hantagri illikdunya.biz sohpat
مۇتەللېپ
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 774
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 137
شۆھرىتى: 1635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2020 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 273 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

 [خۇرۇچى]

  بىر جىڭ بۇغداي ئۇنى، ئىككى جىڭ يېڭى قوي گۆشى، بىر دانە يەرلىك تۇخۇم، 10–15 دانە گۈلە (ئۈرۈك قېقى)، بىر باش پىياز، ئىككى باش چامغۇر، بىر دانە پەمىدۇر (شوخلا)، تۇز، پىننە قاتارلىقلار.

  [ئېتىش ئۇسۇلى]

  ئالدى بىلەن ئاق ئۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە تۇخۇم قۇيۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن چىڭ خېمىر يۇغۇرىمىز، (خېمىرنى ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك چىڭ يۇغۇرىمىز)، گۆشنى گۈلە چوڭلىقىدا، پىيازنى يالپاق، پەمىدۇرنى ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز. قازانغا ئىككى سەر سۇ ماي قۇيۇپ قىزدۇرغاندىن كېيىن، گۆشنى سېلىپ چالا قورۇغاندىن كېيىن پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇيمىز، ئاندىن تۇز ۋە پەمىدۇرنى سېلىپ پەمىدۇر ئېزىلگۈچە قورۇپ سۇ قۇيۇپ، قاينىغاندىن كېيىن ئۇششاق توغرالغان چامغۇر، گۈلە قاتارلىقلارنى سېلىپ قازاننىڭ سۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز. ئاشنىڭ سۈيى تەييار بولغۇچە خېمىرنى تۇخۇم چوڭلىقىدا ئۈزۈپ، ئالقىنىمىزغا ئېلىپ كۈچ بىلەن ئۇۋۇلاپ، كىچىك پىلتە قىلىۋالىمىز. ئاشنىڭ سۈيى پىشقاندىن كېيىن پىلتىنى چىلان چوڭلۇقىدا ئۈزۈپ يۇمۇلاقلىغاندىن كېيىن، باش بارمىقىمىز بىلەن يىمىرىپ باسساق، كىچىك خېمىرچە خۇددىي قۇلۇلە قېپى شەكلىگە كىرىدۇ. شۇ خىل ئۇسۇلدا بىر – بىرلەپ ئۈزۈپ يىمىرىپ قايناۋاتقان قازانغا تاشلايمىز. ئاش پىشقاندىن كېيىن ئۈستىگە پىننە سېپىپ ئۇسسۇيمىز.

  بۇ خىل سۈيۈق تاماق سەپەردىن كەلگەنلەرگە ھاردۇق ئېشى سۈپىتىدە ئېتىلىدۇ.

  [ئالاھىدىلىكى] مېزىلىك، قۇۋەتلىك، خورىغان قۈۋەتنى تولۇقلاش رولىغا ئىگە

  ئۇيغۇر تائاملىرىمىز بولسا، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى، تەملىكلىكى، تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئېتىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، قۇۋۋەتلىكلىكى، مىزاجنى تەڭشەشتىكى دورىلىق قىممىتى شۇنداقلا خۇرۇچلىرىنىڭ بىر – بىرى بىلەن ماسلىشىشچانلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى تاڭ قالدۇرماقتا. ئەمما تەرەققىياتنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىزمەت جىدىىيلىكى سەۋەپلىك، ھازىرقى ئائىلىلەردە ئېتىلىۋاتقان تاماق تۈرلىرىمىز پەقەت بىر نەچچە خىل بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تائاملىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كەتتى ۋە ئۇنتۇلۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
شۇڭا مەن ئاشپەز ئۇستاملارنىڭ  ئۈگىنىپ قۇيۇپشىنى چىن كۆڭلىمدىن ئۇمۈد قىلىمەن ..رەخمەت.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-06 10:31 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇتەللېپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
نانا
دەرىجىسى : قىزىققۇچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2276
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرىتى: 410 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 440 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 43 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-21 16:03 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نانا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۇيغۇرلارنىڭ شىپالىق تائاملىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا