بۇگۈن نېمە تاماق قىلشىنى بىلەلمەي تازا بىشمى قاتتى ، ئاخىر ئويلاپ قاتقات گۆش نان قىلىشنى قارار قىلىدىم .پۇشۇرۇپ تېتىپ باقسام ناھايىتى تەملىك بوپتۇ، شۇڭا سىلەرگە سۇندۇم .سلەرمۇ قول سېلىپ قىلىپ بېقىڭلار.
خۇرۇچلىرى: (ئىككى كىشىلىك) بىر كىچىك چىنە ئۇن ،مۇۋاپىق ئېچىتقۇ،مۇۋاپىق مىقتاردا قوي گۆشى ، بىر باش پىياز ،ئاقمۇچ ،قارمۇچ ،كىچىك بىر دانە تۇخۇم، ئىرىمچىك (چىز) 30گرام (قوي مېى بولسىمۇ بولىدۇ،مەن تاپالمىغاچقاچ چىز ئىشلەتتىم) مۇۋاپىق شوخلا قىيامى
ئېتىشى ئۇسۇلى: ئاۋال ئېچىتقۇنى قاچىقغا (ئازراق شىكەر قۇيىۋاتسىڭىزئېچىتىشنى تېزلىتىدۇ،سىناپ بېقىڭ) ئازراق شكەرقۇيۇپ ئىلمان سۇ قۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ ئۇنغا قۇيۇپ خېمىرنى يۇغۇرىمىز .ئسسىق يەرگە قۇيۇپ قۇيىمىز.گۆشنى ھەم پىيازنى ئۇششاق چانايمىز ،تۇز ،ئاقمۇچ، قارمۇچ سېلپ ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ ياخشى ئارلاشتۇرىمىز .
خېمىر بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۈچكە بۆلىمىز ،نۇغۇچ بىلەن ئايرىم ئايرىم ئېچىپ (يۇمىلاق قىلىپ) . ئاندىن بىرنى ئەمبەلگە قۇيۇپ ئۈستىگە ئىرىمىچىك سۈركەپ (قوي مېيى) ئۇنىڭ ئۈستىگە شوخلا قىيامىنى تەكشى سۈركەيمىز،ئاندىن تەييار قىلىپ قويغان قېيمىنى تەڭ ئىككىگە بۆلۇپ ،بىر قىسمنى شوخلا ئۈستىگە تەكشى يېيىتىمز،ئېچىپ تەييار قىلىۋالغان خېىمىرنى قېمىنڭ ئۈستىگە پېىپىپ ،قۇلىمىز بىلەن بوش بىسىپ قۇيمىز.يەنە يوقارقى مەشغۇلات بويىچە قىيما يېيىتساق بولىدۇ ، ئاندىن ئۈچىنىچى خېىمرنى قېمىنىڭ ئۈستگە قويۇپ ئىككى قۇلىمىز بىلەن بېسىپ چۆرىسىنى چاپلاشتۇرىمىز. ئاندىن خېىمىرنىڭ چۆرىسنى سىرتىدىن ئىچىگگە تۇرىمىز .
ئاستى تەكشى قازاننى قىزىتىپ ئازراق ماي قۇيۇپ تەييارلانغان قاتقات گۆشناننى سېلىپ سۇس ئوتتا 20مىنوت پۇشۇرساق بولىدۇ .( بىر تەرىپى قاتتىق ھالەتكە كەلگەن يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ قۇيىمىز)
پىشقاندا چىرايلىق تاۋاققا ئېلىپ پاچىلاپ يېسىڭىز بولىدۇ. بۇ قاتقات گۆش نانىنڭ تېشى چۈرۈك ، قېيمىسى قاتقات ،ئىچى يۇمشاق ،يېيىشلىك .
(چۈنكى بۇ بىرىنچى قېتىم قىلىشم بولغاچقا بارلىق جەريانىنى رەسىمگە تارتىۋالماپتىمەن)[/sell]