hantagri illikdunya.biz sohpat
مۇتەللېپ
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 774
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 137
شۆھرىتى: 1635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2020 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 273 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

«تاماكا چېكىش بەدەنگە زىيانلىق » دىگەن ئۇقۇمنى گەرچە ھەمىمىمىز ناھايىتى ياخشى بىلسەكمۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ خىل يامان ئادەتتىن يىراقلىشالمايۋاتىدۇ. تاماكىنىڭ ئىسىدا سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان ناھايىتى نۇرغۇن زەھەرلىك ماددىلار بولۇپ، ئۇلار ئادەم بەدىنىگە زور زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: تاماكا تەركىبىدىكى بېنزىپرىن ئۆپكە راكىنى پەيدا قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى. نىكوتىن ۋە كاربون چالا ئوكسىد بولسا تاجىسىمان كېسلى ۋە قان تومۇرلارنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ھىدروگىن سىيانىت كىسلاتاسى ۋە كاربۇن چالا ئوكسىد قاتارلىقلار كاناي ياللۇغى ۋە ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا %90 ئۆپكە راكى ، %75 ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى ، %25 تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكنى تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، يەنە باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەر تاماكا چېكىش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ، بۇنىڭدىن سىرت تاماكا چەككۈچىلەر يەنە ئەتراپىدىكىلەرگە ۋاستىلىق، زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىسراپچىلىق قىلىدۇ. تېخىمۇ بەدبۇي پۇراپ كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ. چوڭ بالايىئاپەتلەرنىڭ سەۋەبچىسى بەزىدە بىر تال تاماكا قالدۇقى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاماكا چېكىشنى چەكلەش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ بالىلاردىن باشلاپ ساغلاملىق تەربىيسىنى كۈچەيتىش كېرەك. چۈنكى، تاماكا چېكىشنى قانچە كىچىك چاغدىن باشلىغان بولسا، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن كېسەللىكلەر شۇنچە كۆپ ھەمدە ئەھۋالىمۇ شۇنچەئېغىر بولىدۇ . ياش – ئۆسمۈرلەر تاماكا چەككەندە چوڭلارغا قارغاندا تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچرايدۇ چۈنكى، ئۇلار دەل ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغانلىقتىن پۈتۈن بەدىنى زىيانلىق ماددىلارنى تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرىۋالىدۇ. ئۇندىن باشقا ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە ياكى داۋاملىق  تاماكا چەككەن مۇھىتتا تۇرسا ھامىلە چوڭ تەسىرگە ئۇچراپ غەيرى ياكى ياخىشى يىىتىلمىگەن بوۋاقلار تۇغۇلىشى مۇمكىن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-29 15:36 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇتەللېپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2052
شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2180 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

شۇنى دەڭە!بىلىپ تۇرۇپمۇ بۇنداق ئىشلارغا ئەمەل قىلمايۋاتىمىز تۇرمۇشىمىزدا!مۇشۇنداق پايدىلىق بىلىملەرنى كوپرەك تەشۋىق قىلساق بولاتتى!
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-29 18:32 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » خانىم - قىزلار سەمىگە
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا