illikdunya.biz abduheni
ئاق ئالماس
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ياخشى ئۆلگە[1] ھېسابلانغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئاللاھ تائالا: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»[2] دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشىمىزنى بۇيرۇغان.[3] پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلاھى بۇرچى ۋە دىنىمىزنىڭ تەقەززاسى. بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەخسى ھاياتىمىز ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلگە قىلىشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قانداق ئىتائەت قىلاتتى؟ بۇلاردىن خەۋەردار بولۇپ شۇ بويىچە يول تۇتۇشىمىز ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسى تۇرمۇشىنى ۋە ساھابىلىرى بىلەن بولغان ھاياتىنى بىلىشىمىزگە  توغرا كىلىدۇ. تۆۋەندە ھەدىسلەردىن پايدىلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى شۇنداقلا ساھابىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىش-ئىزلىرىنى نەقىل قىلىپ ئۆتىمەن.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن ۋەھى تاپشۇرۋېلىشتىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان ئىدى.[4] ئىچىگە خورما قوۋزاقلىرى تىقىلغان تۈشەكتە ياتاتتى.[5] پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق ماختىنىشنى ياخشى كۆرمەيتتى.[6] باشقىلارنى ئۆز خىزمىتىگە سېلىشنى ياقتۇرمايتتى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق شۇنى ئېنىق كۆرىۋالالايمىزكى، ساھابىلەرنىڭ يەيدىغان نەرسىسى يوق ئاچلىق ئىچىدە قالغان ۋاقىتلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئوخشاشلا ئاچ ئىدى. پەيغەمبىرىمىز توق بولغان ۋاقىتلاردا بولسا ھېچبىر ساھابە ئاچ قالغان ئەمەس ئىدى.[7] پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەر بىلەن ئەڭ يېقىن دوستلاردەك ئۆتەتتى.ساھابىلەرنىڭ خۇشاللىقىغا، غەم-قايغۇلىرىغا ئورتاق بۇلاتتى.ساھابىلەرمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدا تارتىنماستىن شېئىر ئۇقۇشاتتى، چاقچاق قىلىشاتتى ۋە كۆڭۈللىرىدە نېمە بولسا ئېيتالايتتى.[8] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ۋاقىت ساھابىلەرنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇياتتى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىمۇ ئەڭ دەسلەپ ساھابىلەرنى ئەۋەتكەن ۋە ئۆزى ئۇلاردىن كېيىن ھېجرەت قىلىپ بارغانىدى.[9] ساھابىلەر يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلىرىنى پەيغەمبىرىمىزگە ئىغىزلاندۇراتتى[10] ئىسمىنى پەيغەمبىرىمىزگە قويغۇزاتتى. پەيغەمبىرىمىز ئىسلامغا زىت ساھابە ئىسىملىرىنى باشقا ئىسىمغا يۆتكىۋىتەتتى.[11]
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك ھاياتتا ئاددى-ساددىلىقنى ياخشى كۆرەتتى ۋە بۇ ئاددى-ساددىلىقىنى ئائىلىسىگىمۇ تەدبىقلايتتى. ئۆيلەرنىڭ ئۇرۇنسىز بېزىلىشىگە قارشى چىققان ئىدى.[12] پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرنىڭ مۇشرىكلىك ھاياتىغا قايتىۋېلىشىدىن ئەمەس دۇنيا ھاياتىغا پۈتۈن نەپسى بىلەن بېرىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. [13] شۇڭا مۇسۇلمانلارنى ئۆز-ئارا ياردەملىشىشكە، ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۆزىنىلا ئەمەس باشقىلارنىمۇ ئويلاشقا تەشۋىق قىلاتتى.[14]ئۆزىگە سوغات قىلىنغان يېمەك-ئىچمەكلەرنىمۇ باشقىلارغا بېرەتتى.[15]يوقسۇل، ئاچ قالغان كىشىلەرنىڭ قۇرسۇقىنى تويغۇزۇپ قۇيۇشتا ئۆزى بىۋاستە ئۆرنەك بۇلاتتى.
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلارغا سالام بېرەتتى. كىچىك بالىلارنى سۆيۈپ قۇياتتى ۋە ئۇلار بىلەن چاقچاقلىشاتتى. يېنىغا كەلگەن بالىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قۇيۇپ بولسىمۇ كۆڭلىنى خوش قىلىپ قۇياتتى.[16]كېسەللەرنى يوقلايتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر دائىم كۆيۈنۈشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى.[17] پەيغەمبىرىمىز بامدات نامىزىدىن كېيىن ساھابىلىرىغا قۇرئان ئۇقۇپ بېرەتتى. دىندىن تەلىم بېرەتتى. ساھابىلەر ئۇقۇغان شېئىرلارنى تېڭشايتتى.[18]ھەتتا ئۇلارنىڭ چۈشلىرىنىمۇ ئاڭلاپ تەبىر بېرەتتى. پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ بۇ خىل يۈرۈش-تۇرۇشلىرى بىلەن ساھابىلەرنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشلىرىنى ئوڭشاپ تۇراتتى ۋە خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈپ قۇياتتى.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن ياخشى ئۆتەتتى.كىچىسى بىر ئايالىنىڭ يېنىدا قالغان بولسىمۇ كۈندۈزلىرى باشقا ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئەھۋالىنى سورايتتى. ھەممىسىگە ئوخشاش ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئۆيلەنگەندە يېشى كىچىك ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنىڭ كىچىك دوستلىرى بىلەن بىللە ئوينىشىغا رۇخسەت قىلاتتى.[19] ئاياللىرىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. يېمەك-ئىچمەكتىمۇ ئۇلار يېگەن يەردىن يەيتتى. ئۇلار ئىچكەن يەردىن ئىچەتتى. ئائىشە زەزىيەللاھۇ ئەنھا بىرەر ئىچىملىك ئىچىپ قاچىنى پەيغەمبىرىمىزگە ئۇزاتقىنىدا پەيغەمبىرىمىز ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئېغىزى تەككەن يەرگە ئېغىزىنى تەككۈزۈپ تۇرۇپ ئىچەتتى. يەنە ئائىشە ئانىمىز بىرەر ئۇستىخان گۆشنى چىشلەپ پەيغەمبىرىمىزگە بەرگەن بولسا پەيغەمبىرىمىز ئۇ چىشلىگەن يەردىن چىشلەپ يەيتتى.[20]پەيغەمبىرىمىز ئاياللىرى بىلەن چاقچاقلىشاتتى. ئۇلار ئوينىغان ئۇيۇننى بىللە تاماشا قىلاتتى.[21] پەيغەمبىرىمىز پەقەت ئاياللىرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق دۇنيالىق ئارزۇسىغا قارىشى چىقىپ ئاياللىرىدىن بىر ئاي ئايرىلىپ تۇرغان ھەتتا بۇ تۈپەيلى ئۇلارغا  ئاجرىشىپ كىتىش ئىختىيارىنىمۇ بەرگەنىدى.[22]
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلىسىدىكىلەر مەدىنىگە كەلگەندىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ كۈن تويغۇچە بۇغداي تامىقى يەپ باققان ئەمەس.[23] ئىككى-ئۈچ ئايغىچە ئۆيلىرىدىكى ئۇچاققا ئوت يېقىلىپ باقمىغان. ئەنسارى خوشنىلىرىنىڭ ئەۋەتىپ تۇرىدىغان تۆگە سۈتىنى ھېساپقا ئالمىغاندا قۇرسىقىنى قۇرۇق خورما ۋە سۇ بىلەنلا قامدىغانىدى.[24] بېرىلگەن ھەدىيەلەرنى رەت قىلمايتتى.[25] ھەدىيە بەرگەن كىشىنىمۇ قۇرۇق قول قايتۇرمايتتى. يېتىم، تۇل ئاياللار ۋە يوقسۇل كىشىلەر بىلەنمۇ ئارىلىشاتتى. كېسەل بولسا يوقلايتتى. جىنازە نامازلىرىغا قاتنىشاتتى.قۇل-چۆرىلەر چاقىرغان يەرلەرگىمۇ باراتتى. ئەتىراپىدىكى ئىنسانلارغا ھەر ۋاقىت ياخشى دۇئا-تىلەكلەر قىلىپ تۇراتتى.[26] ئۆتمۈشىگە چىڭ باغلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ يەتمىش كۈنلا ئۆمۈر كۆرگەن ئوغلىغا بۇۋىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى قويغان ئىدى.[27]
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ھېچكىمنىڭ مىراسچى بۇلالمايدىغانلىقىنى، مىراس قالغان ماللىرىنىڭ سەدىقە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.[28] مۇسۇلمانلارنى ئىسراپچىلىقتىن ۋە بىر-بىرىنىڭ يۈرىكىگە ئەنسىزچىلىك سېلىپ قورقۇتۇشتىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.[29] مۇسۇلمانلارنى قىلغان ئىبادەتلىرىگە ئىشىنىپ كىتىپ ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان.[30] مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرنى ياخشى كۆرمىگۈچە كامىل مۇئمىن بۇلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.[31] بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئۇمۇملىشىشىنى كۆزلىگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆسمۈرلەرگە ئۇقۇشنى ۋە سۇ ئۈزۈشنى تەسسىيە قىلغان. بىر قېتىم سەپەردىن قايتقاندا ئالدىغا چىققان بالىلارنى ئۇلىغىغا مېندۈرۈپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلغان.[32]
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەردىن مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ياردەم قىلىپ ياخشىلىق قىلغانلارنى تەقدىرلەيتتى.بۇ خىل ئېسىل پەزىلەتلىرىگە مۇناسىپ ھالدا ئەبۇ بەكىرنى «سىددىق(راستچىل، ئىشەنچىلىك دوست)»، ئەبۇ ئۇبەيدە ئەل جەرراھنى بولسا «ئەمىن (ئىشەنچىلىك)» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغانىدى.سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ قىلغان ياخشى خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇ ۋاپات بولغاندا «ئاللاھنىڭ ئەرشى تىترىدى» دېگەن.[33] پەيغەمبىرىمىز ھەر دائىم ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشاشلا ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ ساھابىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان.
    مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن پەيغەمبىرىمىز ئۆز-ئارا قىلىشىدىغان گەپ سۆزلىرىدە چۇقۇم ياخشى سۆزلەرنى قىلىشلىرىنى تەكىتلەيتتى.[34] «مېنىڭ دوستلىرىم پەقەت ئاللاھ تائالادۇر ۋە ياخشى مۇئمىنلەردۇر»[35] دېيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە يېقىن تۇرۇشقا چاقىرغان.
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى جاھىلىيەتنىڭ ئىسلامغا زىت ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن قول ئۈزۈشكە چاقىرىپ تۇراتتى.ساھابىلەرنى كۈچى يەتمەيدىغان، تەبىئىيتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ۋە ئىبادەتلەرنى قىلىشتىن ئاگاھلاندۇراتتى. كىچىدە ئىبادەت قىلىمەن دەپ تۈنىگەن ھەۋلە گە: «كۈچىڭىز يىتىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ» دېگەن.[36] نازۇك ۋە شەخسى مەسىلىلەرنىمۇ پەيغەمبىرىمىزدىن سوراپ تۇرىدىغان ساھابىلەر[37] ئارتۇق سوئال-سوراق بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەيتتى.كۈچىنىڭ يىتىشىچە بۇيرۇلغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە توسقان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشاتتى.[38]
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى پىتنىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇراتتى.ئۆزىمۇ پىتنىگە سەۋەپ بولۇپ قېلىشتىن ۋە خاتا چۈشەنچە بىرىپ قۇيۇشتىن ساقلىناتتى.[39]  گۇمانخورلۇق، تۆھمەت ۋە خاتا چۈشۈنۈش پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئاگاھلاندۇرغان ئىشلىرىدىندۇر.ئايالىنىڭ قارامتۇل بۇۋاق تۇغۇپ قويغىنىدىن يامان گۇماندا بولغان بىر ساھابىگە پەيغەمبىرىمىز تۆگىلەرنىڭ جۈپلىشىشىنى مىسال قىلىپ ئۇنى قايىل قىلغان.[40] پەيغەمبىرىمىز ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا سەۋەپسىز قارىشىنى چەكلىگەن ئەمما ئۆيلەنمەكچى بولغانلارنىڭ بىر-بىرىنى چۇقۇم كۆرۈشلىرىنى ئېيتقان.[41] فىترەتكە زىت بولغان بارلىق ئىشلارنى دىندىن ھېسابلىمىغان پەيغەمبىرىمىز،ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىبادەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى رەت قىلاتتى ۋە بۇ نوقتىدا ئۆزى بىۋاستە ئۆرنەك بۇلاتتى.[42]
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىمدىن قەرىز ئېلىشتىن قەتئى نەزەر ۋاقتى كەلگەندە چۇقۇم قايتۇرۇشنى ئىشارەت قىلغان.ئۇتۇن كىسىپ سېتىشنى تىلەمچىلىكتىن ئەۋزەل دەپ قارىغان.[43] مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە قۇپاللىق قىلماسلىقىنى، ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇشىنى ۋە ئۆز-ئارا مېھرىبان بولۇشىنى ئېيتىپ : «مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ مېھرىبان بولمايدۇ».[44]دېگەن.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقىت بولسىلا ساھابىلىرىگە نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى. نەسىھەتلەرنى قىسقا قىلاتتى.سەپەرگە چىقمىغان كۈنلىرى بامدات نامىزىدىن كېيىن كۈن چىققۇچە ساھابىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشايتتى.[45] ئىنسانلارنى رەڭگى، شەكلى ۋە قەبىلىسىنى باھانە قىلىپ ئۇلارنى بۇزەك قىلىشقا ۋە كەمسىتىشكە قاتتىق قارىشى ئىدى.بىلال رەزىيەللەھۇ ئەنھۇنى «قارا خۇتۇننىڭ بالىسى» دېگەن ئەبۇ زەر ئەل-غىفارىيغا پەيغەمبىرىمىز: «سەندە جاھىلىيەت ئىزلىرى بارئىكەن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.[46]
     بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى تەكىتلىگەن پەيغەمبىرىمىز جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان.[47]يوللارغا تۈكۈرۈش ۋە بۇرنىنى تاشلاشنى چەكلىگەن.[48] مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق قوللۇنىدىغان جايلىرىنى تازىلايدىغان كىشىنى ماختىغان.[49]
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ خاتالىقىىنى يۈزىگە سالمايتتى. باشقىلارنىڭ ئوخشاش خاتالارغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن: « پالانى مۇنداق قىپتۇ دەپ ئىسمىنى ئاتىماي، مۇنداق قىلغانلار بارئىكەن دەپ شۇ ئىشنى چەكلەيتتى».[50] «مەن بىلگەننى سىلەر بىلگەن بولساڭلار چۇقۇم ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بۇلاتتىڭلار»[51] دېگەن پەيغەمبىرىمىز: «سىلەر دۇنيا ئىشلىرىنى ياخشى بىلىسىلەر» دېيىش ئارقىلىق ساھابىلىرىنىڭ دۇنيالىق ئىشلاردىكى بىلىملىرى ۋە تەجرىبىلىرىگە ھۆرمەت قىلغان.[52] ساھابىلىرىگە قىلالمايدىغان ئىشلارنى سۆزلىمەسلىكنى، چاقچاق قىلغاندا بولسىمۇ يالغان سۆزلىمەسلىكنى ۋە يالغان گۇۋاھلىقتىن قەتئى ئۆتمەسلىكنى تاپىلىغان.[53]
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ساھابىلىرىمنى ھاقارەتلىمەڭلار.ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئەگەر بىرى ئۇھۇد تېغىچىلىك ئالتۇن خەجلىسىمۇ ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئازىراقى ۋە ياكى يېرىمىچىلىكمۇ بۇلالمايدۇ».[54]دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرغان ۋە ئۇلاردىن ھېچبىر ۋاقىت ئايرىلمىغان.ھەتتا ئاتتىن يېقىلىپ بەدىنى ئاغىرىپ تۇرسىمۇ ساھابىلەرگە نامازدا ئىمام بولۇپ بىرىشتىن ئۆزىنى تارتمىغان.[55] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، «ھەر زامان ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار»[56] دېگەن قۇرئان ئايىتى بىلەن مۇئمىنلەرنى بىرلەشتۈرگەن. ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى قۇرئان بىلەن ھەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.[57]
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى ۋە ئەتىراپىدىكى باشقا كىشىلەر بىلەن يۇقارقىدەك زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ ئۇلارغا ئۆرنەك بولغاچقا ساھابىلەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى[58] ھېسابلاپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن. ئەتىراپىغا زىچ ئۇيۇشقان. بۇزغۇنچىلىققا يول قويمىغان.ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرغان.[59] ئەر-ئاياللار بىر-بىرنىڭ ھەق ۋە ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشپ ئۆتكەن.[60] بىر-بىرىنى قوللاپ، ياردەملىشىپ ۋە بىر-بىرىگە ئىگە چىقىپ ياشىغان.[61] ئاخىرەت ئۈچۈن تىرىشىپ بۇ دۇنيادىكى نېسىۋىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان.[62] ھەممە ئىشتا مەسلەھەتلىشىپ[63] باشقىلارنىڭ ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان. ھەممىسى ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى ئۇرۇنلىغاچقا ئادالەتنى[64]، ماللىرى ۋە جانلىرىنى شۇنداقلا يۈز-ئابروي ۋە شان-شەرىپىنى قوغداپ خاتىرجەم ھاياتقا ئىگە بولغان.
    ئاللاھ ھەممىمىزگە كىشىلىك تۇرمۇش ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە پەيغەمبەرنى ئۆرنەك قىلغان ساھابىلەرگە ئەگىشىشىمىزنى شۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار بىر-بىرىمىز بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى نېسىپ قىلسۇن.ئامىن!

     ئاپتۇر شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنى پۇتتۇرگەن. ھازىر تۈركىيە سەلجۇق ئۇنۋېرسىتىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدا ئىسلام تارىخى بويىچە ماگېستىر ئاسپىرانت.





مەنبە ؛--------گۈلىستان تۇر بىكىتىىدىن كۈچۈرۈلدى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-16 13:35 | 新疆喀什地区 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاق ئالماس ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
سرداش
مۇنبەر شاھزادىسى
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 682
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 274
شۆھرىتى: 2995 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3235 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 344 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بارىكاللا  قەلىمىڭىز ھارمىسۇن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-16 19:43 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سرداش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » مەشھۇرلىرىمىز
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا