hantagri daris sohpat
ئەلتىكىن
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1091
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

"تۇردىكامنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ قاپتۇ"دەپ ئاڭلاپ،بازاردىن ئازراق مېۋە-چېۋەسېتىۋالدىم-دە،دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدىم.
مەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندەئۇنىڭ ئايالى زورىخان ھەدە بىلەن ئوغلى مۇرات بار ئىكەن.تۇردىكام ئېغىر تېنقتا كۆزىنى يۇمۇپ ياتاتتى.ئۇنىڭ چىرايى سارغايىپ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ،بىر تېرە-بىرسۆڭەكلا بولۇپ قالغانىدى.
تۇردىكام بىر چاغدا ئاستا كۆزىنى ئېچىپ مىنى كۆردى-دە،بېشىنى لىڭىشتىپ:
-رەھمەت،رەھمەت..-دېدى.ئۇنىڭ ئاۋازى بەكمۇسۇس ئىدى،مەن باش ئىشارىسى قىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم.تۇردىكام نېمىنىدۇر ئېيىتماققا تەمشەلگەندەك ئۈمچىيىپ بېشىنى چايقاپ قويدى-دە،زورىخان ھەدىگە قاراپ:
-زورىخان مەن بەرىبىىر ساقىيالمايمەن... بۇ ئاسما ئۇكۇلنى توختىتىپ قويۇڭلار،بىھۇدە پۇل... مەن سىلەردىن رازى... دېدى.
زورىخان ھەدە كۆزىگە لىققىدە ياش ئالغان ھالدا:
-ئۇنداق دىمىسىلە،خۇدايىم شىپالىق بېرىپ قالار،سىلى ساقىيىدىغانلا بولسىلا قانچە پۇل خەجلىسەكمۇ مەيلى...پۇل تېپىلىدۇ...-دېدى.
تۇردىكام ئۇن-تىنسىز كۆزىنى يۇمىۋالدى.

1-باب
  
  ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە تۇردىكام ۋاپات بولدى.مەرھۇم،مەھەللىمىزدىكى ئابرۇيلۇق مويسىپىتلارنىڭ بىرى بولغاچقىمۇ،نامىزىغا كەلگەن ئادەم ئىنتايىن كۆپ ئىدى.مۇرات جىنازىنىڭ ئالدىدىن قەبرىستانلىققىچە زار-زار يىغلاپ ماڭدى.ئۇنىڭ يىغىسى تۇپراق بېشىغا يىغىلغان ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېزىۋەتتى،جامائەت ھېسداشلىق قىلىپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىشتى.
ھەش-پەش دىگۈچە بىر يىل توشۇپ تۇردىكامنىڭ يىل نەزرىسىمۇ بېرىلىپ بولدى.زورىخان ھەدە تەقدىرگەتەن بېرىپ،ئوغلى مۇرات بىلەن بېغىدىكى ئالما،شاپتۇل،توغاچلارنى سېتىپ كۈن كەچۈرۈشكە باشلىدى.
مۇرات ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئۈچ-تۆت سېۋەت مىۋىنى ھارۋىغا سېلىپ بازارغا كىرەتتى.كۈنىگەئاز بولغاندا 100سوملۇق سودا قىلىپ،قاراڭغۇ چۈشكەندە قايتىپ كىلەتتى.ئوغلى كەلگۈچە زورىخان ھەدىنىڭ كۆزى تۆت بولاتتى.ئۇ كۈندۈزى ئۆي ئىشلىرى بىلەن بەنىت بولاتتى،باغقا كىرىپ مېۋە-چېۋىلەرگە قارايتتى.يەرگە چۈشكەن مېۋىلەرنى يىغىپ قاق سالاتتى.مېۋىلەر ئارىلىقىدىكى بوش يەرلەرگە تېرىلغان پەمىدۇر،لازا،چامغۇر قاتارلىق ئوتياشلارنىڭ ئوت-چۆپىنى ئوتايتتى. . .ھويلا ئارامىنى سۈپۈرۈپ سۇ چاچاتتى،كەچلىك تاماققا ھازىرلىق قىلاتتى،ئىشقىلىپ،
بىردەم بىكار تۇرمايتتى.ئەتىگەندىن-كەچكىچەئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرۈوپ ئۇھ دېگۈدەك ھالى قالمايتتى،پەقەت ئوغلى مۇرات كەلگەندىلا ئۇنىڭ بىلەن تاماق يەپ ئولتۇرۇپ گۇڭۇر-مۇڭۇر
قىلىپ،كىچىككىنە يالغۇز يۈرۈش ئۇنىڭ ئىچىنى پۇشۇراتتى.
ئۇ يىقىندىن بېرى ئوغلىنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ،ئۆيگە قولىغا قول،پۇتىغا پۇت بولغۇدەك ياراملىق بىر كېلىن ئەكىرۋىلىشنى كۆپرەك ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.چۈنكى مۇراتنىڭ يېشىمۇ 25كە بېرىپ قالغانىدى.ئوغلىنى ۋاقتىدا ئۆيلەپ قويمىسا،يامان يولغا كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
"دادىسى رەھمەتلىكمۇ كۆزۈم ئوچۇق ۋاقتىدا ئوغلۈمنى ئۆيلىۋالسام بولاتتى،دەپ ئارماندا كەتتى،ئەمدى مەن ئۇنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويمىسام بولمايدۇ،بۇ كۈننىڭ ياشلىرىنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن،ناۋادا كۆڭلىدە بىرەرسى بولسا،شۇنىڭغا يول مېڭىپ باقسام،بولمىسا مەھەللىمىزدىمۇ خېلى ئوبدان قىزلار بار،شۇلارنىڭ بىرىنى كېلىن قىلىۋالسام."زورىخان ھەدە شۇلارنى ئويلاپ،ئاخىرى كۆڭلىدىكى گەپنى ئوغلىغا ئېيىتتى.بىراق مۇرات قوپاللىق بىلەن:
-سەن مېنىڭ تۇرمۇش ئىشىمغا ئارىلاشما،-دەپ ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى.
كۈنلەر،ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇراتنىڭ روھىي كەيپىياتىدائاستا-ئاستائۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىدى.ئۇ بەزى كۈنلىرى ئاپىسىغا "سوداياخشى بولمىدى"دەپ 10-20 سوم بېرىپ قويىدىغان ،بەزى كۈنلىرى ھەتتا بىر تىيىنمۇ بەرمەيدىغان بولۇۋالدى.ئۇ بەزى كۈنلىرى كافىخانىلارغا،مەيخانىلارغا كىرىپ بولۇشىغا ئىچىپ،ئويناپ غەرىق مەست كېلەتتى-دە،ئاپىسىغىمۇ
كۆرۈمەي ھۇجرىسىغا كىرىپ كىتەتتى.
بىر كۈنى ئۇ ئۆيگە باشقىچەخىيال كەيپىياتتا كىرىپ كەلدى-دە:
-ئاپا،ئاپا،ئەمدى مەن باققالچىلىق قىلمايمەن،قىلىدىغان ئىش تاپتىم.ئايلىقمۇ ئاز ئەمەس،-دېدى.
زورىخان ھەدە ئەجەپلەنگەن ھالدا:
-نېمە ئىش تاپتىڭ،ئورنى نەدىكەن،-دەپ سورىدى.
مۇرات نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنى خالىماي:
-نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى كىيىن بىلىپ قالىسەن،ئىشقىلىپ،شەھەر ئىچىدە،پۇل جىق،-دېدى-دە،قەيەرگىدۇر غايىپ بولدى.
زورىخان ھەدە بېغىدىكى مېۋە-چېۋىلەرنى مەھەللىسىدىكى باققالغا ئەرزان باھادا ئۆتكۈزىۋەتتى.
شۇنىڭدىن باشلاپ مۇرات ئەتىگىنى چىقىپ كىتىپ يېرىم كىچىدە ئۆيگە كىرىدىغان،بەزىدە ناتۇنۇش ئادەملەرنى باشلاپ كېچە-كېچىلەپ مەخپىي سۆھبەت قىلاتتى.ئۇ ھەتتا زورىخان ھەدىنىمۇ ئۆز ھوجرىسىغا يىقىن يوللاتمايتتى.زورىخان ھەدە ئەنسىرەپ كىچىلىرى كىرپىك قاقماي خۇداغا نالە قىلاتتى.ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا توۋا قىلاتتى،بۇپانىي ئالەمنىڭ ۋاپاسىزلىقلىرىنى ئويلاپ ياقىسىنى تۇتاتتى.
ئاشۇنداق زارىقىپ كۈتۈش،غەم-ئەندىشە بىلەن 3ئاي ئۆتۈپ كەتتى.

2-باب

  بىر كۈنى كەچقۇرۇن زورىخان ھەدىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر كىچىك ماشىنا توختىدى،زورىخان ھەدىنىڭ كۆڭلى بىر نىمىلەرنى تۇيغاندەك بولۇپ تالاغا چىقتى،ماشىنىدىن قارا كۆزەينەك تاقىغان،
ئايىغىغا ئۆكچىسى ئېگىز،پارقىراق شىبلىت كىيگەن،چېچىنى گەدەنىگىچە قويۇۋەتكەن،قولىغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىۋالغان،سۇر رەڭ پەلتو كىيگەن بىرى چۈشۈپ:
-ئاپا،قانداق ئەھۋالىڭ؟-دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.زورىخان ھەدەئالدىدىكى كىشىنىڭ ئوغلى مۇرات ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى،ئۇ ئەنسىرىگەن ھالدائۇنىڭغا ئېسلدى،مۇرات ئاپىسىنىڭ دولىسىغا شاپىلاقلاپ تۇرۇپ:
-بولدى،بولدى،يىغلىما،مانا مەن كەلدىمغۇ،ئەمدى ھېچيەرگە بارمايمەن!-دېدى.
ئۇ يانچۇقتىن چەت ئەلنىڭ ئېسىل تاماكىسىنى چىقىرىپ كالپۇكىغا قىستۇردى-دە،تىنىدىن تارىقلاپ تۇرىدىغان 50سوملۇق پۇلدىن بىرنى ئېلىپ تاكسىچىنى يولغا سالدى.
زورىخان ھەدە مۇراتنىڭ تەقى-تۇرقىغا،ئۈستىدىكى ئېسىل كىيىملىرىگە قاراپ ھەيران قالدى.
-ئاپا مەندىن رەنجىدىڭمۇ؟ ئالدىراش بولۇپ قېلىپ،خوشلاشمايلا گۇۋاڭجۇغا كېتىپ قالدىم.گۇۋاڭجۇدىن نۇرغۇن مال ئېلىپ كەلدىم.پۇل بىلەن ساندۇقۇڭنى تولدۇرۋىتىمەن. . .
زورىخان ھەدىنىڭ تىلى گەپكە بارمايتتى،ئۇنىڭ ئانىلىق قەلبنى پەقەت كۆز يىشى بىلەنلا ئىزھار قىلاتتى،بىچارە ئانا،بالا دەردىدە نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدى،قانچە تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئازاب بىلەن ئۆتكۇزمىدى،بۇلارنى بىر-بىرلەپ دەپ ئولتۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
زورىخان ھەدىنىڭ دەرت-ئەلىمى بارغانسىرى كۈچىيىپ ئاخىرى يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى ۋە ئۇشتۇمتۇت ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.ئۇنىڭ ھالىدىن قۇلۇم-خوشنىلار خەۋەر ئالدى.
نەچچە كۈن بولدى، مۇراتنىڭ پەقەت ئىز دېرىگى بولمىدى.
بىر كۈنى چۈشتە ئىككى ساقچى زورىخان ھەدىنى ئىزدەپ كېلىپ:
ئوغلىنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ھاۋا گۈلدۈرلەپ يەر-ئاسمان كۆمتۈرۈلگەندەك بولدى-دە،زورىخان ھەدە "ئاھ..."دەپ يىقىلىپ ھوشىدىن كەتتى.
بەخىتسىز بىچارە ئانا،دوختۇرلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزىشى ئۈنۈم بەرمەي،بىۋاپا ئوغلىنى تاشلاپ بۇ تەڭسىز ئالەم بىلەن خوشلاشتى.

3-باب

  ئارىدىن 15يىل ئۆتۈپ كەتتى.مۇرات تۈرمىدىن چىقتى.ئۇ ئۇت-چۆپ بېسىپ،كەتكەن ھويلىغا كىرىپلا ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى.ئەمدى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىدىغان،ئۇنىڭ بىشىنى سىلايدىغان مېھرىبان ئاپىسى يوق.شۇنداق قىلىپ ئۇ قارا يىتىم بولۇپ قالدى.

مەنبە:تىل ئەدەبىيات كىتاپتىن ئېلىندى.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-05 19:31 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلتىكىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 52
يازما سانى : 1145
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 840(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇنبەرنىڭ تەرەقىياتى دەل ئىقتىدارلىق باشقۇرغۇچىلارغا مۇھتاغ
maktap
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-05 20:36 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا