مەن يىزىقچىلىق ياكى شىئىريەتتىن قىلچىمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى مۇنبەردە تورداشلارنىڭ يازغان يازمىلىرىنى
ئۇقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ بەرگەن مەدەتلىرى ،قۇللاشلىرى تۇرتكىسىدە11يىل بۇرۇنقى ئاچچىق ئەسلىمە «داۋامى»
ناملىق 28يىللىق ھايات مۇساپەمنىڭ ئەگرى-توقاي .ئېچىنىشلىق ،بولغان بۇ تور ئەسىرىمنى دەل بىر يىرىم
يىلدىن كىيىن يىزىپ چىقتىم
مەن قايتىپ كەلدىم ئانا
مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم ھاۋاسىدىن تويغىدەك نەپەس ئالدىم ،ئەتراپىمغا تويماي قارىدىم ،يۇرتىمىزمۇ
بۇرۇنقىغا قارىغاندا ،خېلىلا تەرەققى قىلىپ قالغان ئىدى.ئەينى ۋاقىتتىكى گۇڭجۇنىڭ تەرەققىياتى(بۇگۇنكى
كۇندىكى ئۇرۇمچىدىنمۇ يۇقىرى)ئويگە كىردىم ئانام جەينىماز ئۇستىدە ئولتۇرۇپ مىنىڭ ساق-سالامەت
قايتىپ كىلىشىمنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەپ تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان شۇ دەقىقىدە ئختىيارسىز كوزلىرىمگە ياش
كەلدى ئاپا........مەن ئانامغا قاراپ ئۇزەمنى ئاتتىپ ئانامنىڭ كوزلىرىدە ياشلار توختىماي تۇكۇلدى.
يۇزلىرىمنى سىلىدى. جېنىم بالام،باغرىم بالام،تىچ ئامان قايتىپ كەلدىڭمۇ بالام؟ كۇزۇمنىڭ نۇرى بالام....
ئانامغا تەسەللى بەردىم ۋە ساق سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىمنى ئەمدى يېنىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىمنى
ئېىيم. ئۇزۇندىن بىرى كۇرۇشمەي ئانام بىلەن شۇنداق ئۇزۇن مۇڭداشتۇق سەپەر ئازابىدىنمۇ ،شۇ پاراڭلاشقان
جايىمدىلا ئوخلاپ قاپتىمەن(5كېچە-كۇندۇز سەپەر)ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇردۇم ئانام ماڭا تاماق ئىتىپ
ئالدىمغا قويدى بىز تاماق يىگەچ .ماڭا بىرار ھۇنەرنىڭ پىشىنى تۇتۇشنى ئېيىتتى مەنمۇ ئانامنىڭ گىپىگە
شۇھامان قۇشۇلدۇم مەندىن قانداق ھۇنەر ئوگىنىسىز بالام دەپ سورىدى مەن ئىككىلەنمەيلا ئاشپەزلىكنى
ئوگىنىمەن دىدىم .
تۇنجى مۇھاببەت
ئارىدىن سەككىز يىل ئۇتۇپ كەتتى مەنمۇ ئاشپەزلىك كەسپىنى خېلىلا ئىگەللەپ قالدىم .
شۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە يۇرتى خوتەنلىك ئوزى كۇچاردا خىزمەت قىلۋاتقان ئەلى ئىسىملىك بىر كىشى
بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم .ئەلىجان ماڭا خوتەندە يېڭىدىن ئېچىلغان بىر رىستۇرانغا ئاشپەزلىك قىلىپ
بىرىشكە ئىش ھەققى ئۇچۇن 2500يىۋەن بىرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى .شۇچاغلاردا بىز ئاشپەزلەر ئۇچۇن
2500يىۋەن خېلى كوپ مۇئاش ھىساپلىناتتى ،مەنمۇ ئىككىلەنمەيلا قۇشۇلدۇم
مەن سەپەر تەييارلىقلىرىنى پۇتتۇرۇپ مىھرىبان ئانام بىلەن خوشلۇشۇپ خوتەنگە«گوما»قاراپ يولغا
چىقتىم .مەن ئاقسۇ .مارالبىشى،يەكەن،قاتارلىق ،ناھىيە شەھەرلەردىن ئۇتۇپ قاغىلىققا كەلدىم .
قاغىلىقتىن ماشىنا ئاملىشىپ گۇمىغا قاراپ يول ئالدىم ،مىللى ئەنئەنىنىڭ مىللى ئوروپ-ئادەت،ۋە
قۇيۇق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ ئەزىز يۇرىت خوتەنگە «گومىغا»ئازلا قالغان ئىدىم
شوپور ئۇستامنىڭ يىتىپ كەلدۇق ماشىنىدىن تىزراق چۇشۇڭلار دىگەن ئاۋازىدىن گومىغا كەلگەنلىكىمنى
بىلدىم .مەن كىلىشۋالغىنىمىز بۇيىچە ئەلىجانغا تىلفۇن قلىپ كىلىپ بولغىنىمنى خەۋەر قىلدىم.
ئەلىجان كەلگنىمدىن خەۋەر تېپىپ ئالدىمغا چىقتى ئاندىن مىنى ئىش ئورنىمغا باشلاپ ماڭدى.
بىز موتسىكىلىت بىلەن مېڭىپ رىستۇراننىڭ ئالدىغا كەلدۇق .
مانا مۇشۇ جاي دىدى ماڭا ئەلىجان .3قەۋەتلىك بۇ رىستۇران قىزىل رەڭدە سىرلانغان بۇلۇپ
ئىشىكنىڭ ئۇستىدە «روھلان»دىگەن ھوسىنخەت شەكلىدە يىزىلغان بۇلۇپ كوزگە ئالاھىدە
چېلىقىپ تۇراتتى
قېنى ئىچىگە كىرەيلى كەلگىچە ھېرىپمۇ كەتكەنسىز دىدى .ئەلىجان ماڭا بىز بىرلىكتە رىستۇراننىڭ
ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق مەن ئەتىراپقا بىر قۇر نەزەر سالدىم ،كۆزۇم رىستۇراننىڭ ھىساۋات ئورنىدىكى
بىر قىزغا ............
ئۇ قىزمۇ خۇددى مىنىڭ كىلىشىمنى كۇتۋاتقاندەك ماڭا تىكىلىپلا ................
قۇيۇق گىرىم تەسىرىدىن قىزلارنىڭ ئەسلى رەڭگىنىڭ زادى قانداق بۇلدىغانلىقىنى (تەرەققى قىلغان
شەھەرلەردە)كورۇپ باقمىغاچقا ،ئۇلارنىڭ ھەقىقى يۇز قىزلىق تېرىسىنىڭ زادى قانداق بۇلدىغانلىقىنى
تەسەۋۇر قىلالمايتىم .شۇڭا گىرىمسىز گۇزەل رۇخسارىڭدىن تۇنجى قېتىم قىزلىق گۇزەللىكنىڭ ھەقىقى
لاتاپىتىنى كوردۇم. بوينىڭنى بېسىپ تۇرغان تال-تال قاپقارا چېچىڭ،گوش كىردىدەك يۇمىلاق يۇزۇڭ،
ئەگمە قاشلىرىڭ ،گىلاستەك قىزىل لەۋلىرىڭ سىنى تۇلۇن ئايدەك جۇلالىتىپ تۇراتتى .
ئەمدىلەتىن .........باشلىغان بىر جۇپ...........خۇددى گۇل ئۇستىگە گۇل كەشتىلەنگەندەك ساڭا
يېڭىدىن-يېڭى ھوسىن قوشقان ئىدى. سىنىڭ مەڭزىڭدە ،چىھرىڭدە،كۆزۇڭدە،لىۋىڭدە،تەبەسسۇم
ئەكىس ئىتەتتى .بەلكىم سەن داۋاملىق بۇنداق .ئوماق كولمەيدىغاندۇرسەن .ياكى ماڭا شۇنداق بىلىندىمۇ؟
كوزلىرىمىز بىر-بىرىمىزگە تىكىلدى كوزلىرىمدىن سەندىن ئۇزەلمەيۋاتاتتىم .ئىككىمىزنىڭ يەر
شارىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇرشىشىمىز بولدى2006-يىلى10-ئاينىڭ1-كۇنى رامزان مەزگىلى ئىدى
ئايرىلىش ئازاپلىرى
بىز بىر-بىرىمىزنى ئىنتاتىن ياخشى كۇرەتتۇق كۇندە كۇرۇشۇپ تۇراتتۇق ،بىردەم كورمىسەك ئىزدىشەتتۇق
تىلفۇن قىلاتتۇق ،2009-يىلى 2-ئاينىڭ 13كۇنى سىنىڭ تۇغۇلغان كۇنۇڭ بولدى .ئاشپەز تور بېتىمۇ
بۇ دۇنياغا يېڭىدىن كوز ئاچتى ،بىز كەلگۇسمىز ئۇچۇن شىرىن پاراڭلارنى قىلىشاتتۇق .يالغۇز قالغان
ۋاقىتلىرىمدا شىرىن خياللار ئىلكىدە سىنىلا ئويلايتىم .
مۇھاببەتنىڭ شىرىنلىكدىن.ئوزەمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك يىگىت دەپ ھىس قىلاتتىم،مۇھاببەتنىڭ
ئاچچىق ،ئازاپلىرىنىڭ ماڭا يېقىنلاپ كىلۋاتقانلىقىنى مەن بىلمەيتىم .
2009-يىلى بەشىچى ئىيۇل ۋەقەسى مىنى يۇرۇتقا قايتىپ كىلىشگە،ئۇنىڭدىن ئايرىشقا رەھىمسىزلەرچە
مەجبۇر قىلدى .بىز بىر كۇنمۇ كۇرۇشمىسەك چىدىمايتۇق ئەمدىچۇ؟......
سىنىڭ گۇزەل سىمايىڭ بارا -بارا يىراقلاپ كۆزۇمدىن غايىپ بۇلۋاتقان دەقىقىدە جۇدالىق قايغۇسى
ۋۇجۇدۇمنى مۇجىۋاتاتتى.،ماشىنا تىز-تىز يۇرۇپ كوزلىرىمىز يەتكۇسىز ئارلىقتا ماڭا خوش ئىتىپ
پۇلاڭلىتۋاتقان نازۇك بىلەكلىرىڭ ،ھالسىزلىنىڭ ھەركەتتىن توختىغاندا ،مەنمۇ مەنمۇ دارمانسىزلىنىپ
ئوزەمنى يوقاتقىلى تاسلا قالدىم .بىر كۇن يول يۇرۇپ كۇچاغا يىتىپ كەلدىم ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە
ئوتكەن كۇنلىرىم كوز ئالدىمدىن كەتمەيتى .مەن دەرھال قولۇمغا قەلەم ئالدىمدە .ئۇنۇڭغا بۇلغان
سېغىنىشلىرىمنى يازدىم
سالام ساڭا قەدرلىك( ) :
ئەگەر بۇگۇن ساڭا بولغان مۇھاببىتىمنى، ئوتلۇق سېغىنىشىمنى ئىزھار قىلمىسام سەندىن مەھرۇم بولغان
بۇ ئىككىنچى كۇندە ئەقلىمدىن ئېزىپ قېلىشىم مۇقەررەر قەلبىمدە مەۋجۇت ئۇرۋاتقان سېغىنىش
ھىسياتلىرىمنىڭ ۋولقان كەبى پارتىلىشىنى تۇسۇشقا ئاجىزمەن .
مەن گەرچە سىنىڭ قېشىڭغا بارالمىغىنىم بىلەن لىكىن بۇخېتىم سىنىڭ قېشىڭغا بارىدۇ.ساڭا ئېيىتسام
بۇبىر جانسىزئەمەس .خەتنى يىزىۋاتقان قان ۋە گوشتىن يارالغان جانلىق بىر ئادەم .سىز گۇمىدىكى
ھوجرىڭىزغا كىرىپ كونۋىرىت ئىچىدىن بۇ خەتنى ئالغان چېغىڭىزدا ئۇنىڭ جانلىق بىر ئادەم سىزنىڭ
«سەمەتجېنىڭىز»ئىكەنلىكىنى بلىسىز .بىز بىر-ىبىرىمىزدىن مىڭ نەچچە يۇز كىلومىتىر يىراقلىقتا
تۇرساقمۇ ،سىز مۇبادا بۇخەتنى بىر نەچچە قېتىم سۇيۇپ قويسىڭىزلا .مەن جەزمەن بۇ سۇيۇشنىڭ
ئىللىق ھەم شىرىن سىزىمىنى ھىس قىلالايمەن. مەن بۇخەتنى يىزۋاتقان چېغىمدا سىز بەلكى ،مىنى
خىيال قىلۋاتقانسىز ياكى............
مەن ھازىر پۇتۇن زىھنىم بىلەن سىزنىڭ نىمە قىلۋايقانلىقىڭىزنى قىياس قىلۋاتىمەن .سىز بەلكى كەچلىك
تامىقىڭىزنى ئەمدىلا يەپ بۇلۇپ ئارام ئېلۋاتقان بۇلىشىڭىزمۇمكىن .بەلكىم شۇتاپتا ئوزىڭىز تەنھا خىيال
سۇرۇپ ئولتۇرغان بۇلىشىڭىز ۋە ياكى چارچاپ كەتكەنلىكتىن شىرىن ئۇيقىغا غەرىق بۇلغان بۇلىشىڭىز
مۇمكىن مەن سىزنىڭ ھەتتا ،ھەر بىر ھەركىتىڭىزنىمۇ تەسەۋۇر قىلالايمەن.
ناۋادا سىز ئۇخلىمىغان بولسىڭىز مىنى ئەسلەۋاتقانسىز .نەزىرىڭىز چۇشكەن جايدا مىنىڭ ئۇشتۇمتۇت
پەيدا بۇلۇپ قېلىشىمنى كۇتۋاتقانسىز .كوكتە چاقناۋاتقان نۇرلار مىنىڭ كۆز نۇرۇم سىز ئۇنى كورۋاتامسىز ،
سىزنى سىپاپ ئوتكەن شاماللار ئىچىدە مەنمۇ بار سىزنى ئاستىغىنا سۇيۋاتىمەن .
ئەگەر خىلمۇ-خىل سېھرىگەرلىك ئىچىدە بىرنى تاللاشقا توغرا كەلسە مەن چۇقۇم كۆزگە كۇرۇنمەسلىك
سېھرىنى تاللىغان بۇلاتتىم .ئۇچاغدا سىزنىڭ قەلبىڭىزگە يۇشۇرنىۋېلىپ سىزنىڭ مىنى ئويلاۋاتقىنىڭىزنى
مىنى زادى قانچىلىك ئويلاندىغانلىقىڭىزنى.ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرغان بۇلاتتىم .مىنى زادىلائويلىماسلىقىڭىز
زادىلا مۇمكىن ئەمەس شۇنداقمۇ؟
سىز بەلكىم مىنى بۇخەتنى يىزۋاتقان چېغىدا كاللىسى جايىدىمىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
بىر ئادەم پۇتۇن ۋۇجۇدى سويگن ئادىمىنى سېغىنغان ۋە سېغىنىشىنى ئەينەن ئىزھار قىلۋاتقان چاغدا
ئۇنى سەۋدايى بۇلۇپ قاپتۇ .دەپ قاراشتا بولدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئوزەممۇ بىلمەي قالدىم.
بۇخەتنى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتۇرغۇم كەلمەيۋاتىدۇ .بۇ خەتنى يىزۋاتقان چېغىمدا سىز مەندىن تولىمۇ
يىراقتا بولسىڭىزمۇ .لىكىن مەن ئوز يورىكىمنڭ سىزنىڭ يۇرىكىڭىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشقاندەك ھىس
قىلۋاتىمەن .بۇنىڭدىن كوڭلۇم تەسەللى تاپتى.
مەن يەنە نىمىلەرنى يىزىشنى بىلمىدىم قانچە يازساممۇ ئوخشاشلا ساڭا بولغان چوڭقور سېغىنىشىمدىن
باشقا نەرسە يازالمايمەن .يەنە كىلىپ بۇ سېغىنىش مەڭگۇ ئاخىرلاشمايدۇ .
خېتىمنى مۇشۇ يەردە توختىياي .ساڭا خوش ئېيتىپ ئوخلاشقا ياتىنمەن .شۇبھىسىزكى چۇشۇمدە سىنى كورىمەن .كۇنلەر شۇتەرەققىدە سېغىنىش ،ئەسلەش كۇتۇش ئىچىدە داۋاملاشماقتا ئىدى .

2010-يىلى9-ئاينىڭ3-كۇنى كۇچادا يىزىلدى
بېشى
http://axpaz.cn/bbs/read.php?tid-1005.html