سوتقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان سىتاش.خاگلىفوس

ئەنگىلىيەلىك 33 ياشلىق ئايال، سىتاش.خاگلىفوس شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاۋغۇست ئەنگىلىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى برادفورد شەھىرىدە جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسىگە كىلىپ، ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇيىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەندە، خادرىسفايلد شەھىرىدە مەس بولۇپ قالغاندىن كېيىن، ئوغۇل دوستى بىلەن تاكسىغا ئولتۇرغان. ماشىنا ئۇلار ئۆز-ئارا تاكالىشىپ قالغان بولۇپ، خاگلىفوس ئېھتىياتسىزلىقتىن 7 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىگىز پاشىنىلىق ئايىقىنى ئوغۇل دوستىنىڭ كۆزىگە تىقىۋەتكەن. ئۇنىڭ پاشىنىسى ئوغۇل دوستىنىڭ سول كۆزىدىن كىرىپ، مېڭىسىگە تاقاشقان.
يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئىگىز پاشىنىلىق ئاياق يىگىتنىڭ كۆزىدىن كىرىپ، مېڭىسىگە تاقىشىپ قالغاندىن كېيىن، مېڭە قان تومۇرلىرىدىن قان بەك كۆپ چىقىپ، ئۇنىڭ يىگىتى قان قۇسۇپ، ھوشىدىن كەتكەن. ئىككى قېتىملىق دوختۇرخانا يۆتكەش ۋە ئىككى قېتىملىق ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، قىزنىڭ ئوغۇل دوستى تەيلې مۆجىزىلەرچە ھايات قالغان. ساقچى تەرەپ يەنە، ياردار بولغان تەيلې سوتقا چىقىشقا قوشۇلمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە سوت مەھكىمىسى بۇ ۋەقەگە سوت ئېچىش باسقۇچىدا ئىكەن
مەنبە:شىنخۇا تورى 2010-يىلى3-ئاۋغۇست