مېنىڭ ئابونتلار مۇلازىمەت پۇنكىتىغا خېلىلا پىكىرىم بار. كومپيۇتېر دائىم ماۋۇ، ئاۋۇ كونۇپكىنى بىسىش ھەققىدە بۇيرۇق بىرىدۇ. بىر قېتىم تېلىفۇن ھەققىنى سۇراشقا بىرمۇنچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا <سىستىما ئالدىراش، بىردەمدىن كېيىن قايتا ئۇرۇڭ> دەيدۇ. ;, مەن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم. شۇ كۈنى، مەن كۇتكەن پەيت ئاخىرى يېتىپ كەلدى. كەلگەن تېلىفۇننىڭ نۇمىرى كۆرسەتكۇچتە كۆرۇنۇپ تۇراتتى. مەن قارىسام بۇ تېلىفۇن تىلېفۇن ھەققىنى سۈيلەيدىغان نومۇر ئىكەن. _ياخشىمۇ سىز؟ مەن تور ئالاقىسى تېلىفۇن ھەققى مەركىزىدىن. _ياخشىمۇ سىز، بۇ XX نىڭ ئۆيى. _مەن سىزگە...... _ھازىر سۆز قالدۇرۇش سىستېمىسى ئىشلىتىلمەكتە،_ ئۇنىڭ گېپىنى دېگۇزمەيلا مەن ئاۋازىمنى ماشىنا ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئوخشۇتۇپ سۆزلىدىم. _ئەگەر سىز خۇجايىن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسىڭىز (1) دەپ توۋلاڭ، ئايال خۇجايىن كېرەك بولسا (2) دەپ توۋلاڭ، كىچىك خۇجايىن كېرەك بولسا (3) دەپ توۋلاڭ، مەشغۇلاتىڭىز خاتا بولسا <ئارقىغا يانىمەن> دەپ توۋلاڭ،_گېپىم ئاياقلاشماي تۇرۇپلا قارشى تەرەپتىكى قىز ھاياجانلانغان ھالدا خىزمەتداشلىرىنى يىنىغا چاقىردى، ھەمەيلەن: _بۇ ئۆيدىكى تېلىفۇن نېمىدېگەن ئىلغار ھە،_ دەپ چۇۋۇرلىشىپ كەتتى. _(3)، _بىردەمدىن كېيىن قارشى تەرەپتىن مۇلازىم قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. _كەچۇرۇڭ، سىز تالىغان بالا خۇجايىن تېخى يېشىغا تۇشمىغاچقا گەپ قىلالمايدۇ، تېلىفۇن نومىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، كىچىك خۇجايىن گەپ قىلايدىغان بولغاندا، سىزگە تېزدىن تېلىفۇن قايتۇرسۇن. _ھە....ئارقىمغا يانىمەن! ئۇ مېنىڭ چۈشەندۇرشۇمنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىغاندىن كېيىن (2) نى تاللىدى. _كەچۇرۇڭ، ئايال خۇجايىن ئۆيدە يوق،_ مېنىڭ سەل ئاچىقىم كەلدى، ئۇ مېنى تالىمايۋاتاتتى. _ (1)، _ قارشى تەرەپ زېرىككەندەك قىلاتتى. _ئەر خۇجايىن بىلەن سۆزلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن، خىزمەت ئىشى بولسا (1) دەپ توۋلاڭ، شەخسىي ئىش بولسا (2) دەپ توۋلاڭ، باشقا ئىش بولسا (3) دەپ توۋلاڭ، مەشغۇلاتىڭىز خاتا بولسا <ئارقامغا يانىمەن> دەپ توۋلاڭ. _(3) !!! _قارشى تەرەپ تېرىككەنلىكتىن ئاۋازى قاتتىق چىقىپ كەتتى. _كەچۇرۇڭ، ئاشخانىدىن كۆيۈك پۇرىقى كىلىۋاتىدۇ، تېلىفۇننى قويىۋىتىپ، بىدەمدىن كېيىن قايتا ئۇرۇڭ. مەنبە: <ئەدەبىي تەرجىمىلەر> ژورنىلى ئەسكەرتىش: ئاپتۇرنىڭ ئىسمى بېرىلمىگەن. تەرجىمە قىلغۇچى: جۇرئەت سەيپۇل.
|