سوقراتنىڭ دائىم قايناق ئافىنا بازىرىغا بېرىپ تەلىمات تەرغىپ قىلىدىغانۋە باشقىلار بىلەن بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان ئادىتى بار ئىكەن . ئۇ خەقلەر بىلەن سوھبەتلەشكەندە ۋە مەسىلىلەر ئۇستىدە مۇھاكىمە يۇرگۇزگەندە ، ئوزگىچە ئۇسۇل قوللىنىدىكەن . بىر كۇنى ، ئۇ ئادىتى بويىچە بازارغا چىقىپ ، يولدا كېتىۋاتقان بىر كىشىدىن سوراپتۇ : - مەن بىر مەسىلىگە يولۇققاندىم ، تەلىم بەرگەن بولسىڭىز ، ئەخلاق دېگەن نىمە ؟ - سەمىمى ، سادىق بولۇش ، باشقىلارنى ئالدىماسلىق ئەخلاق ھېساپلىنىدۇ . سوقرات چۇشەنمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ، ئۇنىڭدىن داۋاملىق سوراپتۇ : - ئۇنداقتا ، بىز دۇشمەن بىلەن جەڭ قىلغاندا ، قوماندانىمىز ھەر خىل ئاماللار بىلەن دۇشمەننى ئالدىدىغۇ ؟ - دۇشمەننى ئالداش ئەخلاققا ئۇيغۇن ، لېكىن ئوزىنى ئالداش ئەخلاقسىزلىق ھېساپلىنىدۇ . سوقراتئۇنىڭپىكىرىگەرەددىيەبېرىپتۇ : - ئارمىيىمىز دۇشمەن ئارمىيىسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغاندا ، قوماندانىمىز ئەسكەرلەرگە ئىلھام بېرىش ئۇچۇن : << ياردەمچى ئارمىيە يېتىپ كېلەي دەپ قاپتۇ >> دەپ يالغان ئېيتىۋىدى ، نەتىجىدە ئەسكەرلەر غەيرەتكە كېلىپ مۇھاسىرنى بوسۇپ چىقىپ ، دۇشمەن ئارمىيىسى ئۇستىدىن غەلىبە قىلدى ، سىزنىڭچە بولغاندا ، بۇمۇ ئەخلاقسىزلىق ھېساپلىنامدۇ ؟ - ئۇ دېگەن ئۇرۇش داۋامىدا ئامالسىزلىقتىن قىلىنغان ئىش ، كۇندىلىك تۇرمۇشتا بۇنداق ئىش ئەخلاقسىزلىق ھېساپلىنىدۇ . - ئەگەر بالىڭىز ئاغرىپ قېلىپ ، دورا ئىچكىلى ئۇنىمىسا ، سىز دادا بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن ، ئۇنىڭغا : << بالام ، بۇ دېگەن دورا ئەمەس ، بەلكى يەيدىغان ئوبدان نەرسە >> دەپ يالغان ئېيىتسىڭىز ، بۇمۇ ئەخلاقسىزلىق ھېساپلىنامدۇ ؟ - بۇ خىل يالغانچىلىقمۇ ئەخلاققا ئۇنغۇن كېلىدۇ . سوقرات ئۇنىڭ جاۋابىغا قايىل بولماي سوئالىنى سوراۋېرىپتۇ : - سىزنىڭچە ئەخلاقنى يالغان سوزلەش - سوزلىمەسلىككە قاراپ چۇشەندۇرگىلى بولمايدىكەن . ئۇنداقتا ، ئۇنى زادى نىمە ئارقىلىق چۇشەندۇرۇش كېرەك . - ئەخلاقنى بىلمەي تۇرۇپ ئەخلاقلىق بولغىلى بولمايدۇ ، ئەخلاقنى چۇشەنگەندىلا ئاندىن ئەخلاقلىق بولغىلى بولىدۇ . سوقرات شۇندىلا رازىمەنلىك بىلەن كۇلۇمسىرەپ ، ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ : _سىز ھەقىقەتەن ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئىكەنسىز ، سىز ماڭا ئەخلاقتىن تەربىيە بېرىپ ، ئۇزاقتىن بېرى كاللامغا كىرىۋالغان بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمغا ياردەم بەردىڭىز ، سىزگە كوپتىن - كوپ رەخمەت !
|