hantagri illikdunya.biz sohpat
مۇتەللېپ
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 774
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 137
شۆھرىتى: 1635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2020 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 273 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ماقالە مەنبەسى : كەپسىزلەر بلوگى
بۇرۇن ئاللاكىملەرنىڭ ، لۈكچەكلەرنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ ، ئىپپىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى قاتتىق ھار ئېلىپ ئۆزىنى دەريا ، كۆل - ئۆستەڭ ، ئىلەكلەرگە تاشلاپ ئۆلۈۋالغان ئاياللارنى ئاڭلىغانمەن. ھەتتا ئېھتىياتسىزلىقتىن قېيىن ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئوسۇرۇپ سېلىپ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان ئاياللارنىمۇ ئاڭلىدۇق.نۆۋەتتە ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىدىكى غەربلىشىشكە چوقۇنۇش ، جىنسى ئەركىنلىك ئېقىمىغا ئۆزىنى ئېتىش، ھاياسىزلىشىش، ئېتىقادسىزلىشىشنى مىللىتىمىز بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈلپەت دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
بىز ئەرلەر يېرىم - يالىڭاچ يۇرمەڭلار دىدۇق. خۇراپى دىدىڭلار. ھاراق ئىچمىدۇق-تاماكا چەكمىدۇق___ موللام مىجەز، ئوغۇل بالىچىلىقى يوق دىدىڭلار. سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىكى ئوغۇل بالىچىلىق زادى قانداق؟

مانا سىلەردىكى غەرپكە چوقۇنۇش ئالدى بىلەن كاللاڭلارنى ،ئاندىن ئۈستىۋېشىڭلارنى، ئاخىرىدا ھەممە يېرىڭلارنى ئېچىۋەتتى.....

بىز ئوغۇللارنى ھازىر ئەڭ بەك ئېچىندۈرۈۋەتكىنى ___ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان كىچىك قىزلارنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىپپىتىنى ئادەتتىكى نەرسە دەپ قارىشى............. ھازىر ئۇلار ئۈچۈن ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋاي دىگۈدەك ئىش ئەمەس.

زامانىۋى شەھەر قىزلىرى قانغىچە بىر چېكىپ يا ئىچىپ ، دېسكوخانىلاردا بىرەر ئاخشام سەكرىۋالسا ،يېزىلاردا ئەپلەپ-سەپلەپ توي قىلىۋالسا( ئەتىسى ئاجرىشىپ كەتسىمۇ مەيلى) ھەممە ئىش ئۆتۇپ كېتىدىغان بولدى.

يەنەبىر قىسىم قىزلار ئىسمىنى ئاتاپ بولغىلى بولمايدىغان <<تىرناق ياساش قەلئەسى >> << پۇت يۇيۇش شەھەرچىسى>> دىگەندەك غەيرى يەرلەردە ئۆزىنىڭ بىباھا ئىپپەت نومۇسى، گۆھەردەك تەنلىرىنى سېتىپ ھارامخور تا ئىپىلەرنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقچىغا تولدۇرماقتا .

ناۋادا ئۇلارغا ھالال ياشىسىڭىز بولمامدۇ دېسىڭىز دەرھال : سىز ئەر بولسىڭىز ئەمىسە مېنى خوتۇنلۇققا ئالامسىز؟

ئايال بولسىڭىز ئەمىسە مېنى بالا قىلىپ بېقىۋالامسىز؟دەپ زۇۋانىمىزنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ، ئەجەبا ئۇلار قىلاي دېسە جەمئىيەتتىن باشقا ئىش تېپىلماسمۇ؟ ئۇلار خالىمايدۇ، يىراق سەھرالاردا تاغار يۈدۈپ يۈرگۈسى يوق، ....تاماقخانىلاردا قاچا-قۇچا يۇيۇپ نومۇسقا قالغۇسى يوق، كوچا- كويلاردا ئۆپكە - ھېسىپ. دورغاپ - لىغىرداق سېتىپ جاپا تارتقۇسى يوق، ..... پۇلى يوق ،ئەمما ئەركەك تۈكى بار ئەردىن بىرىگە تېگىپ جاپالىقراق بولسىمۇ بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارغۇسى يوق. مانا بۇ راھەتپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى .

ھازىر بەزى كىشىلەر ھايۋانات دۇنياسىدىن قىلچىلىك پەرقى بولمىغان جىنسى ئەركىنلىك ئېقىمىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ، <<< ئاياللىق ئىپپىتى ---- پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۈچۈن تەييارلانغان ئامانەت بولماستىن بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ تەييارلانغان ئامانەتتۇر، بۇلغانمىغان ئانا تېنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋە كەلگۈسىدىكى دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان پەرزەنتىڭلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئېسىل بىباھا سوۋغات.>>>. قىزلار ، سىلەر ھەرقاچان بۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەرنى ئانچە بەك چۈشىنىپ كېتەلمەيسىلەرغۇ دەيمەن، يەنە كەمبەغەل- كەمبەغەلنىڭ قاياشى دىگەندەك بىر- بىرىڭلار بىلەن دوست تارتىشىپ مېنىڭكىنى خاتاغا چىقىرارسىلەر بەلكىم.......

يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ ، ئەتىرلەرنى بولۇشىغا چېچىپ ئايىغى چىقماس قاتار چاي، ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى،خىزمەتداش، ئۈلپەتداشلار ئولتۇرۇشىغا ماڭساڭلار : ياسىنىپ- تارىنىپ بېرىدىغان ئېرىڭ مەن تۇرسام مۇنچە قىلىپ نەگە؟ بارما دىسەك قېنى قانچىڭلار گەپ ئاڭلايسىلەر؟ دەپ بېقىڭلارچۇ؟

بىزنى سەۋەبسىزلا مۇشۇنىڭ بىلەن قالاق، كۈنلەمچى،مەدەنىيەتسىز قاتارىغا چىقىرىۋېتىسىلەر............

ئېرىڭلارنىڭ تاپقان تۆت تەڭگىسىگە شۈكرى قىلماي ئىككى تال سېسىق پۇل ، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن ئېرىڭلار، بالاڭلارنى ئويلىماي ئىشتان بېغىڭلارنى ئۆزەڭلار يېشىپ بېرىۋاتىسىلەر...........

قېنى ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟ كىم سىلەرنى كارىۋاتقا مەجبۇرلاپ چىقاردى؟ سىلەر قىز - ئاياللار ئۆزەڭلەرگە چىڭ بولساڭلارلا بىزنىڭ ھەر قانچە يامان نىيىتىمىز بولسىمۇ قانداق قىلالايمىز؟؟ دەڭلارچۇ؟

كونا بولسىمۇ يەنە دەپ قوياي، شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، يىڭنە جىم تۇرمىسا يىپ ساپقىلى بولمايدۇ...

ئەمدى بىزدىمۇ بار ، بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت سىلەرنى ئەخمەق قىلىشىمىز ، ئالدىشىمىز ئەمەس، مېنى تىللىماي ئاخىرىنى ئوقۇڭلار ،دىمەكچىمەن ، سىلەر ئەخلاقلىق بولۇپ يامان نىيەتلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشمىسەڭلارلا بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ھايۋانلارمۇ تۈگەيدۇ، ئۇلارغا شارائىت قالدۇرماڭلار. ئۇلار قانداق قىلالايدۇ؟

بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت -- ئەرلىك غورۇرى يوق خۇمسىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئەرلىك غورۇر، ۋىجدان، مەسئۇلىيەت ئېڭى بىزدە يېتىلسە بىزمۇ ئوڭشىلىپ كېتىمىز.
بەزى سولامچى( باشقۇرغۇچى دوستۇم،سەت گەپ قىلساممۇ مۇشۇ گەپنى بىر ئۆچۈرۈۋەتمىسىڭىز ،ئۇلارمۇ بىر كۆرسۇن) ،ئەرلىك غورۇرىنى چاشقان يەپ كەتكەن ناجىنس، غىتمەك ، لامزەللە مازلار تېخى بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ ئۇسۇلچى بولۇشىنى نورمال ئىش ، قابىلىيىتىنى كۆرسەتكەنلىك ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تېنىنى سېتىپ پۇل تېپىشىنى قوللايدىكەن، تۈ فى، ھۇ لامزەللە ،ئاپاڭنى،سىڭلىڭنى ئاپىرىپ بەر تېخى بۇنداق ئىش مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بار ، مۇشۇنداق تېمىلارغا قايتۇرۇلغان نۇرغۇن ئىنكاسلارنى كۆردۇم،قارىسام بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ سېتىلىشىنى قوللايدىغان خۇمسىلار 40-50پىرسەنتكە بېرىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟

ئىشەنمىسەڭلار مۇشۇ مۇنبەردىكى ئاددى ئادەم يوللىغان << مەن نىمە قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم >>ۋەققايى نىڭ << مۇشۇمۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى بولدىمۇ؟ >> دىگەن تېمىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار......

سىلەر قىز - ئاياللار بىزنىڭ بىرىنچى ۋەتىنىمىز ، سىلەر دەپسەندە قىلىنساڭلار بىز مۇ دەپسەندە قىلىنغان بولىمىز..

سىلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىڭلار ۋەتەننىڭ دەپسەندە قىلىنغىنى .........سىلەر بىزنىڭ ئا نىلىرىمىز، ئاچا- سىڭىللىرىمىز،سىلەر بىزنىڭ بارلىقىمىز ، ماكانىمىز،ئۆيىمىز.......شۇڭا بىز ئۈچۈن بولسىمۇ ،بىچارە مىللىتىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزەڭلارنى ئاسراڭلار، ئەخلاقلىق ، ھايالىق بولۇڭلار.............

يىگىتلىرىم ، سىلەرنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالدىغىنىڭلار ، دەپسەندە قىلغىنىڭلار ___ ماھىيەتتە ئۆزەڭلارنىڭ ئاپا- سىڭىللىرىڭلارنى ، ۋەتىنىڭلارنى ،بىچارە مىللىتىڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلار، دەپسەندە قىلغانلىقىڭلار، ئاياق-ئاستى قىلغانلىقىڭلار ئەمەسمۇ؟ بىز شۇ دەرىجىدە نومۇسسىزلىشىپ كەتتۇقمۇ؟ بىز ئاشۇ بىچارە قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ ئىگىسى،ھامىسى، قوغدىغۇچىسى، تاغدەك يۆلەنچۈكى ئەمەسمىدۇق، ئەمدى ئېشىپ تېشىپ ئۇلارنى خەقنىڭ ئاستىغا تاشلاپ بېرىمىزمۇ ؟ تا ر ، مەن كۆز قارىشىدىن ھالقىپ بىز كۆز قارىشىدا ئويلاپ بېقىڭلار
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-23 11:27 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇتەللېپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
جالالىدىن

دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 49
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 188
شۆھرىتى: 2085 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2368 دوللار
تۆھپە: 103 ھەسسە
ياخشى باھا: 217 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نادىر تېما ،
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-10-01 13:51 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( جالالىدىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 869
شۆھرىتى: 8760 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8870 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 912 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇنداق ياخشى تىمىنى كورىدىغانغا  ئادەم چىقماپتۇ دىسە؟
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-19 17:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
kumlukburisi
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 619
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 102
شۆھرىتى: 1115 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1250 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 128 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تاماكا ،ھاراقنىىڭ يامان ،گۇناھلىق تەرىپىنى سۆزلەيدىغان ئادەملەر بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى .چۈنكى ھاراقكەش بەڭگىدە ئۇنچېلىك ۋىجدان نىمە قىلسۇن .مۇنداق تىما چىقسا كىشىلەرنىڭ جىمجىت بوپ قېلىشى تەبىي ئەھۋال ،چۈنكى بۇنداق لاتا مىجەزلىك ئاللىقاچان ئومۇملىشاي دىدى .مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بىر نەچچېسىنى تۇنۇيمەن .ئۆزى ئىسىل ،گەپ سۆزلىرى جايىدا ،ئەمممازە........
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-20 14:48 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( kumlukburisi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا