hantagri daris sohpat
كۇسەن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 55
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 178
شۆھرىتى: 1990 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2210 دوللار
تۆھپە: 103 ھەسسە
ياخشى باھا: 233 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مېنىڭ ئابونتلار مۇلازىمەت پۇنكىتىغا خېلىلا پىكىرىم بار. كومپيۇتېر دائىم ماۋۇ، ئاۋۇ كونۇپكىنى بىسىش ھەققىدە بۇيرۇق بىرىدۇ. بىر قېتىم تېلىفۇن ھەققىنى سۇراشقا بىرمۇنچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا <سىستىما ئالدىراش، بىردەمدىن كېيىن قايتا ئۇرۇڭ> دەيدۇ. ;,
     مەن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم.
     شۇ كۈنى، مەن كۇتكەن پەيت ئاخىرى يېتىپ كەلدى. كەلگەن تېلىفۇننىڭ نۇمىرى كۆرسەتكۇچتە كۆرۇنۇپ تۇراتتى. مەن قارىسام بۇ تېلىفۇن تىلېفۇن ھەققىنى سۈيلەيدىغان نومۇر ئىكەن.
     _ياخشىمۇ سىز؟ مەن تور ئالاقىسى تېلىفۇن ھەققى مەركىزىدىن.  
     _ياخشىمۇ سىز، بۇ XX نىڭ ئۆيى.
     _مەن سىزگە......  
     _ھازىر سۆز قالدۇرۇش سىستېمىسى ئىشلىتىلمەكتە،_ ئۇنىڭ گېپىنى دېگۇزمەيلا مەن ئاۋازىمنى ماشىنا ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئوخشۇتۇپ سۆزلىدىم.
      _ئەگەر سىز خۇجايىن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسىڭىز (1) دەپ توۋلاڭ، ئايال خۇجايىن كېرەك بولسا (2) دەپ توۋلاڭ، كىچىك خۇجايىن كېرەك بولسا (3) دەپ توۋلاڭ، مەشغۇلاتىڭىز خاتا بولسا <ئارقىغا يانىمەن> دەپ توۋلاڭ،_گېپىم ئاياقلاشماي تۇرۇپلا قارشى تەرەپتىكى قىز ھاياجانلانغان ھالدا خىزمەتداشلىرىنى يىنىغا چاقىردى، ھەمەيلەن:  
     _بۇ ئۆيدىكى تېلىفۇن نېمىدېگەن ئىلغار ھە،_ دەپ چۇۋۇرلىشىپ كەتتى.
     _(3)، _بىردەمدىن كېيىن قارشى تەرەپتىن مۇلازىم قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
     _كەچۇرۇڭ، سىز تالىغان بالا خۇجايىن تېخى يېشىغا تۇشمىغاچقا گەپ قىلالمايدۇ، تېلىفۇن نومىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، كىچىك خۇجايىن گەپ قىلايدىغان بولغاندا، سىزگە تېزدىن تېلىفۇن قايتۇرسۇن.
     _ھە....ئارقىمغا يانىمەن!   
     ئۇ مېنىڭ چۈشەندۇرشۇمنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىغاندىن كېيىن (2) نى تاللىدى.
     _كەچۇرۇڭ، ئايال خۇجايىن ئۆيدە يوق،_ مېنىڭ سەل ئاچىقىم كەلدى، ئۇ مېنى تالىمايۋاتاتتى.
     _ (1)، _ قارشى تەرەپ زېرىككەندەك قىلاتتى.
     _ئەر خۇجايىن بىلەن سۆزلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن، خىزمەت ئىشى بولسا (1) دەپ توۋلاڭ، شەخسىي ئىش بولسا (2) دەپ توۋلاڭ، باشقا ئىش بولسا (3) دەپ توۋلاڭ، مەشغۇلاتىڭىز خاتا بولسا <ئارقامغا يانىمەن> دەپ توۋلاڭ.   
     _(3) !!! _قارشى تەرەپ تېرىككەنلىكتىن ئاۋازى قاتتىق چىقىپ كەتتى.
     _كەچۇرۇڭ، ئاشخانىدىن كۆيۈك پۇرىقى كىلىۋاتىدۇ، تېلىفۇننى قويىۋىتىپ، بىدەمدىن كېيىن قايتا ئۇرۇڭ.
مەنبە: <ئەدەبىي تەرجىمىلەر> ژورنىلى
ئەسكەرتىش: ئاپتۇرنىڭ ئىسمى بېرىلمىگەن. تەرجىمە قىلغۇچى: جۇرئەت سەيپۇل.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-09 20:16 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۇسەن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 52
يازما سانى : 1148
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 844(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تۇرمۇشقا يىقىن ئىشلارغۇ بۇ  
maktap
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-10 02:27 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا