illikdunya.biz abduheni
بودەك
ئوماق بودەك
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 457
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 658
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 124(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى axtuzi نادىرلىدى .(2010-09-20)
شىنجاڭ مۇسۇلمانچە تائاملىرى جىنىس دۇنيا رىكورتى ياراتتى

20–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمىنىڭ شىنجاڭ مۇسۇلمانچە تائاملىرى جىنىس دۇنيا رىكورتى پائالىيىتى 11–سېنتەبىر ئۈرۈمچى قىزىلتاغ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەتكە كەلگەنلەر بۇ جىنىس دۇنيا رىكورتىنىڭ يارىتىلىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش بىلەن بىرگە يەنە بۇ تائاملارغا ئېغىز تەگدى .



ئەڭ چوڭ نان

ئابلاجان نانلىرى چەكلىك شىركىتى دىئامېتىرى 2.2 مېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نان يېقىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇردى . ئىگىلىنىشچە ، ئابلاجان نانلىرى چەكلىك شىركىتى 1–ئاۋغۇستتىن باشلاپ ناندىن جەمئىي 13 نى ياغقان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان . پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغىنى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ئىكەن .








ئەڭ چوڭ تۆگە كاۋىپى




جاڭ يۈەنسۇڭ يېڭى قورۇما تەتقىقات ئۇيۇشمىسى 280 كىلوگىرام كېلىدىغان تۆگە كاۋىپى پىشۇرۇپ پائالىيەتكە قاتناشتۇردى .








ئەڭ ئۇزۇن كاۋاپ پۇشۇرۇلغان كاۋاپدان




پائالىيەتتە ماي گۈلى تائام مەدەنىيىتى چەكلىك شىركىتى ئۇزۇنلۇقى 67.27 مېتىر كېلىدىغان كاۋاپداندا كاۋاپ پىشۇردى .



ئەڭ چوڭ قازاندا پۇشۇرۇلغان پولو
پولو پۇشۇرۇلغان ئوچاق

ماي گۈلى تائام مەدەنىيىتى چەكلىك شىركىتى چوڭ قازاندا پولو ئېتىپ پائالىيەتكەن قاتناشتۇردى . ئىگىلىنىشچە ، بۇ پولوغا 600 كىلوگرام گۈرۈچ ، 700 كىلوگرام سەۋزە ، 600 كىلوگرام قوي گۆشى ، 600 كىلوگرام سۇ ، 200 كىلوگرام ماي كەتكەن بولۇپ ، 20 مىڭ ئادەم ئېغىز تەگكۈزگەن .



ئەڭ چوڭ توخو قوردىقى

 شىنجاڭ بىرىنچى چوڭ تەخسە يېمەك–ئىچمەك چەكلىك شىركىتى ئەڭ چوڭ تەخسىدە توخو قوردىقى ئېلىپ چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى .








كاۋاۋىچىن تەملىك توخو




بودەك بوۋاي مۇسۇلمانچە يېمەك–ئىچمەك باش دۇكىنى چوڭ تاۋاقتا كاۋاۋىچىن تەملىك توخو پىشۇرۇپ پائالىيەتكە قاتناشتۇردى . 


      





مەنبە: ئىزباسار تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-20 11:01 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( بودەك ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئەڭ يېڭى خەۋەر-ئۇچۇرلار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا