڭا دائىىم يار - يۆلەكتە بولۇشقا تېرىشىڭ.[ بۇ يازماarchaتەرپىدىن2010-10-02 00:10دە قايتا تەھر ]