hantagri illikdunya.biz sohpat
مۇتەللېپ
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 774
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 137
شۆھرىتى: 1635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2020 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 273 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى axtuzi نادىرلىدى .(2010-09-30)
شىنجاڭدا 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش كارتىسى ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ
خۇددى ئوقۇغۇچىلار پويىزغا ئولتۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىگە ئاساسەن يېرىم بېلەت ئالغانغا، ياشانغانلار ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشتا ياشانغانلار ئېتىبار كېنىشكىسىگە ئاساسەن ھەقسىز ئولتۇرغانغا ئوخشاش، بۇندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئوبىكىتلىرىمۇ كېنىشكىغا ئاساسەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى «ئالاھىدە تەمىنات»قا ئېرىشىدۇ.

     مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭدا 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئومۇمەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار كىشلەرگە ئائىلىسىدە بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلە ئەزالىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش كارتىسى بېجىرىپ بېرىلىدىكەن، ئۇ چاغدا، بۇ كارتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئوبىكىتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشىدىكى كۈچكە ئىگە دەلىل-ئىسپاتقا ئايلىنىدىكەن. لېكىن بۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئوبىكىتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم بېرىش كارتىسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىشسىزلىققا تىزىملىتىش كىنىشكىسىنى تەڭ ئىشلەتكەندىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى يەنە بىر تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

     نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخى مۇكەممەل ئەمەس، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزم كەم، شۇڭا ، ئاپتونوم رايون بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەردىن بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى ئەمدىلا ئورۇنلاپ بولۇش ئاساسىدا، يەنە بىر قېتىم «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تارقىتىپ، جايلاردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تىرىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ياردەم بېرىش ئوبىيكىتلىرىنى تېخىمۇ كونكرېت قاراتمىلىقى بولغان نۇقتىلىق ياردەمگە، شۇنداقلا ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى، ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغان ياردەم بېرىش ئوبىيكىتلىرىنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى يۆلەشتىن ھەقىقى بەھرىمان بولۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

    «پىكىر»دە جايلاردىن بەلگىلىمە بويىچە، تىزىملاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىشسىزلارنى مەھەللىدە تىزىملىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاتمىغانلارنىڭ تىزىملىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش-ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش، ئىشسىزلار ئىچىدىكى ياردەم بېرىش ئوبېيكىتلرى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلېرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.
     قولىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش كارتىسى بارلار شۇ جايدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا، ئاساسى قاتلام ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمىنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئىلتىماس قىلىپلا قالماي، يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى قولىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش كارتىسى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى چۈشىنىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىش ھەمدە ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم مۇلازىمىتى ۋە سىياسەت ياردىمى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىشى لازىم.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش كارتىسى تارقاتقاندىن سىرت، بۇندىن كېيىن جايلار يەنە ھەر بىر ياردەم بېرىش ئوبىيكىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، خاسلاشتۇرۇلغان ياردەم بېرىش لايىھىسىنى تۈزۈپ، مەخسۇس مۇلازىمەت قىلىش يولى ۋە ياردەم بېرىش تەدبىرىنى لاھىيىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياردەم بېرىش كېلىشىمى شەكلى ئارقىلىق «بىر ئادەمگە، بىر سىياسەت» بويىچە نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ يۆلەشنى يولغا قويىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغان ياردەم بېرىش ئوبىيكىتلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، ياردەم بېرىش ئوبىيكىتلىرىنىڭ سىياسەتتىن بەھرىمان بولۇش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىكەن، يوللۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمىنى قوبۇل قىلمىغان ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئوبىيكىتلىرى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارغا قايتا ياردەم بېرىش ئوبىيكىتلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلمايدىكەن.

مەنبە؛تەڭرىتاغ تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-29 20:23 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇتەللېپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 67
يازما سانى : 1729
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەركەن  مەن ئۇنۇملۇك پايدىلانسام بولغىدەك
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-10-03 14:15 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

تەنھا
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 202
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 92
شۆھرىتى: 985 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2950 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 111 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ ئىنتايىن پايدىلىق خەۋەركەن  
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-13 21:44 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تەنھا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئەڭ يېڭى خەۋەر-ئۇچۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا