hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
كۈمۈش
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 79 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئۇيغۇر قورىمىلىرى ۋە ئوزلەشتۇرۇلگەن قورىمىلار. دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-03-19)
چۈشەندۈرىلىشى:ئاخشام تەييارلىغان بولكا ئۇۋىقى
رەسىم:
   بالىڭىز KFC نىڭ توخۇ گۆشىنى يەيمەن دەپ غەلۋە قىلمايدىغاندۇ؟ ئۈرۈمچىدە KFC دە ئولتۇرغان
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيران قالغانتىم. شۇنچىۋالا جىق ھالال تاماقخانىلار تۇرسا، چوقۇم ھارام
نەرسىنى ئىزدەپ بېرىپ يېيىشنىڭ نېمە ھاجىتى باردۇ؟
   بۈگۈن KFC گە بارمايمۇ ئوخشىتىپ تەييارلانغان توخۇ پاچىقى ياكى توخۇ قانىتىنى ئۆيىمىزدىلا تەييارلاپ
يەيلى. بۇ يەردە مەن توخۇ پاچىقى، توخۇ قانىتى ۋە پوكىنى قاتارلىق قىسىملىرىنىڭ بىر نەچچە خىل تەييارلاش
ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرماقچى. بولكا ئۇۋاقلىق توخۇ گۆشى پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى.
   لازىملىق خۇرۇچلار: توخۇ گۆشى، ئۆزىڭىز خالىغان قىسمىدىن خالىغىنىڭىزچە مىقداردا.
بولكا ئۇۋىقى: بىر پىيالە
بىر پىيالە ئۇن
ئىككى دانە تۇخۇم
تەملەندۈرۈش ئۈچۈن قارىمۇچ ۋە تۇز
بىر ئاش قوشۇق سۈت

قوشۇمچە: بۇ خىل توخۇ گۆشىگە توخۇنىڭ قانىتىنى ئىشلەتسىڭىز دېگەندەك تەملىك بولمايدۇ، پاچاق ۋە
توخۇنىڭ پوكىنى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەگەر پاچاقنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز پاچاقنى ئاۋۋال سۇدا چالا
پىشۇرىۋېلىپ ئىشلىتىڭ. ئەگەر پوكاننى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئامال بار تېرىسىنى پاكىز، سۆڭىكىنى
ئېلىۋىتەلىشىڭىزچە ئېلىۋېتىڭ، بۇنىڭدا بىر قەدەر ساغلام بولغان پىشۇرۇش ئۇسۇلى بولىدۇ.
بولكا ئۇۋىقىنى قانداق تەييارلايمىز: قېتىپ قالغان بولكىدىن بىر پارچىنى ئەگەر ئۆيىڭىزدە يېمەكلىككە
ئىش قوشقۇچ (Food processer خەنزۇچىسى 食品加工机 دېگەندەك نەرسە بولسا شۇنىڭغا
تەييارلىسىڭىزمۇ، ئەگەر ئۇ بولمىسا ھاۋانچىدا سوقۇپ تەييارلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چوقۇم ئۇششاق بولۇشى
كېرەك، بولمىسا توخۇغا ياخشى يېپىشمايدۇ. يۇقاردىكى رەسىمدىكىسى مەن ئاخشام تەييارلىغان بولكا
ئۇۋىقى، ھەردائىم چوڭ بىر قاچا قىلىۋېلىپ ئېلىپ قويىمەن، قۇرۇپ قاتقان بولكىنى ئۇۋاپ ئېلىپ قويسىڭىز
بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى:
توخۇ گۆشىنى پاكىز يۇيۇپ، بىر قاچىغا ئېلىپ قويىمىز. تۇخۇمنى چېقىپ ئىچىگە بىر قوشۇق سۈتنى قۇيىمىز.
(بۇنى قىلمىساقمۇ ھېچقىسى يوق، مەن بىر قانچە خىل رېتسىپنى سىناپ باقتىم، مۇشۇ ياخشى بولىدىكەن،
تۇخۇمنىڭ يېپىشىشچانلىقى يۇقىرى بولىدىكەن). بولكا ئۇۋىقىغا ئۆزىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىمىزچە قارىمۇچ ۋە
تۇزنى ئارىلاشتۇرىمىز.  بىر چوڭقۇرراق تەخسىگە ئۇننى، بىر قاچىغا تۇخۇمنى، بىر تەخسىگە بولكا ئۇۋىقىنى
قويۇپ تەييارلاپ قويىمىز.
لېسنىڭ ئاستىغا پارقىراق قەغەز ياكى مايلىق قەغەز سېلىپ قويساق ياخشى.
دوخۇپكىنى 175 گرادۇسقا توغرىلاپ قىزىتىپ قويىمىز.
تەييارلانغان توخۇدىن بىر پارچىنى ئاۋۋال ئۇن بار تەخسىگە سالىمىز، ئۆرۈلدۈرۈپ ھەممە تەرىپىگە ئۇن تولۇق
يېپىشقاندىن كېيىن قىسقۇچ ياكى ۋىلكا بىلەن ئېلىپ تۇخۇم بار قاچىغا سالىمىز، ھەممە تەرىپىگە تۇخۇمنى
تەكشى يېپىشتۇرغاندىن كېيىن بولكا ئۇۋىقى بار قاچىغا سالىمىز، بولكا ئۇۋىقىمۇ تەكشى يېپىشقاندىن كېيىن
ئېلىپ لېسقا سالىمىز.
ھەممە تۇخۇ پارچىلىرىنى مۇشۇنداق تەييارلايمىز.
ئاندىن دوخۇپكىغا سېلىپ، 6-7 مىنۇتتىن كېيىن ئېلىپ ئۆرۈپ يەنە 6-7 مىنۇت قويساق پىشىدۇ.
دىققەت: پىشقان-پىشمىغانلىقىنى بىلىشىتە، ئەگەر سىزدە يېمەكلىكنىڭ ئىچكى قىسمىنى ئۆلچەيدىغان
تېرمومىتىر بولسا، توخۇ گۆشىنىڭ ئىچكى تېمپىراتۇرىسى 100 گرادۇسقا يەتكەن بولسا، ئەگەر ئۇ نەرسە
بولمىسا، توخۇ گۆشىنىڭ شورپىلىرى چىقىشتىن توختاپ، لېسقا ئاققان شورپىسى قۇرۇپ قالغان بولسا
پىشىپتۇ دەپ ئالسىڭىزبولىدۇ. پىشىش ۋاقتى گۆشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە، دوخۇپكىغا باغلىق، مېنىڭ
دوخۇپكام بەك چوڭ، شۇڭا ئۇزۇندىراق پىشىدۇ.


ئىستېمال قىلىنىشى:
مۇشۇ پېتى ياكى سالاد بىلەن قوشۇپ، ئازراق پەمىدۇر قىيامى تەگكۈزۈپ يېسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى توخۇ گۆشىنى
ياپىلاقلاپ پىشۇرۇپ ھامبۇرگ توقىچى ياساپ يېسىڭىزمۇ بولىدۇ. بېلىق گۆشىنىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن
پىشۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئادەتتە تېز تاماقخانىلاردا ياغدا پىشۇرىدۇ. لېكىن ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ساغلام يېمەكلىكلەر
ئەمەس
. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مەن تونۇشتۇرغان ئۇسۇلدا پىشۇرۇڭ، تەمىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

تېمامنى داۋاملىق يازىمەن، قىزىقىدىغانلار سىناپ بېقىپ تەجرىبەڭلارنى سۆزلەپ بېرەرسىلەر.
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+200(ئاشپەز) ئېسىل قورىما
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-14 20:56 | 加拿大 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    ئۇيغۇرئاي
    كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 957
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2052
    شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
    تۆھپە: 108 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2180 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    كوپ رەھمەت سىزگە!غەرىپنىڭ ئۇزگىچە تائاملىرىنى ئۇزمىمىزمۇ قىلىپ يىيەلەيدىغان بولدۇق...قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن خۇدايىم...مەن قىزىقمايتتىم بۇنداق تائاملارغا،ئويدە ئۇزەم سىناپ باقاي...
    udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-14 21:57 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئۇيغۇرئاي
    كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 957
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2052
    شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
    تۆھپە: 108 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2180 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بولكا ئۇۋىقىنى قانداق تەييارلايمەن راس ..ئاۋارە قىلدىم سىزنى...دۇكاندا تەييار بارمۇ يە؟
    http://bilimzar.com
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-14 21:58 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئاۋۇ ئارىلىقتا تونۇشتۇرغانتىم، قايتا قاراپ بېقىڭە.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-14 22:07 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 36
    يازما سانى : 2759
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 808(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بولكا  ئوۋىقى  بازاردا  بار  . ئۇنى  مىيەنباۋكاڭ  ( 面包糠)  دەيدۇ .  ئەگەر  بازاردىن  ئالمايمەن  دىسىڭىز  بولكىدىن بىرنى  ئېلىپ  ئۇۋاتسىڭىز  ياكى   ناننى   ياكى  ھورناننى  ئۇۋاتسىڭىزمۇ  بولىۋېرىدۇ .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-14 22:11 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئۇيغۇرئاي
    كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 957
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2052
    شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
    تۆھپە: 108 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2180 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    كوپ رەھمەت...كەچۇرۇڭ كۇمۇش،كورمەپتىمەن،پەستىكى رەسىمنى كۇرۇشكە ئالدىراپ كىتىپ... بەكمۇ چىرايلىق چىقىپتۇ رەسىمگە...
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-14 22:16 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    مۇقام
    دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


    UID نۇمۇرى : 552
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 680
    شۆھرىتى: 6865 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 7060 دوللار
    تۆھپە: 8 ھەسسە
    ياخشى باھا: 707 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 285(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    پايدىلىق تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، رەخمەت.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-14 22:38 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇقام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    mahlya
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 55 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئەمدى ئۆيۇمگە دوخوپكىدىن بىرنى ئالمسام بولمدى زادى.....
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-15 00:02 | 新疆克拉玛依市

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( mahlya ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۇلكە
    دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1019
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 89
    شۆھرىتى: 925 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1045 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 116 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز  بۇنى ئويدە تەييارلاپ يىسەك نىمىدىگەن ياخشى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-15 09:57 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۇلكە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئاشپەز
    ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 67
    يازما سانى : 1729
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بىز ئاشپەزلەرگە پۇرسەت بولغاندىكىن بىز سىناپ باقساق بۇلىدۇ
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-15 10:56 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • »
    • Pages: 1/2     Go
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » توخۇ گۆشىدە تەييارلىندىغان قورىمىلار
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا