بىرىنچى، ئىگىلىك تىكلەش پەيتى
بىرەر ئىش – ئوقەت بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، دېگەن سۆزنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ، بازارنىڭ قېلىپلىشىۋاتقانلىقىنى، ھەر قانداق ئىش – ئوقەتنىڭ پايدا – زىيىنىنىڭ ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، كۈچىمەيلا تېز بېيىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئىگىلىك تىكلەشكە بالدۇر تۇتۇش قىلىپ ۋاقىتنى ئۇتسىڭىز، پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىككىنچى، ئىشەنچ تۇرغۇزۇش
پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، سىزگە باشقىلار ئاسان پۇل تاپقاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن پۇل تېپىش پۇرسىتى سىزگە كەلگەندە نېمىشقا قىيىنلىشىپ كېتىدۇ؟ بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز يۈزەكى ئەھۋالدۇر، باشقىلارنىڭ پۇل تېپىش جەريانىدا تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرىنى سىز ئۇقمايسىز. شۇڭا پۇل تېپىشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، يولى ئەگرى – توقاي دەيمىز. ئۈمىدلىك بولۇپ، چىڭ تۇرۇپ تىجارىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، سىزمۇ ئۇتۇق قازىنالايسىز.
ئۈچىنچى، يېتەرلىك مەبلەغ تەييارلاش
(1) مەبلەغ خامچوتىنى ياخشى تۈزۈش، پىلان بولۇش كېرەك، پىلان بولمىسا ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشكەندە تەمتىرەپ قالىسىز. ئىگىلىك تىكلەشكە يېڭى كىرىشكەندە چەكلىك مەبلىغىڭىزنى دەل جايىغا ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز. سىزدە جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھى بولۇشى كېرەك، ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچى راھەت كۆرۈش باسقۇچى ئەمەس. (2) زاپاس مەبلەغ تەييارلاش كېرەك. دەسلەپكى خامچوتتىن باشقا يەنە چارە – ئامال قوللىنىپ مەبلەغ غەملەش كېرەك. بەزىدە ئىشەنچلىك دوستىڭىزدىن پۇل سورىسىڭىز بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا يەنىلا ئائىلىڭىزدىكىلەر، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىز ئىشەنچلىك.
تۆتىنچى، شېرىكلىشىش
ئىگىلىك تىكلەشتە ئۆز كۈچىڭىز يىتىشمىسە شېرىكلىشىش يولىنى تۇتۇڭ.بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، شېرىكنى ياخشى تاللاڭ؛ ئىككىنچىدىن، مەسىلە كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا سۆزلىشىپ ھەل قىلىڭ؛ ئۈچىنچىدىن، گەپنى باشتا دەۋېلىڭ، ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ.
بەشىنچى، كارخانىنى ساقلاشنى 1 – ئورۇنغا قويۇش
چوڭ گەپ قىلماي، تىجارەتنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش قىلىڭ. ھاياتلىق بولسىلا، تەرەققىياتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ. بازار ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۈزۈلگەن پىلانلارنىڭ %90 ىدىن كۆپرەكىدە ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ. تىجارەتتە پۇل تېپىشتىن باشقا ئىشلارغا كۆپ باش قاتۇرماڭ، سۆلەتۋازلىق قىلىپ، ئۆزىڭىزگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيان سالىدىغان ئىشنى قىلماڭ. باشقۇرۇش تىجارەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، بەك ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ.
|