مۇنبەردىكىلەرگە چاقچاق
ئەسىالام مۇنبەرداشلار ئاشپەز تورىغا ئەزا بۇلۇپ ئاشپەزلىك توغۇرلۇت تىما يازاي دىسەم تاماقنى ئوزەممۇ تازا ئوخشۇتۇپ ئىتەلمەيمەن شۇڭا بىزگە تاماقلارنى ئىتىشنى ئوگۇتۋاتقان مۇنبەردىكى بارلىق ئۇستاملارغا ئ.ازراق بولسىمۇ كۇلكە ئاتا قىلىپ ھاردۇقى چىقىپ قالارمىكىن دەپ يۇمۇر چاقچاقلارنى يوللاپ ئىىسىقتا تەرلەم مەنتەڭدەك سۇيۇلۇپ، لەنتەندەك قېتىپ ،خىېمىرغا پېتىپ ،لەغمەندەك سۇزۇلۇپ ،جاپا تارتىۋاتقان ئۇستاملارنى كۇلدۇرۇپ بولسىمۇ ھاردۇقىنى چىقىراي دەپ يۇمۇرلارنى يوللاپ قويدۇم ئەگەردە ئاشپەزلىكتىن باشقا تىما يوللىماڭلار دىسەڭلەر مەن شۇ كۇرۇپلا ئوگۇنسۋېلىپ ئاستا قاچىمەن



خوتۇنىدىن قورقۇش
بىركۇنى مۇنبەر دىكى ئوغۇللار جەم بولۇپ پاراڭ سىلىشىپتۇ. گەپتىن گەپ چىقىپ خوتۇنىدىن قورقۇش كىسىلى توغۇرلۇق سۆزلىشىپتۇ. ئاشپەز ھەممىدىن بەك سۆزلەپتۇ. ھەمدە خوتۇنىدىن قورقۇدىغانلار نى بەكلا سۆكۋىتىپتۇ.تېخى كەلگۈسىدە ئايالىنى قانداق باشقۇرۇدىغانلى توغرىسىدا پو ئىتىپتۇ.
بۇنىڭدىن ئاچچىقى كەلگەن قىران كۆپچىلىككە خىتاپ قىلىپ: ئايالىدىن قورقۇدىغانلار بىر تەرەپكە قورۇقمايدىغانلار بىرتەرەپكە ئۆتۈڭلار دەپ توۋلاپتۇ. بىر ئازدىن كىيىن كۆپچىلىك ئىككى توپقا ئايرىلىپتۇ. كۆپچىلىك قارىسا ئاشپەز ھىچقايسى توپقا قىتىلماي تۇرغۇدەك.
بۇنۇڭدىن ھەيران بولغان قىران ھەي ئاشپەز ساڭا نىمە بولدى ؟ دەپ سوراپتۇ.
ئاشپەز ؛ ئايامىم مېڭىش ئالدىدا ماڭا ئادەم جىق يەرگە بارما بولمىسا قايتىپ كەلگەندە قۇلۇغۇڭنى سوزىۋىتىمەن دىگەن دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
مەن قاياققا ئۆتىمەن.
مەلۇم بىركۇنى مۇنبەردىكى ئوغۇللار ھىسامكامغا ياردەملىشىپ ئۆي كۆچۈشۈپ بەرگەن ئىدۇق.
ھىسامكام بۇنۇڭدىن خۇشبولۇپ تاۋۇزدىن بىرنى ئەكىرىپ بىزنى مىھمان قىلماقچى بولدى .
تاۋۇزنى ئەكىرىپ پىچىدىغانغا پىچاقنى ھەرقانچە ئىزلەپمۇ تاپالماي قوشنىلاردىن ئەكىرەي دەپ چىقىپ كەتتى .
ھىسامكام كىرگىچە بولغان ئارلىقتا بىز تاۋۇزنى بۆلۈشۇپ يەپ بولدۇق. :
ھىسامكام قايتىپ كىرىپ دۆۋىلەكلىك شاپاقلارنى كۆرۈپ ئەرۋاھى مىڭگەز ئۇچتىدە قولىدىكى پىچاقنى شىلتىپ: تاۋۇزيىگىنىڭ بىرياققا يىمىگىنىڭ بىرياققا ئۆتۈش دەپ توۋلىدى.
كۆپچىلىك ئالاقزادە بولۇپ بىردەمدىلا ئايرىلىپ بولدۇق. ئەمما ناۋاتجان ھىلى بۇتوپقا ھىلى ئۇتۇپقا يۈگۈرۈپ يۈردى. بۇنى كۆرگەن ھىسامكام :ھەي ناۋاتجان گاچچىدە بىرتوپقا قىتىل . نىمانداق يۈگۈرۈپ يۈرۈيسەن؟ دەپ توۋلىدى.
ناۋاتجان :كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ھىسامكا ئۇلار مىنى بوزەك قىلىپ ماڭا تاۋۇزدىن بەرمىدى، ئىلاجىسىز شاپاق غاجىغانتىم بىلمىدىم مەن قايسى توپقا قىتىلىمەن؟
ھاماقەت ناۋاتجان
ناۋات بىلەن بودەك دەسلەپ ئارلىشىۋاتقان چاغدا ناۋاتجان بودەككە بەكلا ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن.
بىركۇنى ئىككىسى خەلىق باغچىسىنى ئايلىنىۋىتىپ باشقىلارنىڭ قۇچاقلىسشىپ تۇرغان يىرىدىن ئۆتۈپتۇ.
ئۇقىز ئىككىسىگە قاراپ مەتۇ دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بودەك ناۋاتجانغا قىزلارنىڭ بىلىنىڭ ئايلانمىسى ئوغۇللارنىڭ قول ئايلانمىسىغا تەڭ دەيدىكەن . ئۆلچەپ باقامسىز؟
ناۋاتجان، مىنىڭغۇ بەكلا ئۆلچەپ باققىم با بىراق مىتىر ئەكىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ.
مۇنبەرداشلارغا كىچىككىنە چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلە .....