hantagri illikdunya.biz sohpat
كۈلقىز
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 905
شۆھرىتى: 9155 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9210 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 927 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 330(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز نادىرلىدى .(2010-08-15)
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاشپەز مۇنبىرىنىڭ ھۆرمەتلىك باشقۇرۇغۇچىسى ۋە مۇنبەردەشلار، تىشلىقمۇ؟
كەمىنە كۈلقىزدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.
ئەسلىدە نۇرغۇن گەپلەرنى دىمەكچى ئىدىم، خۇددى تىلىمنى تورغاي چوقىۋالغاندەك كاللام قۇپقۇرۇقلا بۇلۇپ قالدى دىسە. شۇنداق بولسىمۇ ئاز تولا سۆزلەپ باقسام ئەيىپكە بۇيرىماسسىلە ھە.
مەن مۇنبەر ئارىلاشقا ئامراق بولغاچقىمىكىن ئانا تىلىمىزدىكى مۇنبەرلەرنى ئارىلاپ مىنى ئويغا سالغان، ياخشى تېمىلارنى كۆرسەم ئىنكاس يېزىپ قۇيغۇم كىلىدۇ ۋە شۇ تەرىققىدە ئىنكاسلارنى يېزىپ تېمىلارنى قىززىتىپمۇ قۇيىمەن. ئاشپەز مۇنبىرىگە قەدەم باسقاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان ياخشى تېمىلارنى كۆردۈم، كۆپ بولمىسىمۇ تىمىلارنى يوللىدىم لىكىن يوللىغان تېمىلىرىم نادانلارنىڭ تېمىسى بۇلۇپ ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ باشقۇرغۇچىلارغا يالۋۇرۇپ دىگەندەك ئاشۇ تېمامنى ئۆچۈرگۈزىۋەتتىم ھەم شۇنداقلا قۇسۇر ئىزدەشكە باشلىدىم.
لاياقەتلىك بىر مۇنبەر قۇرۇغۇچىسى، لاياقەتلىك بىر مۇنبەر قۇرۇش ئۈچۈن قانداق پىلانلىرىڭىز بار؟ باشقۇرغۇچى بۇلۇش سالاھىيىتىڭىز بىلەن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
يەنە توردىشىمىز نىھال دەپ ئۆتكەندەك تېمىلارنى نادىرلاش مەسىلىسى، مۇنبەرگە كىرىپ نۇرغۇن تېمىلارنى كۆرۈپ بېقىڭە؟ شۇنداق ياخشى تېمىلار نادىرلىنىش ئۇياقتا تۇرۇسۇن بەزى بىر تېمىلار نادىرلىنىپ نادىر تېما بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ، زادى قانداق تېمىلار نادىرلانسا توغرا بۇلىدۇ؟
ئەمدى مەنمۇ بىر ئىنكاسچى بولغاندىن كىيىن ئىنكاس يېزىش جەھەتتە ئازراق سۆزلەپ قۇيسام بۇلامۇ؟
ئىنكاسلارمۇ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى مۇنبەر يەنىلا ئىنكاسلا بىلەن قىززىيدۇ ئەمەسمۇ. ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىپادىسى ياكى رەھمەت دىگەندەك سۆزلەرمۇ ئاز ئەمەس (بۇلۇپمۇ چىراي ئىپادىلىرى). مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى مۇنبەرنىڭ تازلىقچىلىرى ئەمەسقۇ؟ سىز مۇنبەردە  باشقۇرغۇچى ۋە تازلىقچى بۇلۇپ باقتىڭىزمۇ؟ يەنە ئۆزىڭىزنىڭ خاتا يېزىلىپ قالغان ئىنكاسلىرىنى تەھرىرلەپ ئوڭشاپ قويغانمۇ؟
مەن بۇ يەردە مۇنبەرنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەس، پەقەت ھەممەيلەننىڭ ئويلىنىپ بېقىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.  (ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم ھە)


بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(ئاشپەز) مۇنبەرئۈچۈن ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-15 13:08 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    geyretjan
    دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


    UID نۇمۇرى : 885
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 100
    شۆھرىتى: 1005 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1189 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 98 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

       ياخشى تىما بوپتۇ.  باشقا تەلەپ - پىكىرلەرنى تورداشلا ئوتتۇىغا قويۇپتۇ قايتىلىمايمەن.
       تور بىكەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى سەۋىيىلىك بولۇپلا قالماستىن ھەم ساپالىق بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بىكەت قۇرغۇچى نۇرغۇن جاپالار بىلەن بىكەت قۇرىدۇ، ئەڭ ئاۋال نىشان بەلگۈلەپ پىلەن تۈزىۋالىدۇ، شۇ پىلانى بويىچە ئىلگىرلەيمەن دەيدىكەن ھەمكارچىلىرىنى ياخشى تاللاشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدۇ...
        خاسلىققا ئىگە سەھىپىلەر كۆپ،  تىمىلار سەر خىل، ئىنكاسلار تىما بىلەن ماسلاشقان، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئۆتكۈر، ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق بولسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشى تەبىئىي ھالدا يۇقۇرى بولىدۇ، شۇنداقلا شۇ تور بىكەتنىڭ ساپاسىغا لايىق كىشىلەر كۆپ كىرىدۇ. ئەكسىچە قىزىقچىلىق ۋە ئويۇن تۈسىنى ئالغان سەھىپە - تىمىلار كۆپ بولسا ئويۇنخۇمارلار كۆپرەك كىرىدۇ. ( بۇ مۇنبەرنى شۇنداق دېگىنىم ئەمەس، ئاشپەش مۇنبىرىنى سەھىپىلىرىدىن مەن رازى).
        تور بىكەتنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ شۇ كەسپتىكى يېڭىلىقلارنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز دەيدىكەنمىز قۇرغۇچىنى قوللىغان ئاساستا بارلىق مۇنبەرداشلارمۇ تەڭ كۈچەشكە، كۆڭۈل بولۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا  تور بەتنىڭ ئاۋات بولۇشىنىلا كۆزدە تۇتماماي بەلكى ساپالىق بولۇشىغا كۈچەش كېرەك. بىكەت باشلىقى ھەممىگە يىتىشىپ بولالىشى ناتايىن، شۇنداق ئىكەن باشقۇرغۇچى بولغانلارمۇ مەيلى چوڭ جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىنچىكە - نازۇك ئىشلارغا قەدەر ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزلىرىنى تەربىيىلەشكە ۋە تەدرىجى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېرىشىشى، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان بار مەسلىھەت بىر تەرەپ قىلىشى، ئىللىق - ئىناق كەيپىيات يارىتىشى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولۇشى، (قىلالمىسا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرسە بولىدۇ)، شۇ ئارقىلىق ئىختىزاس ئىگىلىرىنى كۆپرەك جەلپ قىلىشى، ھەم ئۇلارنى تور بىكەتتە تۇتۇپ تۇرۇشقا تېرىشىشى لازىم.
         بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم، كۆپچىلىككە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. توغرا تەرىپىدىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+50(ئەزىز) مۇنبەرئۈچۈن ..
  • udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-16 12:48 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( geyretjan ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    geyretjan
    دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


    UID نۇمۇرى : 885
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 100
    شۆھرىتى: 1005 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1189 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 98 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئەزىز دېگەن توردىشىمىزنى قوللايمەن.
    دېمىسىمۇ مۇنبەردىكى ئاشپەزلەر كىچىك تۇرۇپلا ھۈنەرگە كىرىدۇ، كۆپۈنچىلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى يۇقۇرى ئەمەس، ھەم ئالدىراش ئۆتىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ تورغا چىقىپ، توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتىدۇ، تور ئارقىلىق بىلىمىنى موللاشتۇرۇپ، بىلگەنلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرىۋاتىدۇ. بۇ بەك ياخشى ئەھۋال، مەن ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن. تېرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن ئۇكىلار!
    http://bilimzar.com
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:18 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( geyretjan ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » مۇنبەرگە پىكىر تەكلىپ
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا