تەڭرى1مىليار نوپوسى بار جۇڭگودا ئۆزىدىن چىققان بىرمۇ ئادەمنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئالالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ،جۇڭگوغا ياردەم قىلىشقا نىيەت قىلىپ،ئېيىنشتىيىن،ئىدېسون،نيۇتون،دارۋېن ۋە مېندىللارنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتا ئاپىرىدە قىلىپتۇ.
ئىدېسون؛ ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولۇپ،تەبىئىي پەناە باشلانغۇچىدىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئەڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇپتۇ.بىراق،ئىجتىمائىي پەنلەرگە قىزىقمىغاچقا،ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەپتۇ،ئوتتۇرا تېخنىكوم دەرۋازىسىغىمۇ كىرەلمەپتۇ.تەلىيىگە ئۇ شەھەردىكى بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولغاچقا،ئىشچى قوبۇل قىلغاندا بىر لامپۇچكا زاۋۇتىغا ئىشچى بولۇپ كىرىپتۇ.شېركەت ئۇنىڭ لامپۇچكىغا بولغان ئىشتىياقىغا قاراپ،ئۇنى لامپۇچكا ياسايدىغان ئالاھىدە خادىم قىلىپ قويۇپتۇ.ئۇ كۆڭلىگە يارىغىدەك خوتۇندىن بىرنى ئاپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ بەختلىك ياشاۋېتىپتۇ.
دارۋېن؛ ئۇ دۇنياغا كېلىپ،ھايات مۇساپىسىدىكى بالىلىق چاغلىرىنى خېلى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپتۇ.ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا جۇغراپىيە بىلەن بىئولوگىيىگە ئىشتىياق باغلاپ قاپتۇ.ئەمما،جۇغراپىيە ئىجتىمائىي پەنگە،بىئولوگىيە تەبىئىي پەنگە تەۋە ئىكەن.ئۇ ئاخىرى بىر ساياھەت مەكتىپىگە ئۆتۈپ،ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپتۇ.ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلىش جەريانىدا،ئادەمنىڭ مايمۇدىن ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقاپتۇ.بىراق،ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى ھوقوقدارلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىيالمىغاچقا بىدئەت دەپ قارىلىپ،ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا ئەۋەتىلىپتۇ.ئۇ ئۆزگىرىپ چىققاندىن كېيىن شەرەپ بىلەن بىر كان ئىشچىسى بولۇپتۇ.
مېندىلىۋ؛ ئۇ بىر دېھقا بولۇپ نۇرغۇن يەرگە پۇرچاق تېرىپتۇ.ئۇ پۇرچاق ئۆستۈرۈش جەريانىدا<گېن>دېگەن بىر خىل ماددىنى بايقاپ قاپتۇ.ئۇ يېتىشتۈرۈپ چىققان پۇرچاقلارنىڭ مەھسۇلاتى باشقىلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولغاچقا،بىردىنلا پۇرچاق تېرىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپتۇ.بىراق،ئۇ ئالىي مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەچكە،يازغان ماقالىلىرىنىمۇ ھېچكىم كۆرمەيدىكەن.دەل شۇ چاغدا شالغۇت زىرائەت تەتقىقاتى ئۈستىدە تازا قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقان بىر ئىلمىي نوپوز ئىگىسى تاسادىپىي مېندىلنىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ قاپتۇ.ئۇ بۇ يەردىكى پۇرچاقلارنىڭ تولىمۇ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،مېندىل بىلەن تاماقتىمۇ،يېتىپ-قوپۇشتىمۇ بىللە بولۇپ،ئۇنىڭدىن تەلىم ئاپتۇ.مېندىل ئاخىرى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ئىكەن،بۇلار ئىلمىي نوپوز ئىگىسىگە قالتىس ئىلھام بوپتۇ.بۇ كىشى ب د ت نىڭ بىر قېتىملىق چوڭ تەتقىقات يىغىنىدا سۆزگە چىقىپ مۇنداق دەپتۇ؛<مەن ئۆزۈم بىر دېھقانمەن،دېھقانلار بولسا مېنىڭ ئۇستازىمدۇر.مېنىڭ بارلىق كەشپىياتىمنىڭ ئىلھامى دېھقانلاردىن كەلگەن>.
نيۇتون؛ ئۇ ھەممىدىن تەلەيلىك بولۇپ،ئالىي تېخنىكومنىڭ مەلۇم كەسپىي-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىزىكا كەسپىگە ئۆتۈپتۇ.ئۇ كۈچ توغرىسىدانۇرغۇن-نۇرغۇن ماقالە يېزىپ،يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.ئەمما يازغان ماقالىلىرى چۈشىنىكسىز،دەپ قارىلىپ قايتۇرۋېتىلىپتۇ.قايتا رەتلەنگەندىن كېيىن سەل چۈشىنىشلىك بولغان بولسا كېرەك،ئۇ گۇاڭشىنىڭ بېيخەي دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپتۇ.بۇ يىغىنغا بىرقانچە ئاكادىمىكمۇ قاتانشقانىكەن.نيۇتون<بۇ ياخشى پۇرسەت بولدى>دەپ ئويلاپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئۇلارغا بايان قىپتۇ.بىراق،ئۇلار بۇنداق مەسىلىلەرنى ئاڭلاپمۇ باقمىغاچقا چۈشىنەلمىگەنىكەن،نيۇتون سەل تېرىكىپ<پەنلەر ئاكادىمىيىسى چوشقا باقىدىغان جايمۇ >دەۋېتىپتۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغىن زالىدىن قوغلاندى قىلىنىپتۇ.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەملىكەت ئىچىدىكى بىرەر ژورنالمۇ ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئىشلەتمەپتۇ.شۇنداق قىلىپ،ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە پەقەت ئەللىك خەتلىك قىسقا بىر خەۋەر ئېلان قىلالاپتۇ.
ئېينىشتېيىن؛ ئۇ دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ بىر ئاكادىمىكىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەپتۇ.دېمەك،ئاتا-ئانىسى قورسىقىدا خېلى بىلىمى بار ئادەملەردىن ئىكەن.ئېينىشتېيىن كىچىكىدىنلا خىيالپەرەس بولۇپ،ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار ئىكەن.باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولمايلا ئون دەرستىن لاياقەتسىز بولغاچقا،مەكتەپ ئۇنى ئۈچ قېتىم مەكتەپتىن چېكىندۈرۈپتۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى دوختۇرغا ئاپېرىپ تەكشۈرتۈپتۇ.دوختۇر ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،ئۇنىڭدا خىيالپەرەسلىك كېسىلى ئېغىر بولۇپ،ئۇنىڭدا نورمال ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ بىر پىرسەنتىلا بار ئىكەن،دەپ دېئاگنوز قويۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بالىلار مەكتىپىگە ئەۋەتىلىپتۇ.ئاتىسى ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ شۇنچى ئاجىزلىقىغا قاراپ،بۇ بالا باشقا ئەرنىڭ ئوخشايدۇ،دەپ گۇمانلىنىپتۇ.بۇنىڭ بىلەن ئەر-ئايال101قېتىم قىزىرىشقاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كېتىپتۇ.ئېينىشتېيىننى ئاپىسى ئاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا باشقا بىرەر نەرسە ئۆگىتىش مەقسىتىدە مۇزىكا ئۆگىنىشكە بېرىپتۇ.كىم بىلسۇن،ئۇ مۇزىكىغا ئازراقمۇ قىزىقماپتۇ،رەسىم سىزىشقىمۇ ئۇنىماپتۇ.كۈن بويى خىيال سۈرۈپلا يۈرگەچكە،ئۆگىنىش نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ھەممىدىن ناچار ئىكەن.ئۇلار ئۇنى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ بەرگەنىكەن،كەم ئۇچرايدىغان بۇ خىل كېسەلگە قارىتا دوختۇرخانا<ئېينىشتېيىن ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى>نامىدا مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپتۇ.بۇ غەلىتە روھىي كېسەلگە بولغان تەتقىقات نەتىجىسى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىشىگە چوڭ تۆھپە بولۇپتۇ
مەنبە:سەيرانە بىرلەشمە مۇنبىرى
http://bbs.hislet.com/read.php?tid=7223