شەرق ۋە غەرب تائام مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزلىرىگە مۇجەسسەم قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە خاس بولغان مول تاماق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەدەنىيىتىنى دۇنيانىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىغا ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارماقتا ﻫەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە كېڭەيتمەكتە.
ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇ مول تاماق مەدەنىيىتىنى قېرىنداش ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن قاتارلىق ﻫەر قايسى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي تائام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە موللىشىشى ئۈچۈن زور تۆﻫپە قوشقان ئىدى. ئۇيغۇر ئاشپەز ئۇستاملار ئۆز ﻫۈنەرلىرى بىلەن كىشىلەرنى ﻫوزۇرلاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەرلىك ئاشپەزلەرگە ﻫەمدە يەرلىك ئاﻫالىلارغا ئۇيغۇر تائام تۈرلىرىنى ئۆگەتكەن. ﻫازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئالمۇتا، بشكەك ۋە تاشكەنت قاتارلىق چوڭ- كىچىك شەﻫەرلىرىدە ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئاساس قىلغان يېمەك- ئىچمەك سودىسى يەنى رېستۇران-ئاشخانىلارنى ئېچىش بىلەن تىرىكچىلىق قىلىدۇ، ئۇيغۇر تائاملىرى ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.
يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تارقىلىشى بىلەن،ئۇ يەرلەردىمۇ ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئېچىلىشقا ﻫەمدە ئۇيغۇر تائاملىرى شۇنىڭدەك بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تېخىمۇ كەڭ دائىرە بويىچە بىلىنىشكە باشلىدى.
- مەنبە: بىرلەشمە مۇنبىرى
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::
http://www.alkuqar.cn/bbs/read.php?tid=43