hantagri daris sohpat
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ&nb ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 28
يازما سانى : 1570
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================





(ئەدەبىي ئاخبارات)

مەمتىمىن ھوشۇر


پىشمايىن سىرى مەۋجۇد خام قالدى ئالەم ئۆز پېتى،

يا تېشىلمەي گۆھىرى ھەم قالدى ئالەم ئۆز پېتى .
گەر ئەقىل يورۇق چېچىپ ھەركىم ئاڭا مەنە ئېيتسىمۇ،
ئەسلى چىن تەسۋىرىدىن كەم قالدى ئالەم ئۆز پېتى .

-فارابى


‹ئىلى گېزىتى›نىڭ 1990-يىل 20-سېنتەبىر سانىغا بېسىلغان : ‹ياش ئوقۇتقۇچى قاسىم سىدىق ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ، فىزىكىغا ئائىت يېڭى ئىلمىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى...› دېگەن خەۋەرنى ئوقۇپ ھەيران بولدۇم. مەن بىلىدىغان قاسىم سىدىق فىزىكىچى ئەمەس، بەلكى شائىر ئىدى؛ ئۇ ئۆزىنىڭ تەملىك ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىتابخانلىرىمىزدا چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرغانىدى. قانداق قىلىپ بۇ ئاپتورىمىز بىر ئەدەبىياتچىدىن فىزىكا نەزەرىيەچىسىگە ئايلىنىپ قالدى؟... بىزنىڭ ئىسلاھات روھىغا تولغان بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە خىلمۇ خىل مۆجىزىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قاسىم سىدىقنىڭ ھەممە نەرسە ئۈستىدە ئۆزگىچە تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان غەلىتە مىجەزىمۇ كۆپچىلىككە ئايان. شۇڭا، قاسىم سىدىق ھەققىدىكى بۇ يىڭى خەۋەر مەندە قىزىقىش پەيدا قىلدى. ئۇنى ئالاھىدە زىيارەت قىلدىم، بىرقانچە قېتىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ فىزىكىغا ئائىت يېڭى قاراشلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن يۈزە بولسىمۇ، چۈشەنچە ھاسىل قىلدىم. مېنى ھەممىدىن قىزىقتۇرغىنى بۇ نەزەرىيە ئەمەس؛ قاسىم سىدىقنىڭ شۇ نەزەرىيىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئۆز نەزەرىيىسى شەرھلەنگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇرۇش، مۇھاكىمىگە قويۇش ئۈچۈن پالاقلاپ يۈرۈپ بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى بولدى. شائىرنىڭ بۇ يېڭى سەرگۈزەشتلىرىنى كەڭ كىتابخانىلارنىڭمۇ ئاڭلاپ بېقىشىغا سۇندۇم .


شائىرنىڭ چۈشى


بىزنى ئوراپ تۇرغان بۇ بىپايان كائىنات ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلسا، سىرلىقلىقى بىلەن چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. كېچە ئاسمىنىنى بېزەپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلار زادى نېمە؟ ئالەمنىڭ چېكى قەيەردە؟ قۇياش، ئاي، يەرشارى ۋە پۈتۈن ئالەم جىسىملىرىنى پېرقىرىتىۋاتقان قۇدرەت زادى نەدىن كەلگەن؟ نېمىشقا تەبىئەتتە ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شۇنچە قانۇنىيەتلىك؟

ئىنسان ئالەم توغرىسىدىكى مۇشۇنداق سانسىز سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىش، قىياس، تەسەۋۋۇر ۋە ئىلمىي تەجرىبە ئۆتكۈزۈشلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيانى بىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. تەبىئەت ئىنساننى ياراتتى، ئىنسان تەبىئەتنى تونۇشقا باشلىدى. ئېھتىمال، بۇ تەبىئەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىشى بولسا كېرەك. لېكىن، بىزنىڭ بىلگەنلىرىمىز كائىنات توغرىسىدىكى بىلىملەر قامۇسىنىڭ بىر ۋارىقىلا، خالاس. ‹مېخانىكىنىڭ ئاتىسى› دەپ ئاتالغان داڭلىق ئالىم نىيۇتۇن ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئالەم توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى بىر دېڭىزغا ئوخشىتىپ : مەن ئاشۇ دېڭىز بويىدا ئويناۋاتقان بىر بالىغا ئوخشايمەن، بەزىدە يالتىراق ۋە چىرايلىق بىرەر تاشنى تېپىۋېلىپ خۇشال بولدۇم، لېكىن، ھەقىقەت دېڭىزىغا تېخى يېتەلمىدىم، دېگەنىدى.

چەكسىز كائىناتتا سادىر بولۇپ تۇرغان ھادىسىلەر شۇنچىلىك رەڭگارەڭ ۋە شۇنچىلىك سىرلىق. دەل ئاشۇ سىرلىقلىق كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۈندەيدۇ. يالغۇز مەخسۇس پەن ئالىملىرىلا ئەمەس، ھەركىمنىڭ ئالەم ئۈستىدە ئويلىنىش ھوقۇقى بار. تەبىئەتنىڭ ئالىي مېۋىسى بولغان ئىنسان دەل ئاشۇنداق تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى بولغاچقىلا باشقا بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىز ھەممىمىز ئۇخلاش، تاماق يېيىش، كۈندىلىك ئىشلارنى بېجىرىشتىن سىرت، يەنە بەزىدە ئىختىيارسىز ئالەم توغرىسىدىكى خىياللارغا كېتىپ قالىمىز... بىزنىڭ ياش شائىرىمىز قاسىم سىدىقنىمۇ خېلىدىن بېرى ئالەم توغرىسىدىكى مۇشۇنداق قىزىقىشلار چۇلغىۋالغانىدى. ئالەمدە ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان ماددىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق دەيدىغان بولساق، ئۇنداقتا، شۇ ماددىنىڭ ھەرىكەتلىنىش ماكانى بولۇپ تۇرغان بوشلۇق نېمە؟ ئېينىشتېيننىڭ بوشلۇق ئەگرىلىكى نۇقتىئىنەزىرىگە قارىغاندا، بوشلۇقمۇ مۇئەييەن بىر شەكىلگە ئېگە نەرسىمۇ، قانداق؟ ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكىغا ئاساسلانغاندا ھەرقانداق نەرسىنىڭ قارشى تەرىپى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ھەرىكەتنىڭ قارشى تەرىپى ‹جىملىق›، بارلىقنىڭ قارشى تەرىپى ‹يوقلۇق› بولالامدۇ؟ ‹جىملىق› ۋە ‹يوقلۇق› دېگەنلەر زادى ئوبيېكتىپ مەۋجۇدمۇ، يوق؟... غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى قەدىمىي، خىلۋەت يېزىلارنىڭ بىرى__دادامتۇ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇ شائىرىمىز دائىم يۇقىرىقىدەك سوئاللار دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى.

شائىرنىڭ ئۆيى ئەتراپىدىكى سوزۇلۇپ ياتقان ئېتىزلاردا كۆپكۆك بۇغداي مايسىلىرى يەلپۈنەتتى، ئېتىز يوللىرىدا دولىسىغا كەتمەن سالغان دېھقانلار، تۆۋەنكى بۇلاقلاردىن سۇ ئېلىپ چىقىۋاتقان سەھرا قىزلىرى كۆزگە چېلىقاتتى. يۇقىرىدا بىنەملىكلەر، ئۇنىڭمۇ يۇقىرىسىدا ئاقباش تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. كېچىلىرى يىراقتىكى تاشيولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدەشلىرى، توپىلىق يېزا يولى بىلەن يىراقلاپ كېتىۋاتقان يولۇچىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى. مانا بۇ مۇھىت قاسىم سىدىققا نۇرغۇن شېئىرىي تۇيغۇلارنى ئاتا قىلغان. بىر شېئىرىدا ئۇ:


ئاسمان يېپىنچامدۇر، زېمىن چۈشۈكۈم،

يۇلتۇزلار خەزىنەمنىڭ لەئىل ياقۇتى .

دېڭىزلار پىيالە ،كەۋسىرىم پەيۋەس،

قۇياشلار ئۆمرۈمنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتى.

دەپ يازغانىدى.

ئاشۇ قۇياش، ئاشۇ يۇلتۇزلار ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ پىكرىنى تولىمۇ يىراقلارغا ئېلىپ كېتىدىغان بولدى. ئۇنىڭ خىياللىرى كۆز يەتمەس ئاسمان جىسىملىرى، ئاتوم، مولېكۇلا ۋە قانداقتۇر بوشلۇق، يوقلۇق دېگەندەك نەرسىلەر ئارىسىدا تېنەپ يۈرەتتى. تەبىئەت ھادىسىلىرىگە بولغان قىزىقىش ئۇنىڭدىكى ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋەسنى بىر مەزگىل بېسىپ كەتتى، ئالەم توغرىسىدىكى بۈيۈك پىكىرلەر ئىلكىدە ئۇ ئويلىناتتى، كىتاب كۆرەتتى، كىتاب كۆرەتتى، ئويلىناتتى. كۈندۈزى ئويلىغانلىرىنى بەزىدە چۈشىدىمۇ كۆرەتتى. ئاخىرىدا قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ ئالەم توغرىسىدىكى يېڭى كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۈچ پارچە ماقالە يېزىپ چىقتى. بۇ ماقالىلەردە ئۇ ئاساسەن ‹شەكىل› ۋە ‹يوقلۇق› تىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇمنى شەرھىلەشنى چىقىش قىلىدۇ .

ئالدى بىلەن بىز قاسىم سىدىق ئىلگىرى سۈرگەن كۆزقاراشلارنىڭ ئاساسى نۇقتىلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى يەڭگىل مۇلاھىزىلەرگە ئۆگىنىپ قالغان كىتابخانلارنىڭ ئېغىر پەننىي ئاتالغۇلار بىلەن يېزىلغان تۆۋەندىكى سەھىپىلەرنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتمەي ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن :

‹شەكىل› نېمە؟ قاسىم سىدىق «بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىرى›› دېگەن ماقالىسىدە فىزىكىلىق شەكىلگە تەبىر بېرىپ : ‹‹فىزىكىلىق شەكىل، ئەلۋەتتە، بىر خىل ئوپتىك مۇئەييەنلىك، يەنى ئۇ ئەمەلىي گەۋدە(سوبىستاتسىيە) نىڭ شەكلى›› دەپ يازغان بولسا، ‹‹بوشلۇق ۋە ئالەمنى بىلىش مەسىلىسى›› دېگەن ماقالىسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ : ‹‹شەكىل_مۇئەييەن ئوپتىك گېئومېتىرىيىلىك قىممەت. ئاپتور ھازىرچە شەكىلگە يۇقىرىقىدەك تەبىر بېرىشنى لايىق تاپىدۇ»دەپ يازىدۇ .

قاسىم سىدىق ‹شەكىل›نىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىزاھلاپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ بىرى_شەكىل بىلەن كۆچنىڭ مۇناسىۋىتى .

‹‹ھەممىمىزگە مەلۇمكى،-دەپ يازىدۇ قاسىم سىدىق، - مۇئەييەن فىزىكىلىق شەكىل مۇئەييەن فىزىكىلىق كۆچنىڭ ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت. كۆچ ئىپادىلىمەيدىغان شەكىل مەۋجۇد ئەمەس. بىز ھەرقانداق بىر فىزىكىلىق شەكىلنى بۇزماقچى بولىدىكەنمىز كۈچ ئىشلەتمەي بۇزالمايمىز. بۇ ھال شەكىلنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . ›› بۇ مۇلاھىزىدىن قاسىم سىدىق ‹‹شەكىل=كۈچ ››دېگەن نەتىجىنى چىقىرىدۇ .

‹‹ئېينىشتېين كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدە ماكان-زامان ئەگرىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بوشلۇققا شەكىل بېرىدۇ، -دەپ يازىدۇ قاسىم سىدىق مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، -ئېينىشتېين بوشلۇققا شەكىل بېرىپلا قالماي، ئۇنى ئەمەلىي گەۋدە (سوبىستاتسىيە) سۈپىتىدە تونۇيدۇ... ئېينىشتېيننىڭ بۇ كۆزقارىشىنىڭ كېيىنچە تەجرىبىدە ئىسپاتلانغانلىقى مەلۇم. يۇقىرىقىلاردىن: شەكىل=كۈچ، بوشلۇق=شەكىل، بوشلۇق=كۈچ، دېگەن خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ ››

مانا بۇ قاسىم سىدىقنىڭ ‹‹بوشلۇق=كۈچ›› فورمۇلىسىنىڭ ئومۇمىي جەريانى، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بۇ ھەرقانداق شەكىل كۈچ ئىپادىلەيدىكەن، ئېينىشتېين نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا بوشلۇقمۇ شەكىلگە ئىگە نەرسە، دېمەك، بوشلۇقمۇ كۈچ ئىپادىلەيدۇ، دېگەن بولىدۇ .

ئىككىنچىسى، شەكىل بىلەن مىقدار(ياكى ‹‹چەك››) نىڭ مۇناسىۋىتى .

‹‹شۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى،-دەپ يازىدۇ قاسىم سىدىق،-ھەرقانداق ئوپتىك ۋە گېئومېتىرىيىلىك قىممەت(شەكىل) گە ئىگە نەرسە كونكرېت مىقدارغا ئىگە. يەنى ئۇنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. ئۆلچىگىلى بولىدىغانلا نەرسىلەر چەكلىك بولىدۇ. شەكىل بىلەن مىقدارنىڭ مۇناسىۋىتىنى شەكىل=مىقدار دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.›› (شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، قاسىم سىدىق ‹ھەجىم›نىمۇ ‹شەكىل›گە يىغىنچاقلىغان . )

يۇقىرىقى مۇلاھىزىسىدىن قاسىم سىدىق ‹ماددا-بوشلۇق ئالىمى› چەكلىك بولىدۇ، دېگەن خۇلاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نەتىجە ئېينىشتېيننىڭ ئالەمنىڭ كۆلىمى ھەققىدىكى كۆز قارىشى بىلەن ئوخشاش .

قاسىم سىدىق ئوتتۇرىغا قويغان ‹بوشلۇق نەزەرىيىسى› نىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇقۇمى – ‹يوقلۇق›. قاسىم سىدىق ‹يوقلۇق› نى ئۆزىدىن ئەڭ كۆپ ئەمگەك تەلەپ قىلغان تېما، دەپ قارايدىكەن. قاسىم سىدىق ئۆز تېزىسلىرىدا پۈتۈن كائىناتنى ماددا، بوشلۇق ۋە يوقلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ قاتلاملىق ئالەم، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ يەردىكى ‹يوقلۇق› نېمە؟ ‹يوقلۇق ۋە ئالەمنى بىلىش مەسىلىسى› سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئۇ ‹يوقلۇق›قا تەبىر بېرىپ : ‹يوقلۇق_شەكىلسىزلىك ۋە چەكسىزلىك سۈپىتىدىكى بارلىق دەيدۇ. يەنە ئۇ : ماددا بىلەن بوشلۇق ئوبيېكتىپ چىنلىق بولغىنىدەك، يوقلۇقمۇ ئوبيېكتىپ چىنلىق . يوقلۇقنى فىزىكا، شۇنداقلا ھەرقانداق پەننىڭ مۇھىم ئۇقۇمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەك.›دەپ يازىدۇ .

قاسىم سىدىق ‹يوقلۇق›نىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاشتا ئىككى نۇقتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ‹-چوڭ پارتىلاش ئالەم نەزەرىيىسى›. ‹چوڭ پارتىلاش ئالەم نەزەرىيىسى ياكى كۆپۈۋاتقان ئالەم نەزەرىيىسى بويىچە بولغاندا،-دەپ يازىدۇ قاسىم سىدىق،-ئالەم ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ. ئالەم پەقەت ماددا ۋە بوشلۇق(مەيدان) دىن ئىبارەت ئىككى قاتلامغىلا ئىگە، ئۇندىن باشقا ھېچنەرسە مەۋجۇد ئەمەس، دەيدىغان بولساق، ئۇنداقتا، بۇ ئالەم قەيەرگە كېڭىيىدۇ؟ كېڭىيىش ئىمكانىيىتى بولغان بىرەر ئورۇن بولمىسا، ئالەم تاقىشىپ قېلىشى كېرەكتە!... كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، كۆپۈۋاتقان ئالەم نەزەرىيىسىنىڭ ئۆزىلا يوقلۇقنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ› .

قاسىم سىدىق يوقلۇقنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇنداق بىر تۈز سىزىق سىزدى.

A_______________B_ _ _ _ _ C

بۇ يەردىكى A نۇقتا بىلەن B نۇقتا ئارىلىقى ئىككى قاتلاملىق ماددا-بوشلۇق ئالىمىنىڭ ئەمەلىي رادىئوسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ B دىن C غا قاراپ سوزۇلغان ئۈزۈك سىزىقلار بولسا شەكىلسىزلىك ۋە چەكسىزلىك سۈپىتىدىكى بارلىق بولغان يوقلۇقنى ئىپادىلەيدۇ .

ئالەمنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە B ھامان C غا قاراپ سۈرۈلۈپ بارىدۇ. لېكىن، C غا مەڭگۈ يېتەلمەيدۇ. چۈنكى C ھەرگىز بىرەر نۇقتا ئەمەس، بەلكى يوقلۇقنىڭ بەلگىسى.

قاسىم سىدىق : مۇبادا، C نىڭ مەۋجۇدلۇقى ئېتىراپ قىلىنمىسا، ئىككى قاتلاملىق ئالەمنىڭ كۆپۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بىمەنىلىك بولىدۇ . دەپ قارايدۇ ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى (


A_______________B_ _ _ _ _ C

فورمۇلىسىغا مەڭگۈلۈك فورمۇلا دەپ نام بېرىپ: ماددا، بوشلۇق ۋە يوقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆتمۈشتىمۇ، ھازىرمۇ ئاشۇ فورمۇلا بويىچە بولغان، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ دېگەنلىك A بىلەن B نوقتىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئارىلىقى 200مىليارد يورۇقلۇق يىلى. بۇ ئارىلىق بىر يورۇقلۇق يىلى ياكى تىرىليون يورۇقلۇق يىلى بولغان تەقدىردىمۇ


A_______________B_ _ _ _ _ C

فورمۇلىسى ساقلىنىۋېرىدۇ، دېگەن سۆز.

قاسىم سىدىق يوقلۇقنى ئىسپاتلاشتا كەلتۈرگەن ئىككىنچى دەلىلىدە ‹شەكىل› بىلەن ‹ئارقا كۆرۈنۈش›نىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: بىزگە مەلۇمكى، مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە ھەرقانداق نەرسە جەزمەن ئۆزىگە نىسبەتەن غەيرىي شەكىلگە ئىگە بولغان ئىككىنچى نەرسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ. ھەرقانداق شەكىل جەزمەن ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، ئارقا كۆرۈنۈش بولمىسا، شەكىلمۇ بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان كىتابنىڭ شەكلى ئۆزىگە ئۈستەلنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ. مەيلى بۇ كىتاب ئۈستەل ئۈستىدە بولسۇن ياكى باشقا يەردە بولسۇن، ھامان ئارقا كۆرۈنۈشتىن ئايرىلالمايدۇ. قاسىم سىدىق ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدىكى بۇ ھۆكۈمگە ئاساسەن مۇنداق مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ: نۇرغۇن ماتېرىياللاردا، -دەيدۇ قاسىم سىدىق،-ئالەم شارىنىڭ سىرتىدا نېمە بارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش مەنىسىزلىك، دەپ يېزىلغان. ماھىيەتتە، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى دەل مۇشۇ يەردە. ماددا ۋە بوشلۇقتىن ئىبارەت ئالەم شارىنىڭ سىرتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھەرقانداق نەزەرىيە ئالەمنى ئاخىرقى ھېسابتا ئىگىلىيەلمەيدۇ . شەكىل ئارقا كۆرۈنۈش شەرتى ئاستىدىلا مەۋجۇد دېگەن ئالدىنقى شەرتكە ئاساسەن ئىككى قاتلاملىق ئالەم شەكلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تامامەن ھەقلىقمىز. ئومۇمىي ماددىي ئالەم ئومۇمىي ئەگرى بوشلۇق ئالىمىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئەگرى بوشلۇق ئالىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟ ئومۇمىي ماددا بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالەم شارىنىڭ سىرتىدا يەنە ماددا ۋە بوشلۇق بار، دېيىش بىمەنىلىك بولىدۇ. ئەمدى پەقەت: ئىككى قاتلاملىق ئالەم شارىنىڭ سىرتىدا ھېچنەرسە يوق دېيىشتىن باشقا چارىمىز قالمىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ‹يوق›دەل بىزنىڭ يوقلۇق ئۇقۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمىزنىڭ ئاساسى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئالەملىك ئومۇمىي ئەگرى بوشلۇقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى جەزمەن مەۋجۇد، ئۇ بولسىمۇ شەكلى ۋە چېكى بولمىغان ‹يوقلۇق› تىن ئىبارەت. ئەگەر بىز يوقلۇقنى ئېتىراپ قىلمايدىكەنمىز، ئىككى قاتلاملىق ئالەم شەكلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن ۋاز كەچكەن بولىمىز-دە، ئالەمنى شەكىلسىز قىلىپ قويىمىز.

قاسىم سىدىق يۇقىرىقى مۇلاھىزىلەردىن : ‹ئالەم ئېينىشتېين قاتارلىقلار تەسۋىرلىگەندەك ماددا ۋە بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامغىلا ئىگە چەكلىك ئالەم ئەمەس، بەلكى، يوقلۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ قاتلاملىق چەكسىز ئالەم›دېگەن خۇلاسىنى چىقاردى.

زامان-ماكان ئەگرىلىكىدىن ‹شەكىل›نى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، ‹شەكىل›دىن ‹ئارقا كۆرۈنۈش›نى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، ‹ئارقا كۆرۈنۈش›تىن ‹يوقلۇق›نى كەلتۈرۈپ چىقىرىش-مانا بۇ قاسىم سىدىقنىڭ تەپەككۇر يولى. مەنتىق جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئالەم توغرىسىدىكى ‹چۈش›لىرى خېلىلا مۇكەممەللىككە ۋە مول تەسەۋۋۇرغا ئىگىدەك تۇرىدۇ. ئۇ يەنە ھەرىكەت ۋە جىملىق، يادرو كۈچى، بوشلۇقنىڭ سىقىلىشى، بوشلۇقنىڭ كۋانتلىشىشى دېگەندەك ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەر ئۈستىدە ئۆز ‹چۈشى›نى داۋاملاشتۇرىۋېتىپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ ئولتۇرۇش تېمىمىزنىڭ ئېھتىياجى ئەمەس، ئىشقىلىپ، تىنچ يېزا مۇھىتىدىن ئىلھاملىنىپ يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يازغان بۇ شائىرىمىز ئەمدى پۈتۈن كائىناتقا ‹ئاشىق›بولۇپ، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى خىياللار ئىلكىدە توختىماي ‹چۈش›كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى قىينىغان بۇ مەشۇقىنىڭ سىرىنى تېپىپ جاھانغا يېيىۋېتىشنى نىيەت قىلغانىدى. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق بىر شېئىر يازغان:


كېلىپ مۇھەببەتنىڭ ئاستانىسىگە،

بولدۇم ئاشىق تەبىئەت جەزىبىسىگە.

مېنى ھالال ئاشىق دەپ ئويلاپ قالماڭلار،

ئوغرىلىققا چۈشىمەن خەزىنىسىگە .
ئوغرى بولماي ئاشىق بولغان قېنى،كىم؟

ئەزەلدىن ئوغرىدۇر پەيلاسوپ-ھەكىم.
سىرىڭ ئېلىپ قىلۇر ئاندىن ئۇنى پاش،

شۇلاردىن مىراستۇر بۇ خۇيۇم، بەلكىم.
تەبىئەت سىرىڭغا ئاشىقمەن سۆزسىز،
ئالىمەن_يايىمەن، مەن شۇنداق يۈزسىز.


دادامتۇدىن ئۈرۈمچىگىچە


يۇقىرىدا مەن قاسىم سىدىقنىڭ ماقالىلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىشىچە قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرى، مېنىڭچە، چوڭ قانۇنىيەتلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ كۆزقاراشلارنى ھازىرچە دەسلەپكى قىياس، تەسەۋۋۇرلاردىنلا ئىبارەت، دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما، ئىلىم-پەن ئىشلىرىدا تەسەۋۋۇرنىڭ رولىنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئىلمىي تەسەۋۋۇر كەلگۈسىدىكى زور كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتنىڭ بىخى. دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان«مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى»دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى لى دېبىڭ: «ئىلمىي تەسەۋۋۇر كۆپىنچە چەكسىز خىيال ۋە رومانتىزم تۈسىنى ئالغان بولىدۇ»دەپ يازىدۇ، ئېھتىمال، قاسىم سىدىقنىڭ بۇ كۆزقاراشلىرىغىمۇ شائىرلارچە جۇشقۇن ئىلھام ۋە ئالەم توغرىسىدىكى رومانتىك تۇيغۇلار ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ بۇ قىيىن، ئەمما ئۆزىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان نەزەرىيىنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قوللىرىنى ئىشقىلاپ، ئەمدى بۇ ماقالىلىرىنى قەيەرگە ئەۋەتىش، كىملەرنىڭ مۇھاكىمىسىگە قويۇش ئۈستىدە ئويلاندى. چۈنكى، ھەرقانداق بىر يېڭى كۆزقاراش ئىلمىي تەنقىد، مۇھاكىمە ۋە ئىلمىي تەجرىبىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىگەندىلا ھەقىقەتكە يېقىنلاشقان بولىدۇ. كىم بىلىدۇ، ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرى، بەلكىم، بىرەر پەن خادىمى بىرنەچچە ئېغىز ئىلمىي دەلىللەر بىلەنلا رەت قىلىۋېتەلەيدىغان ئاساسسىز خىيال ياكى ئەرزىمەس قۇرۇق گەپلەردۇر؛ ياكى بولمىسا، باشقىلار تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان كونا نەزەرىيىدۇر. ئىلىم-پەن تارىخىدا ئوقۇشماستىن باشقىلار ئىسپاتلاپ بولغان ھەقىقەتلەرنى ئىسپاتلايمەن، دەپ ئاۋارە بولىدىغان، باشقىلار كەشىپ قىلىپ بولغان نەرسىلەرنى كەشىپ قىلدىم، دەپ كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ئىشلار ئازمۇ!؟ ...

شۇنداق قىلىپ، قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ «بوشلۇق»،«يوقلۇق»،«ئۈچ قاتلاملىق ئالەم»دېگەندەك «غەلىتە» ئۇقۇملار بىلەن تولغان تېزىسلىرىنى قولتۇقىغا قىسىپ، قالغان ھەممە ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ، مەكتەپمۇ مەكتەپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. يانچۇقىدىكى ئاخىرقى پۇللىرىنى قېقىشتۇرۇپ قەغەز سېتىۋېلىپ، ماقالىلىرىنى شاپىگرافتا كۆپەيتىپ باسقۇزۇپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە ئادەملەرگە ئەۋەتتى. دەسلەپتە، غۇلجا ناھىيىلىك مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ناھىيىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، قاسىم سىدىقنىڭ يېڭى قاراشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە بولدى. لېكىن، مەسىلە بۇ يەردە ھەل بولمىدى. ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلىم-پەن ئورۇنلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشىنى ئۆتۈنۈپ قاسىم سىدىققا تونۇشتۇرۇش يېزىپ بەردى. قاسىم سىدىق بۇ تونۇشتۇرۇشنى كۆتۈرۈپ شەھەرگە كىرىپ، ھەرقايسى پەن-تېخنىكا تارماقلىرىغا يۈگۈردى. ئۇ يەردىكى بىرەيلەن ئۇنىڭغا: "مۇتەخەسسىسلەرنى چاقىرىپ مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پۇل كېرەك، بۇ چىقىمنى مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان كىشى تۈلەيدۇ" دەپ، خېلى كۆپ پۇلنىڭ گېپىنى چىقاردى. بىزنىڭ بۇ نامرات شائىرىمىز تەپەككۇرغا باي بولسىمۇ،"پۇل"دەپ ئاتىلىدىغان ئاشۇ قەغەزگە گاداي ئىدى ...

نۇرغۇن پايپاسلاشلاردىن كېيىن، ۋىلايەتتىكى بەزى رەھبەر ۋە تونۇش-بىلىشلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى<<فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتى>>نامىدىن بىر مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ بەردى. يىغىن<<غۇلجا شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى>>دە ئۆتكۈزۈلگەن، مەن يىغىندىن ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئاڭلاپ باقتىم. مېنىڭچە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ كۆچ چىقىرىشى ۋە ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرىدىكى بىرنەچچە نوپۇزلۇق فىزىكا مۇئەللىملىرىنىڭ تەييارلىق قىلىشى بىلەن يامان ئەمەس ئېچىلغان. بۇ يەردە قوللاشمۇ، رەت قىلىشمۇ، ھېسداشلىقمۇ، يوشۇرۇن مەسخىرە قىلىشمۇ...... ئىشقىلىپ، بىر يېڭى قاراش، ئەنئەنىۋى رامكىلارغا سىغمايدىغان يېڭى تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا سادىر بولىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى كۆرۈلگەن. يېڭى قىياس ھامان رامكىدىن ھالقىغان، بۆسۈش خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ. دەسلىپىدە، بەزىلەرگە ھەتتا ساراڭلىقتا ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈۋاتقاندەكلا بىلىنىشى مۇمكىن. ھەرقانداق ئىلمىي پەرەز رەت قىلىش بىلەن دەلىللىنىش ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەي قالمايدۇ .

غۇلجا شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇتۇقى شۇ بولدىكى، يىغىنغا قاتناشقان 80 دىن ئارتۇق قىزىققۇچىلار مۇشۇنداق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى پات-پات چاقىرىپ، گۇمانىي كۆز-قاراشلار ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىپ تۇرۇشنىڭ چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رولى بارلىقىنى تونۇپ يەتتى. كۆپچىلىك يولداشلار قاسىم سىدىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان نەزەرىيە مەيلى توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن، ئۇنىڭ دادىللىق بىلەن ئىزدىنىش روھىنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .

لېكىن، قاسىم سىدىق بۇ مۇھاكىمىدىكى ئۆزىنى رەت قىلىدىغان پىكىرلەردىن قانائەت ھاسىل قىلالمىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بەزىلەر مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدىن چەتنەپ كەتكەنىدى؛ يەنە بەزى يولداشلار بولسا، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان كۆزقاراشلىرىنىڭ ئاساسى نۇقتىسىنى ئاڭقىرالمىغاندەك قىلاتتى. فىزىكا نەزەرىيىلىرى ۋە دەرسلىكلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ قىلىنغان رەت قىلىش پىكىرلىرى قاسىم سىدىقنى قايىل قىلالمىدى. ئەگەر قاسىم سىدىقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان قاراشلىرى ئىلگىرىكىلەر سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ بولغان ياكى دەرسلىكلەردىن جاۋابى تېپىلىدىغان مەسىلىلەر بولسا ئۇنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى. دەرسلىكلەر كۆپىنچە ئومۇمىي ساۋات خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ. <<ئومۇمىي ساۋات>> پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتا، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەننىڭ پۈتۈن تەرەققىيات جەريانىنى چۈشەندۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن، ئالەم چەكسىز، ئىنسانلارنىڭ بىلگەنلىرى بىلمىگەنلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا بىر تەرەپلىمە ۋە نىسپىي بولىدۇ. بۈگۈنكى<ھەقىقەت>>ئەتىكى ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنچە مۇكەممەل دېيىلگەن پىتولمى ئالەم سىستېمىسى ئاخىرى نېمە بولدى؟ <<يېنىشى ئېلېمېنتى>> (فىلوگىستون)، <<قايتا پارچىلانمايدىغان>> (ئاتوم) ۋەھاكازالارنىڭ تەقدىرى نېمە بولدى؟ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىلا بەزى كىشىلەر فىزىكا نەزەرىيىسى ئەمدى مۇكەممەللىشىپ بولدى دېيىشىۋىدى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كۋانت مېخانىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى فىزىكا نەزەرىيىسىنىڭ ھازىرچە مۇكەممەللىشىشتىن يىراقتىلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، تەييار بىلىملەر بەزىدە يېڭى قىياس، يېڭى تەسەۋۋۇر ۋە نەزەرىيىلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى دەل ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولالماي قالىدۇ؛ ئۇلارنى ھەرگىزمۇ يېڭى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش روھىنى بوغىدىغان رامكا قىلىۋالماسلىق كېرەك. ئىلمىي ھەقىقەتكە يېقىنلىشىش تارىخى-ئىنكار قىلىش ۋە يېڭىلاش تارىخىدىن ئىبارەت. ئۇنداق بولمىغان بولسا پەن ئارستوتىلدىلا توختاپ قالغان بولاتتى.

مەن قاسىم سىدىقتىن : -ئاڭلىسام، بەزى يولداشلار قاسىم سىدىقنىڭ كۆزقارىشى نيۇتون ۋە ئېينېشتېيىنلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا توغرا كەلمەيدۇ، ئۇلار ئىنكار قىلىنىدۇ، دەپتۇ، راستمۇ؟-دەپ سورىدىم . قاسىم سىدىق : بۇنداق گەپ خېلى ئىلمىي كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چىقتى. مېنىڭچە: مەسىلە ئۇنچىۋالا دەرىجىگە بارمىغان بولسا كېرەك. مۇبادا، مەن ئوتتۇرىغا قويغان كۆزقاراشلاردا ئازراق بولسىمۇ ھەقىقەت بولۇپ، نىيۇتۇن بىلەن ئېينىشتېيىنگە چېقىلىپ ئۆتىكىدەك كىچىككىنە بولسىمۇ قۇدرەت بولسا، بۇنىڭ ئەجەبلىنىدىغان نەرى بار؟ مۇئەييەن دەۋرنىڭ پەننىي چۈشەنچىلىرى مۇتلەق چىقىلغىلى بولمايدىغان<<مۇقەددەس دىن>> ئەمەس، تەبىئىي پەن ئالىملىرى ھەرگىز<<خۇدا>>ئەمەس؛ پەننى دوگمىلاشتۇرۇش، ئالىملارنى مەبۇد قىلىۋېلىش ئىلىم-پەن ئۆزىنىڭ روھىغىمۇ خىلاپ. داڭلىق ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ ليۇدۋىگ فېيىرباخ: <<ھاياتىڭدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىڭ-ئەزەلدىن ئادەت بولۇپ قالغان قائىدىلەرگە چېقىلمىغانلىقىڭ ۋە جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىڭدۇر. كەمچىلىك-زەپەر قۇچالمىغان ئارتۇقچىلىق، يەنى ئۇ ئارتۇقچىلىق سۈپىتىدە ئىپادىلىنىش شارائىتى تاپالمىغان ئارتۇقچىلىقتۇر>> دېگەنىدى. دەرۋەقە، كوپېرنىك ئەينى دەۋردىكى ئادەت بولۇپ قالغان قائىدە-قاراشلارغا قانائەت قىلغان ۋە زادىلا <<جىنايەت>> ئۆتكۈزمىگەن بولسا، نيۇتون، ئېينېشتېيىنلارمۇ ئەنە شۇنداق قانائەتچان بولغان بولسا، بىز بۈگۈنكى ئىلىم_پەن رېئاللىقىنى كۆرەلمىگەن بولاتتۇق.....-دېدى .

قاسىم سىدىق ئوتتۇرىغا قويغان <<ئۈچ قاتلاملىق ئالەم>>نەزەرىيىسىدىكى ماددا ۋە بوشلۇقنىغۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، بۇ يەردىكى<<يوقلۇق>>زادى نېمە؟ ئالەم توغرىسىدىكى ھەرقانداق بىر ئىلمىي تەسەۋۋۇرنى يەڭگىللىك بىلەن رەت قىلىۋەتمەي، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشقا توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. قايسىبىر ئالىم:<<مىسالغا بىز دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە ناھايىتىمۇ كىچىك بىر تال قۇرۇت بار، دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ قۇرت ئۆزىنىڭ تولىمۇ كىچىكلىكى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن دېڭىز بېتىگە مەڭگۈ يېتىپ چىقالمايدۇ، دەيلى، ئۇ چاغدا، بۇ قۇرۇتتا پىكىر قىلىش قابىلىيىتى بولغان بولسا، ئالەمنى سۇ بىلەن قورشالغان دۇنيا، دەپلا چۈشەنگەن بولاتتى>>دەپ يازىدۇ. پۈتۈن كائىناتقا نىسبەتەن ناھايىتىمۇ كىچىك بولغان بىز ھەرىكەت ئىقتىدارىمىز ۋە بىلىملىرىمىزنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن ھازىرچە ئاشۇ قۇرتقا ئوخشاش بىچارە ئەھۋالدا بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن .

قانداقلا بولمىسۇن، قاسىم سىدىق غۇلجىدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدىن مەمنۇن بولدى. ئۇ<<مۇھاكىمە سورۇنىدا بولۇنغان قارشى پىكىرلەر مېنىڭ ئۆز كۆزقاراشلىرىمنىڭ توغرىلىقىغا بولغان ئىشەنچىمنى كۈچەيتىۋەتتى>>دەيدۇ. قاسىم سىدىق ئەمدىلىكتە ئىلىم كۆپرەك توپلاشقان ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئىلىم نوپۇزلۇقلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش، ماقالىسىنى بىرەر ئىلىم-پەن ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرۇپ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ مۇھاكىمىسىگە قويۇش قارارىغا كەلدى. ئەل-ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ<<سەھرالىق>> نىڭ كاتتا شەھەردە چېنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر قۇر يېڭى كاستۇم-بۇرۇلكا، شىبلىت ئېلىپ كىيدۈرۈپ قويدى. بىر دېھقان سۈپۈرگە ساتقان پۇلىغا ماشىنا بېلىتى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. قاسىم سىدىق بىر ئامال قىلىپ بانكىدىن 500 يۈئەنچە قەرز ئېلىپ يانچۇققا سالدى-دە، ئۆيدىكى يەتتە جاننى خۇداغا ئامانەت قىلىپ ئۈرۈمچىگە يول ئالدى. قاسىم سىدىق<<شۇ چاغدىكى مېنىڭ ئەھۋالىم بارلىق دەسمىسىنى يېغىپ تاۋكاغا قاراپ ماڭغان قىمارۋازنىڭ، ھالىغا باقماي شامال تۈگمىنىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان دونكىخۇتنىڭ ياكى ياۋروپادىن يېڭى قىتئە ئىزدەپ چىققان بىر تەۋەككۈلچىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتەتتى. مەغلۇپ بولسام، شەخسى ئۆزۈمنىڭ مەغلۇبىيىتى بولىدۇ، غەلىبە قىلسام شەرەپ مىللىتىمگە، دۆلىتىمگە بولىدۇ، دەيدىغان ياخشى نىيەتلا مېنى داۋاملىق ئالغا بېسىشقا ئۈندەيتتى>> دەيدۇ .

قاسىم سىدىق ئۈرۈمچىگە ناھايىتى زور ئۈمىدلەر بىلەن بارغانىدى، لېكىن ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئوڭۇشلۇق بولۇپ چىقمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يازغانلىرىنى مەلۇم بىر فىزىكا تەتقىقات ئورنىغا ئاپىرىۋىدى، ئۇلار: بۇ بىزگە مۇناسىۋەتسىز، نەزەرىيىگە ئائىت مەسىلىلەر ئىكەن، دەپ جاۋاب بەردى؛ مەلۇم پەلسەپە تەتقىقات ئورنىغا كۆتۈرۈپ بېرىۋىدى، بۇ بىز بىلەن ئالاقىسىز، فىزىكىغا دائىر مەسىلىلەر ئىكەن، دەپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ كىملىكىنى، نەدىن كەلگەنلىكىنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى. مۇنداق كوچىلاپ كەلگەندە بىزنىڭ بۇ سەھرادىن كەلگەن، شۇنداقلىقىغا باقماي فىزىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆز ئېچىپ يۈرگەن شائىرىمىز ناھايىتىمۇ <<ئەرزىمەس>>بىر شەخسكە ئايلىنىپ قالاتتى. قاسىم سىدىقنىڭ تازا ئوقۇپ بىلىم ئالىدىغان دەۋرى<<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>>غا توغرا كېلىپ قالغاچقا، ئۇ ئاران تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىلا ئوقۇپ پۈتتۈرەلىگەن. شۇ ئېغىر يىللاردا يالغۇز ئانىسىنى بېقىپ كۈنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدۇل كەلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان؛ ئەترەتتە نومۇرغا ئىشلىگەن، خاڭلاردا كۆمۈر چاپقان، ئەلگەك ياساپ ئېشەك ھارۋا بىلەن يېزىمۇ يېزا سۆرەپ يۈرۈپ ساتقان. كېيىن، شەھەردىكى بىر تۇغقىنى بىلەن شېرىكلىشىپ، تۇغقىنىنىڭ يېڭى ۋېلىسىپىتىنى سېتىپ دەسمايە قىلىپ باققالچىلىقمۇ قىلغان. پەنجىمدىكى بىر ئۆرۈكلۈك باغنى بېقىپ ياتقان يىلى يېزا مەكتىپى چاقىرتىپ كېلىپ، خەلق ئوقۇتقۇچىسى قىلىپ ئىشلەتكەن. كېيىن، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇنى مائارىپ ئىنىستۇتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتكەن، ئۇ يەردە ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئىككى يىل ئوقۇغان. ھازىر ئۇ دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى. مۇنداق <<قىسقىچە تەرجىمىھال>> نى ئاڭلىغاندا، پەن قانۇنىيەتلىرىنى پەقەت مەخسۇس كەسىپ ئىگىلىرىلا كەشىپ قىلالايدۇ، دەيدىغان ھۆكۈمنى كاللىسىغا ئورنىتىۋالغان بەزىلەرنىڭ قاسىم سىدىقنىڭ ماقالىسىنىڭ ئىلمىي قىممىتىگە بولغان گۇمانى تېخىمۇ كۈچىيەتتى-دە، بېشىنى چايقاپ ئاستىلا كېتىپ قالاتتى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ بىر دوتسېنتى قاسىم سىدىقنىڭ دەردىنى چۈشەنگەندەكلا: <<ئۇكام، بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ مەسىلەرگە قارىشى ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە. ئۇلار سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزنى باھالىمايدۇ، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ ئاۋارە بولۇپ كېتىدۇ>>دېدى . مەكتەپتە قانچىلىك ئوقۇغانلىقنىڭ بىر كىشىنىڭ ھەقىقىي بىلىمىنى ئۆلچەشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەم بولالايدىغانلىقى ناتايىن، بەزىلەر شارائىتىنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن مەكتەپتە كۆپ ئوقۇيالمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ يەنە نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆز-ئۆزىدىن ئۆگىنىشتىن تولۇقلاپ كېتەلەيدۇ. ئەگەر سىز قاسىم سىدىقنىڭ ئۆيىگە بارسىڭىز ئۇنىڭ كۆزگە چېلىققۇدەك تەئەللۇقاتلىرىنىڭ ئاساسلىقى كىتابلار ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كىتاب جازىلىرىدا ئەدەبىي كىتابلاردىن كۆرە پەلسەپە، پسىخولوگىيە ۋە تەبىئىي پەنگە ئائىت كىتابلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. قىزىقىش دائىرىسى ناھايىتىمۇ كەڭ بولغان بۇ شائىرىمىز ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش جەھەتتىن كۆپ ئەجىر قىلغان.70-يىللارنىڭ بىر قىشىدا، دادامتۇلۇقلار غۇلجا ناھىيىسىنىڭ توققۇزتارا مەھەللىسىگە ئۆستەڭ چاپقىلى چىققاندا قاسىمنىڭ سامانخانىدا ياتقانلىقىنى ھازىرمۇ ئەسلىشىدۇ. شۇ چاغدا ئۆستەڭ چاپقۇچىلار ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ياتىدىغان كوللېكتىپ ياتاق ناھايىتىمۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىدى. كىشىلەر ياتاقنى موخوركىنىڭ ئاچچىق ئىسىغا تولدۇرۇپ ئاغزى بېسىقماي پاراڭ قىلىشاتتى. بۇ غوۋغادىن ئۆزىنى قاچۇرغان قاسىم سىدىق بىر دېھقاننىڭ بۇرۇن ئېغىل قىلغان بىر سامانخانىسىنى تېپىپ ياتاق قىلىۋالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ماركىس-ئېنگىلىس تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى كۆرۈۋاتاتتى. پەلسەپە ئۇنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان دۇنياسى ئىدى. سامانخانىنى ئۆزى ياسىۋالغان جىنچىراغ گۇڭگا يورۇتۇپ تۇراتتى، چىتەن ئىشىكتىن گۈرۈلدەپ سوغۇق شامال كىرەتتى. قاسىم سىدىق بولسا يوتقانغا مەھكەم ئورىنىۋېلىپ كىتاب ۋاراقلايتتى. بەزىدە شائىرانە ئىلھامغا كېلىپ :


يۈرىكىمگە ئوخشايسەن چىراغ،

زۇلمەت باسقان بۇ شۇم كېچىدە .

پۈتمەس-تۈگىمەس سېھرىي كۈچ بىلەن،

يانماقتىسەن بوران ئىچىدە ...


دەپ شېئىرمۇ يادلاپ قوياتتى.

ئۆستەڭ چاپقۇچىلار بۇ سامانخانىنى<<قاسىمنىڭ ھۇجرىسى>>دېيىشەتتى. قاسىم سىدىقنىڭ يېڭىدىن خەنزۇچە ئۆگىنىۋاتقان چېغىدا قىلغان بىر ئىشىمۇ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. بىر كۈنى ئانا ئوغلىنىڭ يوتقىنىنىڭ ئەستىرىگە قاراپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى . قاسىم يوتقاننىڭ ئاپئاق كىرلىكىنى خەنزۇچىدا ئۇچرايدىغان قىيىن خەتلەرنى يېزىپ تولدۇرۇۋەتكەنىدى. ھەممىدىنمۇ ھەيران قالارلىقى قاسىمنىڭ بۇ كىرلىكنى يۇمايسەن، دەپ ئانىسىنىڭ قولىغا ئېسىلىۋالغىنى بولدى. شۇ چاغدا ئانا ياقىسىنى تۇتۇپ"خۇداغا ئامانەت!"دەپلا قالغانىدى ...

شۇنداق، قاسىم سىدىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا سىستېمىلىق بىلىم ئالالمىغان. ئەينى يىللاردىكى ئىجتىمائىي سەۋەبلەر ئۇنى بۇ ئارزۇسىغا يەتكۈزمىگەن. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئۇنى تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. لېكىن، كەشپىياتلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن مەشھۇر ئىدىسۇن تۆمۈرچىنىڭ ئوغلى، ئېلېكتر ئېلېمېنتىنىڭ پېشۋاسى فارادېي ۋېلىسىپىت رېمونت قىلغۇچىلاردىن كېلىپ چىققان، ئايروپىلاننىڭ كەشپىياتچىلىرى ئاكا-ئۇكا رايىتلار... پەن تارىخىدا يەنە مۇشۇنداق قانچىلىغان كىشىلەرنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن. ئۇلارنىڭ قايسىبىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان؟ تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن خىلمۇ خىل ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولمىغان؟ ئۇلار قىيىن شارائىتلاردىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكى، دادىل پىكىر قىلغانلىقىدىنلا نەتىجە يارىتالىغان. ئەمما، قاسىم سىدىق مۇنداق ئۇلۇغ ئادەملەرنى مىسالغا ئېلىپ سۆزلىگەن بولسا، شۇلارغا ئۆزىنى سېلىشتۇرغان بولۇپ تېخىمۇ كۈلكىگە قالغان بولاتتى. شۇڭا دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقىلا مەجبۇر بولدى. ھەتتا، ئىلگىرى چەتئەلدە فىزىكا ئوقۇغان بىرەيلەن ئۇنىڭغا<<ئاڭلىسام سىز ئەدەبىياتچى ئىكەنسىز، ئەدەبىيات دېگەن سۆز ئويۇنى، ئىلىم-پەندە سۆز ئويۇنى ئاقمايدۇ>>دېدى .

توغرا، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئەدەبىيات ھەقىقەتەنمۇ<<سۆز ئويۇنى>>. لېكىن، ئۇ ھەركىم ئاغزىغا كەلگەننى دەۋەرسە بولىدىغان<<سۆز ئويۇنى>>مۇ ئەمەس؛ ئۇ بىر تىل سەنئىتى، شۇنداقلا ئۇ سۆز قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا ئىجادىي ئەسەرلەرنى بەرپا قىلىپ ئىنسانلارغا مەنىۋى ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرىدىغان پەن، ئەدەبىيات ئىلمى ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن يالغۇز ئەدەبىياتنىلا بىلىپ قالماي، تەبىئىي پەن، پەلسەپە ۋە باشقا كائىناتتىن كىشىلىك تۇرمۇشقىچە بولغان ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىلىملەردىن خەۋىرى بار، تەپەككۇرغا باي ئادەم بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئۇنىڭ<<سۆز ئويۇنى>>جايىغا چۈشىدۇ، كىشىلەرنى قايىل قىلالايدۇ، ئىلگىرى سۈرگەن ئىدىيىسى چوڭقۇر بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، بىر شائىرنىڭ تەبىئەتكە بولغان مۇھەببىتى بىر ئالىمنىڭ تەبىئەتكە بولغان مۇھەببىتىدىن ھەرگىزمۇ كەم بولمايدۇ؛ ئەدەبىيات بىلەن باشقا پەنلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان توساقمۇ يوق. قەدىمكى رىمنىڭ داڭلىق پەيلاسوپى لوكىرتىس كار پۈتۈنلەي تەبىئەتنى تەتقىق قىلغان ئادەم ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ<<ماددا خۇسۇسىيىتى ھەققىدە>>ناملىق تەبىئەت دۇنياسى توغرىسىدىكى ئەسىرى بولسا شېئىر ئىدى. ئۇلۇغ رۇس ئالىمى لومۇنۇسۇۋ يالغۇز تەبىئىي پەن ئالىمىلا بولۇپ قالماي، يەنە كۈچلۈك ئەدىب ئىدى. ئۇ شېئىرلارنى يېزىپ، يېڭى رۇس شېئىرىيىتىگە ئاساس سالغان، ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن شائىر نىزامى، سەئىدى، ئىبىن سىنالارمۇ يالغۇز ئەدىب بولۇپ قالماستىن يەنە ئۆز دەۋرىنىڭ كۈچلۈك مۇتەپەككۇرى، ئالىمى ئىدى. كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان، پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە باي رۇبائىيلارنى يېزىپ قالدۇرغان ئۆمەر ھەييام ئەينى يىللاردا شاھ رەسەتخانىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان، يېڭى كالېندار تۈزۈپ چىققان، ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەر ئۈستىدە ئىلمىي ماقالىلەر يازغان. يەنە شۇ ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئەرەب يازغۇچىسى ئەل جاھىز ئۆز دەۋرىنىڭ يېتىشكەن ئالىمى بولۇپ، ئۇنىڭ <<مەخلۇقاتنامە>> دېگەن ئەسىرى ئەرەبلەر تارىخىدىكى تۇنجى زوئولوگىيە كىتابى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسلىق تراگېدىيىلىك ئەسەرلىرىنى يازغۇچى سېنېكا پەيلاسوپ ۋە سىياسىي ئەرباب ئىدى.18-ئەسىردە فرانسىيىدە ئۆتكەن روسسۇ ئەڭ داڭلىق مۇتەپەككۇر بولۇش بىلەن بىللە يەنە تەسىرى كۈچلۈك ئەدىب ئىدى. ئۇنىڭ نەزەرىيىۋى ماقالىلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمۇ كونا ئەنئەنىلەرگە قارشى كەسكىن ئىدىيىلەرنى ئىپادىلىگەن. ئېنگىلىس: <<ھەقىقەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان، دېسە مانا مۇشۇ دىدېرودەك كىشىلەرنى دېسە بولىدۇ>>دەپ يۈكسەك باھا بەرگەن مۇتەپەككۇر دېدرو<<تەبىئەتنى چۈشەندۈرۈش>>،<<ماددا ۋە ھەرىكەت توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى قائىدىلەر>>گە ئوخشاش داڭلىق پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى يېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە<<رەسسامچىلىق توغرىسىدا>>،<<ئارتىسلىق دېمەك گەپ سېتىش ئەمەس>>،<<دراما سەنئىتى ھەققىدە>> قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئېستېتىكىغا ئائىت نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. شۇنداقلا ئۇ <<لامۇرنىڭ جىيەنى>>، <<راھىبە>>، <<تەغدىرپەرەس ياك ۋە ئۇنىڭ خوجايىنى>>دېگەن رومانلارنى يېزىپ، فرانسىيىنىڭ 18-ئەسىردىكى ئاساسلىق يازغۇچىلىرى قاتارىغا ئۆتكەن. تارىختىكى مۇنداق مىساللارغا نەزەر ئاغدۇرسىڭىز، بىردە <<سۆز ئويۇنى>> قىلىدىغان ئەدىبلەرنىڭ جىددىي ئىشلەيدىغان ئالىملارغا، بىردە ئالىملارنىڭ <<سۆز ئويۇنى>> قىلىدىغان ئەدىبلەرگە ئايلىنىپ قالغىنىنى كۆرىسىز. تارىختا شۇنداق بولغانىكەن، بۈگۈنكى ئەدىبلىرىمىزنىڭ پەن-تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىنتىلگىنىگە خاپا بولمىساقمۇ بولىدۇ .

قاسىم سىدىق تاپا-تەنىلەرگە پەرۋا قىلماي يەنە باشقا ئاتاقلىقلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ‹‹بوشلۇق››، ‹‹يوقلۇق››، ‹‹ئۈچ قاتلاملىق ئالەم›› دېگەن مەسىلىلەر ئۇنىڭ مېڭىسىدىن زادىلا نېرى كەتمەيتتى... پەن -تەتقىقات ئورنىدىكى مەلۇم بىر ئەرباب قانداقلا بولمىسۇن قاسىمنىڭ ھېلىقى<<چىگىش>>مەسىلىلەر يېزىلغان تېمىسىنى ئوقۇپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنى خۇش قىلدى ۋە قاسىمدىن: -چەتئەل تىللىرىنى بىلەمسىز؟-دەپ سورىدى . -ياق،-دەپ جاۋاب بەردى قاسىم سىدىق . ھېلىقى كىشى كۈلۈپ : -سىز ئاۋۋال چەتئەل تىللىرىنى ئۈگىنىڭ، چەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئىلىم-پەن ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇڭ،-دېدى .

چەتئەل تىلى دېگەندە ھازىر خەلقئارادا ئېقىپ يۈرگەن چوڭ تىللاردىن بىرقانچىسى بار. چەتئەللەردىكى گېزىت-ژۇرناللاردا ھەركۈنى يۈزلەپ ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى خەۋەر قىلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى گېزىت-ژۇرناللار ئۇنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىلا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇپ ئۈلگۈرىدۇ. قاسىم سىدىقنىڭ ھەم تىل ئۆگىنىپ ھەم بارلىق يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇشتەك مۇنداق چوڭ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى مۇمكىنمۇ؟ قاسىم سىدىق : -يائاللا، ئۇنداقتا بۇ بەندىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەسكەن!-دەپ قايتىپ چىقتى .

بۇ كىشىنىڭ سۆزىنى سەمىمىي دېمەسلىككە ھېچقانداق ھەققىمىز يوق.دەرۋەقە،كۆپ خىل تىللارنى ئۈگەنگەندە كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. لېكىن،چەتئەل تىللىرىنى ئۈگىنىش پۈرسىتىگە ئىگە بولالمىغان بىر كىشىنىڭ كاللىسىدا ھازىرقى زامان پەن ئۇچۇرلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئوقىغان كىتابلىرى ئارىسىدا مەلۇم بىر ئىجادىي قاراش شەكىللەنسە،ئۇ بۇ كۆزقاراشلىرىنىمۇ ئاۋۋال چەتئەل تىلى ئۈگىنىپ،ئاندىن ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىممۇ؟...قاسىم سىدىقنىڭ ئىدىيىسىدىن بۇ پىكىرمۇ ئۆتمىدى. ئۇ:‹‹بىر مىللەتنى ئۆز مىللىي تىلىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ نەتىجە يارىتالمايدۇ،دەپ كىم ئىيتىپتۇ؟ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەننىڭ دەسلەپكى ئۇلىنى سالغان قەدىمىي يۇنانلىقلار ئەينى ۋاقىتلاردا زادى قانچىلىك چەتئەل تىلى بىلگەن؟...›› دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى .

يەنە بەزى پىشقەدەملەر ئۇنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ چىقىپ ‹‹ھەي، سىز تېخى ياشكەنسىز، يەنىمۇ ئۈگىنىڭ!›› دېدى. قاسىم سىدىق ئۇچراتقان ئادەملەر ئىچىدە‹‹ماقالىڭىزنى بىر-ئىككى بەت كۆرۈپلا تاشلىۋەتتىم. ھەممىسى قۇرۇق گەپ،مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ!›› دېگۈچىلەرمۇ بولدى. ئىھتىمال، ئۇلار قاسىم سىدىقنى كاللىسىغا تۇيۇقسىز ئالىم بولۇش ئىستىكى كىرىپ قالغان بىر ساراڭ بولسا كېرەك،دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۆمكىن،راستە،چەتئەلدە ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا تەربىيلەنگەن شۇنچىۋالا بىلىم ئىگىلىرى تۇرغان يەردە قاسىم سىدىقتەك بىر سەھرالىققا فىزىكىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭ گەپ قىلىشنى كىم قويۇپتۇ .

شۇنداقمۇ ئادەملىرىمىز باركى، مەلۇم بىر ساھەدىكى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىۋېرىپ،كاللىسىنىڭ تەييار بىلىملەر ئىسكىلاتىغا ئايلىنپ قالغانلىقىنى ئوقماي قالىدۇ.يىللار ئۆتكەنسىرى مۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرنىڭ ئۈگەنگەنلىرى ئۆزىگە رامكا بولۇپ قېلىپ،ئۆزى ئىگەللىگەن بىلىملەرگە توغرا كەلمەيدىغانراق گەپ بولۇپ قالسىلا قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىدۇ.ئۆزى شۇنچىۋالا بىلىمى تۇرۇپمۇ يېڭى نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقتىن،ئۆزىدىن بىلىمى تۆۋەنرەك كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتالايدىغانلىقىنى تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.مۇنداق بىلىملا ئىگىلەپ،ئۇنى ئىشلىتىپ تۆھپە يارىتالمايدىغان ئادەملەر پۇللا يېغىپ خەجلىمەيدىغان بىخىللارغا ئوخشاپ كېتىدۇ.پۇل يېغىپ خەجلىمەيدىغان بۇنداق كىشىلەرنى ‹‹پۇلى بار كەمبەغەل›› دېسە بولىدۇ. ئۇلار بىلەن ئادەتتىكى كەمبەغەلنىڭ پەرقى شۇكى، ئادەتتىكى كەمبەغەلنىڭ پۇلى بولمىغاچقا خەجلىمەيدۇ،‹‹پۇلى بار كەمبەغەل›› بولسا،پۇلى تۇرۇپمۇ خەجلىمەيدۇ.كەمبەغەل قانداقلا بولمىسۇن ‹‹پۇل تېپىپ قالسام، ئۇنداق قىلاتتىم، مۇنداق قىلاتتىم›› دەپ شىرىن خىياللارنى سۈرىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستىنلا ئۇنىڭ قولىغا پۇل چۈشۈپ قالسا،ئەلۋەتتە،ئويلىغان ئارزۇلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئىشقا ئاشۇىدۇ؛ ھېلىقى ‹‹پۇلى بار كەمبەغەل›› بولسا،قانچە پۇل تاپقىنى بىلەنمۇ ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ،پەقەت ئۇنىڭ پۇلىنىڭ سانى ئاشىدۇ .

پەن ساھەسىدىكى گىگانتلاردىن بولغان نيوتۇن 23 يېشىدا، ئېينېشتىيىن 26 يېشىدا ئۆزىنىڭ مۇھىم نەزەرىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانىدى.بۇ چاغ ئۇلارنىڭ ياش ۋە دادىل تەپەككۈر قىلىدىغان چېغى،شۇنداقلا ئومۇمىي بىلىمنىڭ ئاسارىتىگە ئانچە چىرمىلىپ قالمىغان ۋاقتى ئىدى. ئېينېشتېيىننىڭ ھاياتىنى بىزگە تونۇشتۇرغان چىن گۇئەنگىن ئۆزىنىڭ ‹‹ئېينېشتېيىن›› دېگەن كىتابىدا : ‹‹شۇ چاغدا ئېينېشتېيىن بىلىم جەھەتتىن دۇنياغا نامى چىققان نوپۇزلۇق ئالىملاردىن خېلى تۆۋەن ئىدى. لېكىن، ئانچە ئىش كۆرمىگەن، تەجرىبىسىز بولغاچقا، ئۇنىڭدا تارىخ قالدۇرغان قاتمال قاراش، شۇنىڭدەك مۇۋەپپىقىيەت ئېلىپ كەلگەن ئېغىر بوخچىمۇ يوق ئىدى. يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايتتى›› دەپ يازسا، ‹‹مەيدان›› ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى لېدىك: ‹‹بەلكىم ئېينېشتېيىننىڭ تەلىيى-ئالغان تەربىيىسىنىڭ ئۇنچىلىك سىستىمىلىق بولماسلىقى، شۇنداقلا، كاتتا ئىلىم نوپۇزلۇقلىرى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كۆچۈرمىگەنلىكىدە بولسا كېرەك›› دەپ چۈشەندۈرىدۇ، بىزنىڭ قىسمەن نوپۇزلىقلىرىمىز ئاغزىدا: ياشلار يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەتلىك دېسىمۇ، كۆڭلىدە ئىقرار قىلمايدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى ھازىر 40 ياشلارغا بېرىپ قالغان ئادەملەرنىمۇ "ھېچنىمە بىلمەيدىغان بالا" دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدى .

قاسىم سىدىقنىڭ بەزى ئىشلاردىن قاتتىق كۆڭلى قالدى.قۇرساق كۆپۈكىدە ئۇ مۇنداق بىر شېئىر يازدى :


ئۆزى تۇخۇم تۇغمايدۇ بۇ ھۇرۇن مىكيان،

تۇغۇپ بەرسەڭ باسىدۇ،قىلىدۇ پالاق .

تۈزەشنىڭ ئورنىغا بۇزىدۇ دائىم،

تۈزىگەنلەرنى چۇقۇلاش ئاڭا خاس‹‹ئەخلاق›› .

رۇكۇلدايدۇ ھەركۈنى كونا مۇقامغا،

چىقمايدۇ ئۇنىڭدىن يېڭىراق سادا .

ئۇنىڭچە ئىلىم-پەن مازار ۋە مەبۇد،

نيوتون پەيغەمبەر،ئېينېشتېيىن خۇدا .

ئەمدى ھاجەت ئەمەس گويا تەپەككۈر،

پەقەت لازىم ئىمىش سەجدە-ئىقتىدا.

قەدىرلىك-نادانلىق،چاكىنا ئېتىقاد،

پاراسەت قەدىرسىز ئۇنىڭ ئالدىدا .


ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەك، قاسىم سىدىقنىڭ كۆزقاراشلىرىنى دېئالېكتىكىغا، ماركىسىزىملىق پەلسەپە روھىغا ئۇيغۇن ئەمەس، دېگۈچىلەرمۇ چىقىپ قالدى.بۇمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار‹‹دېئالىكتىكا››، ‹‹ماتېرىيالىزىم›› دېگەن ئۇقۇملارنى ئادەم قورقىتىدىغان ۋاستە قىلىپ ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مۇشۇنداق قالپاقلارنى كىيگۈزۈۋالسىلا،ھەرقانداق كۆزقاراشنى مۇھاكىمە قىلمايلا رەت قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىردە دىنىي سوت نۇرغۇن پەن ئالىملىرىنى‹‹دىنغا قارشى چىقتى››،‹‹خۇدانى رەت قىلدى›› دەپ ئەيىپلەپ سۇتقا تارتقانىدى. لېكىن،ماركىسىزىم دىن ئەمەس. ئىلىم-پەننىڭ ھەربىر مۇۋەپپىقىيىتى ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكا بىلەن ماركىسىزملىق پەلسەپىنىڭ ئورنىنى يوقىرى كۆتۈرسە كۆتۈرىدۇكى،ئۇنى رەت قىلالمايدۇ. چۇنكى، ماركىستىك پەلسەپىنىڭ ئۆزى بىر ئىلمىي ھەقىقەت.ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى توغرا تونۇش يولىدىكى ھەربىر ئىزدىنىش دىئالېكتىكىغا ۋە ماركىستىك پەلسەپىنىڭ ھەقىقىتىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن تاللانغان بىر قەدەمگە باراۋەر . شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى،بىزنىڭ بۇ سوتسىيالىستىك مەملىكىتىمىزدە قانداقلا بولمىسۇن يەنە ئىلىم-پەننى چۈشىنىدىغان، يېڭى شەيئىلەرنى قوللايدىغان بىلىم ئىگىلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.نۇرغۇن نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنىڭ ئاپتۇرى بولغان پروفېسسور ئابدۇشۆكۈر مۇھەممەدئىمىن قاسىم سىدىقنىڭ تېزىسلىرىنى تولۇق كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن‹‹بۇ قاراشلار ماتېريالىستىك پەلسەپىگە زىت ئەمەس،ماتېرىيالىستىك پەلسەپە ئىختىرانىڭ چەكلىگۈچىسى،تەپەككۈرنىڭ زىندانى ئەمەس،ئۇ ئىلھاملاندۇرغۇچى ۋە ئۆزىنى تولۇقلىغۇچى كەمتەرلىكى بىلەن يېتەكلىگۈچى! ›› دەپ كەسكىن ئېيتتى.ئۇ قاسىم سىدىقنىڭ ماقالىسىگە‹‹قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق بوشلۇق ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار فىزىكىلىق سوبىستاتسىيە،شەكىل ۋە كۈچ، بوشلۇق، فىزىكىلىق‹‹يوقلۇق›› ۋە ئالەمنىڭ ئۈچ قاتلاملىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى فىزىكا، بولۇپمۇ ماددىي دۇنيا قۇرۇلما نەزەرىيىسىدىكى يېڭى تەپەككۈرنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇنداق قاراش خېلى زور ئىلمىيلىككە، بۆسۈش خاراكتىرىگە ئىگە بولۇپ، ئەگەر ئۇ تولۇقلىنىپ قوبۇل قىلىنسا،بىزنىڭ فىزىكىلىق ئالەم قاراشلىرىمىز يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن. پەن قانۇنلىرى بىرسى ئاساسىدا بىرسى ئىختىرا قىلىنىپ كەلگەن،بىلىش تارىخىمۇ بىر قاتلامدىن بىر قاتلامغا كۆتۈرۈلگەن. بۇنداق ئىختىرالار ئومۇمەن ئالدىنقى قائىدىلەرگە قانائەتلەنمەسلىك، باشقا نەرسىلەر ئۈستىدىكى تەجرىبە جەريانى، تاسادىپىي تەسەۋۋۇر ياكى ئوخشىتىشلار ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئۇ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن بىلىش ۋە تېخنولوگىيىلىك ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ كەلگەن. قاسىم سىدىقنىڭ تەبىئەت ئىلمىدە نەزەرىيىۋى فىزىكىلىق تەپەككۈر قابىليىتى ئۈستۈن،قائىدە تۈزۈش ۋە ئىخچاملاش ئىقتىدارى ياخشى ئىكەن.قوللاشقا ئەرزىيدۇ...يوقلۇق بىلەن‹‹فىزىكىلىق يوقلۇق›› بىر نەرسە ئەمەس. يوقلۇق_فىزىكىلىق يوقلۇق، ماددا ۋە بوشلۇقتىن كېيىنكى تەتقىق قىلىنمىغان 3-قاتلام سۈپىتىدە يەنىلا پەلسەپىۋى بارلىق. بۇلار زىت ئەمەس. مېنىڭچە،قىزغىن قوللاش، پىكىر ئوچۇقچىلىقى،ئىقتىسادىي ياردەم مۇھىم.مىللىتىمىز تەبىئەت ئىلمىنى يوقىتىپ قويغىنىغا بەش ئەسىر بولدى.قوللاش ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىغا بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش لازىم.تەبىئەت ئىلمىي قانۇنىيەتلىرى سەمەت ھەل قىلمىسا،ئەمەت ھەل قىلىدىغان زۆرۈر مەسىلىلەر بولۇپ،يازغۇچىنىڭ يازمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان ئەسىرى ئەمەس›› دەپ تەپسىلى پىكىر يازدى .

ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپى پروفېسسورى باۋدۇن توختى قاسىم سىدىقنىڭ «بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىرى» دېگەن ماقالىسىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن : بۇ ماقالە ئەسلىدە ئېينېشتېيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن يېزىلغانىكەن. ئېينېشتېيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى زامان بىلەن ماكاننىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ماددا بىلەن بولغان باغلىنىشىنى فىزىكىلىق دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تولۇقلاپ دىئالېكتىكىغا تۆھپە قوشقانىدى. يولداش قاسىم سىدىقنىڭ بۇ ماقالىسى نەزەرىيە جەھەتتە مانا شۇ مەسىلىنى دەلىللەپ كىشىنى ناھايىتى قايىل قىلىدۇ.ئەپسۇسكى،بۇ ماقالە ھەجىم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ كەڭ ۋە تەپسىلىيرەك يېزىلغان بولسا،تېخىمۇ ئۇبدان بولغان بولاتتى.ھەرقانداق بىر ئىلىم-پەنگە ئوخشاش فىزىكا بىلەن پەلسەپىنىڭ مۇناسىۋېتى ناھايىتى يېقىن،فىزىكا تەتقىقاتى ئەگەر ماركسزىملىق پەلسەپىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلىدىكەن،قىڭغىر يولغا كىرىپ قالماي قالمايدۇ.بۇ ماقالە ئۇنداق ئەمەس،ئۇنىڭغا ماركسزىملىق پەلسەپىنىڭ ماتېرىيالىزىم ۋە دىئالېكتىكا پرىنسىپلىرى مۇناسىپ ھالدا ياخشى سىڭدۈرۈلۈپتۇ. بايان ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ئۇنىڭغا خىلاپ ئەھۋاللار مەۋجۇد ئەمەس.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيالىستىك ئىلىم-پەن تەرەققىياتىمىزدا بەزى ئىجتىمائىي پەن جەھەتتە مەلۇم نەتىجىلىرىمىز بولسىمۇ،تەبىئىي پەن جەھەتتە،بولۇپمۇ ماتىماتېكا،فىزىكا قاتارلىق پەنلەردە تېخى كۆپ ئارقىدىمىز.بۇ جەھەتتە يولداش قاسىم سىدىق ئالغا بىر قەدەم تاشلاپتۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ،ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك. ماتىماتېكا، فىزىكا تەتقىقاتىدا قاسىم سىدىققا ئوخشاش ياش ئىزلەنگۈچىلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دەپ ئۆز پىكرىنى يازدى .

شىنجاڭ داشۆ فىزىكا فاكۇلتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،ئىمتىھان ۋاقتىدىكى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى. يىغىنغا فىزىكا فاكۇلتېتىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. بۇ فاكۇلتېتنىڭ شاۋكەت تۇرسۇن، شەمشىدىن شاكىر،قۇببەس يولداش قاتارلىق ئۈچ نەپەر دوتسېنتى قاسىم سىدىقنىڭ بوشلۇق نەزەرىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بايان قىلىنغان ئىككى پارچە ماقالىسىگە : بىرىنچى، بۇ ماتېرياللاردا ئادەتتىكى فىزىكا ئۇقۇملىرىنى بىۋاستە ئىنكار قىلىدىغان مەزمۇن يوق. ئاساسىي جەھەتتىن ئىجادىي پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان. بۇلارنى كىلاسسىك فىزىكا ياكى ئەمەلىي،نەزەرىيىۋى فىزىكا چۈشەنچىلىرىگە قارىتا تەنقىد، دەپ چۈشىنىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىككىنچى،ئالەمنى ماددا،بوشلۇق، يوقلۇقدىن تۈزۈلگەن،دەپ قاراش ۋە شۇنداق چۈشەندۈرۈش دىئالېكتىك پەلسەپە پىرىنسىپلىرىغا خىلاپمۇ ئەمەس. لوگىكىلىق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. ئۈچىنچى،چەكلىك ۋە چەكسىز ئالەم كۆز قارىشىنى ئۆز شەرتلىرىگە نىسبەتەن توغرا،دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە،شەكىلنىڭ مىقدارغا،شۇنداقلا چەككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. تۈتىنچى،مۇئەييەن شەكىل بەلگىلىك كۈچنىڭ تەسىرىدن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ دېيىش فىزىكىدىكى كۈچ ئۇقۇمىغا زىت ئەمەس.بەلكى،ئۇنىڭ يەنە بىر خىل بايان قىلىنىش شەكلى. بەشىنچى،يوقلۇقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.چۈنكى،ئومۇمىي ئالەملىك بوشلۇق شەكىلگە ئىگە ئەمەلىي گەۋدە بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ شەكىل جەزمەن دىئالېكتىك پەلسەپە نوقتىسىدىن شەكىلسىزلىك ۋە چەكسىزلىكدىن ئىبارەت بولغان يوقلۇقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ دەپ باھا يازدى .

شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋېرسىتىتى فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ دوتسېنتى سابىت ھامۇتمۇ قاسىم سىدىقنىڭ ماقالىلىرىگە ئۆز كۆزقارىشىنى بايان قىلىپ : يولداش قاسىم سىدىقنىڭ بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدىكى ئىلمىي ئىزلىنىشىنى ئوقۇپ كۆرۈپ چىقتىم.بۇ ئىزلىنىشتە لوگىكىلىق ئەقلىي خۇلاسە ئارقىلىق ئالەمنىڭ ئۈچ قاتلىمى بايان قىلىنىپتۇ. مېنىڭچە، قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق شەكىل فىزىكىلىق كۈچنىڭ ئىپادىلىشى (ئىكەنلىكى)، شەكىلسىز ھەرىكەتنىڭ مەۋجۈد ئەمەسلىكى، شەكىل دەل كۈچ دېگەنلىك بولىدىغانلىقى، فىزىكىلىق بوشلۇق فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە ئىكەنلىكى، بوشلۇق دېگەنلىك كۈچ دېگەنلىك بولىدىغانلىقى(ھەققىدىكى)ئىدىيىسى دادىل ئىدىيە. مۇشۇ ۋەجىدىن مەن قاسىم سىدىقنىڭ بوشلۇق ھەرىكىتىنى ماددا ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى (توغرىسىدىكى) ئىلمىي تەپەككۈرىنى، بوشلۇق ھەرقانداق شەكىلدىكى ماددىنىڭ ئىچى-سىرتىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى ئۈستىكى مۇھاكىمىسىنى كەسىپداشلارنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن بىلەن ئويلاپ كۈرۈشىگە ئەرزىيدۇ،دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ يەنە ھەرقانداق ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەكىل ئىپادىلىنىشتە يوقلۇقنى شەرت قىلىدىغانلىقى (ھەققىدىكى) چۈشەندۈرۈشى، ماددا ھەرىكىتى مۇتلەق،جىملىقى نىسبىي، بوشلۇق جىملىقى مۇتلەق،ھەرىكىتى نىسبىي نۇقتىئىنەزەرى بىزنىڭ ماددىي دۇنيانى ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشىۋېلىشىمىزغا قولايلىق ئەكىلىشى مۆمكىن دەپ باھا يازدى.


تاسادىپىيلىقمۇ ياكى مۇقەرەرلىكمۇ؟


قاسىم سىدىق ئوتتۇرىغا قويغان كۆزقاراشلار ئۇنىڭ كاللىسىدا تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن ياكى بولمىسا قانداقتۇر بىر كېچىدە ئۇخلاپ ئاجايىپ چۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن تاساددىپىي پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس؛بەلكى،بۇ ئۇنىڭ تەبىئەت ئۈستىدىكى ئۇزۇن يىللىق ئويلىنىشلىرىنى مەھسۇلى .

بىزنىڭ بۇ غەلىتە كۆزقاراشلارنى ئويلاپ تېپىشقا ئامراق قەھرىمانىمىز كۆپچىلىككە تولىراق بىر شائىر سۈپىتىدە مەلۇم . ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق،پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە باي شېئىرلىرى بىلەن كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن . بىرنەچچە شېئىرى ئاپتونۇم رايۇنىمىز دائىرىسىدە ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۇ شېئىرلا يېزىپ قالماي، «ئاتا-بالا» ناملىق پوۋىسېت، «مۇنچىدا»، «خىلۋەتتىكى چوغلۇق» قاتارلىق ھېكايىلەرنىمۇ يېزىپ، پىروزا ئىجادىيىتىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشكارىلىغان. لېكىن ئەدەبىيات قاسىم سىدىقنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ پەقەت بىرلا تەرىپى. بىر ئادەمنىڭ نەدە تۇرۇشى،نىمە قىلىشى لازىملىقىنى بەلگىلەپ بەرگىلى بولۇشى مۆمكىن،لېكىن ئۇنىڭ خىياللىرىنىڭ نەلەردە يۈرۈشىنى،ئىشتىن قايتىپ بارغاندىن كېيىن نىمىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىمەك تەس. قاسىم سىدىقنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى دادامتۇ، ئىشلەيدىغان ئورنى ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپى ئەدەبىيات مۇئەللىمى بولسىمۇ، ئويلايدىغان نەرسىلىرىنىڭ چىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، خىلمۇ خىل مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇشقا ھېرىسمەن بۇ شائىرىمىزنىڭ سېتىۋالغان كىتابلىرىنىڭ قىممىتى ئائىلە بىساتىنىڭ قىممىتىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. بۇ ماتىرىياللارنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمى تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت خەنزۇچە كىتابلار. ئۇ ئەدەبىيات، پەلسەپە، فىزىكا، خىمىيە، پسىخولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، ئالەمشۇناسلىق ۋە باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئەسەرلەرنى كۆرۈپ چىقىپ خاتىرە قالدۇرغان، ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ باشقىلار يازغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ئۈستىدە ئىشتىھالىق كېسەلدىكى چىنلىق تۇيغۇلىرى، ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار قاتارلىق ئوبزۇرلارنى ئېلان قىلغان. گېزىت-ژۇرناللاردا خاراكتېرنىڭ ئۈچ تەركىبى ۋە بەدىئىي خاراكتېر توغرىسىدا، زۇقلانغۇچىلار پسخولوگىيىسىنىڭ زۆرۈرلۈكى، زۇقلانغۇچىلار پسخولوگىيىسىنىڭ كاتىگورىيىلىرى، قايتا ئىجاد قىلىش ۋە ئىمكانىيەت، ماتېرىيال نەزەرىيىسى توغرىسىدا، جىن گۇدئول نەتىجىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىمۇ ئىسلاھاتقا مۇھتاج، ئۇيغۇر تىلىدىكى جىنىس ئالامەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بەدىئىي رولى، ئىنتۇناتسىيە ۋە ئۇنىڭ رولى قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ماقالىلەردە ئوتتۇرىغا قويغان بەزى ئىلمىي قاراشلىرى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن .

قاسىم سىدىقنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار ناملىق ئوبزۇرىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپىدىن ئۆمەر : خېلىلا سالمىقى بار يىرىك ئەسەر. چوڭقۇر ئىلمىيلىككە،قايىل قىلىش كۆچىگە ئىگە دەپ باھالىغان بولسا، دوتسىنىت ئەخمەتبىك : بىر تەرەپتىن ئىجادىي مۇستەقىللىقا ئىگە نەزەرىيە تەتقىقاتى...يەنە بىر تەرەپتىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ھەم نەزەرىيە ھەم ئەمەلىي جەھەتتىن باھالايدىغان ئوبزۇر دەپ كۆز-قارىشىنى يازغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى جىنىس ئالامەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بەدىئىي رولى ناملىق ماقالىسى ئۈستىدە تەتقىقاتچى مىرسولتان ئوسمان : ماقالە ئاپتۇرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر قانلىق تىلىدىكى جىنىس ئۇقۇملىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتتىكى رولىغا خېلى دىققەت قىلغان ۋە بۇ ھەقتە خېلى ئىزلەنگەن. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا ماقالىنىڭ ئىجادىي تەرىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ دەپ يازغان . زوقلانغۇچىلار پىسخولوگىيىسىنىڭ زۆرۈرلۈكى دېگەن ماقالە ھەققىدە پىسخولوگىيە دوتسېنتى ۋاھاپ غاپپار : تەكلىپ خاراكتىرلىك مۇھىم ئىلمىي ماقالە...قىسقا بولسىمۇ،ئىلمىي ۋە ئىجادىي قىممىتى زور. بۇ ئىلىم-پەن ئەھلى ئۈچۈن ئىلھام ۋە ھەيدەكچىلىك بولۇپ، تەلەپ ئەمەلگە ئاشسا،ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسى يەنە بىر ئىلمىي قورالغا ئىگە بولغۇسى دەپ يازغان بولسا، زۇقلانغۇچىلار پىسخولوگىيىسىنىڭ كاتىگورىيىلىرى دېگەن ماقالە ھەققىدە بۇ ماقالىنى رىئال ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە، نەزەرىيىۋى يېتەكچى قوللانما خاراكتىرىدىكى ئىلمىي ماقالە، دەپ ھېساپلاشقا بولىدۇ دەپ باھا يازغان. ئۇنىڭ ماتېرىيال نەزەرىيىسى توغرىسىدا ناملىق ماقالىسى ھەققىدە پروفېسسور ئابدۇشۆكۈر مۇھەممەدئىمىن : قاتلام نەزەرىيىسى بويىچە خېلى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە...بۇنداق نەزەرىيە شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرى ئىچىدە ئاز ئۇچرايدۇ...مەن مۇنداق ياخشى ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دەپ يازغان .

ھەتتا، بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرىلا قاسىم سىدىق : بالىلىق شېئىرلار ھەققىدە دېگەن بىر ماقالىنى يېزىپ، يېڭى بىر شېئىر شەكلىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانىدى.بەزىلەر قاسىم سىدىقنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنى كۆرۈپ قاسىم سىدىق ساراڭ بولۇپتۇمۇ دېيىشكەن. كېيىن،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىلىرى قادىر ئەكبەر،مەھمۇت زەئىدىلار ئۇنىڭغا يوقىرى باھا بېرىپ : بالىلىق شېئىرلار ھەققىدىكى نوقتىئىنەزەر بىر يېڭى ئاكسيۇما، تەتقىق قىلىشقا ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان پىكىر،ئىلمىي قىممىتى بار،نەزەرىيە جەھەتتىن بىر يېڭىلىق دەپ قارايمىز دەپ يازغان. ئىشقىلىپ،بۇ غەلىتە مىجەزلىك شائىرىمىزنىڭ كاللىسىدا يېڭى-يېڭى پىكىرلەر پات-پات ئۇچقۇنداپ تۇرىدۇ. ئۇقۇشسام، ئۇ يەنە ئىلھامنىڭ سىرى سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىمدىكى ئىلمىي ئەسىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن يېزىپ پۈتتۈرۈپتۇ . يوشۇرۇن قىممەت-ئىجادىيەت-مەدەنىيەت تارىخى ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى ژۇرنالغا سۇنۇپتۇ. ھازىر ئومۇمىي مىتودولوگىيە، ناتۇرال تىللار، ئىجادىيەت-ئىجادىي قىممەت-ئىجادىيەتنىڭ نىسپىيلىكى قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە ئىزلىنىۋېتىپتۇ .

كىتاب ئوقۇش قاسىم سىدىقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ھوزۇر ئىش بولسا كېرەك. ئۇ ئۆزى : پۇرسەت تاپساملا ماتىرىيال كۆرىمەن .ئاساسىي ئۇقۇملارنى ئىگەللەش،ئۇقۇملار بىلەن ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى بايقاش، بۇ زىدىيەتلەردىن يېڭىچە لوگىكىلىق نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىش مېنىڭ تەپەككۈر ئادىتىم دەيدۇ.ئۇ يەنە : نۇرغۇن كىشىلەردە قاتمال قاراش بار. ئۇلار تەييار ئۇقۇملار بىلەن قانائەتلىنىدۇ.ئۆگىنىش، ئۆگەنگەنگە قانائەت قىلماي يېڭى نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزلىنىش...قانائەتسىزلىك مېنىڭ ئېتىقادىم دەيدۇ. بىر شېئىرىدا ئۇ :


قانائەت مەن ئۈچۈن يار بولغان قاچان؟
روھىمدا ئەبەدىي ئاچلىق ھۆكۈمران .
تۈنۈگۈن ئىزلىگەن ۋىسال خوپ كەلدى،
ئەتىنى ئويلىسام سىزىمەن ھىجران .

دەپ يازغان.

ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ قوينى قاسساپ سويسۇن، تەبىئىي پەن بىلەن غەربلىكلەرلا شۇغۇللانسا بولىدۇ دەيدىغان ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىش روھىغا تۈپتىن قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . دەرۋەقە،ئىلىم-پەن تەتقىقاتى مۈشكۈل خىزمەت،-دەيدۇ ئۇ،-لېكىن،ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشمۇ ئەمەس. پەننى سىرلىقلاشتۇرۇش پەننىڭ روھىغىمۇ خىلاپ،ئىلىم-پەندە بۈگۈن غەربلىكلەرنىڭ ئىلگىرىلەپ كەتكىنى پاكىت،لېكىن،ئەينى ۋاقىتتا غەرب دۇنياسىنىڭ شەرقتىن كېيىن قالغانلىقمۇ پاكىت ئىدى. غەربلىكلەرنىڭ ھازىرچە ئىلگىرى كېتىشى ۋاقىت، شارائىتلا مەسىلىسى...ئېنگىلىس: بىر مىللەت پەننىڭ يوقىرى پەللىسىدە تۇرماقچى بولىدىكەن، بىر مىنۇتمۇ نەزەرىيىۋى تەپەككۈردىن ئايرىلماسلىقى كېرەك،دېگەن. چۈشكۈنلۈكنىڭ ئورنىغا ئۈمىدۋارلىقنى،تەركىي دۇنياچىلىقنىڭ ئورنىغا ئەمەلىي پائالىيەتچانلىقنى دەسسەتسەك،بىزمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايمىز. قاسىم سىدىقنىڭ مۇنۇ بىر كۇبلىت شېئىرىمۇ ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ :


مەن ئەھلى زۇننار مەغرىبى ئەمەس،
مەغرىبىلا ئىلىمنىڭ چىرىغى ئەمەس .
غېرىب بولسام،ئادالەتنىڭ غېرىبى،
لېكىن،پاراسەتنىڭ غېرىبى ئەمەس.


قاسىم سىدىق بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرىلا تەبىئەت دۇنياسىغا قىزىقىپ بەزى نەرسىلەرنى يېزىشقا باشلىغان. دەسلەپتە ئۇ ئالەملىك ئېرسىيەت ۋە ئالەم گارمۇنىيىسى دېگەن تېما ئۈستىدە ئىزلەنگەن.بۇنىڭدا ئۇ ئىرسىيەت ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىنى كىڭەيتىش لازىم،يەنى،ئىرسىيەتنى نوقۇل بىئولۇگىيىلىك ئۇقۇم ھالىتىدىن ئۇنۋېرسال ئۇقۇم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش كېرەك دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.خىمىيە ئۈگىنىش جەريانىدا ئۇ مەكتىپىدىكى بىر فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلمېنىت سەن نەدە؟ ناملىق بىركىچىك ماقالىمۇ يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ قىتىمقى بوشلۇق نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى ماقالىلىرىمۇ تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس. 1989-يىلى 12-ئايدا ئۇ ئىلى گېزىتىدە ئەدەبىي بوشلۇق نوقتىئىنەزەرى توغرىسىدا ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.بۇ ماقالىدە بوشلۇقنىڭ يېزىقچىلىق ۋە زوقلىنىش پائالىيىتىدىكى ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەر پسخولوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار : ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى،-دەپ يازىدۇ قاسىم سىدىق،-بوشلۇق ھادىسىسىگە پەلسەپىۋى نوقتىدىن نەزەر تاشلاش لازىم. بوشلۇقنى پەلسەپىۋى ئابىستىراكىتسىيە(ئۇقۇم)دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش تامامەن مۆمكىن. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى،تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش ۋە خاسلىقلارنى بوشلۇق نوقتىئىنەزەرىنى چىقىش ئانالىز قىلغاندا،نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.ئەدەبىي بوشلۇق يۇقىرىقى پەلسەپىۋى بوشلۇق ئىچىدە ئىزاھلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ كۇنكىرىت بىر تارمىقى بولۇپ قالىدۇ.
قاسىم سىدىق شۇنىڭدىن كېيىنلا بوشلۇق نەزەرىيىسى (بۇ نەزەرىيىنى شەكىل نەزەرىيىسى دېگەن بولسا،ئىسمى جىسمىغا لايىق بولغان بولاتتى) دېگەن ئومۇمىي تېما ئۈستىدىكى ئەمگىكىنى باشلىۋەتتى. ئۇ گەرچە دەسلەپ پەلسەپىۋى يىغىنچاقلاشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ نەتىجىلىرى بىرئاز كونكىرېتلىشىپ فىزىكا ئالەمشۇناسلىقتىن ئىبارەت پەنلەرگە بېرىپ تاقالدى.ئېينېشتېيىن ئوتتۇرىغا قويغان زامان-ماكان ئەگرىلىكىنى شەكىلگە يىغىنچاقلاش قاسىم سىدىقنىڭ چىقىش نوقتىسى. دەرۋەقە،ھەرقانداق مەزمۇندىكى ئالەمشۇناسلىق ئالەمنى شەكىلگە يىغىپ قويىدۇ . شەكىل جەزمەن ئارقا كۆرۈنۈش شەرتى ئاستىدىلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ قاسىم سىدىق ئوتتۇرىغا قويغان شەكىلنىڭ تاشقى شەرتى.بىز ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىغان شەكىلنىڭ بارلىقنى ئىسپاتلالىساق،قاسىم سىدىق بىرتەرەپلىمە ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ . ئارقا كۆرۈنۈش ئېتىراپ قىلىنسا،مۇقەررەر ھالدا يوقلۇقمۇ ئېتىراپ قىلىنغان بولىدۇ . ھەرقانداق شەكىل جەزمەن مۇئەييەن ئىقتىدارغا،مۇئەييەن كۈچكە ئىگە، ئەگەر بىز كۈچ ئىپادىلىمەيدىغان ۋە چەكسىز بولغان شەكىلنى تېپىپ چىقالىساق،يۇقىرىقى ھۆكۈم بىرتەرەپلىمە بولغان بولىدۇ .
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،قاسىم سىدىقنى كۆزدە تۇتقاندا بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس.ئۇنىڭ تەپەككۈر يولىنى بويلاپ ماڭسىڭىز،ئۇ مەنتىقى ئىزچىللىق ۋە مەنتىقى مۇقەررەرلىكتىن ئىبارەت .


ئۇ نىمىگە ئېرىشتى؟


غۇلجىدىكى بەزى يولداشلار قاسىم سىدىققا ئۆزۈڭنى ئاۋارە قىلمىساڭ بولامدىكىن، بۇ ئىشىڭ باشقا چىقمايدۇ دېگەندە،قاسىم سىدىقنىڭ تېخىمۇ تەتۈرلۈكى تۇتۇپ،زادى ئۈرۈمچىگە بىر بېرىپ ئۆز كۆزقاراشلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىر تەرەپ قىلىپ كەلمەكچى بولغانىدى. ئاخىرىدا بۇ خۇددى كىچىك بالىلارنىڭ كېچەلمەيدۇ ھە،ھە ! دەپ بەرسە تېخىمۇ كەچكىنىدەك بىر ئىش بولدى .
قاسىم سىدىقنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشتىكى مەقسىتى: بىرىنچىدىن، ئىلىم-پەن تارماقلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئىدى.قاسىم سىدىقنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە تايانغان قورالى ھازىرچە لوگىكا ۋە پەلسەپە. ئۆز نەزەرىيىسىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇۋاپىق تەجرىبە لايىھىسى ۋە تەجرىبە شارائىتى يوق. مىقدارلىق ئانالىز ،ماتېماتىكىلىق ئىسپاتلاشلار جەھەتلەردە ئۇ كەسپ ئەھلى ئەمەس. ئالدى بىلەن ھازىرقى مەنتىقى قۇرۇلما مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. بۇ ئىش لوگىكا باسقۇچىدىلا ئۇجۇقۇپ كەتسە، قالغان ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھاجىتى قالمايتتى. ئىككىنچىدىن،قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ يېڭى نەزەرىيىسىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى توغرىسىدا ھازىرچە بۇ نەزەرىيىنىڭ ئەھمىيىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن،ھېچبولمىغاندا ئۇ ئالەم چەكلىكمۇ ياكى چەكسىزمۇ؟ دېگەن تالاش-تارتىشقا خاتىمە بېرىدۇ؛ شەكىل، كۈچ ۋە مىقدار دېگەن چۈشەنچە قوبۇل قىلىنسا،ئالەمنى بىلىشنىڭ يەنە بىر مىتودى مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ دەپ قارايتتى. شۇڭا،دەسلەپكى قەدەمدە قاسىم سىدىق ئۆز ماقالىلىرىنى بىرەر مەتبۇئاتتا ئىلان قىلدۇرۇپ،كۆپچىلىكنىڭ مۇھاكىمىسىگە قويۇشى،كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئۆز كۆزقاراشلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن ئۇچۇر بېرىشى لازىم ئىدى .

لېكىن،قاسىم سىدىق ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرنەچچە پروفېسسور ۋە دوتسېنىتلارنىڭ باھالاش پىكرى تۇرۇپمۇ ئۆز ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ئورۇن تاپالمىدى. ئىلىم-پەن نەشرىيات تارماقلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابى ناھايىتى ئاددىي-بىزنىڭ بۇ ژۇرناللىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش. سىزنىڭ يېڭى نەزەرىيە ئىكەن،باسالمايمىز،دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ.قىززىق يېرى شۈكى،قاسىم سىدىقنىڭ بۇ يېڭى قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە دەل ئاشۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتنىڭ نەشىر قىلغان كىتاب-ژۇرناللىرىنىڭ تەسىرىمۇ زور بولغانىدى.پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى نىمە؟ باشقىلار تەرىپىدىن بايقالغان، ئىسپاتلانغان قانۇنىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇپلا قويۇشمۇ ياكى شۇ ئاساستا ئۆزىمىزمۇ يېڭى نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،يەنىمۇ بىر قەدەم ئالغا بېسىشمۇ؟...قاراڭ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئورۇنلىرىمىز جاپالىق ئىشلەپ ئىلىم-پەننىڭ نۇرغۇن نەتىجىلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەردىيۇ،بۇ ئومۇملاشتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان نەتىجىنى قوبۇل قىلالمىدى .

ئالىي مەكتەپلەردىن ئىلىم-پەن ئورۇنلىرىغا، ئىلىم-پەن ئورۇنلىرىدىن تەھرىر بۆلۈملەرگە چېپىپ يۈرۈپ،قاسىم سىدىقنىڭ ئايىغىنىڭ پاشنىسى چۈشۈپ قالاي دېدى. ئەل-ئاغىنىلىرى ياردەم قىلىپ ئانچە-مۇنچە پۇل ئەۋەتىپ تۇرغانىدى. ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتى ئۇزارغانسېرى بۇ پۇللارمۇ تۈگەپ يانچۇقىنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قالدى.مەرىپەتپەرۋەر بىر ئايال تىجارەتچى ئۇنى ئالاھىدە ئىزدەپ تېپىپ 100 يۈئەن پۇل بەردى. شۇ ئارىدا ئۇنىڭغا ئۆيىدىن خەت كېلىپ قالدى. خەتتە ئانىسى: - بالام، ئانچە-مۇنچە شېئىردەك بىر نىمىلەرنى يېزىپ تۇرغان ۋاقتىڭدا ئاز بولسىمۇ قەلەم ھەققى ئېلىپ تۇراتتىڭ، تۇرمۇشىمىزغا ياردىمى بولاتتى. ھېلىقى بوشلۇق،يوقلۇق دېگەن بىرنېمىلەر كاللاڭغا كىرىۋالغاندىن بىرى ئۆيدىمۇ ھەممە نېمە يوق بولغىلى تۇردى.ئەمدى بولدى قىلىپ قايتىپ كەلسەڭ ! دەپ يازغانىدى.قاسىم سىدىق ماقالىلىرىنڭ بىرقىسمىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلىغا تاپشۇرۇپ،نائىلاج غۇلجىغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى .

قاسىم سىدىق ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا غۇلجىدىن سودىگەرچىلىك قىلغىلى چىقىپ كەتكەنلەر چېغىدا ئۆيىگە خېلى يانچۇقىنى پومپايتىپ قايتىپ كېلىشتى.قاسىم سىدىق بولسا،يەلكىسىگە بىرمۇنچە قەرزنى ئارتىۋالدى. قاسىم سىدىقنىڭ يېزىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك ئازراق ئىش ھەققى بار ئىدى. قەرز ئىگىلىرى پۇللىرىنى سۈيلەۋەرگەچكە،قاسىم سىدىق يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن شۇ پۇلنى ئېلىپ قەرزنى تۆلىمەكچى بولىۋېدى، بۇ پۇلمۇ پۈتمىدى. قاسىم سىدىق يېزا باشلىقى بىلەن ئالىيلىرى دەپ ئانچە-مۇنچە چاقچاقلىشاتتى . ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى دېگەندەك، ئۇنىڭغا قارىتىپ مۇنداق بىر شېئىر يېزىپ قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋالدى .


ئالىيلىرىغا ئەرزى-ھال


ئەيلەيىن ئەرزىم بايان،ئالىيلىرى،
بولسىمۇ دەردىم ئايان،ئالىيلىرى .
قىلمىشىمدىن خەستە روھىم ئالدى نەپ،
بولدى چۆنتەككە زىيان،ئالىيىلىرى .
پۇل بۇزۇپ قىلدىم سەيىر بوشلۇقنى مەن،
ئاقىبەت قالدىم قۇچۇپ يوقلۇقنى مەن،
خەجلىسەممۇ يوقلۇققۇمدىن مىڭ تۈمەن،
كەلمىدى بىر بۇردا نان،ئالىيلىرى .
بالا-ۋاقام يوقلۇققۇمدىن داد دېدى،
ئەرزىمەس نەغمەڭنى بەس،توختات دېدى،
تاڭغىچە ياقماي چىراغ ئۇخلات دېدى،
ئاھ ئەجەپ قىينالدى جان،ئالىيلىرى .
كەلدى ھەم قەرزىڭنى بەر دەپ قانچىسى،
كۆزدە خەنجەر،تىللىرىدا قامچىسى،
قىلدى كۆكرەكنى ماكان خەنجەر بىسى،
ماڭا تار كەلدى جاھان،ئالىيلىرى .


ئۆز پۇلۇمغا ھەق دېدىم،كۆپ جورۇدۇم،
بارچىكى خەيرەندىلەرنى دورۇدۇم،
ئۆز گۆشۈمنى ئۆز يېغىمدا قورۇدۇم،
بولدى گويا قەستى جان،ئالىيلىرى .
ۋاقتىدا بۇ ئىشقا بەرھەم بەرسىلە،
قانچە بولسا شۈنچە دەرھەم بەرسىلە،
پۇلنى جىقراق،دەردنى كەم-كەم بەرسىلە،
شۇندا تىنجىيدۇ زۇۋان،ئالىيلىرى .


قاسىم سىدىققا ئوخشاش ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ نەپ تېگىدىغان شائىرلىقنى تاشلاپ،ھەممىنى قۇرۇتۇۋېتىدىغان يۇقلۇق بىلەن ھەپىلىشىدىغان،ئىلمىي مەقسەت ئۈچۈن شۇنچە نۇرغۇن بەدەل تۆلەيدىغان ئەخمەقلەر ئارىمىزدا ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك .
مېنىڭ بۇ ئەدەبىي ئاخباراتنى يېزىشتىكى مەقسىتىم ھەرگىزمۇ قاسىم سىدىقنى مەدھىيلەش ياكى بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا باھا بېرىش ئەمەس.دېمەكچى بولغىنىم:پارتىيىمىز تۈزگەن ئىسلاھات، ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن دەۋرىمىز ئۇچقاندەك ئىلگىلەۋاتىدۇ. لېكىن،بەزىلىرىمىزنىڭ ئېڭى رېئاللىققا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ. بۈگۈنكى ياشلىرىمىز ئىلىم-پەننى ئىگىلەپلا قالماي،يېڭى قىياس،يېڭى تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولدى.بىز ئۇلارغا ئۆز كۆزقاراشلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقنى دەلىللەش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرەيلى .
بۈگۈنكى ئىلمىي پەرەزلەر ئەتىكى كەشپىياتنىڭ بىخى.پەندە تەكشى يول يوق.بەزى كۆزقاراشلار ئىسپاتلانغىچە نۇرغۇن سىناقلارغا دۈچ كېلىدۇ. كوپىرنىكنىڭ يەر قۇياشنى ئايلىنىدۇ نەزەرىيىسى دەسلەپتە بىر خىل قىياستىنلا ئىبارەت ئىدى. پەقەت 300 يىلدىن كېيىنلا ئۇنىڭ ھەقىقەتلىكى ئىسپاتلانغان. ھالبۇكى،ئىسپاتلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ ئۇ ھەقىقەت ئىدى.قىياس ۋە تەسەۋۋۇرلارنىڭ خاتا چىقىپ قېلىشىدىن نىمە ئانچە قورقىمىز؟ دەلىللىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرسەكلا،مەلۇم بىر نەزەرىيىنىڭ ناتۇغرىلىقىنى ئىسپاتلاش جەريانىدىمۇ كىشىلەر نۇرغۇن ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى بىلىۋالالايدۇ. ئېينېشتېيىن : نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئىلىم-پەن تارىخىمىزغا مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلارلا يېزىلىپ،مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلاردىن ئىلگىرى يول ئىزلىگەن مەغلۇپ بولغۇچىلار يېزىلمايدۇ؟ مانا بۇ زور ئادالەتسىزلىك، مەلۇم بىر يولدا مېڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشمۇ ئىلىم-پەنگە قوشۇلغان چوڭ تۆھپە دېگەنىدى .
ئىلىم-پەن تەتقىقاتى مۈشكۈل خىزمەت.ئەگەر بىر كىشىنى يىللاپ ئەجرى قىلىپ،ئاخىرىدا ماقالە يېزىپ،ئۆزىنىڭ يېڭى بىر قىياسنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئورۇن،ماقالىسىنى ئىلان قىلغۇدەك مەتبۇئات چىقمىسا،بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بىزدە باشقىلارنىڭ ئىلىم-پەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ژۇرناللار بولىدۇ-يۇ، ئۆز ئىچىمىزدىكى يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلگۈچى كۈچلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان بىرەر ژۇرنال تەسىس قىلىنمايدۇ. ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىش،مىللىي قورۇنۇش،چەتئەللىكلەرنىڭ، خەنزۇ بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ئىجاد قىلىپ بەرگەن نەرسىلىرىگىلا تايىنىپ جان بېقىش مىللەتنى تەپەككۈر ھۇرۇنلىقىغا،كىرىزىسكە باشلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىلمىي ھەقىقەتنى ئۈگىنىپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇ تەتبىق قىلىنغاندا ئاندىن كۆچكە ئايلىنالايدۇ.دادىل بولايلى،كەلگۈسىدە ئىشەنچىلىك چىقماي قېلىش ئېھتىمالى بولغان قىياسنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىمۇ ھامان ھېچقانداق بىر قىياسنىڭ بولمىغىنىدىن ياخشى . مانا بۇ سۆزنى مەشھۇر خېمىيە ئالىمى مېندېلىپ ئېيتقان !


1990 -يىل -12 ئاي، غۇلجا


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=56
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-01 16:58 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
نىھال
دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


UID نۇمۇرى : 724
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 74
شۆھرىتى: 815 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 885 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 102 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ توپلاملىرىدا كۆرمىگەن بىر ئەسىرى ئىكەن بۇ.
ئاشتۇزى ئەپەندى بۈگۈن تېتىملىق بىر تىما يوللاپلا .
maktap
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-01 17:41 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نىھال ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا