hantagri daris sohpat
ئاق ئالماس
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 891
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ ماقالە جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2009-يىللىق 3- ساندا ئېلان قىلىنغان
  
ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن.»[1]
بۇ ئايەتتە ئاللاھتائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا بارلىق گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل مىجەز-خۇلۇقلارنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسا «سىلەرگە-ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمۈد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە-رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگەدۇر.»[2] دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزنى بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئۈلگە قىلىشىمىزغا چاقىرغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىك سۈپىتى بىلەن ئېلىپ بارغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى، سۆزلىرىنى، يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە تۇرمىشىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىز مۇسۇلمانلار كۈندىلىك ھاياتىمىزغا تەدبىقلاپ ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى، كۈندىلىك ھاياتىنى، ئەخلاقى سۈپەتلىرىنى  ياخشى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
تۆۋەندە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاددى ئەمما ئېسىل ئەخلاقى سۈپەتلىرىنى ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىپ قىسقىچە  بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېرى-ياش، ئەر-ئايال ھەممە كىشىگە ئوخشاش كۆڭۈل بۆلەتتى. ساھابىلەردىن بىرەرسىنى كۆرۈپ تۇرمايدىغان بولسا سۈرۈشتىسىنى قىلاتتى.ھەممە ئادەمنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلاتتى. كېسەللەرنى ۋە قۇشنا-قۇلۇملارنى يوقلاپ دەردىگە دەرمان بۇلاتتى. ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىغا قاتنىشىپ تەزىيەسىنى بىلدۈرەتتى. مەسجىدنى سۈپۈرۈپ-تازىلايدىغان ئايال كۆرۈنمەي قالغان چاغدا ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سورىغان ۋە ۋاپات تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ ئاتايىن قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلغان.[3]
پەيغەمبىرىمىز، مەيلى تۇنۇش ۋە مەيلى ناتۇنۇش بولسۇن ھەممە كىشىگە سالام بىرەتتى. ھېچقانداق ئۆيگە رۇخسەتسىز كىرمەيتتى. چېھرىدىن  ھەر زامان تەبەسسۇم ئۆچمەيتتى. ھېچكىم بىلەن ئازارلىشىپ قالمايتتى.سۆرەن-چوقان سېلىپ يۈرمەيتتى. كۆپ سۆزلەشنى ياقتۇرمايتتى. بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمايتتى. پەيغەمبىرىمىز كىشىلەرنىڭ كەمچىللكلىرىنى يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ ئېيتمايتتى.  بىرەرسىنىڭ ناتوغرا ئىشلىرىنى ئاڭلىغىنىدا : «پالانى مۇنداق قىپتۇ دەپ ئىسمىنى ئاتىماي، مۇنداق قىلغانلار بارئىكەن دەپ شۇ ئىشنى چەكلەيتتى».[4]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىشنى، غەيۋىتىنى قىلىشنى ياقتۇرمايتتى. پىتنە-پاساتنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىياللاھۇ ئەنھۇ جامائەتكە بامدات نامىزىنى ئۇزۇن ئۇقۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا: «پىتنە تېرىماقچىمۇسەن؟!» دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.[5]
ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ ئىخلاسمەن مۇسۇلمان بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ ئۇلارنى خاتا ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن مەنئى قىلاتتى. بىر كۈنى بىر ياش يىگىت پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا كىلىپ زىنا قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغاندا ئۇنىڭغا: «بۇ قىلمىشنىڭ ئاپاڭغا قىلىنىشنى خالامسەن؟!... ياكى ھەدە-سېڭىللىرىڭغا، ھامماچىلىرىڭغا قىلىنىشىنى خالامسەن؟» دېگەندە بۇ ياش: «ياق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياش يىگىتكە دۇئا قىلغان شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ نىيىتىدىن  ۋاز كەچكەن.[6]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرىزلەرنى ۋاختىدا قايتۇرماسلىقىنى ۋە قەرىزدارنىڭ قەرىزى سەۋەبىدىن تەڭقىسلىقتا قېلىشىنى خالىمايتتى. بۇ ھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ھەدرەد مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر يەھۇدىينىڭ مەندە تۆت تەڭگە ئېلىشى بار ئىدى.مەن ئۇنىڭ قەرزىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلىپ بېرىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا بۇ قەرزنى ئادا قىلىۋېتىشىمنى ئېيتتى. مەن بەرگۈدەك بىر نەرسەمنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى ئۆچ قېتىم تەكرارلىغان ئىدى مەن بازارغا بېرىپ ئۈستۈمدىكى تون چاپاننى تۆت تەڭگىگە سېتىپ قەرزىمنى قايتۇرغانىدىم».[7]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇچراشقان كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشەتتى ۋە ئايرىلغاندا ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيتتى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىز ھۇزۇرىغا كەلگەن بىر كىشى: «قولۇڭغا سۆيسەم بۇلامدۇ؟.»دەپ سورىغان. پەيغەمبىرىمىز: «بولمايدۇ»دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇ كىشى: «ئالدىڭدا ئىگىلسەم بۇلامدۇ؟» دېگەن. پەيغەمبىرىمىز: «ياق» دېگەن. بۇ نۆۋەت ئۇ كىشى: «قول ئېلشىپ كۆرۈشسەمچۇ؟.» دېگەندە پەيغەمبىرىمىز: «بولىدۇ» دېگەن[8]. مۇسۇلمان مىللەتلەردە ھۆرمەت يۈزىسىدىن چوڭلارنىڭ قولىغا سۆيىدىغان ۋە بېشىنى ئىگىپ سالام بىرىدىغان ھەر خىل يوللۇق سالاملىشىش ئادەتلىرى بار بولۇپ چوڭلارنىڭ قولىنى سۆيۈشنىڭ دىندا ھېچقانداق كاراھىيتى يوق تۇرۇقلۇق پەيغەمبىرىمىز ھاكاۋۇرلۇق بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئۇ كىشىنىڭ بۇ تەلىۋىنى رەت قىلغان.
پەيغەمبىرىمىز ئۇرۇشتىن باشقا ۋاقىتلاردا بىرەرسىنى ئورمىغان. قۇل ۋە دىدەكلەرگىمۇ باشقا ھۆر ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان.
جابىر ئىبنى سەلەمە رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاز سۆزلەيتتى، ئاز كۈلەتتى، ساھابىلىرى ئۇنىڭ يېنىدا شېئىر ئۇقۇشاتتى ۋە ئۆز-ئارا بەزى ئىشلارنى سۆزلەشكەچ كۈلىشەتتى.»[9] پەيغەمبىرىمىز ئىشلەشنى، تەر تۈكۈشنى تەرغىپ قىلاتتى. تىلەمچىلىكنى چەكلەيتتى. بىر كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن نەرسە تىلىگەنىدى پەيغەمبىرىمىز ئۇ كىشىدىن: ئۆيىدە نېمە بارلىقىنى سورىغان. ئۇ، بىر يېپىنچىسى ۋە بىر دانە سۇ ئىچىدىغان ياغاچ تاۋىقى بارلىقىنى ئېيتقان. پەيغەمبىرىمىز «ئۇلارنى ئەكەل.» دېگەن ۋە مەسجىتتە باھا چىقارتىپ ئىككى تەڭگىگە سېتىپ بەرگەن. ئۇ ئادەم ئىككى تەڭگىنىڭ بىرىگە يىمەكلىك ئالغان ۋە يەنە بىرىگە بىر پالتا ئېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كەلگەن. پەيغەمبىرىمىز ئۆز قولى بىلەن پالتىنى ساپلاپ بەرگەن ۋە: «ئون بەش كۈنگىچە سېنى كۆرمەي، بېرپ ئۇتۇن كېسىپ سات.» دېگەن. ئۇ كىشى ئون تەڭگە تېپىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كەلگەن. پەيغەمبىرىمىز: «تاپقان پۇلىڭغا ئازىراق يەيدىغان نەرسە ئېلىپ ساڭا يەتكۈدەك ھالغا كەل» دېگەندىن كىيىن: «مانا بۇ (كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشى) تىلەمچلىك قىلغىنىدىن ياخشىدۇر.» دېگەن.[10]
ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن پەيغەمبىرىمىز  مۇنەۋۋەر بىر ئائىلە باشلىقى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز: «ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.» «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە قارىتا ياخشى مۇئامىلدە بولغىنىڭلاردۇر. مەن ئىچىڭلاردىكى ئائىلىسىگە قارتا ئەڭ ياخشى مۇئامىلدە بولغان بىرىمەن.» دېگەنىدى. پەيغەمبىرىمىز ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى. باشقىلارغا خۇشخۇي بولۇپ ئۆز ئايالىغا مۇز چىراي بولىۋېلىشنى ياقتۇرمايتتى. پەيغەمبىرىمىز ئائىلىسىگە، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. ئاياللىرى بىلەن چاقچاقلىشاتتى.[11] ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلارغا سالام بىرەتتى. پەيغەمبىرىمىز مەخسۇس بىر كۈننى ئاياللارغا تەلىم-تەربىيە بىرىشكە ئاجىراتقانىدى.
پەيغەمبىرىمىز ئېرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن بىر ئايالغا: «شۈبھىسىز ھەربىر ئايالنىڭ ياخشى كۆرۈلدىغان بىر تەرىپى باردۇر.»[12] دېيىش ئارقىلىق ئېرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلغانىدى. پەيغەمبىرىمىز ئاياللىرىنى پەقەت ئۇرمىغان. ۋىدالىشىش خۇتبىسىدە: «ئاياللار ھەققىغە رىئايە قىلىشىڭلارنى ۋە بۇ بارىدا ئاللاھتىن قورقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەر ئاياللارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە نىكاھلاپ  ئالدىڭلار ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداڭلار.» دەپ بۇيرىغانىدى.[13]
بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
پەيغەمبىرىمىز بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنى سۈيۈپ قۇياتتى، پۇرايتتى، سالام بىرەتتى، ئەھۋال سۇرايتتى، ئاغىرىپ قالغاندا يوقلاپ باراتتى، ھەتتا قۇچىقىغا ئالغان بالىنىڭ تەرەت قىلىپ قۇيىشىغىمۇ خاپا بولمايتتى. بارلىق بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى ۋە «كىچىكلەرنى ئىززەتلىمىگەن ئادەم  بىزدىن ئەمەس.» دېگەنىدى.[14]
بالىلار بىلەن چاقچاقلىشاتتى، بىللە ئوينايتتى.  پەيغەمبىرىمىز بىر قېتىم مۇھەممەد ئىبنى رەبىئ ئىسىملىك بىر بالىغا قاچىدىن سۇ ئېلىپ چاچقان. بىر قېتىم پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەر بىلەن بىللە بىر زىياپەتكە كىتىۋاتقاندا كۇچىدا ئويناۋاتقان ھۆسەيىننى كۆرۈپ ساھابىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ھۆسەيىنگە قۇچىقىنى ئاچقان ھۆسەيىن بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۇياق-بۇياققا قېچىپ يۇرگەن پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ يۈرۈپ تۇتۇۋالغان ۋە باغرىغا باسقانىدى.[15]
بالىلارنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇلارغا سالام بىرەتتى. ئۇلارنى ئۆزى تەرەپكە يۈگۈرگىلى سېلىپ مۇسابىقىلەشتۈرەتتى ۋە ئۇلارغا ھەدىيە بىرەتتى. بىر قېتىم تاغىسى ئابباسنىڭ ئىككى ئوغلى ئابدۇللاھ بىلەن ئۈبەيدۇللاھنى يۈگۈرگۈزۈپ قۇلىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىپ: «كىم بالدۇر كەلسە ماۋۇنى بىرىمەن.» دېگەنىدى.[16]
ئوتتۇرھال يول تۇتىدىغانلىقى
پەيغەمبىرىمىز ھەتتا كېچە-كۈندۈزلۈك بارلىق ئىبادەتلىرىدىمۇ ئوتتۇرھال يول تۇتقان ئىدى. ئائىشە ئانىمىزدىن مۇنداق بىر رىۋايەت بار: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇلۇق بىر كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغىنىنى بىلمەيمەن.» ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئۇقۇۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا، ئۇخلااۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ئۇخلااۋاتقان ھالدا كۆرەتتىڭ».[17]
پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ تەبىئيتىگە زىت كىلىدىغان ھېچقانداق ئىشنى بۇيرىمىغان. ئۇنىڭ بۇيرۇغان ياكى توسقان ئىشلىرى ئىنسانلارنىڭ ئادا قىلىشى قۇلاي ئىشلار ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىز ۋەز ئېيتىۋېتىپ ئۆرە تۇرغان بىرسىنى كۆرۈپ نېمە سەۋەپتىن ئۆرە تۇرغانلىقىنى سورىغان. ئەتىراپىدىكىلەر: «ئۇ پالانى كىشى بولۇپ ئۆرە تۇرۇشقا، ئاپتاپتا تۇرۇشقا ۋە گەپ قىلماسلىققا ئاللاھقا ۋەدە قىلىپتۇ» دېگەندە پەيغەمبىرىمىز: «ئۇ ئادەمگە ئېيتىپ قۇيۇڭلار؛ گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن ۋە ئولتۇرسۇن...» دېگەن.[18]
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبادەتلەردە ئوتتۇرھال يول تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىيھۇل بۇخارىيدا مۇنداق رىۋايەت بار: «ساھابىلەردىن ئۈچ  كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە  كىلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبادەتلىرى ھەققىدە سورغان. ئۇلارغا بۇ ھەقتە جاۋاپ بىرىلگەندىن كېيىن ئۇلار: «بىز پەيغەمبەردەك بۇلالايتتۇقمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆتمۈشىتكى ۋە كېلەچەكتىكى پۈتۈن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان تۇرسا!» دېيىشكەن ۋە بىرسى: «مەن كېچىچە ئىبادەت قىلىمەن» بىرسى: «مەن ھەر كۈنى روزا تۇتۇمەن» يەنە بىرسى: «مەن ئۆمۈر بۈيى ئۆيلەنمەي ئۆتىمەن» دېگەن. پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنىڭ يېنىغا كىلىپ: « سىلەر مۇنداق- مۇنداق دېگەن كىشىلەرمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئاللاھتىن ئەڭ قۇرقىدىغان ۋە ئەڭ تەقۋادارىمەن. مەن روزىنى بەزى كۈنلىرى تۇتىمەن بەزى كۈنلىرى تۇتمايمەن، كېچە ئىبادەتلىرىنى بەزىدە قىلىمەن بەزىدە قىلماي ئۇخلايمەن، ئۆيلىنىمەن. كىمىكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن مەندىن ئەمەس.»[19] دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئوتتۇرھال يۇل تۇتۇشقا بۇيرۇغان. ئەمەل-ئىبادەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز بۇ ئوتتۇرھاللىقنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن.
پەيغەمبىرىمىز ئاسانلىقنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە ئۆزىمۇ ئىشلارنىڭ ئاسان بولغىننى تاللايتتى. ئاللاھتائالا: «ئاللا سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىىكنى خالىمايدۇ».دېگەن [20]. پەيغەمبىرىمىز: «ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش بىشارەت بىرىڭلار ھۈركۈتمەڭلەر»دېگەن.[21] پەيغەمبىرىمىز ئىككى ئىش ئارىسىدا تاللاشقا دۈچ كەلسە گۇناھ بولمىسىلا ئاسىنىنى تاللايتتى.[22]
راستچىللىقى
پەيغەمبىرىمىز راستچىل ئىدى. راستچىللىقنى تەۋسىيە قىلاتتى. تەۋسىيە قىلغان ۋە بۇيرۇغان ئىشلار بىلەن ئەمەلىي ھەركىتى ئارىسىدا بىردەكلىك بار ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ يالغانچىلىق بىلەن تۆھمەت قىلىنغان ئەمەس ھەتتا مۇشرىك ئەبۇ جەھىل: «مۇھەممەد سۆزلىرىدە راستچىل ئىدى، ئۇ ئۆمرىدە يالغان سۆزلەپ باقمىغان» دېگەن بولسا پەيغەمبىرىمىزگە قارشى چىققان نەدر بىن ھارىس: «مۇھەممەد ئىچىڭلاردىكى ھەممە ياخشى كۆرىدىغان ياش ئىدى. ئەڭ راست سۆزلەيدىغان ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىك بىرسى ئىدى» دېگەن. ئەبۇ سۈفيان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھېچقاچان يالغان سۆزلىمىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان.[23]
چاقچاق قىلغاندىمۇ راستچىللىقتىن چەتنەپ كەتمىگەن پەيغەمبىرىمىز: «شۈبھىسىزكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق بولسا جەننەتكە باشلايدۇ» دېگەن.[24]
ھەتتا يالغان ئارىلاشقان چاقچاقلارنىمۇ توغرا تاپمىغان پەيغەمبىرىمىز: «چاقچاق بىلەن مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشنى ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىشنى ۋە نەرسە-كىرەكلىرىنى ئېلىۋېلىپ يۇشۇرۇپ قۇيۇشلارنى چەكلىگەن.»[25]
سېخىيلىقى ۋە مۇھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقى
«پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىيسى ئىدى».[26] مەرتلىك-سېخىيلىق سۈپىتى جەھەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنى تۇنۇيدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسى تەڭ كىلەلمەيتتى. ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە سورالسا ھەرگىز يوق دېمەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز: «بېخىللىق ۋە يامان ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى ئىش مۇئمىن كىشىدە تېپىلمايدۇ» دېگەن.[27]
پەيغەمبىرىمىز مال-مۈلكىنى ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغىتىگە ئەمەس پېقىر-مىسكىنلەرگە سەرپ قىلاتتى.ئۇ: «ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇنۇم بولسا ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىشقا ئېلىپ قالغىنىمدىن باشقا بىر دىنارنىمۇ يېنىمدا قالدۇرۇش مېنى خۇشال قىلمايدۇ» دېگەن.[28]
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ خىسلىتى تەغابۇن سۈرىسىنىڭ 16- ئايىتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇپ بۇ ئايەتتە بېخىل كىشىنىڭ نىجاتلىققا ئىرىشەلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
پەيغەمبىرىمىز ھەممە ئادەمگە ياردەم قولىنى سۇناتتى، مۇھتاجلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايتتى. خەبباب بىن ئەرت ئۇرۇشقا ئەۋەتىلگىنىدە ئۆيىدە ھايۋانلىرىنى ساغىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. خەببات ئۇرۇشتىن كەلگەنگە قەدەر پەيغەمبىرىمىز ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئەچكەلىرىنى سېغىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان.
پەيغەمبىرىمىز يەنە، بويتاق ياكى ئېغىر كۈندە قالغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشتىن ئۆزىنى تارتمايتتى بەلكى بۇ خىل ئىشلاردىن زوق ئالاتتى.[29]
پەيغەمبىرىمىز بەزى كۈنلىرى باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ شۈنچىلىك چارچايتتىكى ھەتتا نەپلە نامازلارنى ئولتۇرۇپ ئۇقۇيتتى.[30]
كەمتەرلىكى
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئورنى يۇقۇرى، مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولغىنى بىلەن ئۆزى ناھايىتى كەمتەر ئىدى. ھاكاۋۇرلۇقتىن، ماختانچاقلىقتىن يىراق ئىدى. پەيغەمبىرىمىز: «مېنى ناسارالار ئىيسانى ئۇچۇرغاندەك ئۇچۇرماڭلار، مەنمۇ بىر بەندە. مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلەر» دەيتتى.[31] ئۇ يەنە كەمتەرلىك ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ماڭا ۋەھىي قىلدىكى، سىلەر كەمتەر بولۇڭلار، ھېچكىم ھېچكىمگە چوڭچىلىق قىلمىسۇن، ھېچكىم ھېچكىمگە يۇغانچىلىق قىلمىسۇن.»[32]
پەيغەمبىرىمىز ئۆيىدە بولسۇن ياكى سىرتتا بولسۇن ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى.[33] تۇل ئاياللار، يىتىم بالىلار ۋە يۇقسۇل كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ-قۇپۇپ، پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلاتتى، كىسەللەرنى يوقلايتتى، مېيت نامازلىرىغا قاتنىشاتتى، ھەتتا قۇل-دېدەكلەر چاقىرىغان يەرلەرگىمۇ باراتتى.[34]  قوينىڭ بىر تۇيىقى ئۈچۈن مېھمانغا چاقىرىلسىمۇ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان[35] ھۇزۇرىغا كەلگەن بىر ياشنىڭ تىتىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: «تىتىرمە! مەن ھۆكۈمدار ئەمەس. مەن، قۇرەيش قەبىلىسىدىن قاقلانغان گۆش يېگەن بىر ئايالنىڭ ئوغلى»دېگەن.[36]
پەيغەمبىرىمىز ئۆزىدىن ناھايىتى خاتىرجەم ئىدى.باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان قاتتىق مۇئامىلىلىرىدىن ئۇلارغا ئاچچىقلىمايتتى ۋە ئىچىدە غوم ساقلاپ ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنمايتتى.[37] ھۈنەيىن ئۇرۇشىدىكى غەنىمەت تەقسىماتىغا قارىشى چىققان زۇلھۇۋەيسەرا نىڭ: :ئادىل تەقسىم قىلمىدىڭ» دېگەن سۆزىگە ئاچچىقلىماستىن: «مەن ئادىل تەقسىم قىلمىسام يەنە كىم ئادىل تەقسىم قىلار» دېيىش ئارقىلىق چېچىلىپ يۈرمەستىن ئۇزىنى تۇتقانىدى. ھۇزۇرىغا كەلگەن ناتۇش كىشىلەرنىڭ قاتتىق-قۇپال سۆز-ھەرىكەتلىرىگە سەۋر قىلاتتى.
جەسۇرلىقى
پەيغەمبىرىمىز مەيلى ئۇرۇشتا بولسۇن ياكى نورمال تۇرمۇشتا بولسۇن ئەڭ جەسۇر ئىنسان ئىدى[38] بىر قېتىم مەدىنەدە قورقۇنچلۇق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.پەيغەمبىرىمىز ھەممىدىن بۇرۇن ئاۋاز ئاڭلانغان جايغا بېرىپ سەۋەبىنى بىلىپ كىلىپ مەدىنە خەلىقىنى خاتىرجەم قىلىدۇ.
مەدىنەگە ھىجرەت قىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيى قورشىۋېلىنغاندا،[39] ئەبۇ بەكىر بىلەن بىللە يۇشۇرنىۋالغان غارغا مۇشرىكلەر ئىزدەپ كەلگىنىدە،[40] ئۇھۇد ئۇرۇىشىدا ئۇبەيد بىننى ھالەبنىڭ پەيغەمبىرىمىز بىلەن جېنىنىڭ بارىچە ئېلىشقىنىدا[41] ۋە نۇرغۇنلىغان شىددەتلىك ئۇرۇشلاردا پەقەت قورقۇپ قالمىغان، ئەكسىچە جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ ئەسھابىلىرىغا ئۈلگە بولغان.
ۋاپادارلىقى
پەيغەمبىرىمىز بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىپ كەلگەن، بىرسىگىمۇ خىلاپلىق قىلمىغان. بۇ ھەقتە  ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبىلھەمسەنىڭ تۆۋەندىكى رىۋايىتى يېتەرلىكتۇر. ئابدۇللا پەيغەمبىرىمىز بىلەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر ئېلىم-بېرىم مۇئامىلىسى قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزگە ئازىراق بىرىشى بولۇپ مەلۇم بىر يەردە تاپشۇرۇپ بىرىشكە كىلىشىدۇ، ئەمما قىلىشقان بۇ ۋەدىنى ئابدۇللاھ ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى ئېسىگە كىلىپ دىيىشكەن يەرگە بارغاندا پەيغەمبرىمىزنى شۇ يەردە ئۇچۇرتىدۇ.[42]
مېھرىبانلىقى
پەيغەمبىرىمىز پۈتۈن ئەھلى جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەندۇر.[43] ئۆزىگە ئازار بەرگەن، سۈيقەست قىلغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن  كىشىلەرگىمۇ ھېچبىر زامان بەددۇئا قىلمىغان.
ئەقەبە كۈنى كۆرگەن ئەزىيەتلىرىدىن كوڭلى يېرىم بولغان پەيغەمبىرىمىزگە جىبرائىل ئەلەيھىسسالام كىلىپ: «ئاللاھتائالا سېنىڭ قەۋمىڭگە دېگەنلىرىڭنى ۋە قەۋمىڭنىڭ ساڭا بەرگەن رەددىيەلىرىنى ئاڭلاپ ساڭا تاغ پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ئۇنىڭغا خالىغىنىڭنى بۇيرىغىن» دېگەن.... ۋە تاغ پەرىشتىسى: «خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەككىدىكى ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرەي» دەپ ئەمرىگە تەييار بولۇپ تۇرغان، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىز قەۋمىگە بەددۇئا قىلماي ياكى بۇيرۇقى ئاستىدىكى تاغ پەرىشتىسى ئارقىلىق ئۇلارغا بىرەر جازا بۇيرۇماي ئاللاھتىن پەقەت مۇنداق تىلەكتە بولغان: «ئاللاھنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرمەيدىغان ئەۋلادلارنى چىقىرىپ بىرشىنىلا ئۈمۈد قىلىمەن»[44]
ئۇھۇد ئۇرۇشىدا بىر تال چىشى سۇنۇپ، يۈزلىرى يارىلانغاندا ساھابىلار مۇشرىكلار ئۈچۈن بەددۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما پەيغەمبىرىمىز ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «مەن قارغىش ئۈچۈن ئەمەس، دەۋەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن»[45]
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ۋە كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى دىنى پىرىنسىپ ھالىغا كەلتۈرگەن، پەيغەمبىرىمىز بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ دىندىن يىراق قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.[46]
«مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ مېھرىبان بولمايدۇ»[47] دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرغا قويغان پەيغەمبىرىمىز: «سىلەردىن قانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن مۇسۇلمانى كامىل ھېسابلىنىدۇ»[48] دېيىش ئارقىلىپ ئىمانى كامىللىقنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە باغلىغان.
سەۋرى-تاقىتى ۋە ئەپۇچانلىقى
پەيغەمبىرىمىز ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ قۇپال مۇئامىلىلىرىنى كۆرگەندە سەۋر قىلاتتى ۋە كەچۈرەتتى[49] ساھابىلىرىگە قىلىنغان قۇپال مۇئامىلىلەرگىمۇ سەۋر قىلىش بىلەن بىرگە ساھابىلارغا ئىلگىركى ئۈممەتلەردىن ئىبرەتلىك ھېكايىلەر سۆزلەش ئارقىلىپ ئۇلارنىمۇ سەۋرچانلىققا ۋە ئەپۇچانلىققا ئۈندەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز بىر ئىنساننىڭ بېشىغا كىلىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرگە ئۇچىرغان ۋە ھەممىسىگە تاقەت قىلغان؛ تۇغۇلماي تۇرۇپ دادسى ۋاپات بولغان، ئالتە يېشىدا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، سەككىز يېشىدا چوڭ دادىسى قازا قىلغان،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىننى تەرك ئىتىپ ھەممە نەرسىسىنى ئۇ يەردە قالدۇرۇپ مەدىنىگە ھىجىرەت قىلغان، ئاياللىرىدىنمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلەر بولغان.يەتتە بالىسىنىڭ ئالتىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.شۇنچىۋالا جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ تۇرۇپمۇ ئۇچرىغان يامانلىقلارغا سەۋر قىلغان. ھەتتا يەكتىكىنى تارتىشتۇرۇپ گەدەنلىرىنى قىزارتىۋەتكەنلەرنىمۇ، ھاياتىغا قەست قىلغانلارنىمۇ ئەپۇ قىلغان.[50]
ئىپپىتى
پەيغەمبىرىمىز دۇئالىرىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ كەلگەن بىر ئىش ئىپپەتتۇر.[51] ئەر-ئاياللارنىڭ، قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەر ۋە ناشايان ئىشلاردىن ساقلىنىشىنى سۆزلىگەن پەيغەمبىرىمىز ئۇچۇقچىلىقتا يۇيۇنغان بىر كىشىنىڭ بۇ ئىشىنى يامان كۆرگەن. ئەر-ئاياللارنىڭ شەكىل-قىياپەتلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىۋېلىشلىرىنى توسقان.[52]
بۇلاردىن سىرت ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە باشقىچە نەزەردە قاراشلىرىنى توسقان پەيغەمبىرىمىز، سوئال سوراپ كەلگەن بىر ئايالغا ئىبنى ئابباسنىڭ دىققەت بىلەن قاراپ قالغىنىنى كۆرۈپ ئىبنى ئابباسنىڭ يۈزىنى تۇسىۋالغان.[53]
ھايالىق ئىكەنلىكى
پەيغەمبىرىمىز: «ھەر بىر دىندا ئەخلاق بار، ئىسلامدىكى ئەخلاق ھايادۇر» دېگەن.[54] ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىزنى: «ئۆزىنى ھوجرسىدا ساقلىغان قىزدىنمۇ بەكراق ھايالىق ئىدى» دەپ سۈپەتلەشكەن.
ھايا بىلەن ئىماننىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ۋە بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان، پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىر كىشىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئەۋۋەل ئۇنىڭدىن ھايانى كۆتىرۋىتىدۇ، ھاياسىز قالغان كىشى ئاللاھنىڭ غەزپىگە ئۇچراشقا باشلايدۇ-دە، ئۇنىڭدىن ئامانەت (ئىشەنچ) مۇ كۆتىرلىدۇ، ئىشەنچسىز كىشى خائىنغا ئايلىنىدۇ، خائىن كېشىدە مېھرى-شەپقەت بولمايدۇ، مېھرى-شەپقەتسىز كىشى لەنەتگەردىگە ئايلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا قەلبىدىن ئىمان بىراقلا يۇقىلىدۇ.»[55].
ئادىللىقى
پەيغەمبىرىمىز نەزىردە ھەممە ئادەم باراۋەرئىدى.ھەممە ئىشتا ئادىل بولغان پەيغەمبىرىمىز ئادالەتنى ئېجىرا قىلىشتا ئاراچىلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايتتى. ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ھامماچىسى ئەررۇبەيئە بىر ئەنسارى دېدەكنىڭ چىشىنى تۈكىۋەتكەندە، پەيغەمبىرىمىز قساس ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ۋە ئىتىراز بىلدۇرۇپ كەلگەن ۋاستىچىلارنى رەت قىلىپ، بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلدۇرغان.[56]
پەيغەمبىرىمىز قۇل-دېدەكلەرنى كەمسىتمەستىن ئادالەتنى ياقىلاپ ئۇلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىنى قوغدايتتى.مەخزۇم ئايمىقىدىن ئوغرىلىق قىلغان بىر ئايالنىڭ ئىشى قۇرەيش قەبىلىسى كىشىلىرىنى غەمگە سالىدۇ. ئۇلار: «بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇسامە بىن زەيىدنى ئەۋەتىدۇ. ئۇسامە بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبىرىمىزگە گەپ قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئارا تۇرماقچىمۇ سەن؟» دەپ ئورنۇدىن تۇرۇپ خۇتبە ئۇقۇپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن ئىلگىرى ئوتكەن ئۈممەتلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ھالاك قىلىندىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇپۇزلۇق كىشىلەر ئوغرىلىق قىلسا جازالىماي، ئاجىز كىشىلەر ئوغرىلىق قىلسا جازالايتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ (ئۆزىنىڭ دېمەكچى) قىزى فاتىمە ئوغرىلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قۇلىنى كەسكەن بولاتتىم».[57]
  
پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەدەب- ئەخلاققا بۇيرۇپ يامان ئىش يامان ھەرىكەتلەردىن توسقان نۇرغۇن ھەدىسلىرى بار. يۇقاردا پەقەت پەيغەمبىرىمىز ئەخلاقىدىن ئازغىنە ئۆرنەكلەر بىرىلدى.ئاللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈلگە ئېلىپ ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن ئۆزىمىزنى زىننەتلەشكە نېسىپ قىلسۇن!
  

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-16 13:53 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاق ئالماس ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
سرداش
مۇنبەر شاھزادىسى

دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 682
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 280
شۆھرىتى: 2905 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3145 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 333 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئوقۇپ بولغۇچە كۆزلۈرۈم تورلۇشۇپ  كەتتى  ................. ياخشى تېمىكەن  رەخمەت       
maktap
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-16 19:41 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سرداش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا