باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز مۇنبەر ئىشلىتىش قوللانمىسى دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-09-12)
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستلار مۇنبىرىمىز قايتىدىن قۇرۇلغاندىن بۇيان باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن بۇگۇنكى كۇنىگە ئۇلاشتى شۇڭا بۇ پائالىيەتنى بۇەۇندىن باشلاپ داۋاملاشتۇرماقچىمىز ئاشپەز تەلەي يۇلتۇزى مۇكاپاتلىق سوئال جاۋاپ پائالىيىتى ئارقىلىق ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن1 -سان تەلەي يۇلتۇزى سۇئاللىرىنى تەييارلاپ چىقتىم . كىيىنكى سان سۇئالنى چىقارغان ئەزا بىردانە شەرەپ مىدالى،1000 دوللار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
سۇئال -جاۋاپ پائاليىتنىڭ قائىدىسى تۆۋەندىكىچە ؛
1.سۇئال -جاۋاب پائالىيىتى ، ھەرئاينىڭ1-ۋە15-كۇنى ئەتتىگەندىن باشلاپ يېڭى سانى چىقىپ كىچىككەندىمۇ 16-چىسلاغىچە جاۋابى چىقىرلىپ بولىشى كىرەك ، ئالدىنقىسنىڭ جاۋابى ھەرئاينىڭ ئوتتۇرىدا ۋەئاخىرىدا باھالىنىپ ئېلان قىلىنىدۇ .
2.مۇكاپاتنى مۇنبەر مەسئۇلى ئاشپەز تارقىتىدۇ.
3. بىرىنچى دەرىجلىك مۇكاپات : بىر مىدال ،3000 دوللار بىلەن ئىككىنچى دەرىجلىك مۇكاپات : بىر مىدال،2000 دوللار بىلەن ئۈچىنچى دەرىجلىك مۇكاپات : بىر مىدال،1000 دوللار بىلەن بىلەن مۇكاپاتلىندۇ .بارلىق مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى مۇشۇ پائالىيەتكە نازارەتچىلىك قىلىپ ، كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئالدۇ .
4.سۇئال چىقىرىشنى خالايدىغانلار شۇ تىمنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسا بولىدۇ .
سۇئال دائىرىسى ئاشپەزلىك ۋە ئۇنۋىرسال بىلىملەر توغرىسىدا بولىدۇ .
بۇنىڭدىن كىيىنكى پائالىيەتلەرنى ئاشپەز باش بولۇپ داۋاملاشتۇرىدۇ ، قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز . ئاخىرىدا بارلىق ئاشپەز مۇنبىرى ئەزالىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى ، شۇنداقلا بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن !!!
ئەسكەرتىش:جاۋاپنى چوقۇم يۈشۈرۈن ئىنكاس ھالەتتە يوللاڭ!!! قېنى ئەمسە سۇئاللار نەزرىڭلاردا بولسۇن.
1-سۇئال:ئۇيغۇر ئاشپەز تورىنىڭ قاچان ئىچىلغانلىقىنى ئىيتىپ بىرەلەمسىز؟
2-سۇئال:سىز تور بىتىمىز دىن قانداق ئۈنۈملەرگە ئىرىشتىڭىز؟
3-سۇئال:سىزمۇنبىرىمىز نىڭ قايسى سەھىپىلىرىگە بەكرەك قىزىقىسىز نىمەئۈچۈن؟
4-سۇئال:سىز بۇمۇنبەر ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلالىدىڭىز؟ۋەنىمىلەرنى قىلماقچى؟ سەمىمي جاۋاپ بىرىڭ؟
5-سۇئال:ئۇيغۇرئاشپەز تورى ئىچىلغاندىن كىيىن نىمىلەرنى ھىس قىلدىڭز؟
6-سۇئال:ئۇيغۇر ئاشپەز تورىنىڭ ئۇيغۇر لارنىڭ تائام مەدىنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە دۇنياغا تۇنۇتۇشتىكى ئەھمىيىتى ۋە ئەۋزەللىكلىرىنى سۆزلەپ بېرە لەمسىز؟
7-سۇئال: ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى تائاملىرىدىن نەچچىىنى ئىيتىپ بىرەلەيسىز؟
سۇئال شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.دوسلارنىڭ سەمىمى جاۋاپ بېرشىنى ئۈمۈت قىلمەن.
جاۋابى 15-چىسلا ،چىقرىلىپ،مۇكاپات شۇكۈنى ئەملىلەشتۈرلىدۇ. كىلەر قىتىملىق سۇئال -جاۋاپ پائالىيتىنى چىقىرىشنى خالايدىغانلار بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ: ئاشپەز 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1 -كۈنى
|