hantagri illikdunya.biz sohpat
ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 67
يازما سانى : 1729
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سوغ   قورۇما (  سەي ) لەرنىڭ تەمىنى تەڭشەش ( 1 )
سوغ  قورۇما  ئەدەبىي  ئەسەرلەرنىڭ  كىرىش  سۆزىگە  ،  سەنئەت  كېچىلىكىنىڭ  باشلىنىش  مۇزىكىسىغا 
ئوخشايدۇ .  ئۇ  پۈتكۈل  زىياپەتنىڭ   سەۋىيىسىنى  ئىپادىلەيدىغان  بولۇپ  ،  ئۇنىڭ  سۈپىتى  تەم ،شەكىل
ئوبرازدا  ئىپادىلىنىدۇ . شۇنىڭ  ئۈچۈن  سوغ  قورۇما  تەييارلاشقا   يۇقۇرى  ماھارەت  ،   يىتىلگەن   بەدىئى  دىت  بولۇش  تەلەپ  قىلىنىدۇ .  خېرىدارلار  سوغ  قورۇمىنىڭ  سۈپىتىگە  قاراپلا  ئاشخانىنىڭ 
 سەۋىيىسىنى  قىياس  قىلالايدۇ .  مەن  بۇيەردە  سوغ  قورۇمىنى  تەييارلاشنىڭ  باشقا  جەريانىنى  ئەمەس
 بەلكى  ،  تەمىنى  تەييارلاش  ھەققىدە  قىسقىچە  توختالماقچىمەن .  
1- قىزىلماي تەمى ( خوڭ   يو   ۋېر )  
(1)   ئالاھىدىلىكى  :  رەڭگى  قىزىل  يالتىراق  ،  تۇزلۇق  مەززىلىك ، سەلپەل  تاتلىق  ،  يەنە  پۇراقلىق 
ئاچچىق بولۇپ  ،  تېتىغاندا  ،   تۇزلۇقنىڭ  ئىچىدە  تاتلىق  ،  ئاچچىقنىڭ  ئىچى  مەززىلىك  ھەم  خۇش
پۇراق  بولىدۇ .
2)   تەمخۇرۇچلىرى  :   قىزىلمۇچ  مېيى  ،  تۇز ،  جاڭيۇ ،   شېكەر  ،  تېتىتقۇ ،  كۈنجۈت   مېيى  
3)  تەڭشەش  ئۇسۇلى  : ئالدى  بىلەن جاڭيۇ ، تۇز ، شېكەر لەرنى  قاچىغا  سېلىپ  ئارىلاشتۇرۇپ ئىرىگەندىن 
 كېيىن   قىزىلمۇچ  يېغى  ببىلەن  كۈنجۈت  يېغىنى  قۇيۇپ  ياخشى  ئارىلاشتۇرساق  بولىدۇ . تۇزى  مۇۋاپىق 
 ،  شېكىرى سەل  تېتىغان  ،  بەكمۇ  ئاچچىق  ئەمەس  ،  خۇش  پۇراق  بولسىلا   مۇۋاپىق  بولىدۇ.  
 ماتېريال  توغرۇلۇپ  مۇئەييەن  شەكىلگە  كەلتۈرۈلگەندىن  كېيىن،بۇ  تەمنى  ئارىلاشتۇرۇپ ، 10 مىنىۇت 
سوغ يەردە   قويۇپ  ،  تەم  سىڭگەندىن  كېيىن  ،  تەخسىگە  چىرايلىق  تىزىلسا  بولىدۇ.
2.  زەنجىۋىل  تەمى ( جياڭ  جى  ۋېر )
1) ئالاھىدىلىكى : زەنجىۋىل تەمى كۈچلۈك،تۇز تەمى ئىچىدە ئاچچىق ، سالقىن كۆڭۈلگە  تەگمەيدىغان،مەززىلىك بولىدۇ  .
2)    تەم خۇرۇچلىرى  : تۇز  ،  كونا  زەنجىۋىل ،  ئاچچىقسۇ  ،  تېتىتقۇ ،  كۈنجۈت  مېيى  .
  3)    تەڭشەش جەريانى     :       زەنجىۋىلنىڭ  پۇستىنى  سويىۋېتىپ   يۇمشاق  چاناپ ،  تۇز  ، ئاچچىقسۇ ،
  تېتىتقۇ ، كۈنجۈت  يېغىنى  ئارىلاشتۇرۇپ  تەڭشىلىدۇ.   تۇز  تەمى  مۇۋاپىق  ،  زەنجىۋىل  تەمى كۈچلۈك،
چۈچۈمىلى  گەۋدىلىك ،  مەززىلىك  ،  پۇراقلىق   تەمى  چىقىپ تۇرغان  بولسا  بولىدۇ .  
 ماتېريال  توغرۇلۇپ   مۇئەييەن  شەكىلگە  كەلتۈرۈلگەندىن  كېيىن  ، بۇ  تەمنى  ئارىلاشتۇرۇپ  ، 10 مىنىۇت
  سوغ  يەردە   قويۇپ  ،  تەم  سىڭگەندىن  كېيىن  ،  تەخسىگە  چىرايلىق  تىزىلسا  بولىدۇ.  
3.   سامساق  تەمى (  سۈەن نى  ۋېر)  
1 )   ئالاھىدىلىكى : سامساق  تەمى  كۈچلۈك  ئاچچىق ،  تۇزلۇق  مەززىلىك ،  سەل  تاتلىق ،  پۇراقلىق  بولىدۇ .
  2 )   تەمخۇرۇچلىرى  :    سامساق  چانالمىسى  (  ناھايىتى  يۇمشاق  بولىشى  لازىم )  ،  جاڭيۇ ،   تۇز  ، 
 ياغلىق  قىزىلمۇچ ،  تېتىتقۇ ،  كۈنجۈت  مېيى .
  3 )   تەڭشەش  ئۇسۇلى  :      سامساقنى   ئاقلاپ  ئاز  مىقداردىكى  قىچا يېغى  بىلەن  ئارىلاشتۇرپ،ئەزگۈچكە
 سېلىپ ئىزىپ  ، ئاز  مىقدارسا  سۇ  قۇيۇپ  سۇيۇلدۇرۇپ ، جاڭيۇ ،  تۇز  قوشۇپ  ئارىلاشتۇرۇ ، ئاندىن  تېتىتقۇ
  ياغلىق  قىزىلمۇچ ،  كۈنجۈت  مېيى  قۇيۇپ  ياخشى  ئارىلاشتۇرساق  تەڭشىلىدۇ. سامساق  بىلەن قىزىلمۇچنىڭ 
 ئاچچىقى  گەۋدىلىك  ،  تۇز  تەمى  مۇۋاپىق ، مەززىلىك  ،  پۇراقلىق  بولسا  بولىدۇ .
 ماتېريال  توغرۇلۇپ   مۇئەييەن  شەكىلگە  كەلتۈرۈلگەندىن  كېيىن  ، بۇ  تەمنى  ئارىلاشتۇرۇپ  ، 10 مىنىۇت 
 سوغ  يەردە   قويۇپ  ،  تەم  سىڭگەندىن  كېيىن  ،  تەخسىگە  چىرايلىق  تىزىلسا  بولىدۇ.
4.    كاۋاۋىچىن (  كۈيۈشكەن ) تەم  (  جىياۋ    ما   ۋېر   )
1 )  ئالاھىدىلىكى  :  تۇزلۇق  ،  كۈيۈشكەن  تەمى كۈچلۈك  (  يەنى  ئېغىزنى  قورۇپ تۇرۇدۇ )  ، سالقىن پۇراقلىق .
  2 )   تەمخۇرۇچلار  :  جاڭيۇ ، تۇز، كاۋاۋىچىن ئومىچى ( ئۇرۇقى  ئېلىۋېتىلگەن  كاۋاۋىچىن  تالقىنى بولسىمۇ بولىدۇ )
تېتىتقۇ  ،   كۈنجۈت  مېيى
  3 )  تەڭشەش  ئۇسۇلى :   يۇقۇرقى   تەمخۇرۇچلار  ئوبدان  ئارىلاشتۇرۇپ  ، تەڭشىلىدۇ . تۇز ، جاڭيۇ ، تېتىتقۇ لار  مەززىلىك  تۇزلۇق  تەمنى  پەيدا  قىلىدۇ  ،   كاۋاۋىچىن  ئومۇچى كۈيۈشكەن  تەمنى  پەيدا قىلىدۇ  ،  كۈنجۈت  مېيى  خۇشپۇراق  پەيدا  قىلىدۇ  .
ماتېريالنى توغراپ  ، مۇشۇ  تەمگە  ئارىلاشتۇرۇپ  ،  10  مىنۇتتۇن  كېيىن  تەخسىگە  تىزىپ  قويساق  بولىدۇ .
5.   غەلىتە  (  ئاجايىپ )  تەم         (  گۈەي   ۋېر    )
1 )   ئالاھىدىلىكى  : تۇزلۇق ، تاتلىق ، كۈيۈشكەن ، چۈچۈمەل ، خۇشپۇراق ، مەززىلىك  
تەملەرنىڭ  ھەممىسى  ھازىرلانغان  بولۇپ ،  تەمى  ئۆزگۈچە  ،   ھەممە  تەم  تېتىپ
تۇرغاچقا  غەلىتە   تەم  دىيىلگەن .
  2 )   تەمخۇرۇچلىرى  :  تۇز  ، جاڭيۇ ،  تېتىتقۇ ،  كۈنجۈت  مۇرابباسى  ،  شېكەر  ،  ئاچچىقسۇ ، كۈنجۈت  مېيى
،  قىزىلماي  ( يەنى  قىزىلمۇچ  مېيى ) ، كاۋاۋىچىن  تالقىنى ،  قورۇلغان  كۈنجۈت .
  3 )  تەڭشەش  ئالدى  بىلەن شېكەر  ، تۇز ، جاڭيۇ ،  ئاچچىقسۇ  بىر  قاچىغا  سېلىنىپ  ياخشى  ئارىلاشتۇرۇلىدۇ ،
  ئاندىن ،  تېتىتقۇ  ،  كۈنجۈت مېيى ،  كاۋاۋىچىن  تالقىنى ،  كۈنجۈت  مۇرابباسى ، قىزىلماي ،  قورۇلغان  كۈنجۈت  سېلىپ  ئارىلاشتۇرۇلۇپ  تەڭشىلىدۇ .  تېتىغاندا   تۇزلۇق ، تاتلىق ، كۈيۈشكەن ،  ئاچچىق ،
مەززىلىك ، پۇراقلىق ،  چۈچۈمەل  تەملەرنىڭ  ھەممىسى تېتىپ تۇرىدۇ   .   ماتېريالنى توغراپ  ، مۇشۇ  تەمگە 
 ئارىلاشتۇرۇپ  ،  10  مىنۇتتۇن  كېيىن  تەخسىگە  تىزىپ  قويساق  بولىدۇ .
6.   مايلىق  تەم (  بەي   يو    ۋېر   )  
1)     ئالاھىدىلىكى  :    تۇزلۇق  ،  مەززىلىك  ،  سالقىن  ،  ئومۇمى  تەمى  سۇس  ،   ساپ  ، پۇراقلىق  .
2 )    تەمخۇرۇچلىرى  :    كۈنجۈت  مېيى  ،   تېتىتقۇ  ،    تۇز  
  3 ) يۇقۇرقى  تەمخۇرۇچنى  ئوبدان  ئارىلاشتۇرۇپ  ،  ماتېريالغا  قويۇپ  تەمى  سىڭگەندىن  كېيىن ، تەخسىگە
  تىزىپ  قويسا  بولىدۇ  .   بۇ  تەم  ،  گۆش  ،  توخۇ  گۆشى  ،  قاينىتىلغان تۇخۇم   قاتارلىقلارغا  ماس  كېلىدۇ .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-14 15:15 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئەزىز

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 11
نادىر تېما : 43
يازما سانى : 2003
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25505(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت .......
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-14 17:43 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەزىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1309
شۆھرىتى: 13255 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 22358 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1341 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 265(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مانا بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-14 18:19 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
سرداش
مۇنبەر شاھزادىسى
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 682
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 274
شۆھرىتى: 2975 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3215 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 341 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت بۇنى يولىغىنىڭىز ناھايتى ياخشى بولدى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-14 19:10 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سرداش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۇسەن
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 233 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بۇلۋالدىم داۋاملىق يوللاپ تۇرسىڭىز
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 04:00 | 新疆

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۇسەن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ۋەفا
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 731
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 227
شۆھرىتى: 2285 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2370 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 233 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 124(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كەلگۈسىدە ئۇستا ئاشپەزلەردىن بۇلۇپ كىتىدىغان بولدۇ ق-دە، ئۇستامنىڭ تە لىمى بىلەن..
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-01 18:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ۋەفا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تەم خۇرۇچلار,كوكتاتلار بىلەن تۇنۇشۇش
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا